كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 6-‏باپ 68-‏83 ب.‏
  • كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاش
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»‏
  • ‏«يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار»‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىش
  • ‏«پاك» ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇ‌ڭلار
  • باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلە‌ش
  • يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاڭ
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 6-‏باپ 68-‏83 ب.‏

6-‏باب

كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاش

‏«قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار».‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31.‏

1،‏ 2.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا نىسبە‌تە‌ن،‏ قانداق تاللاش ئىمكانىيىتىمىز بار؟‏

شىرىن-‏تە‌ملىك مېۋىگە ئېغىز تە‌گمە‌كچى بولدىڭىز دە‌يلى.‏ بىراق،‏ يېيىشكە تە‌مشە‌لگىنىڭىزدە،‏ مېۋىنىڭ زىدە بولۇ‌پ سېسىغان جايى بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىڭىز.‏ قانداق قىلماقچىسىز؟‏ مېۋىنىڭ سېسىغان جايى بولسىمۇ،‏ ھېچقىسى يوق دە‌پ يە‌ۋە‌تسىڭىزمۇ ياكى ئۇ‌نى يېمە‌ي بىراقلا تاشلىۋە‌تسىڭىزمۇ ۋە ياكى سېسىغان جايىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ،‏ قالغان ساق قىسىمىنى يېسىڭىزمۇ بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق قىلىشنى تاللايسىز؟‏

2 كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار مۇ‌شۇ مېۋىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.‏ بە‌زىدە،‏ ئازراق دە‌م ئېلىش ئۈچۈن كۆڭۈل ئاچماقچى بولغىنىڭىزدا،‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ خۇ‌ددى سېسىغان مېۋىگە ئوخشاش،‏ ئە‌خلاق ئۆلچىمىدىن چىقىپ،‏ چىرىكلىشىپ بۇ‌زۇ‌قچىلىققا تولغانلىقىنى كۆرۈسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىز قانداق قىلماقچى؟‏ بە‌زىلە‌ر خۇ‌ددى مېۋىنى سېسىقى بىلە‌ن بىللە يە‌ۋە‌تكە‌ندە‌ك،‏ ھە‌تتا ساغلام بولمىسىمۇ،‏ بۇ دۇ‌نيادا بار بولغان ھە‌رقانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ ھە‌ممىسىنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌رقانداق كۆڭۈل ئېچىشنى تاشلاپ،‏ ساغلام بولمىغان،‏ ئۆزىگە زىيان يە‌تكۈزىدىغان نە‌رسىلە‌رگە يېقىن كە‌لمە‌يدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر،‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئۆزىنى زىيانلىق نە‌رسىلە‌ردىن قاچۇ‌رۇ‌پ،‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بە‌زى-‏بە‌زىدە ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا قاتنىشىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئۆزىڭىز قانداق قىلىشنى تاللايسىز؟‏

3.‏ بىز ھازىر نېمە توغرىسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلماقچى؟‏

3 كۆپىنچىمىز ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌لنى تاللايمىز.‏ بە‌زىدە بىز دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ بىراق،‏ تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلىرىمىز،‏ ئە‌خلاق ئۆلچە‌ملىرىگە ماس،‏ ساغلام بولۇ‌شى زۆرۈر بولغاچ،‏ قايسى خىل كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئە‌مە‌سلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.‏ ئاۋۋال،‏ بىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا قانداق تە‌سىرلە‌رنى كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىپ باقايلى.‏

‏«قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»‏

4.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمىزغا،‏ ئۆزىمىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ قىلغان ۋە‌دىمىز قانداق تە‌سىر كۆرسىتىشى كېرە‌ك؟‏

4 كېلىڭ!‏ 1946-‏يىلدا،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ھە‌ر قېتىم سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلمە‌كچى بولغانلار ئۈچۈن نۇ‌تۇ‌ق سۆزلە‌نگە‌ندە،‏ خۇ‌ددى ئۆزۈم چۆمۈلدۈرۈلمە‌كچى بولغاندە‌ك،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن بېرىلىپ ئاڭلايمە‌ن».‏ ئۇ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۆزىنى بېغىشلىغاندا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىنى ھە‌مىشە ئە‌سلە‌پ تۇ‌رۇ‌ش،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاشنىڭ مۇ‌ھىم قە‌دىمى»،‏ دە‌يدۇ.‏ سىزمۇ مۇ‌شۇ سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لمامسىز!‏؟‏ پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ قىلغان ۋە‌دىڭىزنى ئە‌سلە‌پ تۇ‌رۇ‌ش،‏ سىزنى ئاخىرغىچە سادىقلىقنى ساقلاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ز 5:‏4؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏7)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاللا يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىز توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش،‏ پە‌قە‌ت ئىبادىتىڭىزگىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنىڭ ھە‌رقايسى تە‌رە‌پلىرىگە تە‌سىر قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىڭىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ھە‌قىقە‌ت،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئۆز زامانىدىكى ئېتىقادچىلارغا:‏ «نېمە يە‌پ،‏ نېمە ئىچىشىڭلار،‏ قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نى پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرىدە تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏31.‏

5.‏ رىملىقلار 12:‏1-‏​ئايە‌تتىكى يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شنى كۆرۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن،‏ لاۋىيلار 22:‏18–‏20-‏​ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 ھاياتىڭىزدا مە‌يلى قانداق ئىش قىلىڭ،‏ شۇ ئىشىڭىز پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا قىلغان ئىبادىتىڭىز بىلە‌ن چە‌مبە‌رچاس باغلىنىشلىق.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىم شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا يازغان خېتىدە،‏ چوڭقۇ‌ر مە‌نىسى بار سۆز-‏ئىبارىنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌شۇ ھە‌قىقە‌تنى ئېتىقادچىلارغا ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت قىلىپ:‏ «ئۆزۈڭلارنى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان،‏ ئۇ‌نىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇ‌ربانلىق سۈپىتىدە ئۇ‌نىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمە‌ن.‏ مانا بۇ،‏ سىلە‌رنىڭ خۇ‌داغا قىلىدىغان ھە‌قىقىي ئىبادىتىڭلاردۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن (‏رىملىقلار 12:‏1)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ‹ئۆزىمىزنىڭ› بارلىقىنى يە‌نى ئوي-‏پىكىر،‏ قە‌لب ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىمىزنى پە‌رۋە‌ردىگارغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ئىشلىتىمىز (‏ماركۇ‌س 12:‏30)‏.‏ پاۋلۇ‌س پۈتۈن جېنى بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىشنى قۇ‌ربانلىق،‏ دە‌پ كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ «قۇ‌ربانلىق» سۆز-‏ئىبارىسى،‏ يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن بىر ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بېرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا،‏ قۇ‌ربانلىقنىڭ ئە‌يىب نۇ‌قسىنى بولسا،‏ ئاللا يە‌ھۋا ئۇ‌نى مە‌قبۇ‌ل قىلمىغان (‏لاۋىيلار 22:‏18–‏20)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئە‌گە‌ر ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسىنىڭ قۇ‌ربانلىقى،‏ يە‌نى يە‌ھۋاغا قىلغان ئىبادىتى،‏ بە‌زى تە‌رە‌پلە‌ردىن بۇ‌لغانغان بولسا،‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق ئىبادە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئىبادە‌ت قانداق بولغىنىدۇ؟‏

6،‏ 7.‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى قانداق قىلىپ ئۆز تېنىنى بۇ‌لغاپ ناپاك قىلىدۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلسا،‏ ئاقىۋىتى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىم شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا نە‌سىھە‌ت قىلىپ:‏ «تېنىڭلارنىڭ ھە‌رقانداق بىر ئە‌زاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ،‏ گۇ‌ناھقا تۇ‌تۇ‌پ بە‌رمە‌ڭلار»،‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە ئۇ‌لارغا:‏ تە‌ننىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار،‏ يە‌نى «گۇ‌ناھكار تە‌بىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇ‌ناھتىن قول» ئۈزۈڭلار،‏ دېگە‌ن (‏رىملىقلار 6:‏12–‏14؛‏ 8:‏13)‏.‏ پاۋلۇ‌س رىملىقلارغا يازغان ئاشۇ خېتىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكىدە،‏ ‹تە‌ننىڭ ھە‌رقانداق بىر ئە‌زالىرىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىش› نىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى بە‌زى مىساللار بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ گۇ‌ناھقا پاتقان ئىنسانلار ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌لارنىڭ ئېغىزى لە‌نە‌ت ۋە ئاچچىق بىلە‌ن تولغاندۇ‌ر»،‏ «ئۇ‌لارنىڭ پۇ‌تلىرى قان تۆككىلى ئالدىرايدۇ‌ر»،‏ «‏كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا خۇ‌دانىڭ قورقۇ‌نچى يوقتۇ‌ر» (‏رىملىقلار 3:‏13–‏18،‏ ب ج)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاللا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى تېنىنىڭ «ئە‌زاسىنى»،‏ گۇ‌ناھلىق ئىشلارنى قىلىشقا قورال قىلسا،‏ ئۆز تېنىنى بۇ‌لغايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى قە‌ستە‌ن،‏ كىشىنى چىرىكلە‌شتۈرىدىغان شە‌ھۋانىيلىق مە‌زمۇ‌ن قىلىنغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌رنى ياكى خورلۇ‌ق،‏ زوراۋانلىق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن كىنو-‏فىلىملە‌رنى كۆرسە،‏ ئۇ «[كۆزىنى] گۇ‌ناھقا تۇ‌تۇ‌پ» بېرىپ،‏ شۇ ئارقىلىق پۈتۈن تېنىنى بۇ‌لغاپ ناپاك قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ قىلغان بارچە ئىبادىتى،‏ خۇ‌ددى ناپاك،‏ ئە‌يىبى بار قۇ‌ربانلىققا ئوخشاپ قالغاچ،‏ ئاللا ئۇ‌نداق قۇ‌ربانلىقتىن خۇ‌رسە‌ن بولمايدۇ ۋە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 15:‏21؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏14–‏16؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 3:‏11)‏.‏ ساغلام بولمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغانلار،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن چوڭ بە‌دە‌ل تۆلە‌يدۇ.‏

7 شۇ‌نىڭدىن روشە‌ن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسىنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلىرى ئېغىر ئاقىۋە‌ت ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ تاللىغان ئويۇ‌ن-‏كۈلكىلە‌رنىڭ،‏ ياراتقۇ‌چىغا تە‌قدىم قىلغان قۇ‌ربانلىقىمىزنى بۇ‌لغاپ ناپاك قىلىشىنى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قۇ‌ربانلىقىمىزغا بېزە‌كلە‌ر بولۇ‌شىنى ئە‌لۋە‌تتە ئارزۇ قىلىمىز.‏ تۆۋە‌ندە،‏ قايسى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئە‌مە‌سلىكىنى قانداق قارار قىلىش توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

‏«يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار»‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى قايسى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ قايسى تۈردىكى ئويۇ‌ن-‏ تاماشىلارنى قە‌تئىي رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

8 كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.‏ بىرى،‏ ئېتىقادچىلار قە‌تئىي خالىي بولۇ‌شى زۆرۈر ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار؛‏ يە‌نە بىرى،‏ تاللاش-‏تاللىماسلىقى ئېتىقادچىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىرىنچى تۈردىكى —‏ ئېتىقادچىلار قە‌تئىي خالىي بولۇ‌شى زۆرۈر ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ خۇ‌دانىڭ بە‌زى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قىلمىشلارنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگە‌نلىكىنى،‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 1-‏​بابىدا تىلغان ئېلىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئويلاپ كۆرسە‌ك،‏ مە‌سىلە‌ن بىر قىسىم ئىنتېرنېت تور بە‌تلىرى،‏ كىنو-‏فىلىملە‌ر،‏ تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرى ۋە ناخشا-‏مۇ‌زىكىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى —‏ كىشىنى ۋە‌ھشىي زوراۋانلىق،‏ جىن-‏ئالۋاستى بىلە‌ن ئالاقە قىلىش،‏ شە‌ھۋانىيلىق ياكى ئە‌خلاقسىزلىققا ئوخشاش قىلمىشلارنى قىلىشقا قۇ‌ترىتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ چىرىكلە‌شكە‌ن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار،‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق،‏ دە‌پ كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۇ‌نداق كۆڭۈل ئېچىشلاردىن قە‌تئىي خالىي بولۇ‌شى زۆرۈر (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏28،‏ 29؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏8)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك ساغلام بولمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى رە‌ت قىلىش ئارقىلىق،‏ پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار»،‏ دېگە‌ن سۆزىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئە‌مە‌ل قىلىپ،‏ «يامانلىقتىن باش تارتىپ» ياشاشنى قە‌تئىي قارار قىلغانلىقىڭىزنى يە‌ھۋاغا كۆرسىتىپ،‏ ‹چىن ئېتىقادقا› ئىگە بولالايسىز.‏ —‏ رىملىقلار 12:‏9؛‏ زە‌بۇ‌ر 34:‏14؛‏ 1-‏تىموتىي 1:‏5.‏

10.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار توغرىسىدا،‏ قانداق ئوي-‏خىيالدا بولۇ‌ش ناھايىتى خە‌تە‌رلىك؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

10 لېكىن،‏ بە‌زىلە‌ر ئە‌خلاقسىزلىق ئوچۇ‌ق ئاشكارا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ئويۇ‌ن-‏ تاماشا،‏ كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆرۈشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق،‏ دە‌پ ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى ئۇ‌لار،‏ «مە‌ن ئۇ‌نى پە‌قە‌ت كىنو-‏فىلىملە‌ردىن ياكى تېلېۋىزىيە كۆرۈنۈشلىرىدىن كۆرىمە‌ن،‏ ئە‌مما ئۆزۈم شۇ‌نداق ئىشلارنى ھە‌رگىز قىلمايمە‌ن»،‏ دە‌پ ئويلىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق دە‌پ قاراش ئۆز-‏ئۆزىنى ئالداش بولۇ‌پ،‏ ناھايىتى خە‌تە‌رلىك (‏يە‌رە‌مىيا 17:‏9)‏.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئۆچ كۆرگە‌ن ئىشلارنى كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار قاتارىدا كۆرسە‌ك،‏ «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار»،‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ققا راستىنلا ئە‌مە‌ل قىلغان بولىمىزمۇ؟‏ تە‌كرار-‏تە‌كرار يامان ئىشلارنى كۆرۈش،‏ شۇ توغرىسىدا ئوقۇ‌ش ۋە ئاڭلاش ئە‌قىلنى كېسىپ،‏ زېھىننى گاللاشتۇ‌رىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏70؛‏ 1-‏تىموتىي 4:‏1،‏ 2)‏.‏ ئاقىۋە‌تتە،‏ ئۆزىمىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتى ۋە باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھلىق قىلمىشلىرىغا بولغان كۆزقارىشىمىز تە‌سىرگە ئۇ‌چرىشى مۇ‌مكىن.‏

11.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا نىسبە‌تە‌ن،‏ قايسى ئىش گالاتىيالىقلار 6:‏7-‏​ئايە‌تتىكى ھېكمە‌تلىك سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان؟‏

11 بۇ‌نداق ئىش ھە‌قىقە‌تە‌ن يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئارىسىدىكى بە‌زىلە‌ر ئۆز تېنىنى ئە‌خلاقسىز ئىشلارغا قول قىلىپ بە‌رگە‌ن،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ھە‌مىشە مە‌زمۇ‌نى ساغلام بولمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشا،‏ كۆڭۈل ئېچىشلارنى تاللاپ،‏ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىشقان.‏ ئاخىرىدا بولسا،‏ ئۇ‌لار «كىم نېمە تېرىسا،‏ شۇ‌نى ئالىدۇ»،‏ دېگە‌ن شۇ ھېكمە‌تلىك سۆزنىڭ تېگىگە يە‌تكە‌ن (‏گالاتىيالىقلار 6:‏7)‏.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نداق يامان ئاقىۋە‌تكە قىلىشتىن ھە‌م خالىي بولغىلى بولالاتتى.‏ ئە‌گە‌ر ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن قە‌لبىڭىزگە ئېسىل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلە‌ر ئۇ‌رۇ‌قىنى تېرىسىڭىز،‏ ھاياتىڭىزدا يىغىۋالىدىغىنىڭىز پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ھوسۇ‌لى بولىدۇ.‏ —‏ «‏قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىم كېرە‌ك؟‏‏»،‏ دېگە‌ن 77-‏بە‌تتىكى رامكىغا قاراڭ؟‏

قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىم كېرە‌ك؟‏

قائىدە-‏پرىنسىپ:‏ «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار،‏ ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇ‌رۇ‌ڭلار».‏ —‏ رىملىقلار 12:‏9.‏

يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ئويلىسام .‏.‏.‏

  • پاك ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇ‌شۇ‌مغا توسالغۇ بولىدىغان ناخشا-‏مۇ‌زىكىلارنى ئاڭلىسام بولامدۇ؟‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10.‏

  • مە‌ن كۆرگە‌ن فىلىملە‌ردىكى ئارتىسلارنىڭ ئە‌خلاقسىز،‏ قوپال ياكى ئە‌دە‌بسىز سۆز-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى دوراپ باقامدىمە‌ن؟‏ —‏ لۇ‌قا 6:‏40.‏

  • ئە‌خلاقسىز ۋە مېھىر-‏شە‌پقە‌تسىز كىشىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئويناشنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان ئېلېكترونلۇ‌ق ئويۇ‌نلارنى ئويناشنى تاللايمە‌نمۇ؟‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 11:‏5،‏ 7.‏

  • باشقىلارغا ئۆگە‌تكە‌ن ئۆلچە‌م-‏تە‌لە‌پلە‌ر ئۆزۈمنىڭ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىغا ماس كە‌لمىسە بولامدۇ؟‏ —‏ رىملىقلار 2:‏21.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىش

12.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشنىڭ،‏ گالاتىيالىقلار 6:‏5-‏​ئايە‌ت بىلە‌ن قانداق ئالاقىسى بار؟‏ شە‌خسە‌ن قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن،‏ بىز قانداق كۆرسە‌تمىگە ئىگە؟‏

12 تۆۋە‌ندە،‏ ئىككىنچى تۈردىكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌شۇ تۈردىكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى بىۋاستە ئە‌يىبلىمە‌يدۇ ۋە ياكى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىمە‌يدۇ‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ تاللىغان مۇ‌شۇ تۈردىكى ئويۇ‌ن-‏ تاماشىلارنىڭ ساغلام پايدىلىق ياكى ئە‌مە‌سلىكىگە ھە‌ربىر ئېتىقادچى ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار قىلىشى كېرە‌ك (‏گالاتىيالىقلار 6:‏5)‏.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق تاللاشقا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌سلىھە‌ت بېرىدىغان كۆرسە‌تمە بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىنى بىلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغان قائىدە-‏پرىنسىپلارنى،‏ يە‌نى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ ئاشۇ قائىدە-‏پرىنسىپلار،‏ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رگە دىققە‌ت قىلىش ئارقىلىق،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە ئىشلاردا،‏ «رە‌ببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار»،‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى تونۇ‌پ يېتە‌لە‌يمىز.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏17.‏

13.‏ نېمە بىزنى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ؟‏

13 ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى،‏ ئوخشاش دە‌رىجىدە ئە‌خلاق تۇ‌يغۇ‌سى ياكى توغرا-‏خاتانى پە‌رق ئېتىشتە‌ك ئاقىللىقنى يېتىلدۈرگە‌ن ئە‌مە‌س (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏9)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ ئېتىقادچىلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا نىسبە‌تە‌ن قىزىقىشى ياكى ياخشى كۆرۈشى ئوخشاش ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا،‏ بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ چوقۇ‌م ئوخشاش قارار چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلالمايمىز.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى ئېڭىمىزغا ۋە قە‌لبىمىزگە تە‌سىر قىلدۇ‌رغانسېرى،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ھە‌رقانداق شە‌كىلدىكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولۇ‌پ ياشاش قىزغىنلىقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏11،‏ 129؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏16.‏

14.‏ (‏1)‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا،‏ ئويلىنىشقا تېگىشلىك قانداق مۇ‌ھىم ئىش بار؟‏ (‏2)‏ قانداق قىلىپ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايمىز؟‏

14 كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا،‏ ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك يە‌نە بىر مۇ‌ھىم ئىش —‏ ۋاقىت مە‌سىلىسى.‏ سىزنىڭ قانداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىنى تاللىشىڭىز،‏ نېمىنى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ؛‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا قانچىلىك ۋاقىت سە‌رپ قىلىشىڭىز،‏ سىزنىڭ نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ ئە‌لۋە‌تتە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان ئىلاھىي ئىشلاردۇ‌ر (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا سىز،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىلاھىي ئىشلارنى،‏ ھاياتىڭىزدا ھە‌ر دائىم بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىڭىزنى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «سۆز-‏ھە‌رىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار.‏ بىلىمسىز نادانلاردە‌ك ئە‌مە‌س،‏ ئاقىللاردە‌ك ياشاڭلار»،‏ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن چىقارغان ۋاقىتنى قە‌دىرلە‌پ،‏ ھە‌رگىز «پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بە‌رمە‌ڭلار»،‏ دە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏15،‏ 16)‏.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سە‌رپ قىلىش توغرىسىدا ئېنىق ۋاقىت چە‌كلىمىسى بە‌لگىلە‌ش —‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان مۇ‌ھىم ئىشلارغا يېتە‌رلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ساقلىشىمىزغا پايدىلىقتۇ‌ر.‏ —‏ فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏10.‏

15.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا،‏ بىخە‌تە‌ر دائىرە بە‌لگىلە‌شنى نېمە ئۈچۈن ئاقىلانىلىك دە‌يمىز؟‏

15 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا،‏ چە‌ك-‏چېگرانى ئايرىپ،‏ بىخە‌تە‌ر دائىرىنى بە‌لگىلە‌ش ھە‌م ئاقىلانىلىكتۇ‌ر.‏ بۇ ئۆزى قانداق گە‌پ ئە‌مدى؟‏ دە‌سلە‌پتە تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن مېۋە توغرىسىدىكى مىسالنى يە‌نە بىر قېتىم مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ سىز مېۋىنىڭ سېسىغان جايىنى يە‌پ كە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن،‏ سېسىغان جايىنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپلا قالماستىن،‏ سېسىغان جاينىڭ ئە‌تراپىنى مە‌لۇ‌م دائىرىدە كېسىپ تاشلايسىز.‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا،‏ مە‌لۇ‌م دائىرىدە چە‌ك-‏چېگرانى ئېنىق ئايرىپ،‏ بىخە‌تە‌ر دائىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كە‌تمە‌سلىك دانالىقتۇ‌ر.‏ خۇ‌دانىڭ ئاقىلانە خىزمە‌تچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولۇ‌پلا قالماستىن،‏ ئازراق چاتىقى بار ياكى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە تە‌سىر قىلىش مۇ‌مكىنچىلىكى يۇ‌شۇ‌رۇ‌نغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىنمۇ ئۆزىنى يىراق تۇ‌تىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏25–‏27)‏.‏ ھە‌مىشە ئاللا يە‌ھۋانىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ ياشاش،‏ مە‌زمۇ‌نى ساغلام بولمىغان نە‌رسىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

‏«پاك» ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇ‌ڭلار

‏]78-‏به‌تتىكی سوٰره‌ت[‏

ئىلاھىي كۆرسە‌تمىلە‌رگە ئاساسە‌ن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاش،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى قوغدايدۇ

16.‏ (‏1)‏ ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاققا نىسبە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن قارار قىلىش،‏ قانداق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش يولىڭىزغا ئايلىنىدۇ؟‏

16 ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغاندا،‏ ھە‌ممىدىن ئاۋۋال يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىنى ئويلىشىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە ئۆلچە‌ملىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان —‏ «يالغانچى تىل،‏ ناھە‌ق قان تۆكىدىغان قوللار،‏ يامان خىياللىق كۆڭۈل،‏ يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇ‌تلار»،‏ دېگە‌نگە ئوخشاش بىرقانچە ئىشلارنى ساناپ ئۆتكە‌ن (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 6:‏16–‏19،‏ ب ج)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشى سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى بىزنى:‏ «ئە‌ي سىز خۇ‌داۋە‌ندىنى ياخشى كۆرگۈچىلە‌ر يامانلىقنى يامان كۆرۈڭلار»،‏ دە‌پ ئۈندە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10،‏ ب ج)‏.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىڭىز،‏ يە‌ھۋا ئۆچ كۆرگە‌ننى سىزنىڭمۇ ئۆچ كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك (‏گالاتىيالىقلار 5:‏19–‏21)‏.‏ شۇ‌نىمۇ ئېسىڭىزدە ساقلاڭكى،‏ ئادە‌ملە‌ر ئالدىدا ئاشكارا قىلغان ئىشىڭىزغا قارىغاندا،‏ يوشۇ‌رۇ‌نچە قىلغان ئىشىڭىز،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە سىزنىڭ قانداق ئادە‌م ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئاشكارىلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 11:‏4؛‏ 16:‏8)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئە‌دە‌ب-‏ئە‌خلاق مە‌سىلىسىگە بولغان كۆزقارىشىنى،‏ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنىڭ ھە‌رقايسى تە‌رە‌پلىرىدە ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشنى چىن دىلىڭىزدىن ئارزۇ قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نداقتا مە‌يلى ئاشكارا ياكى يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن ئىش قىلىشتا،‏ ھە‌مىشە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن تاللاش ئېلىپ بارىسىز ۋە شۇ‌نداق قىلىشقا ئادە‌تلىنىش تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش يولىڭىزغا ئايلىنىدۇ.‏ —‏ 2-‏كورىنتلىقلار 3:‏18.‏

17.‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتىن ئاۋۋال،‏ ئۆزىمىزدىن قانداق سوئاللارنى سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرگە ماس ئىش تۇ‌تۇ‌شىڭىزغا كاپالە‌تلىك قىلىش ئۈچۈن يە‌نە نېمە ئىشلارنى قىلالايسىز؟‏ مۇ‌نداق سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭ:‏ «مۇ‌شۇ‌نداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ماڭا ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏» مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى كىنو-‏فىلىملە‌رنى كۆرۈشنى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «بۇ فىلىمنىڭ مە‌زمۇ‌نى ۋىجدانىمغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏»،‏ دە‌پ سوراڭ.‏ تۆۋە‌ندە،‏ مۇ‌شۇ توغرىسىدىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8-‏​ئايە‌تتىكى قائىدە-‏پرىنسىپلار،‏ بىز تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنىڭ ساغلام،‏ پايدىلىق ياكى ئە‌مە‌سلىكىگە ھۆكۈم قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ پايدىلىق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىڭىزغا،‏ يە‌نە قايسى قائىدە-‏پرىنسىپلار ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏بە‌ت ئاستى ئىزاھاتىغا قاراڭ)‏.‏

18 فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏8-‏​ئايە‌ت:‏ «ھە‌قىقىي،‏ ماختاشقا ئە‌رزىيدىغان،‏ ئادىل،‏ پاك،‏ گۈزە‌ل،‏ شە‌رە‌پلىك،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلىك ۋە مە‌دھىيىلە‌شكە سازاۋە‌ر ھە‌رقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇ‌ڭلار‏»،‏ دە‌يدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتە ئاچقۇ‌چلۇ‌ق مۇ‌ھىم بىر قائىدە-‏پرىنسىپ كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ كۆڭلىمىزدىكى ئوي-‏خىياللارنى،‏ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارغا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلىگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14)‏.‏ گە‌رچە پاۋلۇ‌س،‏ بۇ يە‌ردە ئويۇ‌ن-‏ تاماشىلار توغرىسىدا سۆزلىمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌تلىك سۆزلىرىنى،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشقا ھە‌م تە‌تبىقلاشقا بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق تە‌تبىقلاش بولىدۇ؟‏

19 ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «مېنىڭ كىنو-‏فىلىملە‌رنى،‏ ئېلېكترونلۇ‌ق ئويۇ‌نلارنى،‏ ناخشا-‏مۇ‌زىكا ياكى باشقا شە‌كىلدىكى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىم،‏ ئېڭىمنى «پاك» نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تولدۇ‌رامدۇ؟‏»،‏ دە‌پ سوراپ بېقىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر فىلىمنى كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ كاللىڭىزغا قانداق ئوي-‏خىياللار ئورناپ قالدى؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ ئوي-‏خىياللار خۇ‌شاللىق بېغىشلايدىغان،‏ پاك ۋە كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇ‌زىدىغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ساغلام،‏ پايدىلىقتۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ كۆرگە‌ن فىلىم،‏ سىزنى ناپاك ئوي-‏خىياللاردا بولۇ‌شقا باشلىسا،‏ ئۇ‌نداقتا تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىڭىزدا چاتاق بار،‏ ھە‌تتا زىيانلىقتۇ‌ر (‏مە‌تتا 12:‏33؛‏ ماركۇ‌س 7:‏20–‏23)‏.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌خلاقسىز،‏ ناپاك ئوي-‏خىياللارنى قىلىش —‏ كۆڭلىڭىزنى پاراكە‌ندە قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن تە‌ربىيىلە‌پ تاۋلىغان ۋىجدانىڭىزنى جاراھە‌تلە‌ندۈرۈپ،‏ ياراتقۇ‌چى بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى ۋە‌يران قىلالايدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏5؛‏ 1-‏تىموتىي 1:‏5،‏ 19)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ چاتىقى بار ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار،‏ سىزگە شۇ قە‌دە‌ر زىيانكە‌شلىك قىلالىغان ئىكە‌ن،‏ يە‌نە شۇ‌نداق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولماي،‏ كۆڭلىڭىز قانداقمۇ خاتىرجە‌م بولالايدۇ!‏؟‏a (‏رىملىقلار 12:‏2)‏.‏ سىزمۇ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا:‏ «كۆزلىرىمنى [پايدىسىز] ئىشقا قاراشتىن توسۇ‌پ» قال،‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏37.‏

ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتىن ئاۋۋال،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۆز-‏ئۆزىدىن سورىشى كېرە‌ك

  • تاللىشىم خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

  • تاللىشىم ئۆزۈمگە قانداق تە‌سىر كۆرسىتىدۇ؟‏

  • تاللىشىم باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلە‌ش

20،‏ 21.‏ ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاش بىلە‌ن،‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏23،‏ 24-‏​ئايە‌تلە‌رنىڭ قانداق باغلىنىشلىقى بار؟‏

20 شە‌خسىي ئىشلارنى قارار قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مۇ‌ھىم بىر قائىدە-‏پرىنسىپنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ ئويلىنىش كېرە‌كلىكىنى تە‌كىتلە‌پ،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «بە‌زىلە‌ر،‏ «خۇ‌دا تە‌رىپىدىن مە‌نئى قىلىنمىغان بولسا،‏ نېمە قىلىمە‌ن دېسە‌م ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ھە‌ممە ئىش پايدىلىق بولۇ‌ۋە‌رمە‌يدۇ.‏ .‏.‏.‏ ھە‌ركىم پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىسۇ‌ن»،‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن (‏1-‏كورىنتلىقلار 10:‏23،‏ 24)‏.‏ ساغلام بولغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشنىڭ،‏ مۇ‌شۇ قائىدە-‏پرىنسىپ بىلە‌ن قانداق باغلىنىشلىقى بار؟‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ ‹مە‌ن تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار باشقىلارغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏›،‏ دە‌پ سوراپ بېقىڭ.‏

21 بە‌لكىم،‏ سىز «خۇ‌دا تە‌رىپىدىن مە‌نئى قىلىنمىغان»،‏ دە‌پ قاراپ بە‌زى ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا قاتنىشىشنى قارار قىلسىڭىز،‏ ۋىجدانىڭىز شۇ‌نداق قىلىشىڭىزغا يول قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ۋىجدانى ئالاھىدە سە‌زگۈر ئېتىقادچىلارنىڭ،‏ سىز تاللىغان ئاشۇ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى قوبۇ‌ل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلسىڭىز،‏ بە‌لكىم شۇ‌لاردىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىسىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ سىز ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزغا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ ياشاشنى ناھايىتى قىيىن ھېس قىلدۇ‌رۇ‌پ،‏ «قېرىنداشلار ئالدىدا»،‏ ھە‌تتا «ئە‌يسا مە‌سىھ ئالدىدىمۇ گۇ‌ناھ» قىلىشنى خالىمايسىز.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ:‏ «گۇ‌ناھقا باشلايدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار»،‏ دېگە‌ن نە‌سىھە‌تلىك سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ ياشاڭ!‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 8:‏12؛‏ 10:‏32)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاللا يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ گە‌رچە «خۇ‌دا تە‌رىپىدىن مە‌نئى قىلىنمىغان» بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئېتىقادچى قېرىندىشى ئۈچۈن «پايدىلىق» تە‌رىپى يوق ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن خالىي بولۇ‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ‌ياشىماقتا.‏ —‏ رىملىقلار 14:‏1؛‏15:‏1.‏

22.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشقا توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ممىسىنىڭ ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇ‌شى تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ؟‏

22 باشقىلارنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلە‌شنىڭ،‏ ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك يە‌نە بىر تە‌رىپى بار.‏ ۋىجدانى سە‌زگۈر ئېتىقادچى ئۆز نە‌زىرىدە مۇ‌ۋاپىق،‏ دە‌پ قارىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى،‏ جامائە‌تتىكى باشقا بارلىق ئېتىقادچىلار قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك،‏ دە‌پ پىكىرىدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماسلىقى لازىم.‏ ئۇ كىشى ئۆز پىكىرىدە شۇ‌نداق چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالسا،‏ خۇ‌ددى تېز سۈرئە‌تلىك يولدا ماشىنا ھە‌يدە‌پ كېتىۋېتىپ،‏ باشقا شوپۇ‌رلاردىن چوقۇ‌م ئۆزى مۇ‌ۋاپىق،‏ دە‌پ قارىغان سۈرئە‌تتە ماشىنا ھە‌يدە‌شنى جاھىللىق بىلە‌ن تە‌لە‌پ قىلغانغا ئوخشايدۇ.‏ بۇ‌نداق تە‌لە‌پ ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىق ئە‌مە‌س.‏ بە‌زى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارغا بولغان كۆزقارىشى،‏ ۋىجدانى سە‌زگۈر ئېتىقادچى بىلە‌ن ئوخشاش بولماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ قە‌لب رىشتىسىنى باغلاپ تۇ‌رغاچ،‏ باشقىلارنىڭ تاللىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بولمىسا،‏ ۋىجدانى سە‌زگۈر ئېتىقادچى باشقىلارنىڭ تاللىشىنى ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ ئارقىلىق،‏ ئۇ ئېتىقادچى ئۆزىنىڭ ‹غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان كىشى ئىكە‌نلىكىنى ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە› كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏ —‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏5،‏ (‏ي د)‏؛‏ ۋە‌ز 7:‏16.‏

23.‏ ئۆزىڭىزنىڭ ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغانلىقىڭىزنى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يسىز؟‏

23 ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆزىڭىزنىڭ ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىغانلىقىڭىزنى قانداق جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يسىز؟‏ خۇ‌دا ئە‌يىبلە‌يدىغان چىرىكلە‌شكە‌ن ئە‌خلاقسىز قىلمىشلارنى ئوچۇ‌ق ئاشكارا كۆرسىتىدىغان ھە‌رخىل ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى رە‌ت قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللاشتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىغا ئاساسە‌ن تاللاش قىلىڭ.‏ ۋىجدانىڭىزنى جاراھە‌تلە‌يدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ ۋە باشقىلارنىڭ بولۇ‌پمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ۋىجدانى قوبۇ‌ل قىلالمايدىغان ئويۇ‌ن-‏تاماشىلاردىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىشنى قە‌تئىي قارار قىلسىڭىز،‏ ياراتقۇ‌چىغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىپ،‏ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشىيالايسىلە‌ر.‏

a تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ر،‏ كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇ‌ن-‏تاماشىلارنى تاللىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ:‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏31؛‏ 13:‏20؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏3،‏ 4؛‏ كولوسىلىقلار 3:‏5،‏ 8،‏ 20.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش