كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ن 2-‏7 ب.‏
  • ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏1-‏قىسىم)‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏1-‏قىسىم)‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • رۇ‌بېن
  • شىمون ۋە لاۋىي
  • يە‌ھۇ‌دا
  • ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏2-‏قىسىم)‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ن 2-‏7 ب.‏

24-‏تە‌تقىق ماقالىسى

37-‏ناخشا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب –‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغان

ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنىمىز؟‏ (‏1-‏قىسىم)‏

‏«سىلە‌ر يىغىلىپ جە‌م بولۇ‌ڭلار،‏ مە‌ن سىلە‌رگە كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئۆزۈڭلارغا ئېيتىپ بېرە‌ي»‏ .‏—‏يارىت.‏ 49:‏1.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ياقۇ‌پنىڭ ئوغۇ‌للىرى رۇ‌بېن،‏ شىمون،‏ لاۋىي ۋە يە‌ھۇ‌دا ھە‌ققىدە ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

1،‏ 2.‏ ياقۇ‌پ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال نېمە قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

ياقۇ‌پ قېرىغاندا پۈتۈن ئائىلىسى بىلە‌ن قاناندىن مىسىرغا كۆچۈپ بارغان.‏ ئۇ شۇ يە‌ردە 17 يىل داۋاملىق يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغان (‏يارىت.‏ 47:‏28)‏.‏ ياقۇ‌پ ئوغلى يۈسۈپ بىلە‌ن قايتا كۆرۈشۈپ،‏ بىر ئائىلە كىشلىرى جە‌م بولغان شۇ مە‌زگىلدە،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولغانىدى.‏ مانا ئە‌مدى،‏ ئۇ پات-‏ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،‏ ھە‌ممە ئوغۇ‌للىرىنى چاقىرىپ جە‌م قىلىپ،‏ مۇ‌ھىم ئىش توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلاشقان.‏—‏يارىت.‏ 49:‏28.‏

2 قە‌دىمقى زاماندا،‏ بىر ئائىلە جە‌مە‌تىنىڭ بېشى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئائىلىسىدىكىلە‌رنى يىغىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئاخىرقى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىنى قىلاتتى (‏يە‌شايا 38:‏1)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ كىم ئائىلە جە‌مە‌تىنىڭ بېشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.‏

ياقۇ‌پ ۋە‌سىيە‌ت سۆزىدە 12 ئوغلىغا پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى ئېيتىۋاتىدۇ (‏1،‏ 2-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


3.‏ بىز يارىتىلىش 49:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

3 يارىتىلىش 49:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ لېكىن،‏ ياقۇ‌پنىڭ ئوغۇ‌للىرىنى يىغىپ ئېيتقان سۆزلىرى پە‌قە‌ت نە‌سىھە‌ت سۆزى ئە‌مە‌س،‏ بە‌زى بېشارە‌تلىك سۆزلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ يە‌نى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر ئوغۇ‌للىرى بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چوڭ ئىشلار ھە‌ققىدە بېشارە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى،‏ ياقۇ‌پنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى بېشارە‌تلىك سۆزلىرى دە‌پمۇ ئاتالغان.‏

4.‏ ياقۇ‌پ نېمىلە‌رنى ئالدىن ئېيتقان ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ (‏«‏ياقۇ‌پنىڭ ئائىلىسى‏» دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ بىز ياقۇ‌پنىڭ تۆت ئوغلى رۇ‌بېن،‏ شىمون،‏ لاۋىي ۋە يە‌ھۇ‌دا ھە‌ققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ باشقا سە‌ككىز ئوغلىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ياقۇ‌پ پە‌قە‌ت ئۆز ئوغۇ‌للىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سۆزلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلادلىرى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سۆزلە‌رنى قىلغان.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلادلىرى چوڭ بىر خە‌لققە ئايلانغان.‏ ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ تارىخىنى كۆرۈپ چىقساق،‏ ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزلىرى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

بۇ يە‌ردە ياقۇ‌پنىڭ ئائىلىسى كۆرسىتىلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ لېياھ ۋە راھىلە دېگە‌ن ئىككى ئايالى ۋە بىلھاھ بىلە‌ن زىلپا دېگە‌ن كىچىك خوتۇ‌نلىرى بولغان.‏ لېياھتىن تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌للىرى:‏ رۇ‌بېن،‏ شىمون،‏ لاۋىي،‏ يە‌ھۇ‌دا،‏ ئىسساكار،‏ زە‌بۇ‌لۇ‌ن ۋە دىنا.‏ راھىلە‌دىن تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌للىرى:‏ يۈسۈپ ۋە بىنيامىن.‏ بىلھاھتىن تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌للىرى:‏ دان ۋە نافتالى.‏ زىلپادىن تۇ‌غۇ‌لغان ئوغۇ‌للىرى:‏ گاد ۋە ئاشېر.‏

رۇ‌بېن

5.‏ رۇ‌بېن بە‌لكىم نېمىنى كۈتكە‌ن؟‏

5 ياقۇ‌پ ئاۋۋال چوڭ ئوغلى رۇ‌بېنغا:‏ «سە‌ن تۇ‌نجى ئوغلۇ‌مسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يارىت.‏ 49:‏3)‏.‏ رۇ‌بېن تۇ‌نجى ئوغۇ‌ل بولغاچقا،‏ بە‌لكىم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا ئىككى ھە‌سسە كۆپرە‌ك مىراس ئېلىشنى ياكى ئاتىسى ياقۇ‌پ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىدا ئائىلە جە‌مە‌تىنىڭ بېشى بولۇ‌شنى ئويلىغاندۇ.‏ ھە‌مدە يە‌نە كە‌لگۈسىدە ئۆز ئە‌ۋلادلىرىنىڭ بۇ ئورۇ‌نغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

6.‏ رۇ‌بېن نېمە سە‌ۋە‌بتىن تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلىپ قالغان؟‏ (‏يارىتىلىش 49:‏3،‏ 4)‏

6 ئە‌مما،‏ رۇ‌بېن تۇ‌نجى ئوغۇ‌للۇ‌ق ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلىپ قالغان (‏1-‏تارىخ.‏ 5:‏1)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ياقۇ‌پنىڭ ئامراق ئايالى راھىلە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ رۇ‌بېن ياقۇ‌پنىڭ كىچىك خوتۇ‌نى بىلھاھ بىلە‌ن بىر ئورۇ‌ندا يېتىپ،‏ زىنا قىلغانىدى (‏يارىت.‏ 35:‏19،‏ 22)‏.‏ رۇ‌بېن نېمىشقا شۇ‌نداق قىلغان؟‏ بىلھاھ ئە‌سلىدە راھىلە‌نىڭ خىزمە‌تكارى ئىدى.‏ رۇ‌بېن ياقۇ‌پنىڭ يە‌نە بىر ئايالى لېياھنىڭ ئوغلى ئىدى.‏ بە‌لكىم،‏ رۇ‌بېن بىلھاھ بىلە‌ن جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌ت ئۆتكۈزسە،‏ ياقۇ‌پ بىلھاھتىن نە‌پرە‌تلىنىپ،‏ ئاپىسى لېياھنى بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرىدۇ دە‌پ ئويلىغاندۇ.‏ ياكى بولمىسا،‏ رۇ‌بېننىڭ بىلھاھقا كۆزى چۈشۈپ،‏ شە‌ھۋانىي ھە‌ۋىسىنى بېسىۋالالماي،‏ بۇ چوڭ گۇ‌ناھنى قىلغاندۇ.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ رۇ‌بېننىڭ قىلمىشى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى ۋە ئاتىسى ياقۇ‌پنى ئىنتايىن غە‌زە‌پلە‌ندۈرگە‌ن.‏—‏يارىتىلىش 49:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7.‏ رۇ‌بېن ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرىغا نېمە بولغان؟‏ (‏«‏ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى‏» دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

7 ياقۇ‌پ ئوغلى رۇ‌بېنغا:‏ «سە‌ن ئۈستۈن بولالمايسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق كىشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىپ،‏ رۇ‌بېننىڭ ئە‌ۋلادى ئارىسىدىن ھېچبىر پادىشاھ،‏ روھانىي ياكى پە‌يغە‌مبە‌ر چىقمىغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ياقۇ‌پ رۇ‌بېننى مىراسسىز قالدۇ‌رمىغان،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرى كېيىن ئىسرائىللار ئارىسىدا پۈتۈن بىر قە‌بىلە بولغان (‏يە‌شۇ‌ئا 12:‏6)‏.‏ گە‌رچە رۇ‌بېن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ باشقا ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە بە‌زى ياخشى پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ قارىماققا،‏ ئۇ خاتالىقىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ كېيىن قايتا جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلمىغان.‏—‏يارىت.‏ 37:‏20–‏22؛‏ 42:‏37.‏

ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

رۇ‌بېن.‏

ئوغلى

رۇ‌بېن

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر

‏«سە‌ن ئۈستۈن بولالمايسە‌ن».‏—‏يارىت.‏ 49:‏4.‏

ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

رۇ‌بېن قە‌بىلىسى ھېچقاچان ئىسرائىللارغا يېتە‌كچىلىك قىلىپ باقمىغان.‏—‏1-‏تارىخ.‏ 5:‏1،‏ 2.‏

8.‏ رۇ‌بېننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

8 بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ بىز چوقۇ‌م خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلە‌رگە قارشى كۈرە‌ش قىلىش ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىقلارنى رە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھقا ئازدۇ‌رۇ‌لساق،‏ توختاپ،‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ،‏ ئائىلە ئە‌زالىرىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئازابلايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ «كىم نېمە تېرىسا،‏ شۇ‌نى يىغىدۇ» دېگە‌ن سۆزلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى (‏گالاتىيا.‏ 6:‏7)‏.‏ رۇ‌بېننىڭ مىسالى،‏ بىزگە يە‌ھۋانىڭ قانچىلىك رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساق،‏ قانداق ئاقىۋە‌تكە قالىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز گۇ‌ناھىمىزغا چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلىپ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرىدۇ ۋە بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ.‏

شىمون ۋە لاۋىي

9.‏ ياقۇ‌پ نېمە ئۈچۈن شىمون ۋە لاۋىيغا نارازى بولغان؟‏ (‏يارىتىلىش 49:‏5–‏7)‏

9 يارىتىلىش 49:‏5–‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ياقۇ‌پ كېيىن شىمون ۋە لاۋىيغا سۆز قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگە‌ن.‏ ئىلگىرى ياقۇ‌پ قانان زېمىنىدا ياشىغاندا،‏ قانانلىق شە‌كە‌م ياقۇ‌پنىڭ قىزى دىنانىڭ نومۇ‌سىغا تە‌گكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭغا ياقۇ‌پنىڭ ھە‌ممە ئوغۇ‌للىرى ئىنتايىن ئاچچىقلانغان.‏ لېكىن،‏ شىمون بىلە‌ن لاۋىي غە‌زىپىنى باسالماي،‏ زوراۋانلىق قىلغان.‏ ئۇ‌لار شە‌كە‌مگە ئۇ ۋە شە‌ھە‌ردىكى بارچە ئە‌ركە‌كلە‌ر خە‌تنە قىلدۇ‌رسا،‏ ياقۇ‌پنىڭ جە‌مە‌تى ئۇ‌لار بىلە‌ن تىنچلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شە‌كە‌م ۋە شە‌ھە‌ردىكى ئە‌ركە‌كلە‌ر بۇ تە‌لە‌پكە قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ خە‌تنە قىلدۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار تېخى ئاغرىپ ياتقاندا،‏ شىمون ۋە لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ شە‌ھە‌رگە كىرىپ،‏ پۈتۈن ئە‌رلە‌رنى قىرىپ تاشلىغان.‏—‏يارىت.‏ 34:‏25–‏29.‏

10.‏ ياقۇ‌پنىڭ شىمون ۋە لاۋىيغا ئېيتقان سۆزلىرى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ (‏«‏ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى‏» دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

10 ياقۇ‌پ ئىككى ئوغلىنىڭ شۇ‌نداق ۋە‌ھشىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا قاتتىق ئاچچىقلانغان.‏ ياقۇ‌پ شىمون ۋە لاۋىينىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقىلىپ ياكى چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.‏ بۇ بېشارە‌ت 200 يىلدىن كېيىن،‏ ئىسرائىل خە‌لقى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏ شىمون قە‌بىلىسى مىراس ئالغان يە‌ر،‏ يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىنىڭ يە‌ر-‏زېمىنى ئىچىدە بولغان (‏يە‌شۇ‌ئا 19:‏1)‏.‏ لاۋىي قە‌بىلىسى بولسا،‏ ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ پۈتۈن زېمىنىغا تارقاق جايلاشقان 48 شە‌ھە‌رنى مىراسقا ئالغان.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 21:‏41.‏

ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

شىمون.‏

ئوغلى

شىمون

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر

‏«ئۇ‌لارنى ياقۇ‌پنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمە‌ن».‏—‏يارىت.‏ 49:‏7.‏

ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

شىمون قە‌بىلىسىنىڭ مىراسى يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىنىڭ زېمىنىدا بولغان.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 19:‏1–‏8.‏

لاۋىي.‏

ئوغلى

لاۋىي

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر

‏«ئۇ‌لارنى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە چېچىۋېتىمە‌ن».‏—‏يارىت.‏ 49:‏7.‏

ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

لاۋىي قە‌بىلىسى ئىسرائىل زېمىنىدىكى تارقاق جايلاشقان 48 شە‌ھە‌رنى مىراسقا ئالغان.‏—‏يە‌شۇ‌ئا 21:‏41.‏

11.‏ شىمون ۋە لاۋىي قە‌بىلىلىرى قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغان؟‏

11 شىمون بىلە‌ن لاۋىينىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئە‌جدادلىرى ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلارنى قايتا تە‌كرارلىمىغان.‏ لاۋىي قە‌بىلىسى يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن پاك ئىبادە‌ت قىلغان.‏ يە‌ھۋا سىناي تېغىدا مۇ‌ساغا قانۇ‌ننى بېرىۋاتقان پە‌يتتە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئىسرائىللار ئالتۇ‌ن موزاي بۇ‌تىغا چوقۇ‌نغان.‏ لېكىن،‏ لاۋىيلار كۆپچىلىككە قوشۇ‌لمىغان ۋە كېيىنرە‌ك مۇ‌سانىڭ بۇ‌يرۇ‌قى بويىچە موزاي بۇ‌تقا چوقۇ‌نغانلارنى ئۆلتۈرگە‌ن (‏چىق.‏ 32:‏26–‏29)‏.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋا لاۋىي قە‌بىلىسىنى ئىسرائىلدا روھانىيلار بولۇ‌شقا تاللىغان (‏چىق.‏ 40:‏12–‏15؛‏ سانلار 3:‏11،‏ 12)‏.‏ ئىسرائىل خە‌لقى ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننى ئىشغال قىلىۋاتقان مە‌زگىلدە،‏ شىمون قە‌بىلىسى يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىگە ماسلىشىپ،‏ قانانلىقلارغا قارشى باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن جە‌ڭ قىلغان.‏ بۇ ئىشى ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏—‏ھاكىم.‏ 1:‏3،‏ 17.‏

12.‏ شىمون ۋە لاۋىينىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

12 بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئۆزىڭىز ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىز ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە دۇ‌چ كە‌لسە،‏ ئاچچىقلىنىش تە‌بىئىي ئە‌ھۋال.‏ لېكىن،‏ غە‌زىپىمىزنى بېسىۋېلىپ،‏ قىزىق قانلىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 4:‏4)‏.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ غە‌زە‌پ-‏نە‌پرە‌ت سە‌ۋە‌بلىك،‏ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان سۆزلە‌رنى ئېيتساق ياكى زىيان-‏زە‌خمە‌ت يە‌تكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلساق،‏ يە‌ھۋا بۇ‌نى ماقۇ‌ل كۆرمە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏20)‏.‏ بىزگە ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلغان كىشى مە‌يلى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى بولسۇ‌ن ياكى بولمىسۇ‌ن،‏ بىز ھە‌ردائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە يول تۇ‌تساق،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇ‌شتىن ساقلىنالايمىز (‏رىملىقلار 12:‏17،‏ 19؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏9)‏.‏ ھە‌تتا ئاتا-‏ئانىڭىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلغان ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۇ‌لار سە‌ۋە‌بلىك يە‌ھۋا ئە‌مدى مېنى بە‌رىكە‌تلىمە‌يدۇ دە‌پ خۇ‌لاسە چىقارماڭ.‏ سىز ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چرىماي،‏ ئە‌كسىنچە داۋاملىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭىزنى چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏

يە‌ھۇ‌دا

13.‏ دادىسى يە‌ھۇ‌داغا سۆزلىگە‌ندە،‏ يە‌ھۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئە‌نسىرىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

13 ياقۇ‌پ شىمون ۋە لاۋىيغا سۆزلە‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ ئە‌مدى نۆۋە‌ت يە‌ھۇ‌داغا كە‌لدى.‏ دادىسىنىڭ ئاكىلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،‏ يە‌ھۇ‌دا ناھايىتى ئە‌نسىرىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌مۇ بە‌زى چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن ئىدى.‏ شىمون بىلە‌ن لاۋىي شە‌كە‌منىڭ ئادە‌ملىرىنى ئۆلتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۇ‌دا قېرىنداشلىرىغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ شە‌ھە‌رنى بۇ‌لاڭ-‏تالاڭ قىلغان (‏يارىت.‏ 34:‏27)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ قېرىنداشلىرى بىلە‌ن بىللە يۈسۈپنى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىۋېتىپ،‏ كېيىن دادىسىنى ئالدىغان (‏يارىت.‏ 37:‏31–‏33)‏.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۇ‌دا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئوغلىنىڭ ئايالى،‏ يە‌نى ئۆز كېلىنى تامارنى پاھىشە ئايال دە‌پ ئويلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىنا قىلغان.‏—‏يارىت.‏ 38:‏15–‏18.‏

14.‏ يە‌ھۇ‌دا قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغان؟‏ (‏يارىتىلىش 49:‏8،‏ 9)‏

14 لېكىن،‏ خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە،‏ ياقۇ‌پ يە‌ھۇ‌دانى ماختىغان ۋە ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌پ دۇ‌ئا قىلغان ‏(‏يارىتىلىش 49:‏8،‏ 9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۇ‌دا ياشانغان ئاتىسىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئە‌ڭ كىچىك ئىنىسى بىنيامىنغا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى.‏—‏يارىت.‏ 44:‏18،‏ 30–‏34.‏

15.‏ يە‌ھۇ‌دا ھە‌ققىدە ئېيتىلغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

15 ياقۇ‌پ يە‌ھۇ‌دانىڭ قېرىنداشلىرىغا باش بولىدىغانلىقىنى بېشارە‌ت قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر تە‌خمىنە‌ن 200 يىلدىن كېيىن ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏ ئىسرائىل خە‌لقى مىسىردىن چىقىپ،‏ چۆل باياۋاندا ۋە‌دە قىلىنغان زېمىن تە‌رە‌پكە ماڭغاندا،‏ يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسى ئالدىدا ماڭغان،‏ باشقا قە‌بىلىلە‌ر ئۇ‌نىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گىشىپ ماڭغان (‏سانلار 10:‏14)‏.‏ يىللار ئۆتۈپ،‏ ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قانانلىقلارغا قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا ئالدىنقى سە‌پتە جە‌ڭ قىلىشقا يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏ھاكىم.‏ 1:‏1،‏ 2)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ داۋۇ‌تتىن باشلاپ،‏ يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن چىققان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر پادىشاھلىق تە‌ختىگە ۋارىسلىق قىلغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر باشقا ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌نمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏

16.‏ يارىتىلىش 49:‏10-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏ (‏«‏ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى‏» دېگە‌ن رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

16 ياقۇ‌پ يە‌نە يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن چىقىدىغان بىرى مە‌ڭگۈ پادىشاھ بولۇ‌پ،‏ پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى ‏(‏يارىتىلىش 49:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ پادىشاھ ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر.‏ بىر پە‌رىشتە ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئاتىسى داۋۇ‌تنىڭ تە‌ختىنى بېرىدۇ» (‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئە‌يسا «يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن بولغان شىر» دە‌پمۇ ئاتالغان.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 5:‏5.‏

ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

يە‌ھۇ‌دا.‏

ئوغلى

يە‌ھۇ‌دا

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر

‏«شىلوھ كە‌لمىگۈچىلىك،‏ يە‌ھۇ‌دادا سە‌لتە‌نە‌ت ھاسىسى يوقالماي تۇ‌رىدۇ».‏—‏يارىت.‏ 49:‏10.‏

ئە‌مە‌لگە ئېشىشى

يە‌ھۇ‌دانىڭ ئە‌ۋلادى بولغان ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولدى.‏—‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33.‏

17.‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شتا يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

17 بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ يە‌ھۇ‌دا ھە‌تتا بە‌زى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلىگە‌ن.‏ بىراق،‏ يە‌ھۇ‌دانىڭ قېرىنداشلىرى نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌نگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ گە‌رچە ئۇ‌لارنىڭ نېمىلە‌رنى ئويلىغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ چوقۇ‌م يە‌ھۇ‌دانىڭ ياخشى تە‌رىپىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلىگە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ بىز يە‌ھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زى قېرىنداشلار مۇ‌ھىم بىر ۋە‌زىپىگە تە‌يىنلە‌نگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نداق خىزمە‌ت تاپشۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى چۈشە‌نمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا جە‌زمە‌ن شۇ ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تە‌رىپىنى كۆرگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رىپىنى ئىزدە‌يدۇ.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشايلى.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

18 يە‌ھۇ‌دانىڭ مىسالىدىن ئالىدىغان يە‌نە بىر مۇ‌ھىم ساۋاق —‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش.‏ يە‌ھۋا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرىنى چوقۇ‌م ئورۇ‌نلايدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ بۇ‌نى بىز خالىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ياكى كۈتكە‌ن ۋاقىتتا قىلماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ دە‌سلە‌پكى يېتە‌كچىلىرى يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسىدىن چىقمىغان.‏ مۇ‌سا لاۋىي قە‌بىلىسىدىن،‏ يە‌شۇ‌ئا ئە‌فرائىم قە‌بىلىسىدىن ۋە سائۇ‌ل پادىشاھ بىنيامىن قە‌بىلىسىدىن چىققان ئىدى.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۇ‌دا قە‌بىلىسى خۇ‌دا تاللىغان بۇ يېتە‌كچىلە‌رنى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىزمۇ يە‌ھۋا ئارىمىزدىن يېتە‌كچىلىك قىلىشقا تاللىغان كىشىلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يلى.‏—‏ئىبرانىي.‏ 6:‏12.‏

19.‏ ياقۇ‌پنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

19 ياقۇ‌پنىڭ تۆت ئوغلىغا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ «خۇ‌دا ئىنسان كۆرگە‌ندە‌ك كۆرمە‌يدۇ» (‏سام.‏ 1-‏ياز.‏ 16:‏7)‏.‏ يە‌ھۋا ناھايىتى سە‌ۋرچان ۋە كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرىمىزغا كۆز يۇ‌ممايدۇ.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ بىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىرى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگە‌ن بولسىمۇ،‏ چىن قە‌لبىدىن توۋا قىلىپ ئۆزگىرىپ،‏ قايتا توغرا يولدا ماڭسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ كىشىنى كە‌چۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ ياقۇ‌پنىڭ قالغان سە‌ككىز ئوغلىغا نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ياقۇ‌پنىڭ .‏ .‏ .‏ ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

  •  رۇ‌بېنغا

  •  شىمون بىلە‌ن لاۋىيغا

  •  يە‌ھۇ‌داغا

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش