25-تەتقىق ماقالىسى
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب – خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (2-قىسىم)
«ئۇ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئۆزىگە خاس بىر بەرىكەت بىلەن دۇئا قىلدى» .—يارىت. 49:28.
مەركىزى ئىدىيە
ياقۇپ ئۆلۈش ئالدىدا سەككىز ئوغلى توغرۇلۇق ئېيتقان پەيغەمبەرلىك سۆزلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
1. بۇ ماقالىدە ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنىڭ قايسى قىسىمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
ياقۇپنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ ئولتۇرغان ئوغۇللىرى، دادىسىنىڭ ھەربىر ئوغلىغا ئېيتىقان سۆزلىرىنى زەن قويۇپ تىڭشاۋاتىدۇ. بىز ئالدىنقى ماقالىدە رۇبېن، شىمون، لاۋىي ۋە يەھۇدا ئۆزلىرى كۈتمىگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق. شۇڭا، ئۇلار چوقۇم ياقۇپنىڭ قالغان سەككىز ئوغلىغا نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىشنى خالىغان. ھازىر، ياقۇپنىڭ زەبۇلۇن، ئىسساكار، دان، گاد، ئاشېر، نافتالى، يۈسۈپ ۋە بىنيامىنغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلىa.
زەبۇلۇن
2. يارىتىلىش 49:13-ئايەتتىكى ياقۇپنىڭ زەبۇلۇنغا قىلغان سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ (رامكىغا ھەم قاراڭ).
2 يارىتىلىش 49:13-نى ئوقۇڭ. ياقۇپنىڭ زەبۇلۇننىڭ ئەۋلادلىرى ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ شىمالدىكى دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان. 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ياقۇپنىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، زەبۇلۇن قەبىلىسى جەلىلىيە دېڭىزى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارىسىغا جايلاشقان زېمىنغا ماكانلاشقان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۆپ قولايلىق شارائىت ياراتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇسا پەيغەمبەر: «ئەي زەبۇلۇن، سەن سىرتقا چىققىنىڭدا، شاد-خۇرام بولغىن» دېگەن پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنى ئېيتقان (تەكرار. قا 33:18). مەيلى قانداق بولسۇن، زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ خۇشال-خۇرام بولۇشىغا سەۋەبى بولغانىدى.
3. بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
3 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ مەيلى قەيەردە ياشايلى ۋە قانداق ۋەزىيەتتە بولايلى، خۇشال-خۇرام بولۇشىمىزغا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. چوقۇم ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 16:6؛ 24:5). ئەگەر ھەمىشە ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەر توغرۇلۇق ئويلىساق، ئاسانلا كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ قالىدۇ. بىراق، بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشقا تىرىشساق، ھاياتىمىزدا خۇشال بولۇشىمىزغا ھەمىشە سەۋەبلەر تېپىلىدۇ.—گالاتىيا. 6:4.
ئىسساكار
4. ياقۇپ ئىسساكارغا نېمە دېگەن ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ (يارىتىلىش 49:14، 15) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
4 يارىتىلىش 49:14، 15-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ ئىسساكارنى جاپالىق ئەمگەك قىلىدىغان ئىشچى دەپ ماختاپ، ئۇنى ئېغىر يۈكلەرنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان جانىۋار ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرغان. ياقۇپ يەنە ئىسساكارنىڭ ياخشى زېمىننى مىراس ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ياقۇپنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى مول ھوسۇل بېرىدىغان مۇنبەت يەرنى مىراسقا ئالغان (يەشۇئا 19:22). ئىسساكار قەبىلىسى چوقۇم يەردىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلغاندىن باشقا، ئۇلار باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈنمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان (پاد. 1-ياز. 4:7، 17). مەسىلەن، سىسېراغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن باراق ۋە ئايال پەيغەمبەر دېبورا ئىسرائىللاردىن ياردەم سورىغان. ئۇلارغا ياردەم بەرگەن قەبىلىلەردىن بىرى ئىسساكار قەبىلىسى ئىدى. ئۇلار باشقا ۋاقىتلاردىمۇ قېرىنداشلىرىغا دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا ياردەم بەرگەن.—ھاكىم. 5:15.
5. نېمىشقا ئىسساكارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك؟
5 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ يەھۋا خۇددى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى قەدىرلىگەندەك، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلەن قىلغان خىزمىتىمىزنى قەدىرلەيدۇ (ۋەز 2:24). جامائەتتىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىدىغان بۇرادەرلەرنى ئالايلى (1-تىموت. 3:1). گەرچە ئۇلار ھەقىقىي ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلمىسىمۇ، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزىدىغان خەۋپ-خەتەرلەردىن قوغدايدۇ (1-كورىنت. 5:1، 5؛ يەھۇدا 17–23). بۇنىڭدىن باشقا، بۇ بۇرادەرلەر تىرىشىپ نۇتۇقلارنى تەييارلاپ ۋە يىغىلىشلاردا نۇتۇقلارنى ئېيتىپ، ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى كۈچەيتىدۇ.—1-تىموت. 5:17.
دان
6. دان قەبىلىسىگە قانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان؟ (يارىتىلىش 49:17، 18) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
6 يارىتىلىش 49:17، 18-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ داننى جەڭ ئېتى ۋە شۇ ئاتقا مىنگۈچى كەبى، ئۆزىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە چوڭ دۈشمەنلەرگە قارشى چىقىدىغان يىلانغا ئوخشاتقان. دان قەبىلىسى ناھايىتى باتۇر بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭگە تەييار تۇرغان. ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كېتىۋاتقاندا، دان قەبىلىسى ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە قەبىلىلەرنى ئارقا تەرەپتىن قوغداپ ماڭغان (سانلار 10:25). گەرچە باشقا قەبىلىلەر دان قەبىلىسى قىلىۋاتقان ئىشلارنى پۈتۈنلەي كۆرمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.
7. تەشكىلاتتىكى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرگە قانداق قارىشىمىز كېرەك؟
7 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بەزى چاغلاردا، سىز تەشكىلات تاپشۇرغان بەزى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغاندا، باشقىلار ئىشلىرىڭىزغا دىققەت قىلمىغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولغانمىدىڭىز؟ مەسىلەن، يىغىلىش زالىنى تازىلاش ياكى ئاسراپ ساقلاش ئىشلىرىغا، چوڭ يىغىلىشلاردا پىدائىي خىزمەتچى بولۇشقا قاتناشقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز ھەقىقەتەن ماختاشقا سازاۋەر! شۇنى ئۇنتۇماڭكى، يەھۋا ئۈچۈن نېمىلا ئىش قىلسىڭىز، ئۇ قىلغانلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ سىزنىڭ ماختاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىڭىزنى كۆرگەندە، ئىنتايىن مەمنۇن بولىدۇ.—مەتتا 6:1–4.
گاد
8. دۈشمەنلەر نېمە ئۈچۈن گاد قەبىلىسىگە ئاسانلا ھۇجۇم قىلالىغان؟ (يارىتىلىش 49:19) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
8 يارىتىلىش 49:19-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. تەخمىنەن 200 يىلدىن كېيىن، گاد قەبىلىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىننى مىراس ئالغانىدى. بۇ زېمىن دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنى بىلەن چېگرالانغاچقا، ئەتراپتىكى دۈشمەنلەر ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالايتتى. شۇنداقتىمۇ، مال-چارۋىلارنى بېقىشقا شۇ يەردىكى ياپ-يېشىل يايلاقلار ناھايىتى مۇۋاپىق ئىدى. شۇڭلاشقا، گاد قەبىلىسى شۇ زېمىندا ياشاشنى خالىغان (سانلار 32:1، 5). كۆرگىنىمىزدەك، ئۇلار ئىنتايىن باتۇر بولۇپ قالماي، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ زېمىننى دۈشمەنلەردىن قوغدىشىغا، يەھۋا ئۆزى ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. جەڭ بولۇۋاتقان يىللاردا، گاد قەبىلىسى ھەتتا ئائىلىسىدىكى ئايالى ۋە بالا-چاقلىرىنى يەھۋانىڭ قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى باشقا قەبىلىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەن. (سانلار 32:16–19). گاد قەبىلىسى باتۇرلۇق بىلەن، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلىگەن.—يەشۇئا 22:1–4.
9. يەھۋاغا ئىشەنسەك، قانداق قارارلارنى چىقىرىمىز؟
9 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، داۋاملىق يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 37:3). بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن قېرىنداشلار تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ، ۋەز ئېيتقۇچىلارغا ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ ۋەز قىلىۋاتىدۇ ياكى باشقا ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، شۇ خىزمەتلەرنى قىلىش ئاسانغا چۈشمىسىمۇ، ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرىگە ھەردائىم غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغاچ، ئۇلار خۇشاللىق بىلەن ئۆزىنى پىدا قىلىۋاتىدۇ.—زەبۇر 23:1.
ئاشېر
10. ئاشېر قەبىلىسى توغرۇلۇق بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشقان ۋە ئۇلار نېمە ئىش قىلىشتىن باش تارتقان؟ (يارىتىلىش 49:20) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
10 يارىتىلىش 49:20-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ ئاشېر قەبىلىسىنىڭ گۈللىنىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. شۇ بېشارەت ئەمەلگە ئېشىپ، ئاشېر قەبىلىسى ئەڭ ھوسۇللۇق مۇنبەت يەرلەردىن مىراسقا ئېرىشكەن (تەكرار. قا 33:24). ئۇلار مىراس ئالغان زېمىن ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى سودا-سېتىق مەركىزى بولغان دېڭىز پورتى شەھىرى سىدون بىلەن قوشنا ئىدى. لېكىن، ئاشېر قەبىلىسى قانانلىقلارنى شۇ يەردىن قوغلاپ چىقارمىغان (ھاكىم. 1:31، 32). قارىماققا، قانانلىقلارنىڭ يامان تەسىرى ۋە باياشات تۇرمۇشى سەۋەبلىك، ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى سوۋۇپ كەتكەن. مەسىلەن، ھاكىم باراق ئىسرائىللارنى قانانلىقلارغا قارشى جەڭدە ياردەم بېرىشكە چاقىرغاندا، ئاشېر قەبىلىسى ئۇلارغا ياردەم بەرمىگەن. نەتىجىدە، ئۇلار يەھۋانىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان مۆجىزىلىرىنى كۆرمەي قالغان (ھاكىم. 5:19–21). باراق بىلەن دېبورا «ئاشېر دېڭىز بويىدا قول قوشتۇرۇپ بىكار ئولتۇرار» دەپ ئېيتقان غەلىبە ناخشىسى ئۇلارنى خىجالەتتە قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن.—ھاكىم. 5:17.
11. نېمە ئۈچۈن مال-دۇنيانى ھاياتىمىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؟
11 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىز يەھۋاغا قولىمىزدا بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ بايلىققا بولغان كۆز قارىشىنى سىڭدۈرۈۋېلىپ، مال-دۇنيا قوغلىشىشنى ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئورنىغا قويۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك (پەند ن. 18:11). ئەلۋەتتە، ھەممىمىز پۇل-مالغا موھتاج، لېكىن بىز ئۈچۈن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش بايلىق توپلاشتىن مۇھىمراق (ۋەز 7:12؛ ئىبرانىي. 13:5). بىز زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى قوغلىشىش ئۈچۈن ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنى ئىسراپ قىلمايمىز. بۇنىڭ ئورنىغا ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىزنى يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلىمىز. بىزگە مەلۇمكى، يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلساق، ئۇ بىزنى مۇكاپاتلاپ، بىزگە كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتنى سوۋغات قىلىدۇ.—زەبۇر 4:8.
نافتالى
12. ياقۇپنىڭ نافتالىغا ئېيتقان سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ (يارىتىلىش 49:21) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
12 يارىتىلىش 49:21-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ نافتالى چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى. بەلكىم، بۇ ئەيسانىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەز خىزمىتى جەريانىدىكى سۆز قىلىش ئۇسۇلىدىن بېشارەت بەرگەن. ئەيسا نافتالى قەبىلىسى مىراس ئالغان زېمىنغا جايلاشقان كەپەرناھۇم شەھىرىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان تەلىملەرنى بەرگەن ئىدى. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى شۇ شەھەردە ئۆتكۈزگەن، شۇڭا ئۇ ئەيسانىڭ ‹ئۆز شەھىرى› دەپ ئاتالغان (مەتتا 4:13؛ 9:1؛ يۇھاننا 7:46). يەشايا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھنىڭ زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئۈچۈن يورۇقلۇق بولىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان ئىدى (يەشايا 9:1، 2). ئەيسا تەلىم بېرىش ئارقىلىق«ھەر تۈرلۈك ئىنسانلارنى يورۇتىدىغان ھەقىقىي نۇر» بولغان.—يۇھاننا 1:9.
13. گەپ-سۆزلىرىمىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
13 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ يەھۋا ئۈچۈن قانداق گەپ-سۆزلەرنى، قايسى ئۇسۇلدا قىلىشىمىز بەك مۇھىم. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى قانداق ئېيتالايمىز؟ بىرىنچى، راستىنى ئېيتىشىمىز كېرەك (زەبۇر 15:1، 2). بىز يەنە كۆپرەك باشقىلارنى ماختاپ، ئۇلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىمىز ۋە باشقىلارنى تەنقىد قىلىدىغان، ئاغرىنىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك (ئەفەس. 4:29). بۇنىڭدىن باشقا، بىز ئادەملەر بىلەن تېخىمۇ تەبئىي پاراڭلىشىشنى ۋە پۇرسەت تېپىپ يەھۋا توغرۇلۇق ۋەز ئېيتىشنى ئۆگەنسەك بولىدۇ.
يۈسۈپ
14. يۈسۈپ توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ (يارىتىلىش 49:22، 26) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
14 يارىتىلىش 49:22، 26-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ چوقۇم ئوغلى يۈسۈپتىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن. چۈنكى، يەھۋا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ۋەزىپىنى تاپشۇرغان. ياقۇپ يۈسۈپنى «مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى» دەپ ئاتىغان. ياقۇپ ئۆزى مېۋىلىك دەرەخ، يۈسۈپ ئۇنىڭ شېخى بولغان. يۈسۈپ ياقۇپنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى راھىلەنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. ياقۇپ لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېننىڭ ئورنىغا يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يارىت. 48:5، 6؛ 1-تارىخ. 5:1، 2). كېيىن، بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشقان. يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەدىن ئىسرائىلنىڭ ئىككى قەبىلىسى چىقىپ، ھەر ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم زېمىنلارنى مىراس ئالغان.—يارىت. 49:25؛ يەشۇئا 14:4.
15. يۈسۈپ ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
15 ياقۇپ يەنە ئوقياچىلارنىڭ يۈسۈپكە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، داۋاملىق ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (يارىت. 49:23). بۇ ئايەت يۈسۈپكە ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ، نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشىگە سەۋەبچى بولغان قېرىنداشلىرىغا قارىتىلغان. شۇنداقتىمۇ، يۈسۈپ بېشىغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبلىك، قېرىنداشلىرىنى ئۆچ كۆرمىگەن ۋە يەھۋا خۇدانى ئەيىبلىمىگەن. ياقۇپ ئېيتقاندەك، يۈسۈپنىڭ «يايى مۇستەھكەم تۇرۇپ، ئۇنىڭ قوللىرى كۈچلۈك ۋە چاققان قالدى» (يارىت. 49:24). سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، يۈسۈپ خۇداسى يەھۋاغا تايانغان. ئۇ قېرىنداشلىرىنى كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغان (يارىت. 47:11، 12). يۈسۈپ سىناقلارنىڭ ئۇنى تاۋلاپ، تېخىمۇ ياخشى ئادەم قىلىشىغا يول قويغان (زەبۇر 105:17–19). نەتىجىدە، يەھۋا ئۇنى ئىشلىتىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئىشلارنى قىلغان.
16. سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىز يۈسۈپنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
16 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز سوۋۇپ كەتمىسۇن. شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، يەھۋا بىز دۇچ كەلگەن سىناقلار ئارقىلىق بىزنى تاۋلاپ تەربىيىلىشى مۇمكىن (ئىبرانىي. 12:7). ياراتقۇچىمىزنىڭ تاۋلاپ تەربىيىلىشى بىلەن، مەسىلەن رەھىم-شەپقەتلىك ۋە كەچۈرۈمچان بولۇشقا ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە خاس پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز (ئىبرانىي. 12:11). ئەگەر سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرسەك، يەھۋا خۇددى يۈسۈپنى بەرىكەتلىگەندەك، چوقۇم بىزنىمۇ مول بەرىكەتلەيدۇ.
بىنيامىن
17. بىنيامىن توغرۇلۇق ئېيتىلغان بېشارەت قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ (يارىتىلىش 49:27) (رامكىغا ھەم قاراڭ).
17 يارىتىلىش 49:27-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ بىنيامىن قەبىلىسى بۆرە كەبى جەسۇر جەڭچىلەر بولىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغانىدى (ھاكىم. 20:15، 16؛ 1-تارىخ. 12:2). ئىسرائىلنىڭ تۇنجى پادىشاھى سائۇل بىنيامىن قەبىلىسىدىن چىققان. پادىشاھ سائۇل فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان (سام. 1-ياز. 9:15–17، 21). نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ، بىنيامىن قەبىلىسىدىن چىققان مەلىكە ئەستىر ۋە موردىكاي ئىسرائىل خەلقىنى زور قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قالغان.—ئەست. 2:5–7؛ 8:3؛ 10:3.
18. بىز بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
18 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ ئەلۋەتتە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن چىققان سائۇل پادىشاھ بولۇپ تەيىنلەنگەندە، ئۇلار چوقۇم بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن. شۇنداقتىمۇ، يەھۋا كېيىنرەك پادىشاھلىقنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققان داۋۇتنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا، بىنيامىن قەبىلىسى ئاخىرغىچە پادىشاھ داۋۇتنى قوللىغان (سام. 2-ياز. 3:17–19). يىللار ئۆتۈپ، باشقا 10 قەبىلە ئىسىيان كۆتەرگەندە، بىنيامىن قەبىلىسى داۋاملىق ساداقەتمەنلىك بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىنى ۋە يەھۋا تەيىنلىگەن پادىشاھنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن (پاد. 1-ياز. 11:31، 32؛ 12:19، 21). بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئەگىشىپ، بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا تەيىنلىگەن كىشىلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق خۇدايىمىزغا سادىق بولۇپ قالالايمىز.—1-سالونىكا. 5:12.
19. ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
19 ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئۆگىنىش، بىزنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ سۆزىدىكى باشقا بارچە بېشارەتلەرنىڭمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا تېخىمۇ مەھكەم ئىشەنچ باغلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەكلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيمىز.
24-ناخشا كۆزۈڭ بولسۇن مۇكاپاتتا!
a ياقۇپ دەسلەپتە تۆت ئوغلىغا چوڭ-كىچىك تەرتىپى بىلەن سۆز قىلغان. بىراق، قالغان سەككىز ئوغلىغا چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە سۆز قىلمىغان.