كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 يانۋار 2-‏7 ب.‏
  • يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈڭلار!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈڭلار!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز؟‏
  • يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى قانداق بېرە‌لە‌يمىز؟‏
  • يە‌ھۋا پات-‏يېقىندا ئۆز ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ؟‏
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ‏«كىمگە ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆزۈڭلار تاللاڭلار»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ ئىسىمى ئە‌يسا ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم بولغان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلسۇ‌ن!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 يانۋار 2-‏7 ب.‏

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

138-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ سېنىڭ ئىسىمىڭ

يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈڭلار!‏

2025-‏يىللىق ئايە‌ت:‏ ‏«يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىڭلار»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 96:‏8.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

يە‌ھۋاغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى قانداق ئۇ‌نىڭغا بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئادە‌ملە‌ر پە‌قە‌ت نېمىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ؟‏

بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئادە‌ملە‌رنىڭ پە‌قە‌ت ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۆزىنىلا ئويلايدىغانلىقىنى بايقىغانسىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلە‌رنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ۋە ئېرىشكە‌ن ئۇ‌تۇ‌قلىرىنى كۆرسىتىپ ماختىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە ئاز ساندىكى كىشىلە‌رلا يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىشنى خالايدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىگە لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە ئۆز ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

2.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىناي تېغىدا نېمە قىلغان؟‏ (‏ رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قۇ‌درە‌تلىك،‏ ئۇ‌لۇ‌غ خۇ‌دا يە‌ھۋانىڭ شان-‏شە‌رە‌پ ۋە مە‌دھىيىگە لايىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئىسرائىل خە‌لقى مىسىردىكى قۇ‌للۇ‌قتىن ئازاد قىلىنىپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ شان-‏شە‌رىپىنى ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌لدا نامايان قىلغان.‏ مىليونلىغان ئىسرائىللار سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىگە يىغىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا،‏ تاغنى قويۇ‌ق قارا بۇ‌لۇ‌ت ۋە ئىس-‏تۈتە‌ك قاپلىغان،‏ يە‌ر قاتتىق سىلكىنىپ،‏ ھاۋا گۈلدۈرلە‌پ،‏ چاقماق چاققان ۋە ناھايىتى كۈچلۈك كاناي ئاۋازى ئاڭلانغان (‏چىق.‏ 19:‏16–‏18؛‏ 24:‏17؛‏ زە‌بۇ‌ر 68:‏8)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ۋە شان-‏شە‌رىپىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئىسرائىل خە‌لقى نە‌قە‌دە‌ر ھە‌يران بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ!‏

چاقماق چېقىپ،‏ قارا بۇ‌لۇ‌ت سىناي تېغىنى قاپلىدى.‏ ئىسرائىل خە‌لقى تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلدى.‏

سىناي تېغىدا يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا شۆھرىتىنى ئاجايىپ يول بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن (‏2-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


3.‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

3 ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز ئىنسانلار ھە‌م يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ‌نىڭ بىر يولى —‏ باشقىلارغا يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ۋە باشقا گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى بايان قىلىشتۇ‌ر.‏ باشقا بىر يولى —‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئىشلىرىمىز ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولسا،‏ ياراتقۇ‌چىمىزنى ئۇ‌لۇ‌غلاپ،‏ شان-‏شە‌رە‌پنى ئۇ‌نىڭغا بېرىشتۇ‌ر (‏يە‌شايا 26:‏12)‏.‏ شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بېرىشتە پادىشاھ داۋۇ‌ت بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا يە‌ھۋاغا قىلغان دۇ‌ئاسىدا مۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق،‏ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏ گۈزە‌للىك ۋە شان-‏شە‌رە‌پ ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت سېنىڭكى،‏ چۈنكى ئاسمان ۋە يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ممىسى سېنىڭكىدۇ‌ر».‏ داۋۇ‌تنىڭ دۇ‌ئاسىدىن كېيىن،‏ «يە‌ھۋاغا پۈتۈن جامائە‌ت ھە‌مدۇ‌سانا ئېيتتى».‏—‏تار.‏ 1-‏ياز.‏ 29:‏11،‏ 20.‏

4.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋاغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى قانداق بە‌رگە‌ن؟‏

4 ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ ئۆزىنىڭ ئاتىسى بە‌رگە‌ن كۈچكە تايىنىپ مۆجىزىلە‌رنى قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىپ،‏ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلىگە‌ن (‏ماركۇ‌س 5:‏18–‏20)‏.‏ ئۇ يە‌نە باشقىلارنىڭ يە‌ھۋانىڭ نە‌قە‌دە‌ر ياخشى ئاتا ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شكە ئۈندىگە‌ن.‏ بىر كۈنى،‏ ئۇ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئىبادە‌تخانىسىدا تە‌لىم بېرىۋاتقاندا،‏ ئاڭلاپ ئولتۇ‌رغانلار ئارىسىدا جىن چاپلاشقانلىقتىن 18 يىلدىن بېرى بېلى مۈكچىيىپ،‏ رۇ‌سلىنىپ تىك تۇ‌رالمىغان بىر ئايال بار ئىدى.‏ ئە‌يسا ئۇ ئايالنىڭ ناھايىتى كۆپ دە‌رد تارتقانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچى ئاغرىغان ھالدا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن:‏ «كېسىلىڭىزدىن ساقايدىڭىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئاندىن،‏ ئۇ قوللىرىنى ئايالنىڭ ئۈستىگە قويغان ۋە ئۇ ئايال دە‌رھال رۇ‌سلىنىپ تىڭ تۇ‌رۇ‌پ،‏ «خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌شكە» باشلىغان (‏لۇ‌قا 13:‏10–‏13)‏.‏ بۇ ئايالغا ئوخشاش،‏ بىزنىڭمۇ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىشىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏

نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز؟‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرىمىز؟‏

5 يە‌ھۋاغا چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرىمىز بار.‏ ئۇ ھە‌ممىگە قادىر،‏ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىز خۇ‌دا (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏4–‏7)‏.‏ ئۇ ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلار ئۇ‌نىڭ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلغۇ‌سىز دانالىقىنى نامايان قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزگە ھاياتلىقنى بېرىپ قالماي،‏ يە‌نە ھاياتىمىزنى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 4:‏11)‏.‏ ئۇ ۋاپادار (‏ۋە‌ھىي.‏ 15:‏4)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ قىلغان ھە‌رقانداق مۇ‌ۋاپىقيە‌تلىك بولىدۇ ۋە ئۇ ھە‌ردائىم ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ (‏يە‌شۇ‌ئا 23:‏14)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «بارچە ئە‌للە‌رنىڭ ئارىسىدا ۋە بارچە پادىشاھلىقلارنىڭ ئارىسىدا،‏ ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇ‌ر!‏» (‏يە‌رە‌م.‏ 10:‏6،‏ 7)‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلىرى بار.‏ لېكىن،‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىزدىن باشقا،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيۈشىمىزگە ھە‌م لايىقتۇ‌ر.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىمىز؟‏

6 يە‌ھۋانى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيىمىز.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى بىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌نى سۆيۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ رە‌ھىمدىل ۋە كۆيۈمچان (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏13؛‏ يە‌شايا 49:‏15)‏.‏ ئۇ بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ بىز ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلى ئاغرىيدۇ (‏زە‌كە‌رىيا 2:‏8)‏.‏ ياراتقۇ‌چىمىز بىزنىڭ ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14؛‏ ئە‌لچى.‏ 17:‏27)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ بە‌ك كىچىك پېئىل.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ ئېگىلىپ ئاسمان بىلە‌ن يە‌رگە نە‌زە‌ر سالار،‏ بىچارىنى توپا-‏چاڭلاردىن يۆلە‌پ تۇ‌رغۇ‌زار» (‏زە‌بۇ‌ر 113:‏6،‏ 7)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ شۇ‌نداق كۆپ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرى بار ئىكە‌ن،‏ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ بارچە شان-‏شە‌رە‌پنى ئۇ‌نىڭغا بېرىشىمىز خالايمىز،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏12.‏

7.‏ بىزنىڭ قانداق ئالاھىدە پۇ‌رسىتىمىز بار؟‏

7 ئىنسانلارنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىشىنى خالايمىز.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلار يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى بىلمە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ شە‌يتان يالغان-‏ياۋىداقلارنى تارقىتىپ،‏ كىشىلە‌رنىڭ «ئە‌قلىنى كور» قىلغان (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏4)‏.‏ شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى خۇ‌دا رە‌ھىمسىز،‏ بىزگە كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ ۋە ئۇ دۇ‌نيادىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلغان دېگە‌نلە‌رگە ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بىز خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئوبدان بىلىمىز.‏ بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ كۆزلىرى ئېچىلىپ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نى ئۇ‌لۇ‌غلاشنى ئۆگىنىشىگە ياردە‌م بېرىش پۇ‌رسىتىمىز بار (‏يە‌شايا 43:‏10)‏ زە‌بۇ‌ر 96-‏بابنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئاساسلىقى يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلاشقا قارىتىلغان.‏ ھازىر بىرلىكتە،‏ بۇ بابتىن يە‌ھۋاغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى،‏ ئۇ‌نىڭغا بېرىشنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى قانداق بېرە‌لە‌يمىز؟‏

8.‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنىڭ يوللىرىدىن بىرى قايسى؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏1–‏3)‏

8 زە‌بۇ‌ر 96:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏ زە‌بۇ‌ردىكى بۇ ئايە‌تلە‌ر بىزنى مۇ‌نداق دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا ناخشا ئېيتىڭلار»،‏ «ئۇ‌نىڭ ئىسىمىنى مە‌دھىيىلە‌ڭلار،‏ «ئۇ‌نىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈڭلار»،‏ «ئۇ‌نىڭ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قىنى مىللە‌تلە‌ر ئارىسىدا جاكارلاڭلار».‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنىڭ يوللىرى.‏ قە‌دىمكى زاماندىكى يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرى ياراتقۇ‌چىنىڭ ئېسىل-‏پە‌زىلە‌تلىرى ۋە ئۇ‌لارغا قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقلىرى توغرىسىدا باشقىلارغا قىزغىنلىق بىلە‌ن ئېيتقان ئىدى (‏دانىيال 3:‏16–‏18؛‏ ئە‌لچى.‏ 4:‏29)‏.‏ بىز ئۇ‌لاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

9،‏ 10.‏ ئانجېلىنانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

9 ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئانجېلىناa ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ ئىشى ئورنىدا جاسارە‌ت بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ نام-‏شۆھرىتىنى قوغدىغان.‏ ئۇ ئە‌مدىلا شۇ ئىش ئورنىغا كىرگە‌ندە،‏ بىر يىغىنغا قاتنىشىشقا تە‌كلىپ قىلىنغان.‏ شۇ چاغدا،‏ بارلىق يېڭى ئىشچىلار بىر-‏بىرلە‌پ ئۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇ‌شتۇ‌رغان.‏ ئانجېلىنا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغىنى ئۈچۈن ناھايىتى خۇ‌شال ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن سۈرە‌تلە‌رنى تە‌ييارلىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ سۆز باشلاشتىن ئاۋۋال،‏ بىر خىزمە‌تدىشى ئۆزىنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى زاڭلىق قىلىشقا باشلىغان.‏ ئانجېلىنا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ ۋاقىتتا،‏ ناھايىتى جىددىيلىشىپ،‏ يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى.‏ لېكىن،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمگە شۇ‌نداق دېدىم:‏ بىرىنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق يالغان ئېيتىشىغا يول قويىمە‌نمۇ؟‏ ياق،‏ ھە‌رگىز بولمايدۇ.‏ مە‌ن ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ نام-‏شۆھرىتىنى قوغدايمە‌ن».‏

10 خىزمە‌تدىشى سۆزلە‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئانجېلىنا كۆڭلىدە قىسقا،‏ ئۈنسىز دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئاندىن،‏ ئۇ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌نداق سۆز باشلىغان:‏ «مە‌نمۇ سىزگە ئوخشاش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان.‏ ئە‌مما،‏ ئوخشىمايدىغان يېرى،‏ مە‌ن مۇ‌شۇ كە‌مگىچە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى».‏ كۆپچىلىك بىر قىسمە‌ن بولۇ‌پ قالسىمۇ،‏ ئانجېلىنا جىددىيلە‌شمە‌ي سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ خىزمە‌تداشلىرىغا ئالاھىدە چوڭ يىغىلىشتا چۈشكە‌ن سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ ئۆزىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلغىنى ئۈچۈن بە‌ك خۇ‌شال ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏15)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئانجېلىنا سۆزلە‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ شۇ يىگىتنىڭ قاپىقى ئېچىلغان.‏ ئۇ ھە‌تتا كىچىكىدە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن ئارىلاشقاندا،‏ بە‌زى كۆڭۈل ئۆتكە‌ن چاغلىرىنى سۆزلە‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئانجېلىنا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ نام-‏شۆھرىتى قوغدىشىمىزغا لايىقتۇ‌ر.‏ ئۇ توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى باشقىلارغا ئېيتىش مە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏».‏ باشقىلار ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا قارشى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلغاندا،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىش بىز ئۈچۈن ھە‌م چوڭ شان-‏شە‌رە‌پتۇ‌ر.‏

ئانجېلىنا خىزمە‌تداشلىرىغا سۈرە‌تلە‌رنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە چوڭ يىغىلىشتا باشقا دۆلە‌تلە‌ردىن كە‌لگە‌ن مېھمانلار بىلە‌ن چۈشكە‌ن سۈرىتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏

بىز گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز،‏ ماددىي نە‌رسىلىرىمىز ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز (‏9،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏b


11.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى زە‌بۇ‌ر 96:‏8-‏ئايە‌تتىكى پرىنسىپقا قانداق ئە‌مە‌ل قىلىۋاتىدۇ؟‏

11 زە‌بۇ‌ر 96:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز ماددىي نە‌رسىلىرىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏ قە‌دىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۆزىدە بار بولغان ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋانى ئۇ‌لۇ‌غلاپ كېلىۋاتىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 3:‏9)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسرائىللار ئىبادە‌تخانىنى سېلىش ۋە ئۇ‌نى ئاسراپ تۈزە‌ش ئىشلىرى ئۈچۈن پۇ‌ل ۋە قىممە‌تباھا نە‌رسىلىرىنى ئىئانە قىلىشقان ئىدى (‏2-‏پادىشاھ.‏ 12:‏4،‏ 5؛‏ 1-‏تارىخ.‏ 29:‏3–‏9)‏.‏ بە‌زى شاگىرتلار «ئۆز مال-‏مۈلۈكلىرى بىلە‌ن»،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان (‏لۇ‌قا 8:‏1–‏3)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئاچارچىلىق يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى ئاپە‌تتىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش بۇ‌يۇ‌ملىرىنى ئە‌ۋە‌تىپ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان (‏ئە‌لچى.‏ 11:‏27–‏29)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئىختىيارىي ئىئانىلىرىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏

12.‏ يە‌ھۋاغا ئىئانىلىرىمىز قانداق شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

12 ئىئانىلىرىمىز قانداقلارچە يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ 2020-‏يىلى زىمبابۋېدا يۈز بە‌رگە‌ن قۇ‌رغاقچىلىق ئاپىتى ئۇ‌زۇ‌نغا سۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتى ئۆلۈم خە‌ۋپىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن،‏ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز پرىسكامۇ بار ئىدى.‏ شۇ‌نداق قىيىنچىلىقنىڭ بولۇ‌شىغا قارىماي،‏ ئۇ داۋاملىق ھە‌پتە سە‌يشە‌نبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ۋە‌ز خىزمە‌تكە بارغان،‏ ھە‌تتا يە‌ر ھە‌يدە‌ش پە‌سلىدە ھە‌م شۇ‌نداق ۋە‌ز خىزمىتىنى قولدىن بە‌رمىگە‌ن.‏ قوشنىلىرى ئۇ‌نى:‏ «ئېتىزدا ئىشلىمە‌ي،‏ بۇ‌نداق يۈرسە‌ڭ،‏ چوقۇ‌م ئاچ قېلىپ ئۆلىسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ زاڭلىق قىلىشقان.‏ پرىسكا ئىككىلە‌نمە‌ي،‏ ئىشە‌نچ بىلە‌ن مۇ‌نداق جاۋاب بە‌رگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌سلا تاشلىمايدۇ».‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك باشقا لازىمە‌تلىكلە‌رنى يە‌تكۈزۈپ بە‌رگە‌ن.‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ ئىئانىلە‌رنى قىلغاچ،‏ تە‌شكىلاتىمىز پرىسكا ۋە باشقا قېرىنداشلىرىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ پرىسكانىڭ قوشنىلىرى ھە‌يران بولۇ‌شۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ «خۇ‌دا راستىنلا سېنى تاشلىمىدى،‏ بىزمۇ خۇ‌دايىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىشنى خالايمىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌تتە قوشنىسى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا كېلىشكە باشلىغان.‏

پرىسكا بىر قېرىنداش بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ.‏ پرىسكا قوشنىلىرىنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا قارىماي،‏ داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

بىز ماددىي نە‌رسىلە‌ر ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏c


13.‏ يە‌ھۋاغا يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز قانداق شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏9)‏

13 زە‌بۇ‌ر 96:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏ ئىبادە‌تخانىدا خىزمە‌ت قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ روھانىيلار چوقۇ‌م ئۆز تېنىنى يۇ‌يۇ‌پ پاكىزلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏چىق.‏ 40:‏30–‏32)‏.‏ لېكىن،‏ جىسمانىي تازلىقتىنمۇ بە‌كرە‌ك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز يە‌نى،‏ ئە‌خلاقىمىزنىڭ پاك بولۇ‌شى مۇ‌ھىمراقتۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 24:‏3،‏ 4؛‏ 1-‏پېتر.‏ 1:‏15،‏ 16)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىزگە «كونا تە‌بىئە‌تنى» سېلىپ تاشلاپ،‏ «يېڭى تە‌بىئە‌تنى» كىيىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋا ياقتۇ‌رمايدىغان ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ۋە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شنى تاشلاشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قاراشلىرى بويىچە ئويلىنىش ۋە ئىش قىلىشقا تىرىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ گۈزە‌ل پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم (‏كولوسى.‏ 3:‏9،‏ 10)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا ئە‌ڭ يىرگىنچلىك ۋە زوراۋان ئادە‌ملە‌رمۇ يېڭى تە‌بىئە‌تنى كىيىپ،‏ ئۆزىنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ.‏

14.‏ جېكنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

14 جېكنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ ناھايىتى زوراۋان ۋە خە‌تە‌رلىك ئادە‌م بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭغا «ئالۋاستى» دە‌پ لە‌قە‌م قويۇ‌شقان.‏ ئۇ ھە‌ر تۈرلۈك جىنايە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزگە‌چكە،‏ ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.‏ لېكىن،‏ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقاندا،‏ ئۇ تۈرمىدە ۋە‌ز قىلىشقا كە‌لگە‌ن بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىغان.‏ ئۆتمۈشتە نۇ‌رغۇ‌ن رە‌زىل ئىشلارنى قىلسىمۇ،‏ جېك كونا تە‌بىئىتىنى تاشلاپ،‏ پۈتۈنلە‌ي ئۆزگىرىپ،‏ كېيىنرە‌ك چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ جېنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ ئۆزگە‌رگە‌ن ئىدىكى،‏ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۈنى ھە‌تتا بە‌زى تۈرمە ساقچىلىرى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خوشلىشىپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان.‏ بىر تۈرمە ئە‌مە‌لدارى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «جېك تۈرمىگە كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌ڭ قە‌بىھ جىنايە‌تچى ئىدى،‏ ھازىر بولسا،‏ ئۇ ئە‌ڭ ياخشى ئادە‌م».‏ جېك ئۆلتۈرۈلۈپ بىرقانچە كۈنلە‌ردىن كېيىن،‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر تۈرمىگە بېرىپ،‏ شۇ ھە‌پتىدىكى ئىبادە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ قاتناشقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر جىنايە‌تچى بىرىنچى قېتىم يىغىلىشقا كە‌لگە‌ن ئىدى.‏ جېنىڭ ئۆزگە‌رگە‌نلىكى ئۇ‌نىڭغا قاتتىق تە‌سىر قىلغاچقا،‏ ئۇ‌مۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلىشنى خالىغان.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ مىسالدىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ياخشى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز بىلە‌ن ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏12.‏

قاراۋۇ‌للار جېكنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇ‌پ،‏ بىرى كۆزلىرىدىن ئاققان يېشىنى سۈرتۈۋاتىدۇ.‏

بىز يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىز ئارقىلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌لە‌يمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏d


يە‌ھۋا پات-‏يېقىندا ئۆز ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ؟‏

15.‏ پات-‏يېقىندا يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ؟‏ (‏زە‌بۇ‌ر 96:‏10–‏13)‏

15 زە‌بۇ‌ر 96:‏10–‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ زە‌بۇ‌ر 96-‏بابنىڭ ئاخىرقى ئايە‌تلىرىدە،‏ يە‌ھۋا ئادىل پادىشاھ ۋە سوتچى دە‌پ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ پات-‏يېقىندا يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى قانداق ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ؟‏ ئۇ ئادالە‌تنى ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ‌نى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدۇ.‏ يېقىن كە‌لگۈسىدە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ نام-‏شۆھرىتىگە داغ تە‌گكۈزگە‌ن كاتتا بابىلنى كۆزدىن يوقىتىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 17:‏5،‏ 16؛‏ 19:‏1،‏ 2)‏.‏ بە‌زىلە‌ر كاتتا بابىلنىڭ ۋە‌يران قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ بىزگە قوشۇ‌لۇ‌پ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى باشلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاخىرىدا،‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە قارشى چىققانلارنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ھالاك قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دانى سۆيۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نغانلارنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسىمىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ (‏ماركۇ‌س 8:‏38؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 1:‏6–‏10)‏.‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندا،‏ ئىنسانلار ئە‌ڭ ئاخىرقى سىناقتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى تە‌لتۆكۈس ئۇ‌لۇ‌غلاپ،‏ پە‌قە‌ت يالغۇ‌ز ئۇ ئىبادە‌تكە لايىق ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 20:‏7–‏10)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ «خۇ‌ددى سۇ‌لار دېڭىزنى تولدۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قى ھە‌ققىدىكى بىلىم پۈتكۈل يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رىدۇ».‏—‏ھاباق.‏ 2:‏14.‏

16.‏ سىز نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

16 پات-‏يېقىندا،‏ بارچە ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىدۇ.‏ شۇ كۈن كە‌لگە‌ندە چە‌كسىز شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز!‏ بىراق،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھە‌م ھە‌ربىر پۇ‌رسە‌تنى قولدىن بە‌رمە‌ي،‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا ھە‌ققىدە سۆزلە‌ش ۋە ئۇ‌نىڭغا مە‌دھىيە ۋە شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌نى ئۇ‌لۇ‌غلىيالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلە‌ش ئۈچۈن،‏ رە‌ھبە‌رلىك كېڭە‌ش 2025-‏يىلنىڭ يىللىق ئايىتى سۈپىتىدە زە‌بۇ‌ر 96:‏8-‏ئايە‌تنى تاللىغان:‏ ‏«يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىڭلار».‏

ئاسماندىكى پە‌رىشتىلە‌ر ۋە يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتىكى ئىنسانلار شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ۋاتىدۇ.‏

ئاخىرىدا ھە‌ممە ئىنسانلار يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى بېرىدۇ!‏ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش دېگە‌ن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

  •  نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈشنى خالايمىز؟‏

  •  يە‌ھۋاغا ئۆز ئىسىمىغا لايىق شان-‏شە‌رە‌پنى قانداق بېرە‌لە‌يمىز؟‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر يە‌ھۋا!‏

a  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئانجېلىنانىڭ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈشى.‏

c سۈرە‌تتە:‏ پرىسكانىڭ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈشى.‏

d سۈرە‌تتە:‏ جېكنىڭ سە‌ھنىلە‌شتۈرۈلگە‌ن كۆرۈنۈشى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش