كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئىيۇ‌ل 15-‏20 ب.‏
  • ‏«كىم يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە؟‏»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«كىم يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە؟‏»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا يۈرىكىمىزنى تە‌كشۈرىدۇ
  • ئالدانماڭلار
  • يە‌ھۋا بىزنىڭ سادىق بولۇ‌شىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ
  • يە‌ھۋاغا چىڭ چاپلىشىڭ!‏
  • سۇ‌لايماننىڭ دانالىق بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئىيۇ‌ل 15-‏20 ب.‏
لاۋىيلار سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىدە مۇ‌سانىڭ قېشىغا يىغىلدى

‏«كىم يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە؟‏»‏

‏«سە‌ن بولساڭ تە‌ڭرىڭ خۇ‌داۋە‌ندىدىن قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزىگە چاپلىشىپ [تۇ‌رغىن]»(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏20)‏.‏

ناخشىلار:‏ 27،‏ 26

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • قابىل بىلە‌ن سۇ‌لايمان يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىدىن قانداق ئايرىلىپ قالغان؟‏

  • مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ن يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى ۋە كە‌چۈرۈمچانلىقى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1،‏ 2.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ش دانالىقتۇ‌ر؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش دانالىقتۇ‌ر.‏ ھېچكىم ئۇ‌نىڭدە‌ك قۇ‌درە‌تلىك ھە‌م دانا ئە‌مە‌س،‏ يە‌نە ھېچكىم ئۇ‌نىڭدە‌ك مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لمە‌يدۇ!‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ھە‌رقاچان خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌رىپىدە تۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏4—‏6)‏.‏ بىراق،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نىڭ تە‌رىپىدە تۇ‌رالمىغان.‏

2 بۇ ماقالىدە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە تۇ‌رىمە‌ن،‏ دە‌پ ئۇ ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلغان ئادە‌ملە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ مىسالىدىن ئالىدىغان مۇ‌ھىم ساۋاقلار يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

يە‌ھۋا يۈرىكىمىزنى تە‌كشۈرىدۇ

3.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن قابىلغا ياردە‌م بېرىشكە تىرىشقان ۋە ئۇ‌نىڭغا نېمە دېگە‌ن؟‏

3 قابىلنىڭ مىسالىنى ئالايلى.‏ ئۇ ساختا ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلمىغان،‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىبادىتىنى قوبۇ‌ل قىلمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ يۈرىكىدىكى ياۋۇ‌زلۇ‌ققا بولغان مايىللىقنى كۆرگە‌ن (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 3:‏12)‏.‏ يە‌ھۋا قابىلنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر ياخشىلىق قىلساڭ،‏ ياقتۇ‌رماي قالىمە‌نمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ياخشىلىق قىلمىساڭ،‏ گۇ‌ناھ ئىشىك ئالدىدا پايلاپ تۇ‌رىدۇ ۋە ئۇ ساڭا ئىگە بولماقچى،‏ لېكىن سە‌ن ئۇ‌نىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلامسە‌ن؟‏» (‏يارىتىلىش 4:‏6،‏ 7)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ‌كى،‏ ئە‌گە‌ر قابىل توۋا قىلىپ،‏ خۇ‌دا تە‌رە‌پتە تۇ‌رغان بولسا،‏ ئۇ‌مۇ قابىل تە‌رە‌پتە تۇ‌راتتى.‏

4.‏ يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ش پۇ‌رسىتى بولغاندا،‏ قابىل نېمە ئىش قىلغان؟‏

4 قابىل كۆزقارىشىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن بولسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىبادىتىنى قايتىدىن قوبۇ‌ل قىلاتتى.‏ لېكىن،‏ قابىل خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالمىغان ۋە ئۇ‌نىڭ ناتوغرا ئوي-‏پىكىرى ھە‌م ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرى ئۇ‌نى يامان يولغا باشلىغان (‏ياقۇ‌پ 1:‏14،‏ 15)‏.‏ ياش چېغىدا قابىل يە‌ھۋاغا قارشى چىقىمە‌ن دە‌پ ئويلىمىغاندۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا پىسە‌نت قىلماي،‏ خۇ‌داغا قارشى چىقىپ،‏ ھە‌تتا ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگە‌ن.‏

5.‏ قانداق ئوي-‏پىكىردە بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىدىن ئايرىلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

5 قابىلغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرە‌ر مە‌سىھىي يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىمە‌ن،‏ دە‌پ ئە‌مما ئە‌مە‌لىيە‌تتە يە‌ھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى مۇ‌مكىن (‏يە‌ھۇ‌دا 11)‏.‏ ئۇ ۋە‌ز خىزمىتىگە ۋە جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرىغا قاتناشسىمۇ،‏ ئە‌خلاقسىز ئوي-‏خىياللارغا ھە‌م ئاچكۆز ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە بېرىلىشى ياكى ئۆچمە‌نلىك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى باشقۇ‌رۇ‌شىغا يول قويۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏يوھاننىڭ 1-‏خېتى 2:‏15—‏17؛‏ 3:‏15)‏.‏ شۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ش گۇ‌ناھقا باشلالايدۇ.‏ باشقىلار بىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا بىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز چىن قە‌لبىمىزدىن يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رمىساق،‏ ئۇ بۇ‌نى كۆرىدۇ ‏(‏يە‌رە‌مىيا 17:‏9،‏ 10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6.‏ يە‌ھۋا يامان ھە‌ۋە‌سلىرىمىز ئۈستىدىن غە‌لبە قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 بىز ھە‌تتا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا بىزدىن ۋاز كېچىشكە ئالدىرىمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز خە‌تە‌رلىك يولغا قاراپ ماڭساق،‏ ئۇ بىزنى ئۆزى تە‌رە‌پكە چاقىرىدۇ:‏ «مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار ۋە مە‌ن يېنىڭلارغا قايتىمە‌ن» (‏مالاكى 3:‏7)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ بىزنىڭ بېلىمىزنى بوشاتماي يامانلىققا قارشى تۇ‌رىشىمىزنى خالايدۇ (‏يە‌شايا 55:‏7)‏.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۇ بىزگە يامان ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىمىز ئۈستىدىن غە‌لىبە قىلىشقا كېرە‌كلىك كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت ۋە ياردە‌منى بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏يارىتىلىش 4:‏7)‏.‏

ئالدانماڭلار

7.‏ سۇ‌لايمان يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قتىن قانداق ئايرىلغان؟‏

7 سۇ‌لايمان ياش ۋاقتىدا يە‌ھۋا بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولغان ئىدى.‏ يە‌ھۋا سۇ‌لايمانغا دانالىق بېرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا يېرۇ‌سالىمدا مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىنى سېلىش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ سۇ‌لايمان يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىدىن ئايرىلغانىدى (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 3:‏12؛‏ 11:‏1،‏ 2)‏.‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىدا پادىشاھ «ئۆزى تولا خوتۇ‌ن ئالمىسۇ‌ن»،‏ «بولمىسا ئۇ‌نىڭ كۆڭلى بۇ‌زۇ‌لىدۇ»،‏ دە‌پ يېزىلغان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 17:‏17)‏.‏ سۇ‌لايمان بۇ قانۇ‌نغا بويسۇ‌نمىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ 700 ئايال ۋە 300 كېنىزە‌كنى ئالغان (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 11:‏3)‏.‏ بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يات خە‌لقتىن بولۇ‌پ،‏ بۇ‌تلارغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ سۇ‌لايمان يات خە‌لقتىن ئاياللارنى ئېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا قارشى چىققان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 7:‏3،‏ 4)‏.‏

8.‏ سۇ‌لايمان قانداق يامان ئىشلارنى قىلغان؟‏

8 سۇ‌لايمان ئاستا-‏ئاستا يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىنى يوقىتىپ،‏ ئاخىرىدا ناھايىتى رە‌زىل ئىشنى قىلغان.‏ ئۇ ئاشتاروت ۋە كېموش،‏ دېگە‌ن يالغان ئىلاھلارغا قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىلارنى ياساپ،‏ ئاياللىرى بىلە‌ن بۇ ئىلاھلارغا سە‌جدە قىلغان.‏ سۇ‌لايمان شۇ قۇ‌ربانلىق سۇ‌پىلارنى يېرۇ‌سالىمدىكى يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنىڭ قارشى تە‌رىپىدىكى تاغنىڭ ئۈستىگە سالغان!‏ (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 11:‏5—‏8؛‏ پادىشاھلار 2-‏يازما 23:‏13)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سۇ‌لايمان ئىبادە‌تخانىدا قۇ‌ربانلىقلارنى قىلسا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ قىلغان گۇ‌ناھلىرىغا كۆز يۇ‌مىدۇ،‏ دە‌پ ئۆز-‏ئۆزىنى ئالدىغان.‏

9.‏ سۇ‌لايمان خۇ‌دانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شىغا قۇ‌لاق سالمىغاندا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

9 يە‌ھۋا گۇ‌ناھقا ھېچقاچان كۆز يۇ‌ممايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «[سۇ‌لايمان] ئۆز كۆڭلىنى ئۇ‌نىڭدىن ياندۇ‌ردى.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ غە‌زىپى ئۇ‌نىڭغا كە‌لدى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ يە‌ھۋا سۇ‌لايمانغا ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋا «ئۆزىنى ئىككى مە‌رتىۋە ئاشكارە قىلغان.‏.‏.‏ ھە‌م بۇ ئىشلار توغرىسىدىن ئۇ‌نىڭغا:‏ «باشقا تە‌ڭرىلە‌رگە ئە‌گە‌شمىگىن»،‏—‏ دە‌پ ئە‌مىر بە‌رگە‌نىدى.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا بۇ‌يرۇ‌غىنىنى تۇ‌تمىغان ئىدى».‏ نە‌تىجىدە،‏ سۇ‌لايمان خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىدىن ھە‌م ياردىمىدىن ئايرىلغان.‏ يە‌ھۋا سۇ‌لايماننىڭ ئە‌ۋلادلىرى پۈتۈن ئىسرائىل خە‌لقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلمىغان ۋە ئۇ‌لار نە‌چچە يۈز يىل كۆپ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 11:‏9—‏13)‏.‏

10.‏ نېمە بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌ۋېتىشى مۇ‌مكىن؟‏

10 ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌دانىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى چۈشە‌نمە‌يدىغان ۋە ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلىمە‌يدىغانلار بىلە‌ن دوست بولساق،‏ ئۇ‌لار بىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىمىزغا تە‌سىر قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زىدۇ.‏ شۇ‌نداق دوستلار —‏ جامائە‌تتىكى خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغان كىشىلە‌ر ياكى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان،‏ قولۇ‌م-‏قوشنا،‏ خىزمە‌تداش ۋە سىنىپداشلىرىمىز بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشىمايدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزسە‌ك،‏ ئۇ‌لار بىزگە شۇ‌نداق قاتتىق تە‌سىر قىلالايدۇ‌كى،‏ ھە‌تتا بىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى بۇ‌زۇ‌ۋېتىشى مۇ‌مكىن.‏

قېرىنداش ئۇ‌نىڭ دوستلىرى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە يامان تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ

سىز ئارىلىشىدىغان كىشىلە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ دوستلارنى تاللاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏33نى ئوقۇ‌ڭ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بار.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ھە‌مىشە يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ.‏ ئېھتىمال،‏ سىز شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رنى تونۇ‌يدىغانسىز.‏ بۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئارىلىشىش ياخشى دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن نېمە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم؟‏ ئۇ‌لار نېمە ھە‌ققىدە پاراڭلىشىدۇ؟‏ داۋاملىق مودا كىيىم،‏ پۇ‌ل،‏ ئېلېكترونلۇ‌ق قۇ‌رۇ‌لمىلار،‏ ئويۇ‌ن-‏تاماشا ۋە شۇ‌نىڭغا ئوخشاش نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە پاراڭلىشامدۇ؟‏ ئۇ‌لار ھە‌ردائىم باشقىلارنى ئە‌يىبلە‌مدۇ؟‏ ئە‌دە‌بسىز چاقچاقلارنى قىلامدۇ؟‏ ئە‌يسا:‏ «كۆڭۈلدە نېمە بولسا،‏ ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 12:‏34‏،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئارىلىشىۋاتقان ئادە‌ملە‌ر سىزنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە يامان تە‌سىر قىلسا،‏ دە‌رھال ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ!‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە چە‌ك قويۇ‌ڭ،‏ ئە‌گە‌ر زۆرۈر بولسا ئۇ‌لار بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى ئۈزۈڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 13:‏20)‏.‏

يە‌ھۋا بىزنىڭ سادىق بولۇ‌شىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ

12.‏ ئا)‏ ئىسرائىللىقلار مىسىردىن ئازات قىلىنغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا نېمە دېگە‌ن؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا ئىسرائىللىقلارغا سادىق بولۇ‌شنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ‌لار قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

12 يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارنى مىسىردىن ئازات قىلغان ۋە‌قە‌دىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ خە‌لق سىناي تېغىنىڭ ئالدىدا يىغىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئىكە‌نلىكىنى ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى!‏ خە‌لق قارا بۇ‌لۇ‌ت،‏ چاقماق ۋە ئىسنى كۆرۈپ،‏ گۈلدۈرمامىنىڭ ھە‌م كاناينىڭ ئاۋازىدە‌ك قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغان (‏چىقىش 19:‏16—‏19)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ:‏ «مە‌ن سېنىڭ رە‌ببىڭ يە‌ھۋا —‏ مۇ‌تلە‌ق ۋاپالىقنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دېگىنىنى ئاڭلىغان.‏ ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ قانۇ‌نلىرىغا ئىتائە‌ت قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رگە ساداقە‌تمە‌ن بولىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغانىدى ‏(‏چىقىش 20:‏1—‏6نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلارغا،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار ئۇ تە‌رە‌پتە تۇ‌رسا،‏ ئۇ ھە‌م ئۇ‌لار تە‌رە‌پتە تۇ‌رىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئە‌گە‌ر سىز مۇ‌شۇ خە‌لقنىڭ ئارىسىدا بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولاتتىڭىز؟‏ بە‌لكىم،‏ سىزمۇ شۇ ئىسرائىللىقلارغا ئوخشاش:‏ «يە‌ھۋانىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئورۇ‌نلايمىز»،‏—‏ دە‌پ ئېيتارسىز (‏چىقىش 24:‏3)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ ئىسرائىللىقلارنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقى سىنالغان.‏ ئۇ‌لار قانداق سىناققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

13.‏ ئىسرائىللىقلارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى قانداق سىنالغان؟‏

13 ئىسرائىللىقلار خۇ‌دانىڭ ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا كۆرسە‌تكە‌ن كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى كۆرگە‌ندە قورقۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ مۇ‌سا سىناي تېغىغا چىقىپ،‏ خە‌لق ئۈچۈن يە‌ھۋاغا سۆز قىلغان (‏چىقىش 20:‏18—‏21)‏.‏ خە‌لق شۇ‌نچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئۆتسىمۇ،‏ مۇ‌سانىڭ تېخىغىچە تاغدىن چۈشمىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئۆزلىرىنى چۆلدە يولباشچىسىز قالىدىغاندە‌ك سە‌زگە‌ن ئوخشايدۇ.‏ ئۇ‌لار نېمە ئىش قىلغان؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار ئىنسانىي يولباشچىسى مۇ‌ساغا ھە‌ددىدىن زىيادە تايانغاچقا،‏ قاتتىق ئە‌نسىرە‌پ،‏ ھارۇ‌نغا:‏ «تۇ‌رۇ‌ڭ!‏ بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇ‌ت ياساپ بېرىڭ!‏ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇ‌سانىڭ نېمە بولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى بىلە‌لمىدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن (‏چىقىش 32:‏1،‏ 2،‏ ئۇ‌م‌ك‌ج)‏.‏

14.‏ ئىسرائىللىقلار ئۆزىنى قانداق ئالدىغان ۋە يە‌ھۋا نېمە ئىش قىلغان؟‏

14 ئىسرائىللىقلار بۇ‌تلارغا سە‌جدە قىلىشنىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏چىقىش 20:‏3—‏5)‏.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار تېزلا ئالتۇ‌ن موزايغا سە‌جدە قىلىپ كە‌تكە‌ن!‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نمىغاندىمۇ،‏ ئۆزلىرىنى يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ۋاتىمىز دە‌پ ئالدىغان.‏ ھارۇ‌ن موزايغا سە‌جدە قىلىشنى يە‌ھۋاغا بېغىشلانغان بايرام دە‌پ ئاتىغان.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا نېمە ئىش قىلغان؟‏ ئۇ مۇ‌ساغا خە‌لق «يىرگىنىچلىك ئىش قىلدى» ۋە «ئۇ‌لارغا بۇ‌يرىغان يولدىن قانچىلىك چاپسان ئۇ‌لار چە‌تنە‌پ كە‌تكە‌ن» دېگە‌ن.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نچىلىك قاتتىق غە‌زە‌پلە‌نگە‌نكى،‏ ھە‌تتا ئۇ پۈتكۈل خە‌لقنى يوق قىلىشنى ئويلىغان (‏چىقىش 32:‏5—‏10)‏.‏

ئىسرائىللىقلارغا خۇ‌دا ئۆزى تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگە‌ن

15،‏ 16.‏ مۇ‌سا بىلە‌ن ھارۇ‌ن يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

15 يە‌ھۋا —‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ خە‌لقنى ھالاك قىلماسلىقنى قارار قىلغان.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئىسرائىللىقلارغا خۇ‌دا ئۆزى تە‌رە‌پتە بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگە‌ن (‏چىقىش 32:‏14)‏.‏ مۇ‌سا خە‌لقنىڭ بۇ‌تنىڭ ئالدىدا ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە ۋە ۋاقىراپ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئالتۇ‌ن موزاينى ئوتتا كۆيدۈرۈپ،‏ ئۇ‌ندە‌ك ئېزىۋە‌تكە‌ن.‏ كېيىن،‏ مۇ‌سا يۇ‌قىرى ئاۋازدا:‏ «كىم يە‌ھۋانىڭ تە‌رىپىدە؟‏ ماڭا كېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى.‏ لاۋىي ئوغۇ‌للىرىنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌نىڭ قېشىغا يىغىلغان (‏چىقىش 32:‏17—‏20،‏ 26)‏.‏

16 ھارۇ‌ن ئالتۇ‌ن موزاينى ياسىغان بولسىمۇ،‏ باشقا لاۋىيلاردە‌ك توۋا قىلىپ،‏ يە‌ھۋا تە‌رە‌پكە ئۆتكە‌ن.‏ بۇ سادىق كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ گۇ‌ناھكارلار تە‌رە‌پتە ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ بۇ دانا قارار بولغان،‏ سە‌ۋە‌بى شۇ كۈنى ئالتۇ‌ن موزايغا سە‌جدە قىلغان نە‌چچە مىڭ ئادە‌م ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە بولغانلار ئامان قالغان ۋە خۇ‌دا ئۇ‌لارغا بە‌رىكە‌ت بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏چىقىش 32:‏27—‏29)‏.‏

17.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئالتۇ‌ن موزاي ھە‌ققىدە يازغانلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

17 بىز بۇ ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «بىز ئۇ‌لاردە‌ك يامانلىقنى خالىماسلىقىمىز ئۈچۈن،‏ بۇ بىزگە مىسال بولۇ‌پ قالدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ «بۇ‌نىڭ ھە‌ممىسى.‏.‏.‏ بىز ئۈچۈن مىساللاردە‌ك ئە‌سكە‌رتمە رېتىدە يېزىلغانلىقىنى» ئېيتقان.‏ كېيىن:‏ «كىم تۇ‌رىمە‌ن دە‌پ ئويلىسا،‏ يىقىلىپ كېتىشىدىن بايقىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئە‌سكە‌رتكە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏6،‏ 7،‏ 11،‏ 12)‏.‏ پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىمۇ يامان ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا بىزنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ دە‌پ ئويلىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بىر كىشى خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالايمە‌ن ياكى مە‌ن خۇ‌داغا سادىق دە‌پ ئېيتسىلا،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏1—‏5)‏.‏

18.‏ نېمە ئىش بىزنىڭ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىمىزغا سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە بۇ قانداق ئاقىۋە‌تكە ئېلىپ بارىدۇ؟‏

18 مۇ‌سانىڭ تاغدىن ئۆزلىرى كۈتكە‌ن ۋاقىتتا چۈشمىگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ خە‌لق ئە‌نسىرە‌شكە باشلىغانىدى.‏ زاماننىڭ ئاخىرى ئۆزۈمىز كۈتكە‌ن ۋاقىتتا كە‌لمىسە،‏ بىزمۇ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىلىرى پات-‏ئارىدا ئە‌مە‌لگە ئاشمايدۇ ياكى بۇ بىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت ئارزۇ-‏ئارمان دە‌پ ئويلاپ،‏ دىققىتىمىزنى يە‌ھۋانىڭ خالىغىنىغا ئە‌مە‌س،‏ ئۆزۈمىزنىڭ خالىغىنىغا قارىتىشنى باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر پە‌خە‌س بولمىساق،‏ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىپ،‏ بىز ھېچقاچان قىلىشنى ئويلىمىغان يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇ‌مىز.‏

19.‏ بىز ھە‌رقاچان نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

19 يە‌ھۋا بىزنىڭ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغىلا پۈتۈنلە‌ي بويسۇ‌نۇ‌شىمىزنى ۋە ئىبادە‌ت قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ (‏چىقىش 20:‏5)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ سە‌ۋە‌بى ئۇ بىزنى سۆيىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىمىساق،‏ شە‌يتاننىڭ كۈتكىنىنى قىلىمىز ۋە بۇ بىزنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋە‌تكە ئېلىپ بارىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌س:‏ «يە‌ھۋانىڭ قاچىسىدىن ھە‌م جىنلارنىڭ قاچىسىدىن ئىچە‌لمە‌يسىلە‌ر،‏ «يە‌ھۋانىڭ داستىخىنىدىن» ھە‌م جىنلارنىڭ داستىخىنىدىن يە‌لە‌لمە‌يسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏21)‏.‏

يە‌ھۋاغا چىڭ چاپلىشىڭ!‏

20.‏ بىز خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ندە يە‌ھۋا بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌يلە‌يدۇ؟‏

20 قابىل،‏ سۇ‌لايمان ۋە ئىسرائىللىقلارنىڭ توۋا قىلىش ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى ئۆزگە‌رتىش پۇ‌رسىتى بولغان‌ى (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19)‏.‏ يە‌ھۋا خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن ئادە‌مدىن دە‌رھال ۋاز كە‌چمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھارۇ‌ننىڭ مىسالىنى ئالساق،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى كە‌چۈرگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزنى يامان ئىشلاردىن ساقلاش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ماتېرىياللار ۋە قېرىنداشلار ئارقىلىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شلىرىغا دىققىتىمىزنى قاراتساق،‏ ئۇ بىزگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز.‏

21.‏ بىزنىڭ سادىقلىقىمىز سىنالغاندا نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

21 يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى بار (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 6:‏1)‏.‏ بۇ بىزگە «رە‌زىللىكنى ۋە بۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ۋە‌سلىرىنى رە‌ت قىلىشقا» پۇ‌رسە‌ت بېرىدۇ ‏(‏تىتقا 2:‏11—‏14نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ دۇ‌نيادا يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىمىز ھە‌ردائىم سىنىلىدۇ.‏ خۇ‌دا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌شقا ۋە ئۇ‌نىڭدىن «قورقۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆزىگە چاپلىشىشقا» بە‌ل باغلاڭ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 10:‏20)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ش.‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رنىڭ بىرلا تاللىشى بار:‏ خۇ‌دانى ياكى شە‌يتاننى قوللاش.‏ بىز يە‌ھۋانى سۆيۈش ۋە قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىقلا ئۇ تە‌رە‌پتە تۇ‌رالايمىز.‏ يە‌نە بىز چوقۇ‌م شە‌يتاننى ئۆچ كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى رە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش