15-ناخشا
مەۋجۇداتلار نامايان قىلار يەھۋانىڭ شان-شەرىپىنى
(زەبۇر 19-باب)
1. يەھۋا خۇدا، كۆڭلۈمگە شۇ ئايان.
يۇلتۇزلار توپى تىنچ قىلىپ بايان،
شان-شەرىپىڭنى قىلار نامايان؛
ئىنسانغا ھېكمەتنى قىلار ئايان.
يۇلتۇزلار توپى تىنچ قىلىپ بايان،
ئىنسانغا ھېكمەتنى قىلار ئايان.
2. سەن قۇياش، ئاي، يۇلتۇزنى ياراتتىڭ.
چەكسىز دېڭىزغا پاسىل ئايرىدىڭ.
كۆككە قارىساق، بەك كەڭ ئاسمىنىڭ.
ئەيمىنىپ تۇرساق، سەن ئەسكە ئالدىڭ.
كۆككە قارىساق، بەك كەڭ ئاسمىنىڭ.
ئەيمىنىپ تۇرساق، سەن ئەسكە ئالدىڭ.
3. پاك ھەم ئادىلدۇر ھەق قانۇنلىرىڭ.
كېلەر بىزگە ھەر كۈن ئەسكەرتىشىڭ.
ئالتۇندىن قىممەت قانۇن-پەرمانىڭ.
ھەق يولۇڭدا ماڭاي خۇدا سېنىڭ.
ئالتۇندىن قىممەت قانۇن-پەرمانىڭ.
ھەق يولۇڭدا ماڭاي خۇدا سېنىڭ.
(زەبۇر 12:6؛ 89:7؛ 144:3؛ رىملىقلار 1:20-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).