22-تەتقىق ماقالىسى
5-ناخشا مەسىھ ئۈلگىمىز
يەھۋانىڭ ئىسىمى ئەيسا ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولغان؟
«سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلارغا بىلدۈردۈم، يەنە داۋاملىق بىلدۈرىمەن».—يۇھاننا 17:26.
مەركىزى ئىدىيە
ئەيسانىڭ باشقىلارغا خۇدانىڭ ئىسىمىنى قانداق بىلدۈرگەنلىكى ۋە شۇ ئىسىمغا چۈشۈرۈلگەن داغ تازلىنىپ، يەھۋانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس بولۇشتا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.
1، 2 .(1) ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ئەيسا نېمە دېگەن؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
مىلادى 33-يىل، 14-نىسان، پەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، ئەيسا ئۆزىنىڭ سادىق ئەلچىلىرى بىلەن بىر ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى تاماققا ئېغىز تەگكۈزگەن ئىدى. ئۇ يېقىندا بىرىنىڭ ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى، ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلىدىغانلىقى، ئاخىرىدا ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇڭا، كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئېيتقان. ئۇلار ئاشۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئەيسا ناھايىتى مۇھىم بىر دۇئانى قىلغان. يۇھاننا كىتابى 17-بابتىن بۇ دۇئانى تېپىشقا بولىدۇ.
2 بۇ ماقالىدە، بىز ئەيسانىڭ دۇئاسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ئەيسا ھاياتىنى پىدا قىلشتىن ئاۋۋال، نېمىدىن ئەنسىرىگەن؟ ئۇ يەر يۈزىدە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاۋاتقان چاغدا، نېمىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن؟ كېلىڭلار، بۇ سوئاللارغا جاۋاب تاپايلى.
«سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلارغا بىلدۈردۈم»
3 .ئەيسا نېمىنى نەزەردە تۇتۇپ، «سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلار بىلدۈردۈم» دېگەن ئىدى؟ (يۇھاننا 17:6، 26)
3 ئەيسا مەسىھ يەھۋاغا مۇنداق دۇئا قىلغان: «سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلار بىلدۈردۈم». ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىشنى ئەيسا شۇ كۈنى كەچتە ئىككى قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى (يۇھاننا 17:6، 26-نى ئوقۇڭ). ئەيسا نېمىنى نەزەردە تۇتقان؟ شۇ چاغدا، شاگىرتلىرى خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنىنى بىلمىگەنمۇ؟ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يەھۇدىيلار بولغاچقا، چوقۇم خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنىنى ياخشى بىلەتتى. چۈنكى، ئىبرانىي يازمىلاردا خۇدانىڭ ئىسىمى تەخمىنەن 7000 قېتىم ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيسا مەسىھنىڭ نەزەردە تۇتقىنى، خۇدانىڭ خاس ئىسىمى ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ زادى قانداق خۇدا ئىكەنىنى شاگىرتلارغا تېخىمۇ ياخشىراق بىلدۈرمەكچى بولغان. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ شاگىرتلارغا خۇدانىڭ پەزىلەتلىرى، ئىرادىسى، ئىلگىرى قىلغان ۋە كېلەچەكتە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرۇلۇق تەلىم بەرگەن. چۈنكى، پەقەت ئەيسا مەسىھ ياراتقۇچى يەھۋانى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى.
4، 5 .(1) بىرىنىڭ ئىسىمى بىز ئۈچۈن قانداق مۇھىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (2) ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يەھۋانى قانداق قىلىپ ياخشىراق تونۇغان؟
4 بىر مىسال كەلتۈرەيلى. جامائىتىڭىزدە يادىكار ئىسىملىك ئاقساقال بار دەيلى. ئۇنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياخشى تونۇيسىز. ئۇ دوختۇر. بىر كۈنى ھاياتىڭىز قىل ئۈستىدە قالغاندا، سىزنى ئۇ ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۇ سىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بۇرادەرنىڭ ئىسىمىنى قايتا ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئېسىڭىزگە ئالىسىز. يادىكار بۇرادەر جامائىتىڭىزدىكى بىر ئاقساقال بولۇپلا قالماي، ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇپ قالغان دوختۇر بولۇپ قالىدۇ.
5 خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئاللىقاچان يەھۋانىڭ ئىسىمىنى بىلەتتى. مانا ئەمدى ئەيسا مەسىھنىڭ ياردىمىدە ئۇلار يەھۋا دەپ ئاتالغان بۇ شەخسنى تېخىمۇ ياخشىراق بىلدى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى، ئەيسا گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرگەن. شاگىرتلار ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئالغاندا، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، يەھۋانى تېخىمۇ ياخشىراق تونۇيالىغان.—يۇھاننا 14:9؛ 17:3.
«ماڭا بەرگەن ئىسىمىڭ»
6 .ئەيسا «ماڭا بەرگەن ئىسىمىڭ» دېگەندە، نېمىنى نەزەردە تۇتقان ئىدى؟ (يۇھاننا 17:11، 12)
6 ئەيسا شاگىرتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ماڭا بەرگەن ئىسىمىڭ بىلەن ئۇلارنى قوغدىغىن» (يۇھاننا 17:11، 12-نى ئوقۇڭ). ئەيسا «ماڭا بەرگەن ئىسىمىڭ» دېگەندە، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئەيسانىڭ ئىسىمى «يەھۋا» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. دىققەت قىلساق، ئەيسا دۇئا قىلىپ، «يەھۋا» دېگەن ئىسىمنى تىلغا ئالغاندا، «ئىسىمىڭ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇنداقتا، ئەيسانىڭ ماڭا بەرگەن ئىسىمىڭ دېگەن سۆزى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بىرىنچى، ئەيسا ئۇ يەھۋاغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن. ئۇ ئاتىسىنىڭ ئىسىمى بىلەن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 5:43؛ 10:25). ئىككىنچى، ئەيسا دېگەن ئىسىم «يەھۋا — قۇتقۇزۇلۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن ئوغلىنىڭ ئىسىمى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان.
7 .ئەيسا نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن سۆز قىلغان؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
7 ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاكالىتەن يەھۋانىڭ ئىسىمى بىلەن سۆزلەش ھوقۇقى بولغان؟ مەسىلەن، مەلۇم دۆلەتنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئۆز دۆلىتىنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلالايدۇ. باش ئەلچىنىڭ سۆزلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى ياكى پادىشاھىنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسا بولسا يەھۋا ئەۋەتكەن ۋەكىل ياكى ئەلچى بولغاچقا، ئۇنىڭدا خۇدانىڭ ئىسىمى بىلەن ئادەملەرگە سۆزلەش ھوقۇقى بولغان.—مەتتا 21:9؛ لۇقا 13:35.
8 .نېمە ئۈچۈن ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال، يەھۋا «مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن كېلىدۇ» دېگەن؟ (چىقىش 23:20، 21)
8 مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا «سۆز» دەپ ئاتالغان. چۈنكى، ئۇ يەھۋاغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە، ئادەملەرگە ۋە پەرىشتىلەرگە ياراتقۇچىدىن كەلگەن خەۋەرنى ۋە كۆرسەتمىلەرنى يەتكۈزگەن ئىدى (يۇھاننا 1:1–3). ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يۈرگەندە، يەھۋا ئۇلارنى يېتەكلەش ئۈچۈن بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتكەن. بەلكىم، شۇ پەرىشتە ئەيسا. يەھۋا ئىسرائىللارغا بۇ پەرىشتىگە بويسۇنۇشنى ئېيتقان: «ئۇ مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن كېلىدۇa» (چىقىش 23:20، 21-نى ئوقۇڭ). «مېنىڭ ئىسىمىم بىلەن كېلىدۇ» دېگەن سۆز، ئەيسا ئاتىسىغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىنى قوغداپ، مۇقەددەس قىلىدىغان شەخس ئىكەنىنى بىلدۈرىدۇ.
«ئاتا ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن!»
9 .ئەيساغا نىسپەتەن يەھۋانىڭ ئىسىمى قانچىلىك مۇھىم بولغان؟ چۈشەندۈرۈڭ.
9 مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، ئەيسا يەر يۈزىگە كېلىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭغا نىسپەتەن يەھۋانىڭ ئىسىمى ئەڭ مۇھىم بولغان. ئۇ يەر يۈزىگە كەلگەندە، مەيلى قانداق ئىشلارنى قىلمىسۇن، ئاتىسىنىڭ ئىسىمى ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى خىزمىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، يەھۋادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈنگەن: «ئاتا ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن!». شۇ ۋاقىتتا، يەھۋا ئاسماندىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «ئۇنى ئۇلۇغلىدىم ۋە يەنە ئۇلۇغلايمەن»،— دەپ جاۋاب بەرگەن.—يۇھاننا 12:28.
10، 11 .(1) يەھۋانىڭ ئىسىمىنى ئەيسا قانداق ئۇلۇغلىغان؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ). (2) يەھۋانىڭ ئىسىمى نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن داغ چىقىرىلىپ تاشلىنىشى كېرەك؟
10 ئەيسامۇ ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلىغان. ئۇ بۇنى قانداق قىلغان؟ ئەيسا باشقىلارغا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى ۋە ئاجايىپ ئىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. بىراق، ئەيسا يەنە باشقا ئىشنى قىلغان. يەھۋانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىگە چۈشۈرۈلگەن داغنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك ئىدىb. ئەيسا بۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئۈلگىلىك دۇئادا كۆرسىتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاسماندىكى ئاتىمىز، ئىسىمىڭ مۇقەددەس بولسۇن».—مەتتا 6:9.
11 نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ئىسىمى مۇقەددەس قىلىنىپ، شان-شۆھرىتىگە چۈشۈرۈلگەن داغ چىقىرىپ تاشلىنىشى كېرەك؟ چۈنكى، شەيتان ئېرەم بېغىدا يەھۋا توغرۇلۇق يالغان گەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغان. ئۇ يەھۋانى ياخشى نەرسىلەرنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىغا بەرمەي يوشۇرۇپ قالدى دەپ ئەيىبلەپ، ياراتقۇچىنى يالغانچى كۆرسەتكەن (يارىت. 3:1–5). شەيتان شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ناتوغرا ۋە ئادالەتسىز كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىگە ياكى ئىسىمىغا داغ چۈشۈرگەنىدى. كېيىنرەك، ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا، شەيتان يەنە ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشى، ئۇنىڭدىن ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ياراتقۇچىسىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەملەر خۇدانى چىن قەلبىدىن سۆيمەيدۇ، ئەگەر بېشىغا كۈن چۈشسە، ئۇلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ دېگەن (ئايۇپ 1:9–11؛ 2:4). ئۇنداقتا، زادى كىم يالغانچى؟ يەھۋامۇ ياكى شەيتانمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك ئىدى.
ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىغا خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتكەن (10-ئابزاسقا قاراڭ)
«مەن جېنىمنى بېرىمەن»
12 .يەھۋانىڭ ئىسىمىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى سەۋەبلىك، ئەيسا نېمە ئىش قىلىشقا تەييار بولغان؟
12 يەھۋاغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتى سەۋەبلىك، ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ ئىسىمىغا چۈشۈرۈلگەن داغنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى خالىغان. ئەيسا: «مەن ئۆز جېنىمنى بېرىمەن»،— دېگەن (يۇھاننا 10:17، 18). دەرۋەقە، يەھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار بولغانc. تۇنجى ئىككى مۇكەممەل ئىنسان، يەنى ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، شەيتان ئىبلىس تەرەپتە تۇرغان. ئەكسىنچە، ئەيسا ئۆز ئىختىيارى بىلەن يەر يۈزىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاتىسىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىغان. قىلغان بارچە ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆزلىرىدە يەھۋاغا سادىق بولغان (ئىبرانىي. 4:15؛ 5:7–10). ئەيسا تۇغۇلۇپ تاكى ئازاب تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپ ئۆلگۈچە ساداقەتمەنلىكىنى يوقاتمىغانىدى (ئىبرانىي. 12:2). شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ئىسىمىغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىغان.
13 .شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئەڭ ياخشى ئىسپاتلىيالايدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
13 ئەيسا يەر يۈزىدە ھايات كەچۈرگەندە، پۈتۈن ئىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يەھۋا ئەمەس، بەلكى شەيتان يالغانچى ئىكەنىنى ئىسپاتلىغان (يۇھاننا 8:44). يەھۋانى ھېچكىم ئەيسادەك ياخشى بىلمىگەن. شۇڭا، شەيتاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر چېكىت چوڭلىقى توغرا يېرى بولسا، ئۇنى ئەيسا بىلمەي قالمايتتى. ئەمما، شەيتان يالغانچى ئىكەنىنى بىلگەچكە، ئەيسا ئاخىرغىچە يەھۋانىڭ ئىسىمى ۋە شان-شۆھرىتىنى قوغدىغان. يەھۋا ھەتتا ئۇنى قوغدىمىغان ھالەتتىمۇ، ئەيسا مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتىسىغا سادىق بولۇپ قېلىشقا رازى بولغانىدى.—مەتتا 27:46d.
ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا يەھۋا ئەمەس، بەلكى شەيتان يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان! (13-ئابزاسقا قاراڭ)
«سەن ماڭا قىلىشقا تاپشۇرغان ئىشنى [پۈتتۈردۈم]»
14 .ئەيسانىڭ ساداقەتمەنلىكىنى يەھۋا قانداق مۇكاپاتلىغان؟
14 ئۆلۈمىدىن ئاۋۋالقى كېچىسى، ئەيسا دۇئاسىدا مۇنداق دېگەن: «سەن ماڭا قىلىشقا تاپشۇرغان ئىشنى [پۈتتۈردۈم]». ئەيسا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى ئاتىسى مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (يۇھاننا 17:4، 5). يەھۋا ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويمىغان. ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، يەھۋا ئۇنى گۆردە تاشلاپ قويمىغان (ئەلچى. 2:23، 24). ئۇ ئەيسانى تىرىلدۈرۈپ، ئاسمانغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن ۋە ئۇنى ناھايىتى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتەرگەن (فىلىپى. 2:8، 9). كېيىنرەك، ئەيسا پادىشاھ سۈپىتىدە خۇدا پادىشاھلىقىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان. ئۇنداقتا، خۇدا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟ ئەيسانىڭ ئۈلگىلىك دۇئاسىنىڭ ئىككىنچى قىسىمىدىن بۇ سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: «پادىشاھلىقىڭ كەلسۇن. سېنىڭ ئىرادەڭ ئاسماندا ئەمەلگە ئاشقاندەك، يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن».—مەتتا 6:10.
15 .ئەيسا كەلگۈسىدە يەنە نېمىلەرنى قىلىدۇ؟
15 يېقىن كەلگۈسىدە ئارماگېدون ئۇرۇشىدا ئەيسا، خۇدانىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىپ، بارچە يامانلىق قىلغۇچىلارنى يوق قىلىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16؛ 19:11–16). شۇنىڭدىن كېيىن، شەيتاننى «تېگى يوق ھاڭغا» تاشلاپ قاماپ قويىدۇ. ئۇ ھاڭدا شەيتان ھېچنېمە قىلالمايدۇ (ۋەھىي. 20:1–3). ئاندىن كېيىن، مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ئەيسا تىنچلىقنى ئورنىتىپ، ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ. پۈتكۈل يەر يۈزىنى گۈزەل جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەھۋانىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.—ۋەھىي. 21:1–4.
16 .مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا، قانداق ھايات كەچۈرىمىز؟
16 مەسىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندا، ئىنسانلار قانداق ھايات كەچۈرىدۇ؟ ئىنسانلار گۇناھ ۋە نامۇكەممەللىكتىن پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدۇ. ئىنسانىيەت ئۆز گۇناھلىرىغا كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن، نە تۆلەمگە، نە باش روھانىي ئەيساغا ۋە مەسىھ قىلىنغان 000 144 كىشىنىڭ روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلىشىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى، شۇ چاغدا ياراتقۇچىمىزنىڭ قايتا ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى ھاجەتسىز. سەۋەبى، ئىنسانىيەت ئاللىقاچان يەھۋا بىلەن يارىشىۋالغان بولىدۇ. يەنە ئادەم-ئاتا مىراس قالدۇرغان «ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈم يوق قىلىنىدۇ». قەبرىستانلىقلار بوش بولۇپ قالىدۇ. ئۆلگەنلەر ئاللىقاچان تىرىلدۈرۈلۈپ بولغان بولىدۇ ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار مۇكەممەل بولىدۇ.—1-كورىنت. 15:25، 26.
17، 18 .(1) مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا يەنە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟ (2) مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا، ئەيسا نېمە قىلىدۇ؟ (1-كورىنتلىقلار 15:24، 28؛ رەسىمگە ھەم قاراڭ).
17 مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا يەنە نېمە بولىدۇ؟ ئىنتايىن ئالاھىدە ئىش يۈز بېرىدۇ. يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارچە تالاش-تارتىشلار پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى، شەيتان ئېرەم بېغىدا ياراتقۇچى يەھۋانى يالغانچى ۋە ئىنسانلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايدىغان زالىم ھۆكۈمران دەپ ئەيىبلىگەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان كىشىلەر قايتا-قايتا ياراتقۇچىنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىسىمىنى ئۇلۇغلاپ مۇقەددەس قىلىپ كەلمەكتە. مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا يەھۋا خۇدانىڭ ئىسىمىغا چۈشۈرۈلگەن داغ پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ئاتا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىنىپ، ھېچقانداق گۇمان قالمايدۇ.
18 ئەيسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندا، شەيتاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە كۆرۈپ يېتىدۇ. مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئاخىرلاشقاندا، ئەيسا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئۇ شەيتانغا ئوخشاش، يەھۋاغا قارشى ئىسيان كۆتۈرەمدۇ؟ ياق! (1-كورىنتلىقلار 15:24، 28-نى ئوقۇڭ) ئەيسا پادىشاھلىقنى يەھۋانىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ ئۆزى ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنىدۇ. ئەيسا ئەسلا شەيتانغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇ چىن كۆڭلىدىن خۇشاللىق بىلەن بارچە ھوقۇقنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەيسا پادىشاھلىقنى ئاتىسىغا خۇشاللىق بىلەن قايتۇرۇپ بېرىدۇ (18-ئابزاسقا قاراڭ)
19 .ئەيساغا نىسپەتەن يەھۋانىڭ ئىسىمى قانچىلىك مۇھىم بولغان؟
19 دېمەك، يەھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىنى ئەيساغا بەرگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس! ئەيسا ئۆز ئاتىسى يەھۋاغا مۇكەممەل ۋەكىللىك قىلغان. ئۇنداقتا، ئەيساغا نىسپەتەن يەھۋانىڭ ئىسىمى قانچىلىك مۇھىم بولغان؟ ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم بولغان! ئۇ يەھۋانىڭ ئىسىمى ئۈچۈن، يەر يۈزىدە بولغاندا ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندا، ئەيسا خۇشاللىق بىلەن ھەممىنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار. ئۇنداقتا، بىز ئەيسا مەسىھنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.
14-ناخشا خۇدا ھەممىنى يېڭىلار
a بەزى چاغلاردا، باشقا پەرىشتىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىسىمى بىلەن كېلىپ، ئۇنى سۆزىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ۋەكىلى بولغان. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەردە، پەرىشتىلەرنىڭ ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى، يەھۋا بىلەن ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقاندەك تەسۋىرلەنگەن (يارىت. 18:1–33) يەنە مۇقەددەس كىتابتا مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنى يەھۋادىن تاپشۇرۇپ ئالدى دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ، بىراق باشقا ئايەتلەردىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق يەتكۈزگەن.—لاۋى. 27:34؛ ئەلچى. 7:38، 53؛ گالاتىيا. 3:19؛ ئىبرانىي. 2:2–4.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: «مۇقەددەس بولۇش» دېگىنىمىز شان-شەرەپكە ئېرىشىش ياكى ئۇلۇغلىنىش ۋە ھۆرمەت-ئېھتىرامغا لايىق ھېسابلىنىش دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. «داغنى چىقىرىپ تاشلاش» دېگىنىمىز بىگۇناھ ياكى ئەيىبسىز كىشى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەيىبلەش ياكى تۆھمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز ياكى ئەيىبسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشنى بىلدۈرىدۇ.
c ئەيسا ئۆز جېنىنى قۇربان قىلغاچقا، ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە پۇرسەت پەيدا بولدى.
d «كۈزىتىش مۇنارى» 2021-يىل، ئاپرېل سانى، 30، 31-بەتلەردىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا» قاراڭ.