كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 يانۋار 8-‏13 ب.‏
  • ئە‌رلە‌ر،‏ ئايالىڭلارنى ئە‌زىزلە‌ڭلار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌رلە‌ر،‏ ئايالىڭلارنى ئە‌زىزلە‌ڭلار
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ
  • ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارنى قانداق تاشلىيالايسىز؟‏
  • ئايالىڭىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 1-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 يانۋار 8-‏13 ب.‏

2-‏تە‌تقىق ماقالىسى

36-‏ناخشا «خۇ‌دا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن»‏

ئە‌رلە‌ر،‏ ئايالىڭلارنى ئە‌زىزلە‌ڭلار

‏«ئە‌ي ئە‌رلە‌ر … ئايالىڭلارنى … ئە‌زىزلە‌ڭلار».‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏7.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئە‌ر كىشى گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق ئايالىنى ئە‌زىزلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شنى سوۋغات قىلغان؟‏

يە‌ھۋا —‏ «شاد-‏خۇ‌رام» خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ بىزنىڭمۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏11)‏.‏ ئۇ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە نۇ‌رغۇ‌ن سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن (‏ياقۇ‌پ 1:‏17)‏.‏ شۇ سوۋغاتلاردىن بىرى —‏ نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌ش.‏ توي قىلغان كۈنى،‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال نىكاھ قە‌سىمى بېرىپ،‏ بىر-‏بىرىنى سۆيىدىغانلىقى ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىشىدۇ.‏ ئە‌ر-‏ئايال تويدىن كېيىن،‏ ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى داۋاملىق كۈچە‌يتسە،‏ ئۇ‌لار چوقۇ‌م شاد-‏خۇ‌رام ئىچىدە بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند ن.‏ 5:‏18.‏

2.‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌رنىڭ نىكاھى قانداق ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالغان؟‏

2 ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌ر-‏ئاياللار توي كۈنى قىلغان قە‌سە‌ملىرىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالىدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شال-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرمە‌يدۇ.‏ دۇ‌نيا سە‌ھىيە تە‌شكىلاتىنىڭ تە‌كشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌رلە‌ر ئايالىنى ئۇ‌رۇ‌پ-‏سوقىدۇ،‏ ھاقارە‌تلىك سۆزلە‌ر بىلە‌ن ياكى باشقا ئۇ‌سۇ‌لدا خورلايدۇ.‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئايالىنى ئە‌زىزلە‌پ،‏ ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلىدىغاندە‌ك بىرى كۆرسىتىدۇ،‏ لېكىن،‏ ئۆيىدە تامامە‌ن باشقىچە،‏ ئايالىغا ناچار مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كە‌ڭ تارقالغان بىر مە‌سىلە ئە‌رلە‌رنىڭ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشى بولۇ‌پ،‏ بۇ ئايال كىشىنى ئېرى ئۇ‌نى سۆيمە‌يدىغاندە‌ك ياكى ئە‌زىزلىمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رىدۇ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئايالىنى خورلايدۇ؟‏

3 بە‌زى ئە‌رلە‌ر نېمە ئۈچۈن ئايالىغا ناچار مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار كىچىكىدىن دادىسىنىڭ ئاپىسىغا قوپال مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنى نورمال ئە‌ھۋال دە‌پ ئويلايدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر مە‌دە‌نىيە‌تنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ ئۇ‌لار «ھە‌قىقىي ئە‌ر» قاتتىق قول بولۇ‌پ،‏ ئايالىغا ئائىلىدە كىم خوجايىن ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك دە‌پ ئويلايدۇ.‏ يە‌نە بىر قىسىم ئە‌رلە‌ر ئۆزىنى قانداق تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ۋە ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشنى بىلمە‌يدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى دائىم شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌چ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئايال كىشىگە ۋە جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تكە قارىتا كۆز قارىشى بۇ‌رمىلانغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ تە‌تقىقات نە‌تىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،‏ 19-COVID تاجىسىمان ۋىرۇ‌سى تارقىلىپ يۈرگە‌ن مە‌زگىلدە،‏ ئائىلىدە ئە‌رلە‌رنىڭ ئاياللىرىغا زوراۋانلىق قىلىشى تېخىمۇ كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن تۈرلۈك ئامىللارنىڭ ھېچبىرى ئە‌رلە‌رنىڭ ئاياللىرىغا زوراۋانلىق قىلىشىغا سە‌ۋە‌ب بولالمايدۇ.‏

4.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئە‌رلە‌ر قايسى جە‌ھە‌تتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

4 ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولغان ئە‌رلە‌ر بۇ دۇ‌نيا كىشىلىرىنىڭ ئاياللارغا بولغان ناتوغرا كۆز قارىشىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چراشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شى كېرە‌كa‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ خاتا ئوي-‏پىكىرلە‌ر ھە‌مىشە كىشىنى خاتا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تكە يېتە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س رىمدىكى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنى «بۇ دۇ‌نيانىڭ قېلىپىغا كىرمە‌ڭلار» دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏رىملىقلار 12:‏1،‏ 2)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ رىمدىكى جامائە‌تنىڭ قۇ‌رۇ‌لغانلىقىغا بىرنە‌چچە يىل بولغان بولسىمۇ،‏ جامائە‌تتىكى بە‌زى قېرىنداشلار يە‌نىلا بۇ دۇ‌نيادىكى ئە‌نئە‌نىۋى كۆز قارىشى ۋە ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى ئوي-‏پىكىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ئۆزگە‌رتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ جامائە‌تتىكى ئە‌رلە‌ر بۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشى كېرە‌ك.‏ ئېچىنارلىقى،‏ بە‌زى توي قىلغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ دۇ‌نيانىڭ يامان تە‌سىرىگە ئۇ‌چراپ قىلماي،‏ ھە‌تتا ئايالىنى خورلىغانb‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌رلە‌ردىن ئايالىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ماقالىنىڭ ئاساسىي تېما ئايىتىدىن تاپالايمىز.‏

5.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ئە‌ر كىشى ئايالىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

5 1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا ئە‌رلە‌رگە ئايالىنى ئە‌زىزلە‌شنى بۇ‌يرىغان.‏ بۇ ئە‌زىزلە‌ش سۆزى بولسا،‏ ئە‌رنىڭ ئايالىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز ئە‌رنىڭ ئۆز ئايالىنى ئە‌زىزلە‌يدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ لېكىن،‏ بىز ئاۋۋال ئە‌رلە‌ر قايسى بە‌زى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن چوقۇ‌م ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ڭ

6.‏ يە‌ھۋا ئايالىغا قول تە‌گكۈزگە‌ن ئە‌رلە‌رگە قانداق قارايدۇ؟‏ (‏كولوسىلىقلار 3:‏19)‏

6 ئايالىغا قول تە‌گكۈزۈش.‏ يە‌ھۋا زوراۋان كىشىلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 11:‏5)‏.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ ئايالىنى ئۇ‌رغان ئە‌رلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ (‏مالاك.‏ 2:‏16؛‏ كولوسىلىقلار 3:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ماقالىنىڭ ئاساسىي ئايىتى،‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏7-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌ر ئۆز ئايالىغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى بۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سالماسلىقى مۇ‌مكىن.‏

7.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا ئە‌ر كىشى ئايالىغا قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرە‌ك؟‏ (‏«سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسىگە» قاراڭ)‏.‏

7 ئايالىغا قوپال سۆزلە‌ش.‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئايالىغا قوپال،‏ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا «ئاچچىقلىنىش،‏ غە‌زە‌پلىنىش،‏ جېدە‌للىشىش ۋە ھاقارە‌تلە‌ش»نى ئۆچ كۆرىدۇc ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزنىڭ قىلغان ھە‌ربىر ئېغىز سۆزىمىزنى يە‌ھۋا ئاڭلاپ تۇ‌رىدۇ.‏ ھە‌تتا ئە‌ر-‏ئايال ئۆيدە يالغۇ‌ز قالغاندا،‏ ئە‌رنىڭ ئايالىغا قىلغان سۆزىگە دىققە‌ت قىلىدۇ.‏ قە‌ستە‌ن ئايالىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلىدىغان كىشى پە‌قە‌ت نىكاھىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىغا زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏26.‏

8.‏ يە‌ھۋا شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رگە قارىتا قانداق كۆز قاراشتا ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

8 شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش.‏ يە‌ھۋا شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌نلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدىغان كىشى ئۆزىنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە بۇ‌زغۇ‌نچىلىق قىلىپ قالماي،‏ ئايالىغا ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغان بولىدۇd‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌رلە‌ردىن ئايالىغا پە‌قە‌ت ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا ئوي-‏پىكىرىدە ھە‌م ۋاپادار بولۇ‌شىنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئېيتقاندە‌ك،‏ «كىمكى بىر ئايالغا كۆزىنى ئۈزمە‌ي قاراپ،‏ شە‌ھۋانىي ئوي-‏خىيالدا بولسا،‏ ئاللىقاچان كۆڭلىدە زىنا قىلغان بولىدۇ»‏e‏.‏—‏مە‌تتا 5:‏28،‏ 29‏.‏

9.‏ ئە‌ر كىشى ئۆز ئايالىنى جىنسىي جە‌ھە‌تتىن خورلىسا،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بۇ‌نىڭدىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ؟‏

9 جىنسىي خورلاش.‏ بە‌زى ئە‌رلە‌ر ئايالى بىلە‌ن جىنسىي ئالاقىدە بولغاندا،‏ ئايالىنىڭ كۆڭلى كۆتۈرمە‌يدىغان ياكى ئۆزىنى خورلانغاندە‌ك ھېس قىلدۇ‌رىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلايدۇ.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق شە‌خسىيە‌تچىلىك ۋە مېھىر-‏شە‌پقە‌تسىزلىك تولغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن نە‌پرە‌تلىنىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌رلە‌ردىن تە‌لە‌پ قىلىدىغىنى،‏ ئۆز ئايالىنى سۆيۈش،‏ ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌ش ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ھۆرمە‌تلە‌ش (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏28،‏ 29)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان كىشى ئاللىقاچان ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌ن،‏ ئۇ‌نى خورلىغان ياكى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌ن بولسىچۇ؟‏ ئۇ ئوي-‏پىكىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى قانداق ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ؟‏

ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارنى قانداق تاشلىيالايسىز؟‏

10.‏ ئە‌رلە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

10 ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ،‏ خورلۇ‌ق ھېس قىلدۇ‌رىدىغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى تاشلاش ئۈچۈن ئە‌رلە‌ر نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏ ئۇ ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشسا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆيلە‌نمىگە‌ن بولسىمۇ،‏ بارچە توي قىلغان ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن ئە‌رلە‌ر ئۆز ئايالىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏25)‏.‏ كېلىڭلار،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى؛‏ قانداق سۆزلىگە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ ئە‌رلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

11.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌لچىلىرىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان؟‏

11 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌لچىلىرىگە ھە‌ردائىم كۆيۈنگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىنى قىلغان.‏ ئۇ ھېچقاچان قوپال تە‌گمىگە‌ن ۋە قاتتىق قول بولمىغان.‏ گە‌رچە ئە‌يسا ئۇ‌لاردىن كۆپ كۈچلۈك ياكى ھوقۇ‌قلۇ‌ق بولسىمۇ،‏ ھېچقاچان ئۆز ھوقۇ‌قىنى ئۇ‌لارغا بېسىم ياكى ھە‌يۋە قىلىش ئۈچۈن ئىشلە‌تمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئە‌يسا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ خىزمىتىدە بولغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏12–‏17)‏.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە:‏ «مە‌ن مۇ‌لايىم ۋە كە‌متە‌رمە‌ن،‏ … مە‌ندىن ئۆگىنىڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلىپ جېنىڭلار ئارام تاپىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏28–‏30‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تتىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا مۇ‌لايىم بولغان.‏ مۇ‌لايىم كىشى ھە‌رگىزمۇ ئاجىز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ ئۆزىنى تۇ‌تۇ‌ۋالالايدىغان كۈچلۈك كىشىدۇ‌ر.‏ كىمدۇ-‏بىرلىرى تېرىكتۈرگە‌ندە،‏ مۇ‌لايىم كىشى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،‏ سە‌ۋرچانلىق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ.‏

12.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتا قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

12 ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ردائىم باشقىلارغا تە‌سە‌للى ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان سۆزلە‌رنى قىلغان.‏ ئۇ ھېچقاچان شاگىرتلىرىغا قوپال سۆزلىمىگە‌ن (‏لۇ‌قا 8:‏47،‏ 48)‏.‏ ھە‌تتا دۈشمە‌نلىرى ھاقارە‌تلە‌پ،‏ ئە‌تە‌ي ئۇ‌نىڭ ئاچچىقىنى كە‌لتۈرمە‌كچى بولغاندا،‏ ئە‌يسا «ھاقارە‌ت بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رمىغان» (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21–‏23)‏.‏ بە‌زىدە،‏ قوپال سۆز بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ ئۈندىمە‌ي جىم تۇ‌رۇ‌شنى تاللىغان (‏مە‌تتا 27:‏12–‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە!‏

13.‏ مە‌تتا 19:‏4–‏6‏-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئە‌ر كىشى قانداق قىلىپ «ئايالى بىلە‌ن باغلىنىدۇ»؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

13 ئە‌يسا مە‌سىھ ئە‌رلە‌ر ئاياللىرىغا ۋاپادار بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئاتىسى يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى تە‌كرارلاپ،‏ ئە‌ر كىشى «… ئۆز ئايالى بىلە‌ن باغلىنىدۇ» دېگە‌ن ‏(‏مە‌تتا 19:‏4–‏6‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئايە‌تتىكى «باغلىنىش» دېگە‌ن گرېكچە سۆز ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە «چاپلىشىش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌ت خۇ‌ددى ئۇ‌لار يېلىم بىلە‌ن چاپلاشقاندە‌ك كۈچلۈك بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لاردىن بىرى ئۆز جۈپتىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان بىر ئىشنى قىلسا،‏ چوقۇ‌م ھە‌ر ئىككىلىسى ئازاب چېكىدۇ.‏ ئايالىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئە‌ر كىشى ھە‌رقانداق شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رگە يېقىن يولىمايدۇ.‏ ئۇ  دە‌رھال كۆزلىرىنى «ئە‌رزىمە‌س نە‌رسىلە‌رگە قاراشتىن» ئېلىپ قاچىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏37)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئۇ ئۆز ئايالىدىن باشقا ئاياللارغا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س بىلە‌ن تىكىلىپ قارىماسلىق ئۈچۈن كۆزلىرى بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 31:‏1.‏

ماشىنا رېمونتخانىسىدا ئىشلە‌يدىغان بۇ‌رادە‌ر.‏ خىزمە‌تداشلىرى ئۇ‌نى شە‌ھۋانىي سۈرە‌تلە‌ر بېسىلغان ژۇ‌رنالنى كۆرۈشكە چاقىرغاندا،‏ ئۇ تە‌كلىپنى رە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

ۋاپادار ئە‌ر شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشنى رە‌ت قىلىدۇ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏g


14.‏ ئايالىنى خورلايدىغان ئە‌رلە‌ر ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ۋە ئايالى بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

14 ئايالىغا قول تە‌گكۈزىدىغان ياكى قوپال سۆزلە‌يدىغان ئە‌رلە‌ر يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان ئىشلاردىن باشقا،‏ يە‌نە چوقۇ‌م تۆۋە‌ندىكى بىرنە‌چچە قە‌دە‌م باسقۇ‌چلارنى بېسىش ئارقىلىق ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن ۋە ئايالى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈشى كېرە‌ك.‏ بىرىنچى،‏ ئۆزىنىڭ ناتوغرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم.‏ يە‌ھۋا قىلغان ھە‌ربىر ئىشىمىزنى كۆرىدۇ ۋە ھە‌ربىر سۆزىمىزنى ئاڭلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 44:‏21؛‏ ۋە‌ز 12:‏14؛‏ ئىبرانىي.‏ 4:‏13)‏.‏ ئىككىنچى،‏ چوقۇ‌م ئايالىنى خورلاشنى توختىتىپ،‏ ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىشى كېرە‌ك (‏پە‌ند ن.‏ 28:‏13)‏.‏ ئۈچىنچى،‏ سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن ئايالىدىن ۋە يە‌ھۋادىن ئە‌پۇ سوراپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىش كېرە‌ك (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا يالۋۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۆزىدە ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىش ئارزۇ-‏ئىستىكى بولۇ‌شى ۋە يە‌نە ئوي-‏پىكىرى،‏ گە‌پ-‏سۆزلىرى،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى تىزگىنلە‌ش كۈچى بولۇ‌شى ئۈچۈن ياردە‌م سورىشى لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏10–‏12؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 10:‏5؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏13)‏.‏ تۆتىنچى،‏ دۇ‌ئاسىغا ماس ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىپ،‏ ھە‌رقانداق زورلۇ‌ق-‏زومبۇ‌لۇ‌قنى ۋە ھاقارە‌تلىك گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئۆچ كۆرۈشنى ئۆگىنىشى كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10)‏.‏ بە‌شىنچى،‏ ئۇ دە‌رھال جامائە‌ت ئاقساقاللىرىدىن ياردە‌م سورىشى كېرە‌ك (‏ياقۇ‌پ 5:‏14–‏16)‏.‏ ئالتىنچى،‏ قايتا ناتوغرا ئىشلارنى تە‌كرارلىماسلىق ئۈچۈن ئېنىق بىر پىلان تۈزۈشى لازىم.‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدىغان ئە‌رلە‌رمۇ مۇ‌شۇ ئالتە قە‌دە‌م باسقۇ‌چ بويىچە قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلە‌ن تىرىشىۋاتقان ئە‌رلە‌رنى يە‌ھۋا چوقۇ‌م بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏5)‏.‏ بىراق،‏ ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى توختىتىشى يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س،‏ ئە‌ر كىشى چوقۇ‌م ئايالىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنى ھە‌م ئۆگىنىشى لازىم.‏ ئۇ بۇ‌نى قانداق قىلالايدۇ؟‏

ئايالىڭىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ

15.‏ ئە‌ر كىشى ئۆز ئايالىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى قانداق ئىزھار قىلالايدۇ؟‏

15 سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىزھار قىلىڭ.‏ بە‌زى بۇ‌رادە‌رلە‌ر جۈپتى بىلە‌ن بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۈچۈن ھە‌ر كۈنى ئايالىغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئىزھار قىلىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 1-‏خ.‏ 3:‏18)‏.‏ ئە‌ر كىشى ئايالىنىڭ قولىنى تۇ‌تۇ‌ش ياكى ئايالىنى قۇ‌چاقلاپ قويۇ‌شتە‌ك ئاددىي يوللار بىلە‌ن سۆيگۈ ئىزھار قىلالايدۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ ئايالىغا «سىزنى سېغىندىم» ياكى «كۈنىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟‏» دېگە‌ندە‌ك قىسقا ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئە‌ۋە‌تسە بولىدۇ.‏ ئاندا-‏ساندا شىرىن-‏تاتلىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن سۆيگۈ ئىزھار قىلىدىغان خە‌تلە‌رنى يېزىپ قالدۇ‌رۇ‌پ قويسىمۇ بولىدۇ.‏ ئە‌ر كىشى مۇ‌شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلغاندا،‏ ئۇ ئايالىنى ئە‌زىزلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ،‏ نىكاھ رىشتىسىنى كۈچە‌يتە‌لە‌يدۇ.‏

16.‏ ئە‌ر كىشى نېمە ئۈچۈن ئايالىنى ماختاپ تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

16 ئۇ‌نى ماختاڭ ۋە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ.‏ ياخشى ئە‌ر دائىم يېقىملىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئايالىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بە‌كمۇ قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ،‏ ئايالىغا ئە‌زىزلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولى ئە‌ر ئۆزىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگىنى ئۈچۈن ئايالىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى كېرە‌ك (‏كولوسى.‏ 3:‏15)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر كىشى ئايالىنى چىن كۆڭلىدىن ماختىسا،‏ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرە‌لە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئايال كىشى ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر،‏ سۆيۈلگە‌ن ۋە ئە‌زىزلە‌نگە‌ندە‌ك ھېس قىلىدۇ.‏—‏پە‌ند ن.‏ 31:‏28.‏

17.‏ ئە‌ر كىشى ئايالىغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

17 ئايالىڭىزغا كۆيۈنۈپ،‏ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ.‏ ئايالىنى سۆيىدىغان ئە‌ر ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدۇ ۋە ئە‌زىزلە‌يدۇ.‏ ئۇ ئايالىنى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن قىممە‌تباھا سوۋغات دە‌پ قارايدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 18:‏22؛‏ 31:‏10)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌ر ھە‌تتا ئۇ‌لار ئىككىسى يالغۇ‌ز چاغلاردىمۇ،‏ ئايالنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ جىنسىي ئالاقە قىلغاندا،‏ ئايالىنىڭ كۆڭلى كۆتۈرمە‌يدىغان،‏ خورلۇ‌ق ھېس قىلدۇ‌رىدىغان ياكى ۋىجدانىنى ئازابلايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مە‌جبۇ‌رلىمايدۇf‏.‏ ئە‌ر ئۆزىمۇ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدان بىلە‌ن تۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏16.‏

18.‏ ئە‌رلە‌ر نېمە قىلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏«‏ئايالىڭىزغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنىڭ تۆت ئۇ‌سۇ‌لى‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ)‏،‏

18 ئە‌رلە‌ر،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ گە‌پ-‏سۆز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردە ئايالىڭلارغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆرسە‌ت تىرىشچانلىقىڭلارنى كۆرۈپ،‏ چوقۇ‌م ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏ سىلە‌ر ئايالىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ھە‌رقانداق ئىشلارنى قىلشتىن ساقلىنىش،‏ ئۇ‌لارغا كۆيۈمچان بولۇ‌ش،‏ ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىزھار قىلىش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى ئە‌زىزلە‌شكە قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ ئايالىڭلارنى سۆيىدىغان ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىڭلارنى كۆرسىتە‌لە‌يسىلە‌ر.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئايالىڭلارنى ئە‌زىزلە‌پ،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىڭلارنى ساقلاپ قالالايسىلە‌ر.‏—‏زە‌بۇ‌ر 25:‏14.‏

ئېرى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئايالىغا سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏

ئايالىڭىزغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشنىڭ تۆت ئۇ‌سۇ‌لى

خۇ‌دا خىزمە‌تچىسى ھە‌ردائىم باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشى لازىم (‏كولوسى.‏ 4:‏6)‏.‏ ئە‌ر كىشى ئايالى بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە ياكى باشقىلارغا ئايالى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقاندا،‏ بۇ نە‌سىھە‌تلە‌رگە قانداق ئە‌مە‌ل قىلالايدۇ؟‏

  1. 1.‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ سىلىق-‏سىپايە سۆزلە‌ڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «مە‌رھە‌مە‌ت» ۋە «رە‌ھمە‌ت» دېيىشنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ (‏يارىت.‏ 13:‏14؛‏ 15:‏5)‏.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ پە‌قە‌ت ئە‌دە‌پ-‏ئە‌خلاقنى نامايان قىلىپ قالماي،‏ ئايالىڭىزغا ھە‌قىقىي ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌تنى كۆرسىتىسىز.‏

  2. 2.‏ ئايالىڭىزنى ياخشى ئىشلىرىنى ماختاپ،‏ ئۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلە‌پ تۇ‌رۇ‌ڭ (‏پە‌ند ن.‏ 31:‏28،‏ 29)‏.‏ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇ‌نىڭ خاتالىقلىرى ياكى كە‌مچىلىكلىرى توغرىسىدا سۆز قىلماڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 50:‏20.‏

  3. 3.‏ ئاڭلاشقا ئالدىراڭ،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىماڭ.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏19.‏

  4. 4.‏ ھە‌تتا ئايالىڭىز بىلە‌ن ئوي-‏پىكىرىڭلار بىر يە‌ردىن چىقمىغاندا،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن سىلىق-‏سىپايە سۆزلە‌ڭ.‏—‏كولوسى.‏ 3:‏8،‏ 12.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ ئېرى ئۆز ئايالىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختاۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئايالى كۆڭلىدىكى سۆزلە‌رنى قىلىۋاتقاندا،‏ ئېرى ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاۋاتىدۇ.‏

ئە‌رلە‌ر بۇ ئايە‌تلە‌ردە بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌رگە قانداق قۇ‌لاق سالالايدۇ؟‏

  •  كولوسىلىقلار 3:‏19

  •  ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏31،‏ 32

  •  مە‌تتا 19:‏4–‏6

52-‏ناخشا قە‌لبىڭنى چىڭ قوغدا!‏

a  ئە‌رلە‌ر «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 2024-‏يىل،‏ يانۋار سانىدىكى «‏ئاياللارغا يە‌ھۋاغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلامسىز؟‏‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌پ چىقسا بولىدۇ.‏

b  ئېرىدىن خورلۇ‌ق كۆرگە‌ن ئاياللار «‏ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م‏» دېگە‌ن ماقالىدىن ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى تاپالايدۇ (‏jw.org تور بېكىتى ۋە «‏®yJW Librar‏» پروگراممىسىدىكى «باشقا ماۋزۇ‌لار»)‏.‏

c  سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ «كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان سۆزلە‌ر»‏ ھاقارە‌تلىك ۋە قوپال گە‌پ-‏سۆزلە‌ر بىلە‌ن تىللاش،‏ كە‌مسىتىش ۋە تە‌نقىدلە‌پ ئە‌يىبلە‌شنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌سلىدە غە‌رە‌زلىك ھالدا كە‌م سۇ‌ندۇ‌رىدىغان ۋە ھاقارە‌تلە‌يدىغان ھە‌رقانداق سۆزلە‌رنى قىلىش خورلاش ھېسابلىنىدۇ.‏

d ‏ jw.org تور بېكىتى ۋە «‏JW Library‏» پروگراممىسىدىن «‏شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنىڭ نىكاھنى ۋە‌يران قىلىشىغا يول قويماڭ‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌پ بېقىڭ.‏

e  ئېرى شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌نلاردىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرىدىغان ئاياللار «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژۇ‌رنىلى،‏ 2023-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست سانىدىكى «‏ئۆمۈرلۈك جۈپتىڭىز شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرگە‌ندە‏» دېگە‌ن ماقالىنى ئوقۇ‌سا بولىدۇ.‏

f  مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جىنسىي ئالاقە قىلغاندا،‏ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى پاك ياكى ناپاك ئىكە‌نلىكى ئېنىق يېزىلمىغان.‏ بۇ مە‌سىلىدە،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان ئە‌ر-‏ئايال ياراتقۇ‌چىسى يە‌ھۋانى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان،‏ بىر-‏بىرىنى خۇ‌شال قىلىدىغان ۋە پاك ۋىجدانىنى ساقلىيالايدىغان قارارنى چىقىرىشى كېرە‌ك.‏ ئادە‌تتە ئە‌ر-‏ئايال ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي تۇ‌رمۇ‌شى ھە‌ققىدە باشقىلار بىلە‌ن مۇ‌ھاكىمە قىلمايدۇ.‏

g رە‌سىمنىڭ چۈشە‌ندۈرۈشى:‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س خىزمە‌تداشلىرى بىر بۇ‌رادە‌رگە شە‌ھۋانىي سۈرە‌تلە‌ر بېسىلغان ژۇ‌رناللارنى كۆرسە‌تمە‌كچى بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش