43-تەتقىق ماقالىسى
53-ناخشا ئىناقلىق بىللە خىزمەت قىلىش
گۇمانلارنى چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ
«ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ [كۆرۈڭلار]».—1-سالونىكا. 5:21.
مەركىزى ئىدىيە
يەھۋاغا خىزمەت قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان گۇمانلارنىڭ تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلالايمىز؟
1، 2. (1) يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى قانداق ئوي-خىيالدا بولۇشى مۇمكىن؟ (2) بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
مەيلى ياش ياكى ياشانغان بولايلى، بەزىدە ھەممىمىز ئىككىلىنىپ، ئىككى خىيالدا بولۇپ قالىمىزa. مەسىلەن، ياش بىرى يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، نەتىجىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلىشتا ئىككىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە ئوتتۇرا ياشلىق بىر بۇرادەرنى ئويلاپ كۆرسەك، ياش ۋاقتىدا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىپ، خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى قارا قىلغان. گەرچە ئۇ ھازىر ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، قولىدا ئازغىنە ساقلاپ قويغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا، ياش چېغىدا چىقارغان قارارىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن. ياشىنىپ قالغان بىر ئايال قېرىندىشىمىزنى مىسالغا ئالايلى. ئۇ بۇرۇنقىدەك يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ، كۆڭلى يېرىم بولۇشى مۇمكىن. سىزمۇ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن شۇنداق سوئاللارنى سورىغانمۇ: «يەھۋا راستىنلا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ يەھۋا ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمنىڭ راستىنلا ئەھمىيىتى بارمۇ؟ يەھۋا ئۈچۈن ھېلىھەم بىر ئىشلارنى قىلالايمەنمۇ؟»
2 شۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ قويساق، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇشىمىز مۇمكىن. بۇ ماقالىدە: (1) يەھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدىغاندۇ؛ (2) ئىلگىرى چىقارغان قارارىم توغرا بولغانمۇ؛ (3) يەھۋا ئۈچۈن ھېلىھەم بىرەر ئىشقا يارايمەنمۇ دېگەندەك گۇمانلارنى ئوي-خىيالىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاشقا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
گۇمانلارنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3. گۇمانلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى نېمە؟
3 گۇماندىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرى يولى — گۇمانى سوئاللار توغۇلغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىن جاۋاب تېپىش. شۇنداق قىلساق، يەھۋاغا بولغان ئىشەنچىمىز كۈچىيىپ قالماي، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يېقىن دوست بولالايمىز. نەتىجىدە، «ئىمان-ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار» دېگەن سۆزلەرگە ياخشىراق ئەمەل قىلالايمىز.—1-كورىنت. 16:13.
4. بىز كۆز قاراشلىرىمىزنى قانداق تەكشۈرۈپ كۆرەلەيمىز؟ (1-سالونىكالىقلار 5:21)
4 1-سالونىكالىقلار 5:21-نى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتاب بىزنى «ھەممە نەرسىنى تەكشۈرۈپ» كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق تەكشۈرۈپ كۆرەلەيمىز؟ ئۆز ئوي-پىكىرىمىزنى مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغان ئالغان ياشنى ئويلاپ كۆرەيلى، ئۇ يەھۋانىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا گۇمانلانغان. ئۇ ئوي-خىيالىغا كەلگەن شۇ گۇمانى سوئالنى جاۋابسىز قويۇشى كېرەكمۇ؟ ياق. ئۇ چوقۇم يەھۋا زادى ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەققىدە مۇقەددەس كىتاب نېمە دەيدىغانلىقىنى «تەكشۈرۈپ كۆرۈپ»، گۇمانى سوئالىغا ئېنىق جاۋاب تېپىشى لازىم.
5. گۇمانى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب ئىزدىگەندە، يەھۋانىڭ ئاۋازىنى قانداق ئاڭلايمىز؟
5 مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغىنىمىزدا، يەھۋانىڭ بىزگە ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنى «ئاڭلايمىز». لېكىن، سوئاللىرىمىزغا يەھۋادىن ئېنىق جاۋاب ئېلىشنى خالىساق، كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. كۆڭلىمىزگە بىئارام قىلىدىغان گۇمانى كۆز قاراشقا قارىتا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئىزدىنىش قوراللىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ (پەند. نە 2:3–6). ئىزدىنىپ ئۆگەنگەندە، ئاۋۋال يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىساق بولىدۇ. كېيىن، ۋەزىيىتىڭىزگە ماس كېلىدىغان مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ياكى ئەمەلىي قوللىنىدىغان مەسلىھەتلەرنى ئىزدىسەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس يازمىلاردىن بىز بىلەن ئوخشاش ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇساق بولىدۇ. شۇنداق قىلىشنىڭ ھەم پايدىسى كۆپ.
6. جامائەت يىغىلىشلىرى گۇمانى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6 بىز جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندىمۇ، يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى «ئاڭلايمىز». دائىم يىغىلىشلارغا بارساق، بىر نۇتۇق ياكى بىرىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن ئاڭلىغان ئوي-پىكىر كۆڭلىمىزنى بىئارام قىلىپ يۈرگەن گۇمانى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشى مۇمكىن (پەند. نە 27:17). ھازىر يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ گۇماننى كاللىمىزدىن قانداق چىقىرىپ تاشلاش ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ كۆرەيلى.
يەھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدىغاندۇ؟
7. بەزىلەر قانداق سوئاللارنى سورىشى مۇمكىن؟
7 سىز «يەھۋا ماڭا كۆڭۈل بۆلەمدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ قالغان چاغلار بولغانمۇ؟ ئۆزىڭىزنى ھېچنېمىگە ئەرزىمەس كىشىدەك ھېس قىلىپ، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن دوست بولۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دەپ ئويلايدىغانسىز. ئېھتىمال، داۋۇت پادىشاھ ھەم شۇنداق ئوي-خىيالدا بولغان. شۇڭلاشقا، داۋۇت يەھۋانىڭ ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەندە، ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان: «ئەي يەھۋا! ئادەم نېمە ئىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك؟ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئادەم ئوغلى نېمە ئىدى سەن كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟» (زەبۇر 144:3). ئۇنداقتا، «يەھۋا ماڭا راستىنلا كۆڭۈل بۆلەمدىغاندۇ؟» دېگەن سوئالغا نەدىن جاۋاب تاپالايسىز؟
8. 1-سامۇئىل 16:6، 7، 10–12-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا ئىنسانلارغا نەزەر سالغاندا، نېمىگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ؟
8 مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگىنىمىزدەك، باشقىلار كۆزگە ئىلمىغان كىشىلەر يەھۋا نەزەر سالىدۇ. مەسىلەن، يەھۋا سامۇئىل پەيغەمبەرنى يىشاينىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلەشنى بۇيرۇغان. يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى، ئۇ يەتتە ئوغلىنى چاقىرىپ سامۇئىلغا كۆرسەتكەن، كەنجى ئوغلى داۋۇتنى چاقىرمىغانb. بىراق، يەھۋا داۋۇتنى تاللىغان (1-سامۇئىل 16:6، 7، 10–12-نى ئوقۇڭ). چۈنكى، يەھۋا داۋۇت قەلبىنى كۆرگەن، يەنى ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇ ياش يىگىتنى بەك ياخشى كۆرگەن.
9. يەھۋا سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشەنچ قىلالايسىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
9 يەھۋا ھازىرغىچە سىزگە قانداق كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ! ئۇ سىزگە ۋەزىيىتىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ياخشى مەسلىھەتنى بېرىدۇ (زەبۇر 32:8). بۇ سىزنىڭ نېمە مۇھتاج بولغانلىقىڭىزنى، خۇدا ئوبدان بىلىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟! (زەبۇر 139:1). ئەگەر يەھۋانىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز، شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولىدۇ (1-تارىخ. 28:9؛ ئەلچى. 17:26، 27). يەھۋا پەقەتلا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭىزغا نەزەر سېلىپ قالماي، قەلبىڭىزگە، يەنە ياخشى پەزىلەتلىرىڭىزگە نەزەر سالىدۇ ۋە سىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ (يەرەم. 17:10). ئەگەر سىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنى خالىسىڭىز، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.—1-يۇھاننا 4:19.
«ئەگەر سەن [يەھۋانى] ئىزدىسەڭ، ئۇنى چوقۇم تاپالايسەن».—1-تارىخ. 28:9 (9-ئابزاسقا قاراڭ)c
ئىلگىرى چىقارغان قارارىم توغرا بولغانمۇ؟
10. بىز ئىلگىرى چىقارغان قارارلىرىمىز توغرىسىدا ئويلانغاندا، قانداق سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟
10 بەزىلەر ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، ئىلگىرى چىقارغان قارارلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن. بەلكىم، ئۇلار يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى مائاشلىق ئىش ياكى سودا-تىجارەتلەردىن ۋاز كەچكەن. لېكىن، ئەتراپىدىكى تونۇش كىشىلەر پەرقلىق قارار چىقارغان. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، شۇنداق ئوي-خىيالدا بولۇشى مۇمكىن: «يەھۋا ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىمنىڭ راستىنلا ئەھمىيىتى بارمۇ؟ ئىلگىرى باشقىچە قارار چىقىرىپ، كۆپرەك پۇل تاپقان بولسام، ھازىر باياشات تۇرمۇش كەچۈرمەيتتىممۇ؟».
11. زەبۇر 73-بابنىڭ يازغۇچىسىنى قانداق ئوي-خىياللار ئازابلىغان؟
11 ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئوي-خىياللاردا بولغان بولسىڭىز، 73-زەبۇرنىڭ يازغۇچىسى ھەققىدە ئويلاپ بېقىڭ. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلمىغان ئادەملەرگە قارىغىنىدا، ئۇلار تېنى ساغلام، تۇرمۇشى باياشات ۋە غەم-ئەندىشىسىز ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن (زەبۇر 73:3–5، 12). قارىماققا، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقان ئىدى، شۇڭا، ئۇنىڭ تىرىشىپ يەھۋاغا قىلىۋاتقان ئىبادىتى ئۆزىگە بىھۇدە ئەھمىيەتسىزدەك بىلىنگەن. شۇنداق سەلبىي ئوي-خىياللار ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي، كۈن بويى ئازابلىنىپ يۈرگەن (زەبۇر 73:13، 14). ئۇ بۇ سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى قانداق يەڭگەن؟
12. زەبۇر 73:16–18-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، زەبۇر يازغۇچىسى سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىنى قانداق يەڭگەن؟
12 زەبۇر 73:16–18-نى ئوقۇڭ. بۇ زەبۇرنىڭ يازغۇچىسى يەھۋانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىغا كىرگەن. شۇ يەردە، يەھۋانىڭ خەلقى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، چوڭقۇر ئويلانغان. ئۇ گەرچە بەزى كىشىلەر ھازىر باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلەچەككە قارىتا ئۈمىدى يوقلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، كۆڭلى قايتا تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن. نەتىجىدە، ئۇ داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بېلىنى مەھكەم باغلىغان.—زەبۇر 73:23–28.
13. ئەگەر ئۆتمۈشتە چىقارغان قارارلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
13 سىزمۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمىدە، ئاشۇ زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش، سەلبىي ئوي-خىياللاردىن قۇتۇلۇپ، كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاسماندىكى خەزىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەھۋانىڭ بارچە بەرىكەتلىرى توغرۇلۇق تەپسىلىي ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئاندىن يەھۋاغا ئىبادەت قىلمايدىغانلارنىڭ كېلەچەك بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئۇلار بۇ دۇنيادىن ئېرىشىدىغان نەرسىلەر تېزلا يوقۇلۇپ كېتىدۇ. گەرچە ئۇلار ھازىر باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كېلەچىكى يوق، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن ئۈمىدىنى بۈگۈنكى كۈنگە باغلىغان. ئەمما، سىزنىڭ كېلەچىكىڭىز پارلاق، يەھۋا سىزنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاجايىپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (زەبۇر 145:16). ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇنداق ئويلاپ كۆرۈڭ: «ئەگەر ئىلگىرى باشقىچە قارار چىقارغان بولسام، بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ياخشىراق بولاتتىمۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيسىز. لېكىن، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئەگەر بىز خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت ئاساسىدا قارار چىقارساق، بىزنى ھەمىشە خۇشال قىلىدىغان ياخشى نەرسىلەر ھاياتىمىزدا كەم بولمايدۇ.
كېلەچەكتە يەھۋانىڭ سىزنى ئېرىشتۈرىدىغان بەرىكەتلىرى توغرۇلۇق پات-پات ئويلىنىڭ (13-ئابزاسقا قاراڭ)d
يەھۋا ئۈچۈن ھېلىھەم بىرەر ئىشقا يارايمەنمۇ دەپ گۇمانلانغاندا
14. بەزىلەرنىڭ ۋەزىيىتى قانداق ۋە ئۇلار ئۆزلىرىگە قانداق سوئاللارنى قويغان بولۇشى مۇمكىن؟
14 بەزى قېرىنداشلار يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى بەك خالايدۇ، بىراق، ئۇلار ياشىنىپ قالغان، تەن-سالامەتلىكى ناچارلاشقان ياكى تېنى ئاجىزلاپ، ھەرىكەت قىلىشى قىيىنلاشقان. شۇڭا، ئۆزلىرى خالىغاندەك كۆپرەك خىزمەت قىلالمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنى يەھۋانىڭ نەزىرىدە ئانچە مۇھىم ئەمەستەك ھېس قىلىپ، «يەھۋا ئۈچۈن ھېلىھەم بىر ئىشقا يارايمەنمۇ؟» دەپ گۇمانلىنىشى مۇمكىن.
15. زەبۇر 71-بابنىڭ يازغۇچىسى نېمىگە ئىشەنگەن؟
15 زەبۇر 71-بابنى يازغۇچى شۇنىڭدەك ھېس-تۇيغۇدا بولغاچ، يەھۋاغا مۇنداق دۇئا قىلغان: «مەن ئاجىزلاپ، كۈچ-ماغدۇردىن كەتكەندە، مېنى تەرك ئەتمىگىن» (زەبۇر 71:9، 18). ئەمما، ئۇ يەھۋاغا سادىق قېلىشقا بەل باغلىغان. چۈنكى، ئۇ شۇنداق قىلسا، يەھۋانىڭ داۋاملىق ئۆزىگە يوليورۇق بېرىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. خۇددى زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش، بىزمۇ ياشىنىپ قالغاندا، تەن-سالامەتلىكىمىز قانچىلىك يار بەرسە، قولىمىزدىن كېلىشىچە شۇنچىلىك خىزمەت قىلساق، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىمىز.—زەبۇر 37:23–25.
16. ياشانغان قېرىنداشلار يەھۋا ئۈچۈن قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ (زەبۇر 92:12–15)
16 ياشىنىپ قالغان ئەزىز قېرىنداشلار ئۆزۈڭلارغا يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قاراڭلار. كۈندىن-كۈنگە كۈچ-ماغدۇردىن قېلىۋاتقان بولساڭلارمۇ، يەھۋا سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ (زەبۇر 92:12–15-نى ئوقۇڭ). قولۇڭلاردىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئەمەس، ئۆزۈڭلار قىلالايدىغان ئىشلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭلار. مەسىلەن، داۋاملىق يەھۋاغا سادىق بولۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلسەڭلار، ئۇلارغا كۆپ ئىلھام بېرەلەيسىلەر. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەھۋانىڭ سىلەرگە قانداق ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېڭى دۇنيادا قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشنى تۆت كۆزۈڭلار بىلەن ئېيتىپ بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار ئۈچۈن كۆپرەك دۇئا قىلىڭلار. شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلغان دۇئالىرىڭلار ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق (1-پېتر. 3:12). قانداق ۋەزىيەتتە بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھەربىرىمىزنىڭ يەھۋا ۋە باشقىلار ئۈچۈن بىرەر ئىشنى قىلىشقا ئىمكانىيىتى بار.
17. نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىقىمىز كېرەك؟
17 ئەگەر يەھۋا خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىنىپ كۆڭلىڭىز يېرىم بولسا، يەھۋا سىزنىڭ ئازغىنە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرمايدۇ (گالاتىيا. 6:4). مەسىلەن، مەريەم ئەيساغا ئىنتايىن قىممەت-باھا خۇشپۇراق ماينى سوۋغا قىلغان (يۇھاننا 12:3–5). كەمبەغەل تۇل ئايال پەقەت ئىككى تەڭگە پۇلىنى ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ساندۇقىغا تاشلىغان (لۇقا 21:1–4). ئەمما، ئەيسا ئاشۇ ئىككى ئايالنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ شۇ ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىنى كۆرگەن. ئەيسا ئاتىسىنىڭ پەزىلەتلىرىنى مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭا، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يەھۋا سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىز ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز كۆرۈپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۆزىڭىزگە ئازغىنە كۆرۈنسىمۇ، قىلغان ھەربىر ئىشىڭىز يەھۋا ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىر-قىممەتلىكتۇر!
18. گۇمانلارنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىشىمىزغا بىزگە نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ («يەھۋا خۇدانىڭ سۆزى سىزگە گۇمانلاردىن نېرى بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ.)
18 بەزىدە ئارىلاپ كاللىمىزدا گۇمانى سوئاللار پەيدا بولۇپ قالىدۇ. لېكىن مۇشۇ ماقالىدىن كۆرگىنىمىزدەك. مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىيالايمىز. مەيلى قانداق گۇمانى سوئاللار پەيدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، گۇمانلارنىڭ ئورنىنى ئىشەنچ ئېلىشى ئۈچۈن، شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىڭ. يەھۋا سىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىڭىزنى قەدىرلەيدۇ ۋە سىزنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ. يەھۋا ھەربىر سادىق خىزمەتچىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن ھەرگىز گۇمان قىلمايلى!
28-ناخشا يېڭى ناخشا
a سۆز-ئىبارە مەنىسى: بۇ ماقالىدە، يەھۋانىڭ نەزىردە قەدىرلىنىدىغانلىقىمىزدىن، ئىلگىرى چىقارغان قارارلىرىمىز توغرا بولغان-بولمىغانلىقىدىن ئىككىلىنىپ، كاللىمىزدا پەيدا بولىدىغان گۇمانلار توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا گەرچە بەزىلەر يەھۋا خۇداغا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك گۇماندا بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بۇ ماقالىدە بۇنداق گۇمانلار توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىنمايدۇ.
b مۇقەددەس كىتابتا يەھۋا داۋۇتنى پادىشاھ بولۇشقا تاللىغاندا، ئۇ قانچە ياشتا ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېيتىلمىغان، بىراق، ئۇ شۇ چاغدا ئون نەچچە ياشلاردىكى ئۆسمۈر بولۇشى مۇمكىن. «كۈزىتىش مۇنارى» 2011-يىل 1-سېنتەبىر سانى (باشقا تىلدا)، 29-بەت، 2-ئابزاسقا قاراڭ.
c رەسىملەردە: ياش گۇۋاھچى مۇقەددەس يازمىلاردىن يەھۋانىڭ نەسىھىتىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
d رەسىمدە: بۇرادەر ئۆز ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن دېرىزە يۇيۇپ ئىشلەۋاتقاندا، ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ.