كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ب‌ك 9-‏دە‌رس 20-‏21 ب.‏
  • يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى توختاتمىغان

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى توختاتمىغان
  • بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
بالىلار،‏ كېلىڭلار ئوقايلى!‏
ب‌ك 9-‏دە‌رس 20-‏21 ب.‏

9-‏دە‌رس

يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى توختاتمىغان

يه‌ره‌مىيانی غه‌زه‌پله‌نگه‌ن ئاده‌مله‌ر قورشاۋالدی

ئادە‌ملە‌ر يە‌رە‌مىياگە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاندى؟‏

يه‌ره‌مىيانی پاتقاققا تولغان چوڭقوُرلوُقتىن چىقىرىۋاتىدوُ

يە‌ھۋا يە‌رە‌مىيانىڭ ئامان قېلىشىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلدى

ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا توغرىسىدا ئېيتقىنىمىزدا،‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار بىزگە كۈلىدۇ ياكى ئاچچىقلىنىدۇ.‏ شۇ چاغدا خۇ‌دا توغرىسىدا سۆزلىگىمىز كە‌لمە‌ي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ئە‌ھۋال بولغانمۇ؟‏ –‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌ن،‏ بىراق ئۇ توغرىسىدا سۆزلىگىسى كە‌لمىگە‌ن ياش يىگىت توغرىسىدا يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئىسمى يە‌رە‌مىيا بولغان.‏ كېلىڭ،‏ ئۇ توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىۋالايلى.‏

يە‌رە‌مىيا ياش بولغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئادە‌ملە‌رنى يامان ئىشلىرىنى توختىتىشقا ئە‌سكە‌رتىشنى تاپشۇ‌رغان.‏ لېكىن بۇ تاپشۇ‌رمىنى ئورۇ‌نلاش يە‌رە‌مىياغا قىيىن ۋە قورقۇ‌نۇ‌چلۇ‌ق بولغان.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا:‏ «مە‌ن تېخى ياش،‏ نېمە ئېيتىشىمنى بىلمە‌يمە‌ن»،‏—‏ دىدى.‏ يە‌ھۋا بولسا ئۇ‌نىڭغا:‏ «قورقما،‏ مە‌ن ساڭا ياردە‌م بېرىمە‌ن»،‏—‏ دىدى.‏

شۇ‌ڭا يە‌رە‌مىيا ئادە‌ملە‌ر يامان ئىشلىرىدىن قايتمىسا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى جازالايدۇ دە‌پ ئە‌سكە‌رتتى.‏ قانداق ئويلايسىز،‏ ئادە‌ملە‌ر يە‌رە‌مىيانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالدىمۇ؟‏ –‏ ياق،‏ ئۇ‌لار يە‌رە‌مىيانى زاڭلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقلاندى.‏ بە‌زىبىرلىرىنىڭ ئۇ‌نى ھە‌تتا ئۆلتۈرگۈسى كە‌لدى!‏ شۇ چاغدا يە‌رە‌مىيا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلدى دە‌پ ئويلايسىز؟‏ –‏ ئۇ قورققىنىدىن:‏ «بۇ‌نىڭدىن كېيىن يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆز قىلمايمە‌ن»،‏—‏ دىدى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن قورقۇ‌نچقا بېرىلدىمۇ؟‏ –‏ ياق،‏ بېرىلمىدى.‏ يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋانى ناھايىتى ياخشى كۆرگە‌نلىكى ئۈچۈن،‏ ئۇ توغرىسىدا ئېيتماي يۈرە‌لمىدى.‏ قورقۇ‌نچقا بېرىلمىگە‌نلىكى ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا يە‌رە‌مىيانى دائىم قۇ‌تۇ‌لدۇ‌راتتى.‏

مە‌سىلە‌ن،‏ بىر كۈنى يامان ئادە‌ملە‌ر يە‌رە‌مىيانى پاتقاققا تولغان قۇ‌دۇ‌ققا تاشلاۋە‌تتى.‏ ئۇ يە‌ردە يە تاماق،‏ يە سۇ بولمىغان.‏ بۇ ئادە‌ملە‌ر يە‌رە‌مىيانىڭ شۇ يە‌ردە ئۆلۈپ قېلىشىنى خالىدى.‏ بىراق يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۇ ئامان قالدى!‏

يە‌رە‌مىيانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟‏ –‏ ئۇ بە‌زىدە قورققان بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى توختاتمىغان.‏ سىز باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا ئېيتقاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر سىزگە كۈلۈشى ياكى ئاچچىقلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ندا سىز خىجىل بولۇ‌شىڭىز،‏ ھە‌تتا قورقۇ‌شىڭىزمۇ مۇ‌مكىن.‏ لېكىن يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى ھە‌رگىز توختاتماڭ.‏ خۇ‌دا يە‌رە‌مىياغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ سىزگىمۇ ياردە‌م بېرىدۇ!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىڭىزدىن ئوقۇ‌ڭ

  • يە‌رە‌مىيا 1:‏4—‏8؛‏ 20:‏7—‏9؛‏ 26:‏8—‏19،‏ 24؛‏ 38:‏6—‏13

سوئاللار:‏

  • يە‌ھۋا يە‌رە‌مىياغا نېمە قىلىشنى تاپشۇ‌رغان؟‏

  • نېمىشقا يە‌رە‌مىيا يە‌ھۋا توغرىسىدا سۆزلە‌شنى توختىتاي دە‌پ قالدى؟‏

  • يە‌ھۋا يە‌رە‌مىياغا قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏

  • يە‌رە‌مىيانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش