كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 نويابىر 8-‏13 ب.‏
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ‏«ئۆمرۈڭلارنى ئۇ‌زۇ‌ن قىلىدۇ»‏
  • ئىشلىرىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدۇ
  • خۇ‌شاللىققا ئېرىشىمىز
  • ئاشۇ سادىق كىشىلە‌رنىڭ ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالايلى
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىقنى پە‌رقلە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 نويابىر 8-‏13 ب.‏

45-‏تە‌تقىق ماقالىسى

4-‏ناخشا خۇ‌دا ئالدىدا ياخشى نام-‏ئاتاق تىكلە‌ش

خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى

‏«دانالىق ياشانغانلاردا،‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرگە‌نلە‌ردە ئە‌مە‌سمۇ؟‏»‏‏.‏‏—‏ئايۇ‌پ 12:‏12.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ ئۇ بىزنى ھازىر بە‌رىكە‌تلە‌پ قالماي،‏ كېلە‌چە‌كتە مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.‏

1.‏ بىز ياشانغانلاردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

بىز ھە‌ممىمىز ھاياتىمىزدا مۇ‌ھىم قارارلارنى چىقارغاندا،‏ مە‌سلىھە‌تلە‌رگە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ بىزگە ئاقساقاللار ياكى ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار شۇ‌نداق مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ يېشى بىزدىن چوڭ بولسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆز قاراشلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكە‌ن،‏ بۈگۈنكى كۈنگە ماس كە‌لمە‌يدۇ دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار بىزگە قارىغاندا بۇ دۇ‌نيانىڭ ئىشلىرىنى كۆپرە‌ك كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنىڭ توپلىغان تە‌جرىبىسى،‏ ئىلىم-‏ھېكمىتى ۋە پە‌م-‏پاراسىتى مول.‏—‏ئايۇ‌پ 12:‏12.‏

2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 قە‌دىمقى زاماندا يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقى يېتە‌كلە‌ش ۋە ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سادىق ياشانغان خىزمە‌تچىلىرىنى قوللانغان.‏ شۇ‌لاردىن مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ‌لار ئوخشاش بولمىغان دە‌ۋردە ياشىغان ۋە پە‌رقلىق ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مە‌زگىلىگە كە‌لگە‌ندە،‏ ياشلارغا بە‌زى دانا نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ شۇ پايدىلىق نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىدىن ئۆگىنىشىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋا شۇ سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ سۆزلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏ مە‌يلى بىز ياش ياكى ياشانغان بولايلى،‏ ئاشۇ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىدىن مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏رىملىقلار 15:‏4؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏16)‏.‏ بۇ ماقالىدە شۇ سادىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئوقۇ‌پ،‏ ئۇ‌لاردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

‏«ئۆمرۈڭلارنى ئۇ‌زۇ‌ن قىلىدۇ»‏

3.‏ مۇ‌سا خۇ‌داغا ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىگە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قانداق خىزمە‌تلە‌رنى قىلغان؟‏

3 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆمۈر بويى يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشقان.‏ ئۇ پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ سوتچى،‏ يېتە‌كچى،‏ تارىخچى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغاچ،‏ ھاياتىدا مول تە‌جرىبىلە‌رنى توپلىغان.‏ مۇ‌سا ئىسرائىل خە‌لقىنى مىسىردىكى قۇ‌للىقىدىن قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌پ چىققاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دە‌سلە‌پكى بە‌ش كىتابىنى،‏ زە‌بۇ‌ر 90-‏بابنى،‏ بە‌لكىم 91-‏بابنى يازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئېھتىمال ئايۇ‌پ كىتابىنى ھە‌م مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ يازغان.‏

4.‏ مۇ‌سا ئۆلۈشتىن ئاۋۋال كىملە‌رگە نە‌سىھە‌ت قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

4 مۇ‌سا 120 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ،‏ ئۆلۈپ كېتىشتىن سە‌ل ئاۋۋال،‏ پۈتكۈل ئىسرائىل خە‌لقىنى يىغىپ،‏ ئۇ‌لارغا يە‌ھۋانىڭ ئۆتمۈشتە ئۆزلىرىگە نېمە قىلغانلىقىنى ئە‌سلىتىپ ئۆتكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ سۆزىنى قۇ‌لاق سېلىپ ئاڭلىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى بە‌زىلە‌ر ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلىرىنى ۋە ئۇ‌نىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرگە‌ن (‏چىق.‏ 7:‏3،‏ 4)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ يە‌ھۋا قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئوتتۇ‌رىدىن ئىككى بۆلۈنگە‌ندە،‏ ئىسرائىل خە‌لقى دېڭىزنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىن كېسىپ ئۆتكە‌نلىكىنى ۋە مىسىر قوشۇ‌نلىرىنىڭ دېڭىز سۈيىدە غە‌رق قىلىنغانلىقىنىمۇ ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن كۆرگە‌ن (‏چىق.‏ 14:‏29–‏31)‏.‏ چۆل باياۋاندا يۈرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزلىرىنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ردىن ساقلاپ،‏ قىلغان غە‌مخورلۇ‌قىنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن (‏تە‌كرار.‏  قا 8:‏3،‏ 4)‏.‏ مانا ئە‌مدى ئۇ‌لار يە‌ھۋا ۋە‌دە قىلغان زېمىنغا كىرىش ئالدىدا تۇ‌رغاندا،‏ مۇ‌سا ئە‌ڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇ‌لارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بە‌رمە‌كچى بولغان ئىدىa‏.‏

5.‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 30:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ مۇ‌سا ئىسرائىل خە‌لقىگە كېلە‌چىكى ھە‌ققىدە نېمە دېگە‌ن؟‏

5 مۇ‌سا نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 30:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئىسرائىل خە‌لقىگە گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتۈپ تۇ‌رغانلىقىنى؛‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لار ئاشۇ مە‌نزىرىسى گۈزە‌ل،‏ تۇ‌پرىقى مۇ‌نبە‌ت مول ھوسۇ‌للۇ‌ق زېمىندا ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ مۇ‌سا ئۇ‌لارغا ئۇ زېمىننى شۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «ئۇ يە‌ردە سە‌ن قورمىغان گۈزە‌ل شە‌ھە‌رلە‌ر بار؛‏ سە‌ن ئۆزۈڭ توپلىمىغان تۈرلۈك ياخشى نە‌سىلە‌رگە تولغان ئۆيلە‌ر بار؛‏ سە‌ن كولىمىغان قۇ‌دۇ‌قلار بار؛‏ سە‌ن بە‌رپا قىلمىغان ئۈزۈمزارلىق ۋە زە‌يتۇ‌نلۇ‌ق باغلار بار».‏—‏تە‌كرار.‏ قا 6:‏10،‏ 11.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىل خە‌لقى بۇ زېمىندىن ئە‌سىرلىككە ئېلىپ كېتىلدى؟‏

6 بىراق،‏ مۇ‌سا ئۇ‌لارغا مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن ئىدى.‏ ئە‌نە شۇ مۇ‌نبە‌ت زېمىندا داۋاملىق ياشاپ قالماقچى بولسا،‏ چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌شى لازىملىقىنى ئېيتقان.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىل خە‌لقىنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئارقىلىق «ھاياتلىقنى تاللاشقا» دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئىسرائىللار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نمىغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ ھىمايە قىلىشىدىن ئايرىپ قالغان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ئاسسۇ‌رىيىلىكلە‌رنىڭ،‏ كېيىنرە‌ك بابىلونلۇ‌قلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ،‏ پۇ‌قرالىرىنى ئە‌سىرلىككە ئېلىپ كېتىشىگە يول قويغان.‏—‏2-‏پادىشاھ.‏ 17:‏6–‏8،‏ 13،‏ 14؛‏ 2-‏تارىخ.‏ 36:‏15–‏17،‏ 20.‏

7.‏ مۇ‌سانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

7 بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ مە‌ڭگۈ ياشىيالايمىز.‏ ئۆتمۈشتە ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننىڭ بوسۇ‌غىسىدا تۇ‌رغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نياغا كىرىش ئالدىدا تۇ‌رىمىز.‏ پات-‏يېقىندا يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ (‏يە‌شايا 35:‏1؛‏ لۇ‌قا 23:‏43)‏.‏ ئىبلىس ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى بولمايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏2،‏ 3)‏.‏ ئىنسانلارنى ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋادىن يىراقلاشتۇ‌رىدىغان ساختا دىنلار بولمايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏16)‏.‏ ئە‌مدى ئۆز پۇ‌قرالىرىنى ئىزىپ،‏ زۇ‌لۇ‌م قىلىدىغان ھۆكۈمە‌تلە‌ر بولمايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏19،‏ 20)‏.‏ يە‌ھۋا ھېچكىمنىڭ جە‌ننە‌تتە قالايمىقانچىلىق پە‌يدا قىلىشىغا يول قويمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11)‏.‏ بارلىق ئىنسانلار يە‌ھۋانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاپ،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھايات كە‌چۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە ئىشىنىدۇ (‏يە‌شايا 11:‏9)‏.‏ بىزنى نېمە دېگە‌ن گۈزە‌ل ھايات كۈتۈپ تۇ‌رماقتا،‏-‏ھە!‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ كە‌لگۈسى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د،‏ مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرىمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئاممىۋى ئورۇ‌نلاردا يايما ھارۋىسى بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىۋاتقان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال.‏ ئايالى ئۇ‌لارغا يېقىنلاشقان بىر ئايالغا يانفوندىن ئىلھام بېرىدىغان بىر نە‌رسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ شۇ ئە‌ر-‏ئايال جە‌ننە‌تتە باشقىلار بىلە‌ن خوشال-‏خۇ‌رام غىزالىنىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نساق،‏ جە‌ننە‌تتە يۈز ياكى مىڭ يىل ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرىمىز (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


8.‏ مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان بىر بۇ‌رادە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌ردى؟‏ (‏يە‌ھۇ‌دا 20،‏ 21)‏

8 بىز يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىسى توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ قانداقلا سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق قېلىشقا تىرىشىمىز ‏(‏يە‌ھۇ‌دا 20،‏ 21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شۇ ئۈمىد بىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىمىزغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا كۈچ بېرىدۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللار ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ ئافرىقىدا خىزمە‌ت قىلغان بىر بۇ‌رادە‌ر ئۆز ئاجىزلىقىغا قارشى كۈرە‌ش قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ئېنىق چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ بۇ مېنىڭ قىيىنچىلىقلارغا قارشى داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشىمغا ۋە يە‌ھۋاغا بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق قىزغىن دۇ‌ئا قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئاخىرىدا يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆز ئاجىزلىقلىرىمنى يېڭە‌لىدىم».‏

ئىشلىرىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدۇ

9.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ قانداق سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏

9 داۋۇ‌ت خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە پادىشاھلىق قىلغان.‏ ئۇ يە‌نە سازە‌ندە،‏ شائىر،‏ جە‌ڭچى ۋە پە‌يغە‌مبە‌ر بولغان.‏ ئۇ تالاي سىناقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ ھە‌سە‌تخور پادىشاھ سائۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولغاچقا،‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن يىل قېچىپ يۈرۈشكە مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھلىق تە‌ختىدە ئولتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ ئوغلى ئابشالوم ئاتىسىنىڭ تە‌ختىنى تارتىۋالماقچى بولغاندا،‏ يە‌نە ئامالسىز قېچىپ يۈرگە‌ن.‏ گە‌رچە داۋۇ‌ت نۇ‌رغۇ‌نلىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن،‏ ھە‌تتا ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يە‌ھۋا خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قالغان.‏ يە‌ھۋا داۋۇ‌ت پادىشاھنى «كۆڭلۈمگە ياقىدىغان بىر ئادە‌م» دېگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ دانا مە‌سلىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏—‏ئە‌لچى.‏ 13:‏22؛‏ 1-‏پادىشاھ.‏ 15:‏5.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت ئوغلى سۇ‌لايمانغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

10 مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئوغلى سۇ‌لايمانغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ يە‌ھۋا سۇ‌لايماننى تە‌خت ۋارىسى بولۇ‌شقا ۋە پاك ئىبادە‌تنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىبادە‌تخانا سېلىشقا تاللىغان ئىدى (‏1-‏تارىخ.‏ 22:‏5)‏.‏ بىراق،‏ سۇ‌لايمان بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نداشتا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئوغلى سۇ‌لايمانغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏

11.‏ 1-‏پادىشاھلار 2:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ داۋۇ‌ت سۇ‌لايمانغا نېمە دېگە‌ن ۋە سۇ‌لايمان شۇ سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سالغاندا،‏ نېمە ئىش بولغان؟‏

11 داۋۇ‌ت پادىشاھ نېمە دېگە‌ن؟‏ (‏1-‏پادىشاھلار 2:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت ئوغلى سۇ‌لايمانغا پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نسا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى بىر ئۆمۈر ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار سۇ‌لايماننىڭ ئىشلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولغان (‏1-‏تارىخ.‏ 29:‏23–‏25)‏.‏ ئۇ ئىنتايىن ھە‌يۋە‌تلىك ئىبادە‌تخانىنى سالغان ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىرنە‌چچە يازمىلىرىنى يازغان.‏ ئۇ دانالىقى ۋە بايلىقى بىلە‌ن ھە‌ممىگە تونۇ‌لۇ‌پ،‏ نامى خە‌لقلە‌ر ئارىسىدا مە‌شھۇ‌ر بولغان (‏1-‏پادىشاھ.‏ 4:‏34)‏.‏ ئە‌مما،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئوغلى سۇ‌لايمانغا پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نسا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى.‏ ئە‌پسۇ‌سكى،‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ ياشانغاندا ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌شقا باشلىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ سۇ‌لايمان يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىدىن ئۇ‌نىڭدىن كېلىدىغان دانالىقتىن ئايرىلىپ قېلىپ،‏ ئىسرائىل خە‌لقىگە مېھرىبانلىق ۋە ئادالە‌ت بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏—‏1-‏پادىشاھ.‏ 11:‏9،‏ 10؛‏ 12:‏4.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ داۋۇ‌ت ئوغلى سۇ‌لايماننىڭ قولىنى تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئاخىرقى ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىنى ئېيتىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ قېرىنداشلار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ۋاتىدۇ.‏ بىر قېرىنداش قولىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ.‏

داۋۇ‌ت پادىشاھ ئوغلى سۇ‌لايمانغا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ ئۇ بىزگە توغرا قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن دانالىق بېرىدۇ (‏11،‏ 12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏b


12.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ سۆزىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

12 بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نساق،‏ ئىشلىرىمىز ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بىزنى سۇ‌لايمانغا ئوخشاش بايلىق ۋە شان-‏شۆھرە‌ت ئىگە قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌دە بە‌رمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ پە‌قە‌ت خۇ‌داغا بويسۇ‌نساق،‏ ئۇ توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دانالىق ۋە كۆرسە‌تمە بېرىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏6،‏ 7؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ ئۇ‌نىڭ پرىنسىپلىرى بىزگە ئىش ئورنى،‏ بىلىم ئېلىش،‏ كۆڭۈل ئېچىش،‏ پۇ‌ل قارىتا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌پ،‏ دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىپ ياشىساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى ساقلاپ،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشە‌لە‌يمىز (‏پە‌ند.‏ نە 2:‏10،‏ 11)‏.‏ ئۇ‌ندىن باشقا،‏ ياخشى دوستلارنى تاپالايمىز ۋە ئائىلىمىزدىكىلە‌ر بىلە‌ن بە‌خت ئىچىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىمىز.‏

13.‏ كارمېن ھاياتىدا ئە‌ڭ توغرا قارار چىقىرىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

13 موزامبىكتا ياشايدىغان كارمېن ھاياتىدا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشى ئۈچۈن ئالىي مە‌كتە‌پتە بىلىم ئېلىش زۆرۈر دە‌پ ئويلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا چۈشۈپ،‏ بىناكارلىق كە‌سپىدە ئوقۇ‌شقا باشلىغان.‏ ئۇ بۇ كە‌سىپنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بۇ كە‌سىپتە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن كۆپ زېھنى كۈچۈم ۋە ۋاقتىمنى سە‌رپ قىلدىم.‏ مە‌ن ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ن سائە‌ت يە‌تتە يېرىمدىن باشلاپ،‏ كە‌چقۇ‌رۇ‌ن سائە‌ت ئالتىگىچە مە‌كتە‌پتە بولاتتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مېنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشىم قىيىن بولدى.‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىپ كە‌تتىم.‏ مە‌ن شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتىمكى،‏ مە‌ن ئىككى خوجايىنغا تە‌ڭ خىزمە‌ت قىلىۋاتاتتىم» (‏مە‌تتا 6:‏24‏)‏.‏ ئۇ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ بىزنىڭ نە‌شىرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌پ ئىزدە‌نگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «ئاقساقاللار ۋە ئاپام ماڭا ناھايىتى ياخشى مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ مە‌ن ئوقۇ‌شتىن ۋاز كېچىپ،‏ تولۇ‌ق ۋاقىت يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلدىم.‏ بۇ ھاياتىمدا چىقارغان ئە‌ڭ ئاقىلانە قارار،‏ مە‌ن ھە‌رگىز پۇ‌شايمان قىلمايمە‌ن».‏

14.‏ مۇ‌سا ۋە داۋۇ‌ت ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىدە قانداق ئوخشاشلىق بار؟‏

14 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى چوڭقۇ‌ر چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئاخىرقى ۋە‌سىيە‌ت سۆزىدە،‏ باشقىلارنى ئۆزلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋانى تاشلاپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتى ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قى بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌رىكە‌تلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئۇ‌لارنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈنمۇ زور ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە.‏ ئۇ‌لاردىن نە‌چچە يۈز يىللار كېيىن ياشىغان خۇ‌دانىڭ باشقا بىر خىزمە‌تچىسىمۇ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

خۇ‌شاللىققا ئېرىشىمىز

15.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ھاياتىدا نېمىلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن؟‏

15 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئە‌يسا مە‌سىھ بە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن ئە‌لچى ئىدى (‏مە‌تتا 10:‏2؛‏ يۇ‌ھاننا 19:‏26)‏.‏ ئۇ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن بىرلىكتە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن ۋە نۇ‌رغۇ‌ن مۆجىزىلە‌رنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ن.‏ ئۇ ئە‌يساغا سادىق بولغان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلتۈرۈلگە‌ندە،‏ يۇ‌ھاننا ئۇ يە‌ردە بولغان.‏ ئۇ تىرىلدۈرۈلگە‌ندە ھە‌م ئۇ‌نى كۆرگە‌ن.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا 1-‏ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ گۈللىنىشىگە گۇ‌ۋاھچى بولغان.‏ دە‌سلە‌پتە ئۇ‌لار ئازغىنە بىر توپ كىشىلە‌ر ئىدى،‏ كېيىنرە‌ك «ئاسمان ئاستىدىكى بارچە ئىنسانلار ئارىسىدا ۋە‌ز» قىلىدىغان توپ-‏توپ جامائە‌تلە‌ر قۇ‌رۇ‌لغان.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏23.‏

16.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ خېتى كىملە‌رگە ئىلھام بە‌رگە‌ن؟‏

16 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ياشىنىپ،‏ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىقى مە‌زگىلىدە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن كىشىنى ئە‌يمە‌ندۈرىدىغان ئە‌يسا مە‌سىھتىن كە‌لگە‌ن ۋە‌ھىينى قە‌لە‌مگە ئېلىش شان-‏شە‌رىپىگە مۇ‌يە‌سسە‌ر بولغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 1:‏1)‏.‏ ئۇ يە‌نە يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ۋە ئۈچ پارچە خە‌تنى يازغان.‏ ئۇ ئۈچىنچى خېتىنى ئۆز ئوغلىدە‌ك سۆيگە‌ن گايۇ‌س ئىسىملىك ئېتىقادچىغا يازغان (‏3-‏يۇ‌ھاننا 1)‏.‏ يۇ‌ھاننا گايۇ‌ستىن باشقا يە‌نە نۇ‌رغۇ‌نلىغان قېرىنداشلارنى ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىدە‌ك ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ گايۇ‌سقا خېتى قە‌دىمقى زاماندىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رغاندە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزنىمۇ ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏

17.‏ يۇ‌ھاننانىڭ 3-‏خېتى 4-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ نېمە يۇ‌ھاننانى ئىنتايىن خۇ‌شال قىلغان؟‏

17 ئە‌لچى يۇ‌ھاننا نېمىلە‌رنى يازغان؟‏ (‏3-‏يۇ‌ھاننا 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ خۇ‌داغا بويسۇ‌نغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن خۇ‌شال بولغانلىقىنى يازغان.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ساختا تە‌لىماتلارنى تارقىتىپ،‏ جامائە‌تتە بۆلگۈنچىلىكنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌بچى بولغان.‏ بىراق،‏ باشقىلار داۋاملىق «ھە‌قىقە‌ت يولىدا» ماڭغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ «ئە‌مرلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىپ» ياشىغان (‏2-‏يۇ‌ھاننا 4،‏ 6)‏.‏ بۇ سادىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پە‌قە‌ت ئە‌لچى يۇ‌ھاننانى خۇ‌شال قىلىپ قالماي،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىمۇ خۇ‌رسە‌ن قىلغان ئىدى.‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏11.‏

18.‏ يۇ‌ھاننانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىگە ئۆگىنىمىز؟‏

18 بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌ش خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۇ‌رىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلساق،‏ ئۆزىمىزمۇ خۇ‌شال بولىمىز.‏ خۇ‌دايىمىز بىزنىڭ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 23:‏15)‏.‏ ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌رمۇ شاد-‏خۇ‌رام بولىدۇ ‏(‏لۇ‌قا 15:‏10)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىر-‏بىرىمىزنىڭ سىناقلارغا،‏ ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىمىز (‏2-‏سالونىكا.‏ 1:‏4)‏.‏ ئاخىرىدا،‏ پات ئارىدا شە‌يتاننىڭ بۇ دۇ‌نياسى يوق قىلىنغاندا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىشنى تاللىغانلىقىمىز ئۈچۈن شاد-‏خۇ‌رام بولىمىز.‏

19.‏ رېيچېل ئىسىملىك قېرىنداش باشقىلارغا ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

19 باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىمىز.‏ دومىنىكا جۇ‌مھۇ‌رىيىتىدە ياشايدىغان رېيچېل ئىسىملىك قېرىندىشىمىز باشقىلارنىڭ ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىشنى زور شان-‏شە‌رە‌پ قارايدۇ.‏ ئۇ بىرنە‌چچە كىشىنىڭ يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاپ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ رېيچېل مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌لارنىڭ ئاستا-‏ئاستا يە‌ھۋا خۇ‌دانى چىن قە‌لبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىپ ياشاشنى باشلىغانلىقى ۋە ھاياتىدا ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قە‌لبىم سۆز بىلە‌ن تە‌سۋىرلىگۈسىز شاد-‏خۇ‌راملىققا تولدى.‏ قە‌لبىمدىكى بۇ خۇ‌شاللىق ئۇ‌لارغا تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىم ۋە بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقلىرىمدىن كۆپ ئە‌ھمىيە‌تلىكتۇ‌ر».‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بىر ئايالغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە بىلىم بېرىۋاتقان قېرىنداش.‏ 2.‏ كېيىن ئۇ‌لار ئىككىسى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بىرلىكتە ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏

بىز باشقىلارغا يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيۈش ۋە ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم بە‌رگىنىمىزدە،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولىمىز (‏19-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


ئاشۇ سادىق كىشىلە‌رنىڭ ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالايلى

20.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە ئە‌لچى يۇ‌ھاننا بىلە‌ن بىزلە‌رنىڭ قانداق ئوخشاش تە‌رە‌پلىرىمىز بار؟‏

20 مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە ئە‌لچى يۇ‌ھاننا قە‌دىمقى زاماندا ياشىغان.‏ ئۇ‌لار بىزدىن كۆپ پە‌رقلىق ھايات كە‌چۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان بىزلە‌ر بىلە‌ن ئوخشاش تە‌رە‌پلىرى بە‌ك كۆپ.‏ بىز ھە‌ممىمىز ئوخشاش پە‌قە‌ت بىر ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىمىز،‏ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ياردە‌م ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رنى سورايمىز.‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە بويسۇ‌نغانلارنى مول بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىغا بىزنىڭمۇ ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

21.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ،‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننانىڭ ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالساق،‏ قانداق مۇ‌كاپاتلارغا ئېرىشىمىز؟‏

21 دېمە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ ئاشۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نايلى.‏ شۇ‌ندىلا،‏ مە‌يلى نېمە قىلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئىشلىرىمىز ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولىدۇ ۋە مە‌ڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشىپ،‏ ئە‌بە‌دىل-‏ئە‌بە‌د ياشايمىز (‏تە‌كرار.‏ قا 30:‏20)‏.‏ ئاسماندىكى مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىمىزنى مە‌منۇ‌ن قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزمۇ خۇ‌شال بولىمىز.‏ ئۇ كېلە‌چە‌كتە بىزنى خىيالىمىزغا كە‌لتۈرە‌لمە‌يدىغان شە‌كىلدە ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 3:‏20.‏

شۇ كىشىلە‌رنىڭ ۋە‌سىيە‌ت سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

  •  مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر؟‏

  •  داۋۇ‌ت پادىشاھ؟‏

  •  ئە‌لچى يۇ‌ھاننا؟‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

a  يە‌ھۋا خۇ‌دا قىزىل دېڭىزدا كۆرسە‌تكە‌ن مۆجىزىلە‌رنى كۆرگە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرە‌لمىگە‌ن (‏سانلار 14:‏22،‏ 23)‏.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا بارچە 20 ياشقا تولغان ۋە ئۇ‌نىڭدىن چوڭ ياشتىكى كىشىلە‌رنىڭ چۆل-‏باياۋاندا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏سانلار 14:‏29)‏.‏ ئە‌مما،‏ بارلىق 20 ياشتىن كىچىكلە‌ر،‏ يە‌شۇ‌ئا،‏ كالېب ۋە لاۋىي قە‌بىلىسى ئىئوردان دە‌رياسىدىن ئۆتۈپ،‏ قانان زېمىنىغا كىرىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 1:‏24–‏40.‏

b ‏11-‏بە‌تتىكى:‏ سول تە‌رە‌پ:‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئوغلى سۇ‌لايمانغا ئاخىرقى ۋە‌سىيە‌ت سۆزىنى ئېيتىۋاتىدۇ.‏ ئوڭ تە‌رە‌پ:‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلار پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش