كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 20-‏دە‌رس
  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏
    بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 20-‏دە‌رس
20-‏دە‌رس.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ بىر جامائە‌ت يىغىلىشىدا بىر بۇ‌رادە‌ر سوئال سوراۋاتىدۇ.‏ باشقا قېرىنداشلار بولسا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈۋاتىدۇ.‏

20-‏دە‌رس

جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

يە‌ھۋا تە‌رتىپلىك خۇ‌دادۇ‌ر (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۆز خە‌لقىنىڭمۇ تە‌رتىپلىك بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائىتى قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏ جامائە‌تنىڭ تە‌رتىپلىك بولۇ‌شىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قانداق قوشالايمىز؟‏

1.‏ جامائە‌تنىڭ بېشى كىم؟‏

مە‌سىھ جامائە‌تنىڭ بېشىدۇ‌ر (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23)‏.‏ مە‌سىھ ئاسماندىن يە‌ر يۈزىدىكى يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىنىڭ ئىش-‏پائالىيىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا سادىق ھە‌م ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنى تە‌يىنلىگە‌ن.‏ بۇ قۇ‌ل بىر توپ تە‌جرىبىلىك ئاقساقاللاردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش دە‌پ ئاتىلىدۇ تاپقان (‏مە‌تتا 24:‏45–‏47‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللارغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە يېتە‌كچى كېڭە‌ش دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى جامائە‌تلە‌رگە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏2)‏.‏ بىراق،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىزنى باشقۇ‌رىدىغان رە‌ھبە‌رلە‌ر ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرىنى نېمە قىلىشقا يېتە‌كلە‌يدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئە‌يسانىڭ باشچىلىقىغا بويسۇ‌نىدۇ.‏

2.‏ ئاقساقاللار كىملە‌ر ۋە ئۇ‌لار جامائە‌تتە نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

ئاقساقاللار —‏ جامائە‌تتىكى ئىمان-‏ئېتىقادتا يېتىلگە‌ن تە‌جرىبىلىك ئە‌رلە‌ر.‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌لىملە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار پادىچىلار سۈپىتىدە،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە تە‌سە‌للى ۋە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار قىلغان ئىشلىرىغا مائاش ئالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت كۆزلە‌پ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌ندايدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1،‏ 2)‏.‏ جامائە‌تتە ئاقساقاللارغا ياردە‌م بېرىدىغان ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر بار.‏ ئۇ‌لار بىر مە‌زگىل خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىن،‏ تە‌لە‌پلە‌رگە ماس كە‌لسە،‏ ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌ش بە‌زى ئاقساقاللارنى رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال سۈپىتىدە خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌يىنلە‌يدۇ.‏ شۇ زىيارە‌ت خىزمىتىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ن ئاقساقاللار جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ،‏ كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ ۋە قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لە‌پلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تتە ئاقساقاللارنى ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌رنى تە‌يىنلە‌يدۇ.‏—‏1-‏تىموتىي 3:‏1–‏10،‏ 12؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5–‏9.‏

3.‏ ھە‌ربىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنىڭ جامائە‌تتە قانداق رولى بار؟‏

بارلىق قېرىنداشلار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە شارائىتىگە قاراپ كىشىلە‌رگە ۋە‌ز ئېيتىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 148:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ئە‌يسا جامائە‌تكە قانداق باشچىلىق قىلىدۇ؟‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏ بىز ئە‌يسا ۋە ئاقساقاللار بىلە‌ن قانداق ھە‌مكارلىشالايمىز؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋابلارنى بىلىۋېلىڭ.‏

4.‏ ئە‌يسا مېھرىبان يولباشچى بولغان

ئە‌يسا مېھرىبانلىق بىلە‌ن،‏ بىزنى ئۇ‌نىڭ يولباشچىلىقىغا ئە‌گىشىشكە چاقىرغان.‏ مە‌تتا 11:‏28–‏30‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسا قانداق يولباشچى بولغان؟‏ ئۇ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنىڭ قانداق ھېس قىلىشىنى خالايدۇ؟‏

ئاقساقاللار ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

فىلىم:‏ «نېپالدىكى يە‌ر تە‌ۋرە‌ش —‏ ئاقساقاللار ياردە‌مگە ئاتلاندى» (‏56:‏4)‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاقساقاللارنىڭ ئۆز ۋە‌زىپىلىرىنى قانداق ئورۇ‌نلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.‏

يە‌شايا 32:‏2؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئاقساقاللار ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ باشقىلارغا تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

  • ئاقساقاللار ئۆز ۋە‌زىپىسىنى ئورۇ‌نلىغاندا،‏ ئە‌يسانى يە‌نە قانداق ئۈلگە قىلالايدۇ؟‏

5.‏ ئاقساقاللار قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۈلگە

ئە‌يسا ئاقساقاللارنىڭ ئۆز ۋە‌زىپىسىگە قانداق كۆزقاراشتا بولۇ‌شىنى خالايدۇ؟‏ فىلىم‌نى كۆرۈڭ‏.‏

فىلىم:‏ «ئاقساقاللار،‏ يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستۈڭلارغا ئېلىڭلار!‏» (‏39:‏7)‏

ئە‌يسا جامائە‌تتە يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ مە‌تتا 23:‏8–‏12‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغاندا،‏ ئاقساقاللار چوقۇ‌م قانداق بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ سىزنىڭچە،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان دىنىي ئۇ‌ستازلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغانلارغا ئە‌مە‌ل قىلامدۇ؟‏

كوللاژ:‏ بىر ئاقساقال ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.‏ 1.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شتىن ئاۋۋال دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئايالى بىلە‌ن بىرلىكتە قىزىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ شۇ ئە‌ر-‏ئايال دوختۇ‌رخانىدا ياتقان ئېتىقادچى قېرىنداشنى يوقلاۋاتىدۇ.‏ 2.‏ شۇ ئاقساقال بىر كىشىگە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ كوللاژ:‏ 1.‏ شۇ ئاقساقال جامائە‌ت يىغىلىشىدا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتىدۇ.‏2.‏ ئۇ يىغىلىش زالىنى تازىلاۋاتىدۇ.‏
  1. ‏(‏1)‏ ئاقساقاللار ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى كۈچلۈك ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ

  2. ‏(‏2)‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىكى بارلىق كىشىلە‌رگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

  3. ‏(‏3)‏ ئاقساقاللار دائىم ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ

  4. ‏(‏4)‏ ئاقساقاللار پە‌قە‌ت تە‌لىم بېرىپلا قالماي،‏ سۈپۈرۈپ-‏تازىلاش ئىشلىرىغا ئوخشاش باشقا ئىشلارغىمۇ قاتنىشىدۇ

6.‏ بىز ئاقساقاللار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشالايمىز

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاقساقاللار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشنىڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى يېزىلغان.‏ ئىبرانىيلار 13:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن جامائە‌تتە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان؟‏

لۇ‌قا 16:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن قارىماققا مۇ‌ھىم كۆرۈنمىگە‌ن ئىشلاردىمۇ ئاقساقاللارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «باشقىلارغا قوشۇ‌لۇ‌پ ئىبادە‌ت قىلمىساممۇ،‏ خۇ‌داغا قانداق ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمە‌ن».‏

  • سىزنىڭچە،‏ جامائە‌ت بىلە‌ن بىرلىكتە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟‏

خۇ‌لاسە

ئە‌يسا جامائە‌تنىڭ بېشى.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ باشچىلىقىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ جامائە‌تتە بىزگە تە‌سە‌للى بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە بىزگە ئۈلگە بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • جامائە‌تنىڭ بېشى كىم؟‏

  • ئاقساقاللار جامائە‌تتە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  • ھە‌ربىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنىڭ جامائە‌تتە قانداق رولى بار؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يېتە‌كچى كېڭە‌ش ۋە باشقا ئاقساقاللار ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغان ۋاقىتتا بىرلىكنى ساقلاش»‏ (‏22:‏4)‏

رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ قانداق خىزمە‌تنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ زىيارە‌ت خىزمىتى»‏ (‏51:‏4)‏

جامائە‌تتە ئاياللارنىڭ قانداق رولى بار ئىكە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاياللارنىڭ ۋە‌زىپىسى بارمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2012-‏يىل،‏ 1-‏سېنتە‌بىر)‏

ئاقساقاللارنىڭ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ خىزمە‌ت قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئاقساقاللار خۇ‌شاللىقىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2013-‏يىل،‏ 15-‏يانۋار)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش