كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ل 31-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋانىڭ روھىي ئىبادە‌تخانىسىدا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ل 31-‏ب.‏
روھانىيلار ئىبادە‌تخانىنىڭ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىدا چارۋا-‏ماللارنى قۇ‌ربانلىق سۇ‌نىۋاتىدۇ.‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

1-‏ئە‌سىردە روھانىيلار ئىبادە‌تخانىدا قۇ‌ربانلىق قىلغان چارۋا-‏ماللارنىڭ قېنىنى قە‌يە‌رگە تۆككە‌ن؟‏

ئىسرائىلدا روھانىيلار ھە‌ر يىلى مىڭلىغان جانىۋارلارنى قۇ‌ربانلىققا سۇ‌ناتتى.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يە‌ھۇ‌دىي تارىخشۇ‌ناس جوسېفوس فلاۋىيىسنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا روھانىيلار 250 000ـ‍دىن كۆپرە‌ك قوزىلارنى سويغان (‏لاۋى.‏ 1:‏10،‏ 11؛‏ سانلار 28:‏16،‏ 19)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ چارۋا-‏ماللارنىڭ قانلىرى سۇ‌دە‌ك ئاققان.‏ روھانىيلار شۇ قانلارنى قە‌يە‌رگە تۆككە‌ن؟‏

ئارخېئولوگلار مىلادى 70-‏يىلى خانىۋە‌يران قىلىنغان ھىرودنىڭ ئىبادە‌تخانىسىدا كە‌ڭ كۆلە‌ملىك كېرە‌كسىز سۇ‌نى چىقىرىش سىستېمىسىنى،‏ يە‌نى ئىبادە‌تخانىدىن قانلار ئېقىپ كېتىدىغان سۇ يوللىرىنى تاپقان.‏

قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى پاكىزە تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ئىككى نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  • قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكلە‌ر:‏ مىشناa كىتابىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنىڭ غە‌ربىي-‏جە‌نۇ‌ب بۇ‌لۇ‌ڭىدا ئىككى تۆشۈك بولغان.‏ .‏ .‏ .‏ غە‌رب ۋە جە‌نۇ‌ب تە‌رە‌پلە‌ردىكى قانلار ئاشۇ ئىككى تۈشۈككە ئېقىپ كىرىپ،‏ سۇ يوللىرىدا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ كىدرون ۋادىسىغا ئېقىپ كېتە‌تتى.‏

    ئارخېئولوگلار بۇ كونا كىتابتا يېزىلغان سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لىدۇ.‏ بىر ئېنسىكلوپېدىيىدە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «بۇ سۇ چىقىرىش سىستېمىسى ئىبادە‌تخانىدىن قۇ‌ربانلىق قانلىرىغا ئارىلاشقان سۇ‌نى سىرتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگە‌ن» (‏The Cambridge History of Judaism‏)‏.‏

  • مول سۇ مە‌نبە‌سى:‏ روھانىيلار قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىنى ۋە قان ئاققۇ‌زۇ‌ۋېتىدىغان ئېرىقنى پاكىزە تاشلاش ئۈچۈن بە‌ك كۆپ پاكىز سۇ‌غا ئېھتىياجلىق بولغان.‏ يېرۇ‌سالېم شە‌ھىرىدە پاكىزە سۇ مە‌نبە‌سى مول بولۇ‌پ،‏ قاناللار،‏ ئېرىق-‏ئۆستە‌ڭلە‌ر،‏ قۇ‌دۇ‌قلار ۋە كۆلچە‌كلە‌ردىكى سۇ‌لار قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىسىغا يە‌تكۈزۈلگە‌ن ئىدى.‏ ئارخېئولوگ جوسېف پاترىك مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىبادە‌تخانىنى پاكىزە تۇ‌تۇ‌ش ئۈچۈن ياسالغان ئىنتايىن مۇ‌رە‌ككە‌پ تە‌مىنلە‌ش سىستېمىسى ناھايىتى ئالاھىدە لايىھىلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئە‌ينى زاماندا ئۆزگىچە تە‌ڭداشسىز بىر قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىدى».‏

a مىشنا ئۈچىنچى ئە‌سىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب قىلىپ يېزىلغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئاغىزاكى يە‌تكۈزۈلگە‌ن قانۇ‌ن-‏قائىدىلە‌ر توپلىمى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش