تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
ئايەتلەرنى ئەستە ساقلاش
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ئايەتنى ئەسكە ئالالماي قىينالغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ بەلكىم، ئۇ سىزگە تەسەللى بەرگەن، ناتوغرا ئوي-خىياللارغا قارشى تۇرۇشىڭىزغا ياردەم بەرگەن ۋە ياكى باشقىلارغا كۆرسەتمەكچى بولغان ئايەت (زەبۇر 119:11، 111). تۆۋەندە ئايەتلەرنى ئەستە تۇتۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بىرنەچچە مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقايلى.
«®JW Library» ئەپ دېتالىدىكى خەتكۈچ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىڭ. سىز مۇقەددەس كىتابنى «JW Library» ئەپ دېتالىدا ئوقۇپ، ئەستە ساقلىۋالماقچى بولغان ئايەتنى تاپقاندا، ئۇنى ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى ئاسانراق تاپالايسىز.
ئايەتنى بىر پارچە قەغەزگە يېزىپ، كۆزىڭىزگە چېلىقىدىغان بىر يەرگە چاپلاپ قويۇڭ. بەزىلەر ئۇنى ئەينەككە ياكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىگە چاپلاپ قويىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا، ئايەتنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۇنى كومپيۇتېر ياكى تېلېفوننىڭ ئېكرانىغا چىقىرىپ قويىدۇ.
كىچىك كارتىلارنى ياساڭ. ھەربىر كارتىنىڭ ئالدى تەرىپىگە كىتابنىڭ نامى، بابى ۋە ئايەتنى، ئارقا تەرىپىگە ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى يېزىپ قويۇڭ. ئاندىن ئايەت نامى ۋە نۇمۇرى يېزىلغان تەرەپكە قاراپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېقىشقا تىرىشىڭ ياكى بولمىسا، مەزمۇنى يېزىلغان تەرەپكە قاراپ، قايسى كىتاب ۋە ئايەت ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئېلىشقا تىرىشىپ كۆرۈڭ.