سىز بىلەمسىز؟
1-ئەسىردە روھانىيلار ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلغان چارۋا-ماللارنىڭ قېنىنى قەيەرگە تۆككەن؟
ئىسرائىلدا روھانىيلار ھەر يىلى مىڭلىغان جانىۋارلارنى قۇربانلىققا سۇناتتى. بىرىنچى ئەسىردىكى يەھۇدىي تارىخشۇناس جوسېفوس فلاۋىيىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا روھانىيلار 250 000ـدىن كۆپرەك قوزىلارنى سويغان (لاۋى. 1:10، 11؛ سانلار 28:16، 19). شۇ چاغدا، چارۋا-ماللارنىڭ قانلىرى سۇدەك ئاققان. روھانىيلار شۇ قانلارنى قەيەرگە تۆككەن؟
ئارخېئولوگلار مىلادى 70-يىلى خانىۋەيران قىلىنغان ھىرودنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كەڭ كۆلەملىك كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش سىستېمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىدىن قانلار ئېقىپ كېتىدىغان سۇ يوللىرىنى تاپقان.
قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكىزە تۇتۇشقا ياردەم بەرگەن ئىككى نەرسىنى كۆرۈپ چىقايلى:
قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكلەر: مىشناa كىتابىدا يېزىلغاندەك، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ غەربىي-جەنۇب بۇلۇڭىدا ئىككى تۆشۈك بولغان. . . . غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلەردىكى قانلار ئاشۇ ئىككى تۈشۈككە ئېقىپ كىرىپ، سۇ يوللىرىدا قوشۇلۇپ، كىدرون ۋادىسىغا ئېقىپ كېتەتتى.
ئارخېئولوگلار بۇ كونا كىتابتا يېزىلغان سۆزلەرگە قوشۇلىدۇ. بىر ئېنسىكلوپېدىيىدە مۇنداق يېزىلغان: «بۇ سۇ چىقىرىش سىستېمىسى ئىبادەتخانىدىن قۇربانلىق قانلىرىغا ئارىلاشقان سۇنى سىرتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن» (The Cambridge History of Judaism).
مول سۇ مەنبەسى: روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋە قان ئاققۇزۇۋېتىدىغان ئېرىقنى پاكىزە تاشلاش ئۈچۈن بەك كۆپ پاكىز سۇغا ئېھتىياجلىق بولغان. يېرۇسالېم شەھىرىدە پاكىزە سۇ مەنبەسى مول بولۇپ، قاناللار، ئېرىق-ئۆستەڭلەر، قۇدۇقلار ۋە كۆلچەكلەردىكى سۇلار قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتكۈزۈلگەن ئىدى. ئارخېئولوگ جوسېف پاترىك مۇنداق دېگەن: «ئىبادەتخانىنى پاكىزە تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان ئىنتايىن مۇرەككەپ تەمىنلەش سىستېمىسى ناھايىتى ئالاھىدە لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئەينى زاماندا ئۆزگىچە تەڭداشسىز بىر قۇرۇلۇش ئىدى».
a مىشنا ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب قىلىپ يېزىلغان يەھۇدىيلارنىڭ ئاغىزاكى يەتكۈزۈلگەن قانۇن-قائىدىلەر توپلىمى.