كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 9-‏بۆل.‏ 29-‏31 ب.‏
  • ئائىلىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئائىلىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىڭ
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ
  • 2‏.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىڭ
  • ئائىلىۋى ئىبادە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت خۇ‌شاللىقىڭىزغا خۇ‌شاللىق قوشۇ‌لىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىدىكى ئورنىڭىزنى قە‌دىرلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 9-‏بۆل.‏ 29-‏31 ب.‏
موُقه‌دده‌س كىتابنی بىلله ته‌تقىق قىلىۋاتقان ئائىله

9-‏بۆلۈم

تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئائىلىڭىز بىلە‌ن بىرگە ئىبادە‌ت قىلىڭ

‏«ئاسمان،‏ يە‌ر.‏.‏.‏ ياراتقۇ‌چىسىغا ئىبادە‌ت قىلىڭلار» (‏ۋە‌ھىي 14:‏7)‏.‏

مۇ‌شۇ كىتابچىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن پرىنسىپلار بار.‏ ئاللا يە‌ھۋا سىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسىڭىز،‏ ئۇ:‏ «بارلىق بۇ نە‌رسىلە‌ر سىلە‌رگە بېرىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ۋە‌دە قىلىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ خۇ‌دا سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى راۋاجلاندۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان بارلىق مۇ‌مكىنچىلىكلە‌ردىن پايدىلىنىڭ.‏ خۇ‌دانىڭ دوستى بولۇ‌ش —‏ ئادە‌م بالىسى ئۈچۈن بۈيۈك شان-‏شە‌رە‌پتۇ‌ر (‏مە‌تتا 22:‏37،‏ 38‏)‏.‏

1.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭ

ه‌ر-‏ئايال بىلله خىزمه‌تكه چىقتی

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ يە‌ھۋا:‏ «مە‌ن سىلە‌رگە ئاتا بولۇ‌مە‌ن،‏ سىلە‌ر ماڭا ئوغۇ‌ل-‏قىزلىرىم بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېدى (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏18)‏.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ يېقىن دوستى بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى —‏ دۇ‌ئا.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا سىزنى «ئۈزلۈكسىز دۇ‌ئا قىلىشقا» تە‌كلىپ قىلىدۇ (‏سالونىكىلىقلارغا 1-‏خە‌ت 5:‏17)‏.‏ سىز ئۇ‌نىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭىزنى ۋە قە‌لب سىرلىرىڭىزنى ئېيتسىڭىز،‏ ئۇ ئاڭلاشقا تە‌ييار (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6)‏.‏ ئائىلىڭىز بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سىز ئۈچۈن مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس ئىكە‌نلىكىنى كۆرىدۇ.‏

خۇ‌داغا قە‌لبىڭىزدىكىنى ئېيتىپلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سېلىشىڭىز زۆرۈر.‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى تە‌تقىق قىلىش ئارقىلىق قىلالايسىز (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1،‏ 2)‏.‏ بىلىۋالغانلىرىڭىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 77:‏11،‏ 12)‏.‏ ئاللاغا قۇ‌لاق سېلىش شۇ‌نداقلا مە‌سىھىيلە‌ر جامائىتىگە مۇ‌نتىزىم قاتنىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 122:‏1—‏4)‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ ئۇ ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش.‏ بۇ‌نى قانچە كۆپ قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ۋە دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ

  • ئائىلىڭىزدە بىرىنچى ئورۇ‌نغا دە‌م ئېلىش ھە‌م ئويۇ‌ن-‏تاماشىلار ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى روھىي ئىشلارنى قويۇ‌ڭ

2‏.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىڭ

دادىسی ئائىلىۋی ته‌تقىق قىلىشقا ته‌ييارلىنىپ،‏ ئاندىن ئائىلىۋی ئىباده‌تتىن هوزوٰرلىنىۋاتىدوُ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار ھە‌م ئۇ‌مۇ سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى پىلانلاپ،‏ تۈزۈلگە‌ن جە‌دۋە‌لگە ئە‌مە‌ل قىلىڭلار (‏يارىتىلىش 18:‏19)‏.‏ بىراق ئائىلىڭىز بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش بۇ‌نىڭ بىلە‌نلا چە‌كلە‌نمە‌ي،‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر قىسمى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئائىلىڭىزنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «سە‌ن ئۆيىڭدە ئولتارساڭ،‏ يولدا ماڭساڭ،‏ ياتساڭ،‏ قوپساڭ،‏ ھە‌رۋاقىت ئۇ‌لار [خۇ‌دانىڭ سۆزلىرى] توغرىسىدا سۆز قىلىپ تۇ‌رغۇ‌ن» دېگە‌ن مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىشىڭىز كېرە‌ك (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏6،‏ 7)‏.‏ سىزنىڭ مە‌قسىتىڭىز خۇ‌دانىڭ قە‌دىمكى خىزمە‌تچىسى يە‌شۇ‌ئانىڭكىدە‌ك بولسۇ‌ن.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن بولسام ئۆز ئۆيىمدىكىلە‌ر بىلە‌ن قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏15)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌ت

  • ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نە‌زە‌رگە ئېلىپ،‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى مۇ‌نتىزىم ئۆتكۈزۈش پروگراممىسىنى تۈزۈڭ

نی كىچىك بالىسىغا ئوقوُپ بېرىۋاتىدوُ؛‏ ئائىله موُقه‌دده‌س كىتابتىكی هېكايىنی سه‌هنىله‌شتوٰرىۋاتىدوُ؛‏ دادىسی قىزی بىئه‌ن ته‌تقىق قىلىۋاتىدوُ

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بە‌ختىيار خىزمە‌تچىلىرى

تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش —‏ ھاياتتىكى ئە‌ڭ ياخشى يولدۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا چىن كۆڭلۈڭىزدىن خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسە بە‌ك خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز ئاشىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ خىسلە‌تلىرىنى يە‌نىمۇ ياخشىراق ئە‌كس ئە‌تتۈرە‌لە‌يسىز (‏مارك 12:‏30؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1)‏.‏ ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌داغا ئىززە‌ت-‏ئېھتىرام كۆرسە‌تسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھ رىشتىلىرى تېخىمۇ مە‌ھكە‌م بولىدۇ (‏ۋە‌ز 4:‏12؛‏ يە‌شايا 48:‏17)‏.‏ شۇ چاغدا سىز ۋە ئائىلىڭىز ھە‌ممە ئىشلىرىڭىزدا يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىپ،‏ مە‌ڭگۈ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك بولىسىز (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 12:‏7)‏.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • ئۆمۈرلۈك جۈپتۈم بىلە‌ن بىللە ئاخىرقى قېتىم قاچان دۇ‌ئا قىلدىم؟‏

  • ئاللا يە‌ھۋاغا بولغان ئېتىقادىمىز مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىشى ئۈچۈن ئائىلە‌م بىلە‌ن نېمىنى تە‌تقىق قىلسام بولىدۇ؟‏

ئائىلە باشچىلىرىنىڭ نە‌زە‌رىگە

  • ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى مۇ‌نتىزىم ئۆتكۈزۈشكە ھېچ نە‌رسىنىڭ توسالغۇ بولۇ‌شىغا يول قويماڭ

  • ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ھە‌ممىسى تە‌ييار بولۇ‌پ كېلىشى ئۈچۈن مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدىغان ماۋزۇ‌نى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىپ قويۇ‌ڭ

  • ئىبادە‌تكە ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ قاتنىشىشىغا كاپالە‌تلىك قىلىڭ

  • ئائىلىدىكىلە‌ر ئۆزلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشى ئۈچۈن كۆڭۈللۈك شارائىت يارىتىڭ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش