كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 مارت 26-‏31 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌سادىن ۋە ئىسرائىللاردىن ساۋاق ئالايلى
  • ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە
  • قېرىغاندا قىينىلىپ قېلىشتىن غە‌م قىلغاندا
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىقنى پە‌رقلە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بىز ئە‌سلا يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 مارت 26-‏31 ب.‏

13-‏تە‌تقىق ماقالىسى

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س

‏«يە‌ھۋانىڭ قولى شۇ‌نداق قىسقىمۇ؟‏»‏‏.‏—‏سانلار 11:‏23.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

بۇ ماقالە يە‌ھۋانىڭ جە‌زمە‌ن ئېھتىياجلىرىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

1.‏ مۇ‌سا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا،‏ نېمە ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا تايانغانلىقى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

ئىبرانىيلار يېزىلغان خە‌تتە ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئۈلگىلىرى سۈپىتىدە كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرى —‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر (‏ئىبرانىي.‏ 3:‏2–‏5؛‏ 11:‏23–‏25)‏.‏ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا،‏ مۇ‌سا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ فىرئە‌ۋن ۋە ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نلىرىدىن قورقماي،‏ يە‌ھۋا تايىنىپ،‏ ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ،‏ كېيىن چۆل-‏باياۋاندا يېتە‌كلە‌پ يۈرگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏27–‏29)‏.‏ كۆپۈنچە ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلالايدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلانغان بولسىمۇ،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر داۋاملىق ئۆز خۇ‌داسىغا ئىشە‌نگە‌ن.‏ يە‌ھۋا مۇ‌سانىڭ ئىشە‌نچىسىنى يە‌ردە قويمىغان،‏ ئۇ مۆجىزە ئارقىلىق چۆل-‏باياۋاندا ئىسرائىللارنى سۇ ۋە يېمە‌كلىكلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ تۇ‌رغانa‏.‏—‏چىق.‏ 15:‏22–‏25؛‏ زە‌بۇ‌ر 78:‏23–‏25.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا مۇ‌سادىن:‏ «يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقىمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورىغان؟‏ (‏سانلار 11:‏21–‏23)‏

2 مىسىردىن چىقىپ تە‌خمىنە‌ن بىر يىلدىن كېيىن،‏ مۇ‌سا يە‌ھۋانىڭ ئىسرائىللارنى گۆش بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌نلايدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلىنىشقا باشلىغان.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌سا شۇ چاغدا يە‌ھۋانىڭ چۆل-‏باياۋاندا مىليونلىغان ئىسرائىللارنى قانداق قىلىپ گۆش بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمىغان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن:‏ «يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان ‏(‏سانلار 11:‏21–‏23-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ يە‌ردىكى «يە‌ھۋانىڭ قولى» دېگە‌ن ئىبارە،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى كۆرسىتىدۇ،‏ ياراتقۇ‌چى ئاشۇ كۈچنى ئىشلىتىپ ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ يە‌ھۋا مۇ‌سادىن مۇ‌نداق سورىغان:‏ «سېنىڭچە،‏ ئېغىزىمدىن چىقارغان سۆزۈمنى ئورۇ‌نداشقا مېنىڭ كۈچۈم يە‌تمە‌سمۇ؟‏».‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌سا ۋە ئىسرائىللار باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىشلار چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش بىز ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

3 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىزنى ۋە ئائىلىڭىزنى يىمە‌ك-‏ئىچمە‌ك ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ بېرىشىدىن غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئىسرائىللارنىڭ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋادىن گۇ‌مانلانغانلىقىنى تە‌پسىلىيرە‌ك كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌سلىكىگە كۈچلۈك ئىشە‌نچ باغلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى پرىنسىپلارنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

مۇ‌سادىن ۋە ئىسرائىللاردىن ساۋاق ئالايلى

4.‏ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لە‌يدىغانلىقىدىن گۇ‌مانلانغان؟‏

4 ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يات مىللە‌تلە‌ردىن بولغان كىشىلە‌رمۇ ئۇ‌لارغا قوشۇ‌لۇ‌پ چىققان.‏ ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا بېرىش ئۈچۈن ئۇ‌لار بىر مە‌زگىل چۆل-‏باياۋاندا يۈرگە‌ن (‏چىق.‏ 12:‏38؛‏ تە‌كرار.‏ قا 8:‏15)‏.‏ بۇ بىر توپ يات مىللە‌ت كىشىلىرى كۈندە ماننا يە‌پ،‏ زېرىكىپ نارازى بولۇ‌شقان.‏ نە‌تىجىدە كۆپلىگە‌ن ئىسرائىللار ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چراپ،‏ نارازىلىق بىلدۈرۈشكە‌ن (‏سانلار 11:‏4–‏6)‏.‏ ئۇ‌لار مىسىردا يېگە‌ن تاماقلىرىنى سېغىنىشقا باشلىغان.‏ خە‌لق غودۇ‌ڭىشىپ،‏ مۇ‌ساغا شىكايە‌ت قىلىۋە‌رگە‌چكە،‏ بە‌لكىم ئۇ خە‌لققە سورىغان نە‌رسىنى تېپىپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ مە‌جبۇ‌رىيىتى دە‌پ قارىغان بولسا كېرە‌ك.‏—‏سانلار 11:‏13،‏ 14.‏

5،‏ 6.‏ يات مىللە‌تلە‌ردىن بولغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىسرائىللارغا تە‌سىر قىلغانلىقىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

5 يات مىللە‌تلە‌ردىن چىققان ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى قە‌دىرلىمىگە‌ن ۋە ئىسرائىللارمۇ ئۇ‌لارنىڭ يامان تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا يۈرسە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌نلىرىگە شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلماي،‏ ئۆتمۈشتىكى ھاياتىمىزنى سېغىنىشقا ياكى باشقىلارغا ھە‌سە‌ت قىلىشقا باشلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌رقانداق ۋە‌زىيە‌تتە شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى بىلسە‌ك،‏ چوقۇ‌م خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ياشايمىز.‏

6 ئىسرائىللار يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىسىنى ئېسىدە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌كتى.‏ ئۇ‌لار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كە‌لگە‌ندە،‏ ھە‌ممە نە‌رسىسى تە‌لتۆكۈس باياشات تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌تتى.‏ لېكىن،‏ بۇ سۆزلە‌ر چۆل-‏باياۋاندا يۈرگە‌ندە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لاتتى.‏ بىزمۇ دىققىتىمىزنى بۇ دۇ‌نيادا ھازىر ئېرىشە‌لمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ يېڭى دۇ‌نيادا يە‌ھۋا بىزنى ئېرىشتۈرۈشنى ۋە‌دە قىلغان مول بە‌رىكە‌تلە‌رگە قارىتايلى.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئىمان بىلە‌ن يە‌ھۋاغا تايىنىپ ياشاش ئۈچۈن ئاشۇ ۋە‌دىلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان ئايە‌تلە‌ر توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنايلى.‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌سلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

7 «يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقىمۇ؟‏».‏ خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق سوئالنى سورىغان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ مۇ‌سانىڭ ئىككى نە‌رسە توغرىسىدا ئويلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رمە‌كچى بولغان:‏ (‏1)‏ ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىز؛‏(‏2)‏ خىزمە‌تچىلىرى مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولسۇ‌ن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىسرائىللار قاقاس چۆل-‏باياۋاندا يۈرسىمۇ،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى گۆش بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لە‌يتتى.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرى قە‌يە‌ردە بولمىسۇ‌ن،‏ «كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك قولى ۋە سۇ‌زۇ‌لغان بىلىكى بىلە‌ن» ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 136:‏11،‏ 12)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ يە‌ھۋانىڭ قولىنى سوزۇ‌پ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىدىن گۇ‌مان قىلمايلى.‏—‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6،‏ 7.‏

8.‏ ئىسرائىللارغا ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

8 كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ يە‌ھۋا ۋە‌دە بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ ئۆز خە‌لقىگە نۇ‌رغۇ‌ن بۆدۈنىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئىسرائىللار خۇ‌دانىڭ بۇ مۆجىزىسىگە رە‌ھمە‌ت ئېيتمىغان.‏ ھە‌تتا نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر كېچە-‏كۈندۈز توختىماي بۆدۈنىلە‌رنى تۇ‌تۇ‌شقا كىرىشىپ،‏ ئاچكۆزلۈك قىلىشقان.‏ يە‌ھۋا «نە‌پسى يامان» خە‌لققە غە‌زە‌پلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى جازالىغان (‏سانلار 11:‏31–‏34)‏.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ مە‌يلى باي ياكى گاداي بولايلى،‏ ئاچكۆزلۈك تۇ‌زىغىغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌ربىرىمىز ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا بىلە‌ن دوستلۇ‌قىمىزنى كۈچە‌يتىش ئارقىلىق بايلىقىمىزنى ئاسماندا توپلىشىمىز لازىم.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىمىز.‏—‏مە‌تتا 6:‏19،‏ 20؛‏ لۇ‌قا 16:‏9.‏

ئىسرائىل خە‌لقى كە‌چتە چۆل-‏باياۋاندا بۆدۈنىلە‌رنى يىغىۋاتىدۇ.‏

خۇ‌دا ئىسرائىل خە‌لقىگە گۆش بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار قانداق روھنى كۆرسە‌تتى ۋە بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


9.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

9 بۈگۈنكى كۈندىمۇ يە‌ھۋا قولىنى سوزۇ‌پ،‏ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە ياردە‌م بېرىدۇ‌ر.‏ بۇ ھاياتىمىزدا ھېچقانداق ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بولمايدىغانلىقىنى،‏ قوسىقىمىز ئە‌سلا ئاچ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇb‏؟‏!‏ ياق.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دايىمىز بىزنى ھە‌رگىزمۇ تاشلىمايدۇ.‏ قانداق قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرمە‌يلى،‏ ئۇ بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌پ،‏ كۈچ-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ تۆۋە‌ندىكى ئىككى ۋە‌زىيە‌تتە:‏ (‏1)‏ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ (‏2)‏ قېرىغاندا قىينىلىپ قېلىشتىن غە‌م قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك قولىنى سوزۇ‌پ،‏ بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزنى قامدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏

ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە

10.‏ بىز قانداق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

10 زامان ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ دۇ‌نيانىڭ ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.‏ سىياسىي ئۆزگىرىشلە‌ر،‏ قوراللىق توقۇ‌نۇ‌شلار،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر ياكى يېڭى يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌رنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شى سە‌ۋە‌بلىك ئىش ئورنىمىز،‏ مال-‏مۈلكىمىز ياكى ئۆيۈمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ جان بېقىش ئۈچۈن يېڭى ئىش تېپىشقا ياكى ئائىلىمىز بىلە‌ن باشقا يە‌رگە كۆچۈپ كېتىشكە مە‌جبۇ‌ر بولىمىز.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە چىقارغان قارارلىرىمىز يە‌ھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

11.‏ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ (‏لۇ‌قا 12:‏29–‏31)‏

11 غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىڭىزنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ئېيتىپ بېرىڭ،‏ بۇ بە‌ك مۇ‌ھىم ۋە سىزگە كۆپ ياردە‌م بېرىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 16:‏3)‏.‏ ئۆز ۋە‌زىيىتىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،‏ خۇ‌دادىن توغرا قارار چىقىرىش ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دانالىق سوراڭ ‏(‏لۇ‌قا 12:‏29–‏31-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بارىغا شۈكۈر قانائە‌ت قىلىپ ياشاش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏7،‏ 8)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزدىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌لۇ‌مات ئىزدە‌ڭ.‏ jw.org تور بېكىتىدىكى مۇ‌شۇ ماۋزۇ توغرىسىدىكى فىلىملە‌ر ۋە ماقالىلە‌ر كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

12.‏ ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن ئىشقا كىرمە‌كچى بولغاندا،‏ قانداق سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىش دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 بە‌زىلە‌ر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ،‏ يىراق بىر يە‌رگە ئىشلە‌ش ئۈچۈن كېتىپ قالىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نداق قىلغانلارنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىرى ئە‌خمىقانە قارار چىقارغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىرە‌ر ئىشقا كىرىشتىن ئاۋۋال،‏ پە‌قە‌ت مائاشىنى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنىمۇ نە‌زە‌ر ئېلىپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ (‏لۇ‌قا 14:‏28)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «يىراق يە‌رگە بېرىپ ئىشلىسە‌م،‏ بۇ ئە‌ر-‏ئايال ئىككىمىز ئايرىلىپ،‏ باشقا-‏باشقا يە‌ردە تۇ‌رساق،‏ نىكاھىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ يىغىلىشلارغا بارالايمە‌نمۇ؟‏ ۋە‌ز خىزمە‌تكە چىقالايمە‌نمۇ؟‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلاردىن يىراقلىشىپ كېتىمە‌نمۇ؟‏».‏ بالىلىرىڭىز بار بولسا،‏ «بالىلىرىمنىڭ يېنىدا بولمىسام،‏ ئۇ‌لارنى ‹يە‌ھۋانىڭ تە‌لىم-‏تە‌ربىيىسى ۋە نە‌سىھىتى بىلە‌ن تە‌ربىيىلە‌ڭلار› دېگە‌ن سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلالايمە‌نمۇ؟‏» دېگە‌ن سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏4)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلمايدىغان ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلار ۋە دوستلارنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئېيتقىنى بويىچە قارار چىقىرىڭc‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاسىيادا ياشايدىغان تونى ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر بىرنە‌چچە قېتىم چە‌تئە‌لدە ئىشلە‌شكە چاقىرىلغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئايالى بىلە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌شكە‌ندىن كېيىن بۇ تە‌كلىپنى رە‌ت قىلىپ،‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا ئائىلىدە چىقىملارنى ئازايتىشنى قارار قىلغان.‏ تونى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «شۇ‌نداق قارار چىقارغاچقا،‏ بىرنە‌چچە ئادە‌منىڭ يە‌ھۋانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرە‌لىدىم.‏ بالىلىرىمىزمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.‏ بىز مە‌تتا 6:‏33‏-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە دائىم غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق».‏

قېرىغاندا قىينىلىپ قېلىشتىن غە‌م قىلغاندا

13.‏ ياشانغان ۋاقتىمىزدا مۇ‌ھتاجلىقتا قالماسلىق ئۈچۈن ھازىر نېمە قىلالايمىز؟‏

13 ياشانغاندا ئۆزۈمنى قانداق باقىمە‌ن دە‌پ ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىز بۇ مە‌سىلىدىمۇ يە‌ھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى تىرىشىپ ئىشلە‌پ،‏ ئالدىنئالا كېلە‌چە‌كنىڭ غېمىنى قىلىپ قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 6:‏6–‏11)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ شارائىتىمىز مۇ‌مكىنچىلىك بە‌رسە،‏ ئازراق پۇ‌ل يىغىپ قويساق ياخشى.‏ چۈنكى،‏ پۇ‌ل بىزگە مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ھىمايە بولۇ‌پ،‏ كۆڭلىڭىز خاتىرجە‌م بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏ۋە‌ز 7:‏12)‏.‏ بىراق،‏ پۇ‌ل تېپىش ھاياتىمىزدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش بولۇ‌پ كېتىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

14.‏ ئىبرانىيلار 13:‏5-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر كېلە‌چە‌كنىڭ غېمىنى قىلغاندا،‏ تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشنى ساقلاشقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 ئە‌يسا مىسال كە‌لتۈرۈپ،‏ مال-‏دۇ‌نيا توپلاشنىڭ ئە‌خمە‌قلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏16–‏21)‏.‏ بىز ئە‌تە نېمە بولىدىغانلىقىنى،‏ بېشىمىزغا قانداق كۈن كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز (‏پە‌ند ن.‏ 23:‏4،‏ 5؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏13–‏15)‏.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مال-‏مۈلكىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏لۇ‌قا 14:‏33)‏.‏ يە‌ھۇ‌دىيىدە ياشىغان بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بارلىق مال-‏مۈلكىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولغان (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏34)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلىرىمىز ھېچقانداق سىياسىي پارتىيىنى قوللىمىغاچقا،‏ مال-‏مۈلكىدىن ياكى ئىشى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏16،‏ 17)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ھە‌رگىز تاشلىمايمە‌ن» دېگە‌ن ۋە‌دىسىگە قە‌تئىي ئىشە‌نگە‌ن ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياشىنىپ قالغاندا تۇ‌رمۇ‌شىمىزنى قامداشقا قۇ‌ربىتىمىز يېتىشى ئۈچۈن ھازىر قولىمىزدىن كېلىشىچە كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن تە‌ييارلىق قىلىمىز.‏ لېكىن،‏ كۈتۈلمىگە‌ن ئىش يۈز بە‌رسە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىمىز.‏

15.‏ خۇ‌دا تايىنىدىغان ئاتا-‏ئانىلار بالىلاردىن نېمىنى كۈتۈشى ۋە نېمىنى كۈتمە‌سلىكى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

15 بە‌زى مە‌دە‌نىيە‌تلە‌ردە ئە‌ر-‏ئاياللار ياشانغاندا بىزنى باقىدۇ دە‌پ بالىلىق بولۇ‌پ،‏ پە‌رزە‌نتلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ بالىلار ئاتا-‏ئانىسىنى ئە‌مە‌س،‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى قامدىشى كېرە‌ك (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏14)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئاتا-‏ئانىلار ياشانغان ۋاقىتتا ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ۋە نۇ‌رغۇ‌ن بالىلار ئاتا-‏ئانىلىرىغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏4)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىدىغان ئاتا-‏ئانىلار شۇ‌نى ئېنىق بىلىدۇ‌كى،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق كېلە‌چە‌كتە چوڭ قىلغان پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ ئۇ‌لارنىڭ ھالىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغانلىقىدىن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈشتىن كېلىدۇ.‏—‏3-‏يۇ‌ھاننا 4.‏

ئە‌ر-‏ئايال خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قىزى ۋە كۈيئوغلى بىلە‌ن ۋىدىئولۇ‌ق تېلېفون ئۇ‌لىنىشى ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ قىزى ۋە كۈيئوغلى قۇ‌رۇ‌لۇ‌شچىلارنىڭ مە‌خسۇ‌س كىيىمىنى كىيگە‌ن.‏

يە‌ھۋاغا تايانغان ئە‌ر-‏ئاياللار قارار قىلغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى نە‌زە‌رگە ئالىدۇ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏d


16.‏ كېلە‌چە‌كتە بالىلار ئۆز جېنىنى ئۆزىنى بېقىشقا تە‌ييار بولۇ‌شى ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلالايدۇ؟‏ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏28)‏

16 بالىلىرىڭىزغا چوڭ بولغاندا ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىنى قانداق قامداشنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ بالىلىرىڭىزغا كىچىكىدىن باشلاپ،‏ تىرىشىپ ئىشلە‌شنىڭ بە‌ك مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م قىلىڭ (‏پە‌ند ن.‏ 29:‏21؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏28-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا قارىتا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌كتە‌پتە ياخشى ئوقۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىڭ.‏ بالىلىرىڭلار مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ قانداق كە‌سپى بىلىم ئېلىش ۋە ئۇ‌نى قانداق ئىشلىتىشنى قانداق قارار قىلماقچى بولغاندا،‏ ئاتا-‏ئانىلار،‏ سىلە‌ر ئىزدىنىپ تە‌تقىق قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئە‌مە‌ل قوللىنىپ،‏ بالىلىرىڭلارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىڭلار.‏ شۇ چاغدا،‏ بالىلىرىڭلار كېلە‌چە‌كتە ئۆز جېنىنى ئۆزى باقالايدۇ ۋە قىزغىن ۋە‌ز قىلالايدۇ،‏ ھە‌تتا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏

17.‏ نېمىگە قە‌تئىي ئىشىنە‌لە‌يمىز؟‏

17 يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى شۇ‌نىڭغا قە‌تئىي ئىشىنىدۇ‌كى:‏ ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرىشكە تامامە‌ن قادىردۇ‌ر ۋە شۇ‌نداق قىلىشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۆپ سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ مە‌يلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە ھە‌ردائىم غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئېھتىياجىمىزنى قامدايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنە‌يلى.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىگە قادىر قولىنى ۋە بىلىكىنى سوزۇ‌پ ياردە‌م بېرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س!‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ۋە ئىسرائىللاردىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

  •  ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  •  ئالدىنئالا كېلە‌چە‌كنىڭ غېمىنى قىلىپ قويماقچى بولغاندا،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

a  «كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2023-‏يىل،‏ ئۆكتە‌بىر سانىدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىگە قاراڭ.‏

b  «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2014-‏يىل،‏ 15-‏سېنتە‌بىر سانىدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏» دېگە‌ن سە‌ھىپىگە قاراڭ.‏

c  «بارىغا قانائە‌ت قىلىڭلار» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏

d رە‌سىمدە:‏ يە‌ھۋاغا تايانغان ئە‌ر-‏ئايال قىزى ۋە كۈيۈئوغلى بىلە‌ن سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏ قىزى يولدىشى بىلە‌ن بىللە يىغىلىش زالىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش