كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ھ‌ئي 5-‏بۆل.‏ 12-‏14 ب.‏
  • يە‌ككە-‏يېگانە خۇ‌دانىڭ سۈپە‌تلىرىنى چۈشىنىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ككە-‏يېگانە خۇ‌دانىڭ سۈپە‌تلىرىنى چۈشىنىش
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىزدۇ‌ر
  • خۇ‌دانىڭ ئادىللىقى
  • خۇ‌دانىڭ دانالىقى
  • ‏«خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏
  • خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
  • يە‌ھۋا،‏ ئۇ كىم؟‏
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2019
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
ھ‌ئي 5-‏بۆل.‏ 12-‏14 ب.‏

5-‏بۆلۈم

يە‌ككە-‏يېگانە خۇ‌دانىڭ سۈپە‌تلىرىنى چۈشىنىش

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار خۇ‌دانىڭ ئاجايىپ خاراكتېر-‏خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىنى بىزگە ئاشكارا قىلىپ،‏ ئۇ‌نى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏ ئادىللىق،‏ دانالىق ۋە مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئوخشاش تۆت ئاساسىي پە‌زىلە‌تلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ تۆۋە‌ندە،‏ ھە‌ربىرىنى بىر-‏بىرلە‌پ كۆرۈپ چىقايلى.‏

كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىزدۇ‌ر

بىر ئادە‌م يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانغا قاراۋاتىدۇ

خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌دىرىتى تە‌ڭداشسىز

يە‌ھۋا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «مە‌ن ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يارىتىلىش 17:‏1)‏.‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى تە‌ڭداشسىز،‏ چە‌كسىز ۋە پۈتمە‌س-‏تۈگىمە‌ستۇ‌ر.‏ ئۇ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئارقىلىق بارچە كائىناتنى ياراتقان.‏

خۇ‌دا ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ھە‌رگىزمۇ قالايمىقان ئىشلە‌تمە‌يدۇ،‏ ئە‌كسىچە ھە‌مىشە مە‌قسە‌تلىك ئىشلىتىدۇ.‏ ئۇ ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئادىللىق،‏ دانالىق ۋە مۇ‌ھە‌ببە‌ت قاتارلىق خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىگە ماسلاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىشلىتىدۇ.‏

يە‌ھۋا كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى سېخىيلىق بىلە‌ن ئىشلىتىپ،‏ ئۆزىنىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ.‏ «يە‌ھۋا ئۆزىگە پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن سادىق قېلىشقا ئىنتىلگە‌نلە‌رگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ش ئۈچۈن پۈتكۈل يە‌ر يۈزىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ» (‏2-‏تارىخنامە 16:‏9)‏.‏ شۇ‌نداق كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك ۋە مېھرىبان خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنى خالىمامسىز؟‏

خۇ‌دانىڭ ئادىللىقى

‏«يە‌ھۋا سۆيە‌ر ئادالە‌تنى» (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏28)‏.‏ ئۇ ھە‌مىشە ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىگە ئاساسە‌ن ھە‌ق ئىشلارنى قىلىپ،‏ ئادىللىقىدا چىڭ تۇ‌رىدۇ.‏

ھە‌ر خىل ئىرق ۋە ياشتىكى كىشىلە‌ر

خۇ‌دا ھە‌ر مىللە‌ت كىشىلىرىگە تە‌ڭ قارايدۇ

خۇ‌دا ناھە‌قلىقنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ ئۇ «ھېچكىمگە يۈز خاتىر قىلمايدىغان،‏ پارا ئالمايدىغان،‏ ئۇ‌لۇ‌غ،‏ قۇ‌درە‌تلىك ۋە ھە‌يۋە‌تلىك خۇ‌دادۇ‌ر» (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏17)‏.‏ ئۇ باشقىلارغا زۇ‌لۇ‌م قىلىدىغانلارغا قارشى چىقىپ،‏ غېرىپ-‏غۇ‌رۋالارنىڭ بېشىنى سىلاپ،‏ بولۇ‌پمۇ تۇ‌ل خوتۇ‌ن،‏ يېتىم بالىلارنى ھە‌رگىز تاشلىمايدۇ (‏چىقىش 22:‏22)‏.‏ خۇ‌دا ھېچ بىر ئىنسانغا كە‌مسىتىش نە‌زىرىدە قارىمايدۇ.‏ مۇ‌شۇ ھە‌قتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان‏.‏‏—‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35.‏

يە‌ھۋانىڭ ئادىللىقى مۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ ئۇ بە‌كمۇ مۇ‌لايىم ئە‌مە‌س ياكى قاتتىقمۇ ئە‌مە‌س.‏ ئۇ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلمىغانلارنى جازالايدۇ،‏ بىراق توۋا قىلغانلارغا كۆيۈنۈپ،‏ مېھىر-‏شە‌پقىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ «يە‌ھۋا مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە رە‌ھىمدىلدۇ‌ر،‏ غە‌زە‌پلىنىشكە ئالدىرىمايدۇ ۋە سادىق سۆيگۈسى مول.‏ ئۇ ھە‌مىشە خاتالىقلىرىمىزنى ئىزدە‌پ يۈرمە‌يدۇ،‏ مە‌ڭگۈ ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىمايدۇ.‏ بىزگە گۇ‌ناھلىرىمىزغا قاراپ مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ،‏ بىزنى خاتالىقلىرىمىزغا يارىشا جازالىمايدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏8–‏10)‏.‏ خۇ‌دا يە‌نە ئۆزىنىڭ ئىخلاسمە‌ن بە‌ندىلىرىنىڭ سادىقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى ئە‌سكە ئالىدۇ ۋە مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ شۇ‌نىڭدە‌ك ئادىللىقى،‏ سىزنى ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ باغلاشقا ئۈندىمە‌مدۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ دانالىقى

بىر كىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تۇ‌تىۋاتىدۇ

كائىناتقا نە‌زە‌ر سالساق،‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌قىل-‏پاراسىتى بىزنى ئە‌يمە‌ندۈرىدۇ

خۇ‌دا بارلىق ئىلىم-‏مە‌رىپە‌تنىڭ بۇ‌لىقى.‏ «ئاھ،‏ خۇ‌دانىڭ بايلىقى ۋە ئىلىم-‏ھېكمىتى نە‌قە‌دە‌ر مول،‏ نە‌قە‌دە‌ر چوڭقۇ‌ر-‏ھە!‏» (‏رىملىقلار 11:‏33)‏.‏ ئۇ‌نىڭ دانالىقىنىڭ تە‌ڭدىشى يوق،‏ چە‌كسىزدۇ‌ر.‏

خۇ‌دانىڭ دانالىقى،‏ ئۇ‌نىڭ ياراتقان ياراتمىلىرىدىن روشە‌ن كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ردا:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ شۇ‌نچە كۆپتۇ‌ر ئىشلىرىڭ!‏ سە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ھېكمە‌ت بىلە‌ن ياراتتىڭ»،‏—‏ دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن‏.‏‏—‏ زە‌بۇ‌ر 104:‏24.‏

خۇ‌دانىڭ دانالىقى يە‌نە ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلىرىدا ئاشكارا قىلىنغان.‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى داۋۇ‌ت پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نى مۇ‌كە‌ممە‌لدۇ‌ر،‏ ئىنسان ۋۇ‌جۇ‌دىنى يېڭىلار.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌سكە‌رتىشى ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر،‏ تە‌جرىبىسىز كىشىنى دانا قىلار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7)‏.‏ خۇ‌دانىڭ پۈتمە‌س-‏تۈگىمە‌س ئىلىم-‏ھېكمىتىنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭە!‏ مۇ‌شۇ پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بېرىپ قۇ‌يۇ‌شقا قانداقمۇ كۆڭلىڭىز ئۇ‌نايدۇ؟‏

‏«خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»‏

مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ يە‌ھۋانىڭ ئاساسىي خۇ‌سۇ‌سىيىتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌نىڭ بارچە ئىشلارنى ۋۇ‌جۇ‌دقا چىقىرىشىدا،‏ ھە‌رىكە‌تلە‌ندۈرگۈچى كۈچ ۋە يولباشچىلىق بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار:‏ «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌يدۇ‏.‏‏—‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8.‏

خۇ‌دا بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئېيتىپ تۈگە‌تكۈسىز يوللار بىلە‌ن ئىزھار قىلىدۇ.‏ ئۇ بىزگە ياخشى نە‌رسىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ «ئۇ .‏ .‏ .‏ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ،‏ ئاسماندىن سىلە‌رگە يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رۇ‌پ،‏ مول-‏ھوسۇ‌للۇ‌ق پە‌سىللە‌ر بىلە‌ن بە‌رىكە‌تلىدى ۋە مول يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌رنى بېرىپ ۋە خۇ‌شاللىققا چۆمدۈرۈپ كۆڭلۈڭلارنى سۆيۈندۈردى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 14:‏17)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ «ھە‌ربىر ياخشى ھە‌دىيە ۋە ھە‌ربىر مۇ‌كە‌ممە‌ل سوۋغات يۇ‌قىرىدىن،‏ ئاسمانلاردىكى نۇ‌رلارنىڭ ئاتىسىدىن كېلىدۇ،‏ ئۇ دائىم ئۆزگىرىپ تۇ‌رىدىغان كۆلە‌ڭگىلە‌ردە‌ك ئۆزگىرىشچان ئە‌مە‌س» (‏ياقۇ‌پ 1:‏17)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن ئىبارە‌ت قىممە‌ت باھالىق سوۋغات ئارقىلىق خۇ‌دا مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۆزى توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ۋە ئۆزىنىڭ قانۇ‌ن ۋە ئۆلچە‌م-‏قائىدىلىرىنى بىزگە ئۆگىتىدۇ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆز دۇ‌ئاسىدا:‏ «سېنىڭ سۆزۈڭ ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن‏.‏‏—‏ يۇ‌ھاننا 17:‏17.‏

تاغلار

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا خۇ‌دانىڭ ئىلىم-‏ھېكمىتى بار

بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ خۇ‌دا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ.‏ «يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا،‏ ئۆزى يار-‏يۆلە‌ك بولار ساڭا.‏ ئۇ ئادىل كىشىنىڭ يىقىلىشىغا يول قويماس ئە‌سلا» (‏زە‌بۇ‌ر 55:‏22)‏.‏ ئۇ گۇ‌ناھلىرىمىزنى مە‌غپىرە‌ت قىلىدۇ.‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ سە‌ن مېھىرىبان ۋە ئە‌پۇ قىلىشقا تە‌ييارسە‌ن.‏ ساڭا ئىلتىجا قىلغانلاردىن سادىق سۆيگۈڭنى ھېچقاچان ئايىمايسە‌ن» (‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5)‏.‏ ھە‌تتا ئۇ بىزگە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇ‌رسىتىنى بېرىدۇ.‏ «ئۇ ئۇ‌لارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھە‌ربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ.‏ ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئاغرىق باشقا بولمايدۇ» (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە قانداق جاۋاب قايتۇ‌رماقچىسىز؟‏ سىزمۇ ئۇ‌نى سۆيە‌مسىز؟‏

خۇ‌داغا يېقىنلىشىش

بىر ئايال دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ

خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە ئۆگىنىش،‏ سىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ

خۇ‌دا سىزنىڭ ئۇ‌نى ياخشىراق چۈشىنىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى:‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار،‏ شۇ‌ندىلا ئۇ ھە‌م سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئۈندە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىسى ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئۆز پە‌رۋە‌ردىگارى بىلە‌ن ناھايىتى يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغاچ،‏ خۇ‌دانىڭ دوستى دە‌پ ئاتالغان (‏ياقۇ‌پ 2:‏23)‏.‏ يە‌ھۋا،‏ سىزنىڭمۇ ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏

خۇ‌دا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىمگە ئىگە بولغانسېرى،‏ ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىن ھېس قىلىپ،‏ كۆڭلىڭىز خۇ‌رسە‌نلىك تاپىدۇ.‏ «يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىدىن سۆيۈنۈپ،‏ كېچە-‏كۈندۈز ئۇ‌نى ئوقۇ‌غانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1،‏ 2)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى داۋاملىق ئۆگىنىپ،‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئۇ‌نىڭ ياراتمىلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر تە‌پە‌ككۈر قىلىش زۆرۈر.‏ سىز ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىزنى تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇ‌داغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى ئىپادىلە‌ڭ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ «خۇ‌دانى سۆيۈش ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش دېمە‌كتۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرى ئېغىر ئە‌مە‌س» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3)‏.‏ سىز خۇ‌ددى زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىدە‌ك:‏ «يوللىرىڭنى ماڭا كۆرسە‌تكىن،‏ ئە‌ي يە‌ھۋا؛‏ يوللىرىڭدا مېڭىشنى ئۆگە‌تكىن ماڭا.‏ مېنى ھە‌قىقىتىڭ بىلە‌ن يېتە‌كلىگىن ۋە ماڭا تە‌لىم بە‌رگىن،‏ چۈنكى سە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى تە‌ڭرىمسە‌ن.‏ كۈن بويى ساڭا ئۈمىد باغلايمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏4،‏ 5)‏.‏ شۇ‌ندىلا،‏ خۇ‌دانىڭ «ھە‌ربىرىمىزدىن يىراق ئە‌مە‌س» ئىكە‌نىنى ھېس قىلىپ يېتە‌لە‌يسىز.‏—‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏27.‏

سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

  • خۇ‌دانىڭ پە‌زىلە‌تلىرى ئارىسىدىكى قايسىسى سىزنى بە‌كرە‌ك ئۆزىگە جە‌لپ قىلىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

  • قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش