19-دەرس
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە، بىز ئۆزۈمىزنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. نېمە ئۈچۈن؟ بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىش ئۈچۈن، ئىمان-ئېتىقادىمىز نېمىگە ئاساسلانغان؟ نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتىلىمىز؟ بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتىمىز؟ دېگەن ئۈچ سوئالنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
1. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئىمان-ئېتىقادى نېمىگە ئاساسلانغان؟
ئەيسا شۇنداق دېگەن: «سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقىقەتتۇر» (يۇھاننا 17:17). خۇددى ئەيساغا ئوخشاش، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ دىنىي تەلىملىرى ھەردائىم خۇدا سۆزىگە ئاساسلىنىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارىخىغا قاراپ باقايلى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، بىر توپ سەمىمىي كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنىڭ چىركاۋنىڭ تەلىملىرىدىن كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرگە ئاساسلانغان. كۆپ ئۆتمەي، ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتىشقا باشلىغانa.
2. نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتىلىمىز؟
يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنى گۇۋاھچىلىرىم دەپ ئاتىغان. سەۋەبى، ئۇلار ئۇ توغرۇلۇق ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتىدۇ (ئىبرانىيلار 11:4–12:1). مەسىلەن، قەدىمكى زاماندا خۇدا ئۆز خەلقىگە: «سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم»،— دېگەن (يەشايا 43:10-نى ئوقۇڭ). مۇقەددەس كىتابتا، ئەيسامۇ «سادىق گۇۋاھچى» دەپ ئاتالغان (ۋەھىيلەر 1:5). 1931-يىلدىن بۇيان، بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز بۇ نام بىلەن ئاتالغىنىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز.
3. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە، ئەيسا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلىدۇ؟
ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى شۇنچە سۆيگەنكى، ئۇلارنى ئۆز ئائىلە ئەزاسىدەك كۆرگەن (ماركۇس 3:35-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىر ئائىلىدەك ئىتتىپاقلاشقان. شۇ سەۋەب، بىز بىر-بىرىمىزنى قېرىندىشىم، دەپ ئاتايمىز (فىلىمۇن 1، 2). بىز يەنە خۇدانىڭ، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنىمىز (1-پېترۇس 2:17). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تۈرلۈك يوللار بىلەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۇلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ياردەمگە مۇھتاج بولغان قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. ئۇلار ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قانداق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈڭ.
ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دىنىي تەلىملىرى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ۋە ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىدۇ
4. دىنىي تەلىملىرىمىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان
يەھۋا مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنىڭ ئاخىرقى كۈنلەردە تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارە بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتقان. دانىيال 12:4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
خۇدانىڭ خەلقى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغانسېرى، ئۇلاردا نېمە مول بولىدۇ؟
چارلىز راسسېل ۋە مۇقەددەس كىتابنى ياخشى كۆرگەن باشقا كىشىلەرنىڭ بىرلىكتە خۇدا سۆزىنى قانداق تەتقىق قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. فىلىمنى كۆرۈپ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
فىلىمدە كۆرسىتىلگەندەك، چارلىز راسسېل ۋە باشقىلار مۇقەددەس كىتابنى قانداق تەتقىق قىلغان؟
سىز بىلەمسىز؟
بەزى چاغلاردا، مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى تەلىملەر يېڭىدىن چۈشەندۈرۈلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ خۇددى قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتىرىلىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنزىرە ئاستا-ئاستا ئېنىق كۆرۈنگەندەك، خۇدامۇ ئۆز خەلقىگە ھەقىقەتنى ئاستا-ئاستا ئاشكارىلايدۇ (پەندى-نەسىھەت 4:18-نى ئوقۇڭ). گەرچە مۇقەددەس كىتاب ئۆزگەرمىسىمۇ، بىراق بىز مۇقەددەس كىتابنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق تەتقىق قىلغانسېرى، يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىمىز.
5. بىز ئىسىمىمىزغا ماس ياشايمىز
نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتىلىمىز؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئورۇنلۇق؟
نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆزى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر توپ ئادەملەرنى تاللىغان؟ سەۋەبى، خۇدا توغرۇلۇق تۈرلۈك يالغانچىلىقلار تارقالغاچ، ئۇلار يەھۋانىڭ ھەق خۇدا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ھازىر شۇ يالغانچىلىقلارنىڭ ئىككىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
بەزى دىنلار خۇدا ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بۇتلارنى ئىشلىتىشىنى خالايدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟ لاۋىيلار 26:1-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
ئوقۇلغان ئايەتكە ئاساسلانغاندا، يەھۋا بۇتلارغا قانداق كۆزقاراشتا؟
بەزى دىنىي ئۇستازلار ئەيسانى خۇدا دەپ ئۆگىتىدۇ. ئەمما بۇ توغرىمۇ؟ يۇھاننا 20:17-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئوقۇلغان ئايەتكە ئاساسلانغاندا، خۇدا ۋە ئەيسا بىر شەخسمۇ؟
يەھۋا ئۆزى ۋە ئوغلى ھەققىدە ھەقىقەتنى ئۆگىنىشىڭىز ئۈچۈن، سىزگە ئۆز گۇۋاھچىلىرىنى ئەۋەتتى. بۇنى بىلگىنىڭىزدە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟
6. بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىمىز
مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىر تەننى تەشكىل قىلىدىغان تۈرلۈك ئەزالار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان. 1-كورىنتلىقلار 12:25، 26-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
مەسىھنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى بىلگەندە چوقۇم نېمە قىلىشى كېرەك؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەمدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، باشقا جايدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلار دەرھال ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى تەبىئىي ئاپەتتىن كېيىن قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن؟
ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يېقىندا پەيدا بولغان يېڭى بىر دىن».
يەھۋا خۇدا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنى قاچاندىن باشلاپ گۇۋاھچىلىرىم دەپ ئاتىغان؟
خۇلاسە
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىدۇر. بىز خەلقئارالىق چوڭ بىر ئائىلە. بىزنىڭ دىنىي تەلىملىرىمىز مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ۋە باشقىلارغا يەھۋا توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئېيتىمىز.
تەكرارلاش
نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دەپ ئاتىلىمىز؟
بىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەتنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
سىزنىڭچە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىمۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
تارىخىمىز ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ساختا تەلىملەرنى قانداق ئاشكارە قىلغانلىقىنىڭ بىر مىسالىنى كۆرۈڭ.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب تېپىڭ.
«يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە كۆپ سورالغان سوئاللار» (تور بېكەتتىكى سەھىپە)
ستېۋىن باشقا ئىرقتىكى كىشىلەرنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدا نېمىنى كۆرگەن ۋە بۇ ئۇنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قانداق تەسىر قىلغان؟
«ھاياتىم كۈندىن-كۈنگە يامانلاشتى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 1-ئىيۇل)
a يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 1879-يىلدىن بۇيان، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ژۇرنال ئارقىلىق، ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ.