كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 24-‏دە‌رس
  • پە‌رىشتىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • پە‌رىشتىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ياخشى ۋە ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • شە‌يتانغا ۋە ئۇ‌نىڭ ھىيلە-‏مىكىرلىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن رە‌زىل روھلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • دۈشمىنىڭىزنى ياخشى بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 24-‏دە‌رس
24-‏دە‌رس.‏ بىر پە‌رىشتىنىڭ ھە‌يكىلى.‏

24-‏دە‌رس

پە‌رىشتىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

ياراتقۇ‌چى بىزنىڭ ئاسماندىكى ئۆز ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرى ھە‌ققىدە بىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئاشۇ چوڭ ئائىلىدە نۇ‌رغۇ‌ن پە‌رىشتىلە‌ر بار.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى دە‌پ ئاتىلىدۇ (‏ئايۇ‌پ 38:‏7)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پە‌رىشتىلە‌ر ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسانلارغا قانداق تە‌سىر كۆرسىتىدۇ؟‏ بارلىق پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرىمۇ؟‏

1.‏ پە‌رىشتىلە‌ر كىملە‌ر؟‏

تە‌ڭرى يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىنى يارىتىشتىن بۇ‌رۇ‌ن پە‌رىشتىلە‌رنى ياراتقان ئىدى.‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش،‏ پە‌رىشتىلە‌رمۇ ئاسماندا ياشايدىغان كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان روھىي شە‌خسلە‌ر (‏ئىبرانىيلار 1:‏14)‏.‏ مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌ر بار.‏ بىراق،‏ ھە‌ربىرى ئۆزگىچە بولۇ‌پ،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى بىر-‏بىرىگە ئوخشىمايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏11)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏20)‏.‏ قە‌دىمكى زاماندا،‏ يە‌ھۋا بە‌زىدە خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش ياكى ئۆز خە‌لقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ۋە قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە پە‌رىشتىلە‌ر بىزنىڭ خۇ‌دانى تونۇ‌شنى خالايدىغانلارنى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

2.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى كىملە‌ر؟‏

بە‌زى پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌داغا سادىق قالالمىغان.‏ يە‌ھۋاغا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ن تۇ‌نجى پە‌رىشتە چوڭ ئە‌جدىھا،‏ يە‌نى ئىبلىس ياكى شە‌يتان دە‌پ ئاتالغان پۈتۈن دۇ‌نيانى ئازدۇ‌رغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9)‏.‏ شە‌يتان باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمران بولۇ‌شنى خالىغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنى،‏ كېيىنرە‌ك ھە‌تتا باشقا پە‌رىشتىلە‌رنىمۇ ئۆزى بىلە‌ن بىرلىكتە خۇ‌داغا ئىسىيان كۆتۈرۈشكە ئازدۇ‌رغان.‏ ئاشۇ ئاسىيلىق قىلغان پە‌رىشتىلە‌ر جىنلار دە‌پ ئاتالغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە قوغلاپ چۈشە‌رگە‌ن ۋە پات-‏ئارىدا ئۇ‌لارنى يوق قىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى بىزنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏

شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى جىنكە‌شلىك ئارقىلىق نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رىدۇ.‏ جىنكە‌شلىك بولسا جىنلار بىلە‌ن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئالاقە قىلىشتۇ‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار يۇ‌لتۇ‌زلارغا قاراش،‏ پال ئېچىش ياكى داخانلىق قىلىشتە‌ك ئۇ‌سۇ‌للارنى ئىشلىتىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر كېسە‌ل داۋالىتىش ئۈچۈن جىنكە‌شلىك قىلىدىغانلارغا بارىدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىشكە بولىدۇ،‏ دە‌پ كىشىلە‌رنى ئالدايدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ داخانلاردىن ياردە‌م سوراشتىن ۋە پالچىلاردىن مە‌سلىھە‌ت ئېلىشتىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏لاۋىيلار 19:‏31)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز دۈشمە‌نلىرى بولغان شە‌يتان ۋە جىنلارنىڭ بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلماقچى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنى شۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

پە‌رىشتىلە‌ر قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏ جىنكە‌شلىكنىڭ قانداق خە‌تىرى بار؟‏ قانداق قىلىپ ئۆزۈمىزنى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىدىن قوغدىيالايمىز؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى بىلىۋېلىڭ.‏

بىر پە‌رىشتە ئىككى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنىڭ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلىشىغا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

4.‏ پە‌رىشتىلە‌ر كىشىلە‌رنىڭ يە‌ھۋانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ

خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرى كىشىلە‌رگە بىۋاسىتە ۋە‌ز ئېيتمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىدە پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌شنى خالايدىغانلارنى تېپىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ۋە‌ز خىزمىتىدە نېمە ئۈچۈن بىز پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ياردىمىگە مۇ‌ھتاج؟‏

  • ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌شنى خالايدىغانلارنى تېپىشىڭىزغا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش سىزنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى نە‌رسىلە‌ر.‏ مە‌سىلە‌ن.‏ كرىستال شارى،‏ قان شورىغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى بىر كىتاب،‏ پال ئېچىش كارتىلىرى،‏ قونچاق،‏ ئىسرىقلار،‏ تۇ‌مار،‏ كۆز-‏مۇ‌نچاق.‏

5.‏ جىنكە‌شلىكتىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ

شە‌يتان ۋە جىنلار ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ دۈشمە‌نلىرى.‏ ئۇ‌لار بىزنىڭمۇ دۈشمە‌نلىرىمىز.‏ لۇ‌قا 9:‏38–‏42-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • جىنلار ئادە‌ملە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

جىنلار بىزگە تە‌سىر قىلىشىنى خالىمايمىز.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • جىنلار قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن،‏ بىزگە تە‌سىر قىلىشقا ۋە بىز بىلە‌ن ئالاقە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ؟‏ سىز ياشاۋاتقان جايدا كىشىلە‌ر جىنكە‌شلىك بىلە‌ن باغلىنىشلىق قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟‏

  • يە‌ھۋا جىنكە‌شلىك بىلە‌ن باغلىنىشلىق بارلىق بار ئىشلارنى چە‌كلە‌يدۇ.‏ سىزنىڭچە،‏ بۇ ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىقمۇ؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىڭ.‏

فىلىم:‏ «شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭلار» (‏02:‏5)‏

  • سىزنىڭچە،‏ پالېسا قىزىغا تاقىغان تۇ‌مار زىيانلىقمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن زىيانلىق؟‏

  • پالېسا جىنلارنىڭ زىيانكە‌شلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دائىم جىنلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌لچىلە‌ر 19:‏19 ۋە 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن سىزدە جىنكە‌شلىك بىلە‌ن باغلىنىشى بار نە‌رسىلە‌ر بولسا،‏ ئۇ‌لارنى يوق قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

بىر ئايال جىنكە‌شلىك بىلە‌ن باغلىنىشلىق ھە‌ممە نە‌رسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىۋاتىدۇ.‏

6.‏ شە‌يتان ۋە جىنلارغا قارشى جە‌ڭدە غە‌لبە قىلىڭ

جىنلارنى شە‌يتان باشقۇ‌رىدۇ.‏ بىراق،‏ سادىق پە‌رىشتىلە‌رنى باش پە‌رىشتە مىكائىل باشقۇ‌رىدۇ.‏ مىكائىل ئە‌يسانىڭ باشقا بىر ئىسىمى.‏ مىكائىلنىڭ قانچىلىك كۈچ-‏قۇ‌درىتى بار؟‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏7–‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • كىم كۈچلۈكرە‌ك؟‏ مىكائىل ۋە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىلىرىمۇ ياكى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىمۇ؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرىدىن قورقۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏

سىز شە‌يتان ۋە جىنلارغا قارشى جە‌ڭدە غە‌لبە قىلالايسىز.‏ ياقۇ‌پ 4:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • شە‌يتان ۋە جىنلاردىن ئۆزىڭىزنى قانداق قوغدىيالايسىز؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «جىنكە‌شلىك ھە‌ققىدىكى فىلىملە‌رنى ياكى ئويۇ‌نلارنى ئويناش خاتا ئە‌مە‌س.‏ ئۇ پە‌قە‌ت كۆڭۈل ئېچىش».‏

  • نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌ش بە‌ك خە‌تە‌رلىك؟‏

خۇ‌لاسە

ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى يە‌ھۋانىڭ دۈشمە‌نلىرى.‏ ئۇ‌لار جىنكە‌شلىك ئارقىلىق كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • پە‌رىشتىلە‌ر كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى كىملە‌ر؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ نېمە ئۈچۈن جىنكە‌شلىكتىن قە‌تئىي يىراق تۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانى باش پە‌رىشتە مىكائىل دە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«باش پە‌رىشتە مىكائىل كىم؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

شە‌يتان قە‌لبىمىزدىكى يامان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ياكى ناچار ئىللە‌تلە‌ر ئە‌مە‌سلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«بۇ دۇ‌نيادا راستلا شە‌يتان بارمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

بىر ئايال جىنلارنىڭ تە‌سىرىدىن قانداق قۇ‌تۇ‌لغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئۇ ھاياتنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى تاپقان»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 1993-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش