كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ل 26-‏30 ب.‏
  • ‏«بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ»‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ‏«بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ»‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئاتا-‏ئانامنىڭ قىزغىنلىقى
  • مە‌ركىزى باش ئىدارىدىكى خىزمىتىم
  • قانۇ‌ن بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلىشىم
  • قانۇ‌نىي يوللار بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ھوقۇ‌قىنى ھىمايە قىلىش
  • يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارمە‌ن!‏
  • مە‌ن قىلىشىمغا تېگىشلىك بولغان ئىشىمنى قىلدىم
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ل 26-‏30 ب.‏
فىلىپ براملى.‏

تە‌رجىمىھال

‏«بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ»‏

فىلىپ براملى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن

2010-‏يىلى،‏ 28-‏يانۋار سوغۇ‌ق بىر قىش كۈنى،‏ مە‌ن فرانسىيىدىكى ستراسبۇ‌رگ دېگە‌ن چىرايلىق شە‌ھە‌ردە بولدۇ‌م.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌رگە ساياھە‌ت قىلغىلى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىرقانچە بۇ‌رادە‌رلە‌ر بىلە‌ن ئادۋۇ‌كاتلار سۈپىتىدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتىدا فرانسىيىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھوقۇ‌قلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باردىم.‏ فرانسىيە ھۆكۈمىتى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن 64 مىليون ياۋرو (‏89 مىليون دوللار)‏ تە‌لە‌پ قىلغانىدى،‏ لېكىن،‏ بىز بۇ تە‌لە‌پنىڭ قانۇ‌نسىز ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇ‌ق.‏ پۇ‌لىنىڭ ئىشى بىر چە‌تتە تۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رسۇ‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ بۇ سوتتا يە‌ڭسە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈپ قالماي،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ نام-‏ئابرويىنى ساقلاپ قالالايتتۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ فرانسىيىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا داۋاملىق ئە‌ركىن ئىبادە‌ت قىلالايتتى.‏ مۇ‌شۇ سوتتا «بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ» ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يە‌تتۇ‌ق (‏سام.‏ 1-‏ياز.‏ 17:‏47)‏.‏ ھازىر بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك ئېيتىپ بېرە‌ي.‏

بۇ تالاش-‏تارتىش 1990-‏يىللارنىڭ ئاخىرى باشلانغان.‏ شۇ چاغدا،‏ فرانسىيە ھۆكۈمىتى 1993–‏1996-‏يىللار ئارىلىقىدا بە‌يتە‌لگە قىلىنغان ئىختىيارىي ئىئانە پۇ‌للىرى ئۈچۈن باج تاپشۇ‌رۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلغان.‏ بىز فرانسىيىدىكى سوت مە‌ھكىمىلىرىگە ئە‌رز قىلغان بولساقمۇ،‏ ئادالە‌تلىك ھۆكۈمگە ئېرىشە‌لمىدۇ‌ق.‏ بىز نارازىلىق ئە‌رزى سوتىدا يېڭىلگە‌ندىن كېيىن،‏ ھۆكۈمە‌ت بە‌يتە‌لنىڭ بانكا ھېساباتىدىن تۆت يېرىم مىليون ياۋرو (‏6 مىليون 300 مىڭ دوللار)‏ پۇ‌لنى مۇ‌سادىرە قىلىۋالدى.‏ ئاخىرى ئۈمىد ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتىدا قالدى.‏ بىراق،‏ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوت مە‌ھكىمىسى سوت ئېچىشتىن ئاۋۋال،‏ بىزدىن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋۇ‌كاتلار گۇ‌رۇ‌پپىسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ،‏ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تە‌لە‌پ قىلدى.‏ بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتى ئە‌ۋە‌تكە‌ن ۋە‌كىل رىياسە‌تچىلىك قىلدى،‏ مە‌قسىتى ئىككى تە‌رە‌پنى سوتنىڭ سىرتىدا كېلىشتۈرۈپ قويۇ‌ش ئىدى.‏

بىز ياۋروپا سوتىنىڭ ۋە‌كىلى بىزگە بېسىم قىلىپ،‏ مە‌لۇ‌م مىقداردا ھۆكۈمە‌تكە باج تۆلە‌شنى بۇ‌يرۇ‌يدىغانلىقىنى ئالدىن پە‌رە‌ز قىلغان ئىدۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ بىز بىر قىسىم پۇ‌لنى تۆلىگە‌ن ھالە‌تتە ھە‌م ئە‌يسانىڭ مە‌تتا 22:‏21‏-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرىگە قارشى بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىئانە پۇ‌للىرىنى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ئىشلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئۈچۈن بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ پۇ‌للاردا ھۆكۈمە‌تنىڭ ھېچقانداق ھە‌ققى يوق.‏ ئە‌مما،‏ بىز ياۋروپا سوتىنىڭ قائىدىلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇ‌ق.‏

ئادۋۇ‌كاتلىرىمىز ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتى ئالدىدا (‏2010-‏يىل)‏

ياۋروپا سوتىنىڭ چىرايلىق بېزە‌لگە‌ن يىغىن زالىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.‏ دە‌ل بىز پە‌رە‌ز قىلغاندە‌ك،‏ ياۋروپا سوتىنىڭ ۋە‌كىلى يىغىن باشلىنىشىغا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھۆكۈمە‌ت تە‌لە‌پ قىلغان باج پۇ‌لىنىڭ مە‌لۇ‌م بىر قىسىمىنى تۆلىشى كېرە‌ك دېدى.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ روھى بىزنى ئۇ‌شتۇ‌متۇ‌ت ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سىز فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بانكا ھېساباتىمىزدىن تۆت يېرىم مىليون ياۋرودىن كۆپرە‌ك پۇ‌لنى ئاللىقاچان مۇ‌سادىرە قىلىۋالغانلىقىنى بىلە‌مسىز؟‏»—‏ دە‌پ سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏

بۇ‌نى ئاڭلاپ،‏ ياۋروپا سوتى ۋە‌كىلىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كە‌تتى.‏ فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋۇ‌كاتلار گۇ‌رۇ‌پپىسى ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ بۇ ئە‌رز-‏شىكايە‌تكە بولغان كۆز قارىشى پۈتۈنلە‌ي ئۆزگە‌ردى.‏ ئۇ ھۆكۈمە‌تنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى ئە‌يىبلە‌پ،‏ دە‌رھال ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ئاياقلاشتۇ‌ردى.‏ شۇ چاغدا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بۇ سوتتا يېڭىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ھە‌ممىنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ يىغىن زالىدىن چىققاندا،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ئىچ-‏ئىچىمىزگە پاتماي،‏ ھېلىلا بولغان ئىشلارغا بىر ئىشىنىپ،‏ بىر ئىشە‌نمە‌ي ھە‌يران بولۇ‌شۇ‌پ قالدۇ‌ق.‏

2011-‏يىلى،‏ 30-‏ئىيۇ‌ن كۈنى،‏ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتى ھە‌ممىنىڭ ماقۇ‌للىشىدىن ئۆتكە‌ن قارارنى چىقىرىپ،‏ فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى مۇ‌سادىرە قىلىۋالغان پۇ‌لنى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆسۈمىنى قوشۇ‌پ قايتۇ‌رۇ‌شقا بۇ‌يرىدى.‏ سوتنىڭ بۇ مۇ‌ھىم قارارى فرانسىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پاك ئىبادە‌ت پائالىيە‌تلىرىگە قاتنىشىش ھوقۇ‌قىنى ھازىرغىچە قوغداپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئاشۇ ئويلىمىغان يە‌ردىن سورىغان بىر سوئالىمىز خۇ‌ددى جولياتنى ئۆلتۈرگە‌ن تاشتە‌ك تېگىپ،‏ بۇ سوت جېڭىدە ۋە‌زىيە‌تنى ئۆزگە‌رتكە‌ن ئىدى.‏ بىز نېمە ئۈچۈن بۇ جە‌ڭدە يېڭە‌لىدۇ‌ق؟‏ چۈنكى،‏ داۋۇ‌ت جولياتقا ئېيتقاندە‌ك،‏ «بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ» ئىدى.‏—‏سام.‏ 1-‏ياز.‏ 17:‏45–‏47.‏

بىز يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن سوتلاردا غە‌لىبە قازاندۇ‌ق.‏ گە‌رچە كۈچلۈك سىياسىي ۋە دىنىي كۈچلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرىغان بولساقمۇ،‏ ھازىرغىچە 70 دۆلە‌تنىڭ ئالىي سوتلىرى ۋە بە‌زى خە‌لقئارا سوتلاردا 1225 قېتىم يە‌ڭدۇ‌ق.‏ بۇ غە‌لىبىلە‌ر،‏ بىزنىڭ رە‌سمىي تۈردە قانۇ‌نلۇ‌ق ئىبادە‌ت قىلىش،‏ ۋە‌ز قىلىش،‏ ۋە‌تە‌نپە‌رۋە‌رلىك مۇ‌راسىملىرىغا قاتنىشىش ۋە قان سېلىشنى رە‌ت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇ‌قلىرىمىزنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ.‏

شۇ چاغلاردا،‏ مە‌ن ئامېرىكىنىڭ نيۇ‌يورك شە‌ھىرىگە جايلاشقان مە‌ركىزى باش ئىدارىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان ئىدىم،‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق بولۇ‌پ ياۋروپادىكى سوت قاتنىشىپ قالدىم؟‏ بۇ‌نى مە‌ن باشتىن باشلاپ ئېيتىپ بېرە‌ي!‏

ئاتا-‏ئانامنىڭ قىزغىنلىقى

ئاتا-‏ئانام جورج ۋە لۇ‌سىيال،‏ گىلىئاد مە‌كتىپىنىڭ 12-‏قارارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ،‏ ئېفىئوپىيىدە خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ مە‌ن 1956-‏يىلى دۇ‌نياغا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ماڭا بىرىنچى ئە‌سىردە قىزغىن ۋە‌ز قىلغان فىلىپنىڭ ئىسىمىنى قويغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 21:‏8)‏.‏ 1957-‏يىلى ھۆكۈمە‌ت بىزنىڭ ئىبادە‌ت پائالىيىتىمىزنى مە‌نئىي قىلغان.‏ شۇ چاغدا،‏ مە‌ن كىچىك بولساممۇ،‏ ئائىلىمىزنىڭ يوشۇ‌رۇ‌نۇ‌پ يۈرۈپ ئىبادە‌ت قىلغانلىقى تېخىچە ئېسىمدە بار.‏ بالا چاغلىرىم بولغاچ،‏ بۇ ماڭا خۇ‌ددى بىر ئويۇ‌ندە‌ك بىلىنگە‌ن.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ 1960-‏يىلى ھۆكۈمە‌ت بىزنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان.‏

نېيتان نورر ئە‌ددىس-‏ئە‌بېبە‌دىكى ئۆيىمىزدە (‏ئېفىئوپىيە،‏ 1959-‏يىل)‏

ئاتا-‏ئانام مېنى،‏ ھە‌دە‌م جۇ‌دى ۋە ئىنىم لېسلىنى ئېلىپ،‏ ئامېرىكىغا قايتىپ،‏ كانزاس شتاتىنىڭ ۋىچىتا شە‌ھىرىگە كۆچۈپ كە‌لگە‌ن.‏ بىز ھە‌ممىمىز ئېفىئوپىيىدە توغۇ‌لغان ئىدۇ‌ق.‏ ئامېرىكىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن،‏ ئاتا-‏ئانام قىزغىن ۋە‌ز ئېيتىپ،‏ ياتئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش (‏مىسسىئونېرلىق)‏ روھىنى يوقاتمىغانىدى.‏ ئۇ‌لار بىزگە يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ۋە چىن دىلىمىزدىن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئۆگە‌تتى.‏ مە‌ن 13 يېشىمدا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏ ئۈچ يىلدىن كېيىن،‏ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن پېرۇ دېگە‌ن دۆلە‌تنىڭ ئارېكىپا شە‌ھىرىگە كۆچۈپ باردۇ‌ق.‏

1974-‏يىلى،‏ ئە‌مدىلا 18 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ پېرۇ‌دىكى بە‌يتە‌ل مېنى ۋە باشقا تۆت بۇ‌رادە‌رنى مە‌خسۇ‌س پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى قىلىپ تە‌يىنلىدى.‏ بىز تېخى ھېچكىم ۋە‌ز قىلىپ باقمىغان ئاندېس تاغلىق رايونلىرىدا ۋە‌ز قىلدۇ‌ق.‏ كېچۇ‌ئا ۋە ئايمارا تىللىرىدا سۆزلە‌يدىغان يە‌رلىك خە‌لقلە‌رگە ۋە‌ز قىلدۇ‌ق.‏ بىز ماشىنا كارۋان ئۆيىمىزنى ھە‌يدە‌پ،‏ جاي-‏جايلاردا ۋە‌ز قىلىپ يۈردۇ‌ق.‏ ماشىنىمىز ساندۇ‌ققا ئوخشايتتى،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نى نۇ‌ھنىڭ كېمىسىگە ئوخشىتىپ،‏ «كېمە» دە‌پ ئاتاۋالغان ئىدۇ‌ق.‏ بىز يە‌رلىكلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ پات ئارىدا نامراتلىقنى،‏ ئاغرىق-‏سىلاقلارنى ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىش ۋە‌دىسىنى كۆرسە‌تتۇ‌ق (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان يە‌رلىك ئادە‌ملە‌ر ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بولدى.‏

ماشىنا ئۆيىمىز سۇ‌دىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ

‏«كېمە» (‏1974-‏يىل)‏

مە‌ركىزى باش ئىدارىدىكى خىزمىتىم

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زاسى بۇ‌رادە‌ر ئالبېرت شرېيودېر 1977-‏يىلى پېرۇ‌غا كە‌لگە‌ندە،‏ مېنى باش ئىدارىدە خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس تولدۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ مە‌ن شۇ‌نداق قىلدىم.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ 1977-‏يىلى،‏ 17-‏ئىيۇ‌ن كۈنى برۇ‌كلىندىكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىدىم.‏ كېيىنكى تۆت يىل جە‌ريانىدا،‏ مە‌ن تازىلىق بۆلۈمى ۋە بۇ‌زۇ‌لغان نە‌رسىلە‌رنى ئوڭشاپ ئاسراش بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلدىم.‏

توي كۈنىمىز (‏1979-‏يىل)‏

1978-‏يىلى،‏ ئامېرىكىنىڭ لۇ‌ئىزىئانا شتاتىنىڭ نىيۇ ئورلىئان شە‌ھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن خە‌لقئارالىق چوڭ يىغىلىشتا ئېلىزابېت ئاۋاللون ئىسىملىك قېرىنداش بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ قالدىم.‏ ئۇ‌نىڭمۇ ئاتا-‏ئانىسى مېنىڭ ئاتا-‏ئانامغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋاغا پۈتۈن قە‌لبى بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلاتتى.‏ مە‌ن ئېلىزابېت بىلە‌ن تونۇ‌شقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغانىدى.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا ئۆمۈر بويى تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.‏ بىز ئۆزئارا ئارىلىشىپ يۈرۈپ،‏ بىر-‏بىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدۇ‌ق.‏ 1979-‏يىلى،‏ 20-‏ئۆكتە‌بىر كۈنى،‏ بىز توي قىلدۇ‌ق.‏ كېيىن،‏ ئېلىزابېت مېنىڭ بىلە‌ن بىللە بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا باشلىدى.‏

توي قىلغاندىن كېيىن،‏ بىز برۇ‌كلىن ئىسپان تىلى جامائىتىگە باردۇ‌ق.‏ قېرىنداشلار بىزنى قۇ‌چاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى.‏ كېيىن،‏ باشقا ئۈچ جامائە‌تكە كۆچۈپ خىزمە‌ت قىلدۇ‌ق.‏ ھە‌ر بىر جامائە‌تتە قېرىنداشلار بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ بىزنىڭ بە‌يتە‌لدىكى خىزمىتىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىدى.‏ ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-‏ئانىلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىپ كېلىۋاتقان ئائىلە ئە‌زالىرىمىز ۋە دوست-‏يارە‌نلىرىمىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمىز.‏

فىلىپ ۋە باشقا بە‌يتە‌للىكلە‌ر جامائە‌ت يىغىلىشىدا

برۇ‌كلىن ئىسپان تىلى جامائىتىدىكى بە‌يتە‌للىكلە‌ر (‏1986-‏يىل)‏

قانۇ‌ن بۆلۈمىدە خىزمە‌ت قىلىشىم

1982-‏يىلى،‏ يانۋار ئېيىدا قانۇ‌ن بۆلۈمىگە خىزمە‌تكە تە‌يىنلە‌ندىم.‏ ئۇ‌نداق بولۇ‌شىنى خىيالىمغا كە‌لتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم.‏ ئۈچ يىلدىن كېيىن،‏ قانۇ‌ن كە‌سىپىدە ئوقۇ‌پ گۇ‌ۋاھنامە ئالغان ئادۋوكات بولۇ‌شۇ‌م ئۈچۈن،‏ بۇ‌رادە‌رلە‌ر مېنى ئۇ‌نىۋېرسىتېتقا ئوقۇ‌شقا ئە‌ۋە‌تتى.‏ ئوقۇ‌ش مە‌زگىلىدە،‏ مە‌ن بىر نە‌رسىگە ھە‌يران قالدىم.‏ ئامېرىكىدا ۋە باشقا دۆلە‌تلە‌ردە ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئە‌ركىن بايان قىلىش،‏ دىن تاللاش ۋە ۋىجدانى بويىچە ياشاشتە‌ك ئە‌ڭ ئاساسىي ھوقۇ‌قلىرى كۈچكە ئىگە بولۇ‌شى،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ تۈرلۈك دە‌ۋا ئىشلىرىدا غە‌لىبە قازانغانلىقى بىلە‌ن باغلىنىشلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلدىم.‏ بۇ مېنى بە‌ك ھە‌يران قالدۇ‌ردى.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ دە‌ۋا ئىشلىرى دە‌رسخانىدا مۇ‌ھاكىمە قىلىناتتى.‏

1986-‏يىلى،‏ 30 يېشىمدا قانۇ‌ن بۆلۈمىگە مە‌سئۇ‌ل بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌ندىم.‏ ياش بولساممۇ،‏ بە‌يتە‌ل ماڭا ئىشە‌نچ قىلغاچقا،‏ بۇ‌نىڭدىن شان-‏شە‌رە‌پ ھېس قىلىپ قالماي،‏ يە‌نە بېسىم ھېس قىلدىم.‏ چۈنكى،‏ مېنىڭ بۇ ساھە‌دە تە‌جرىبە‌م ئاز ئىدى ۋە بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلە‌تتىم.‏

1988-‏يىلى ئۇ‌نىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ،‏ گۇ‌ۋاھنامە ئالغان ئادۋوكات بولدۇ‌م.‏ لېكىن،‏ ئالغان يۇ‌قىرى بىلىم مېنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمگە تە‌سىر قىلغانىدى.‏ بۇ‌نى ئۆزۈممۇ ھېس قىلمىغان ئىدىم.‏ يۇ‌قىرى بىلىم ئادە‌منى تە‌كە‌ببۇ‌رلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئالىي مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌مىغانلارنى تۆۋە‌ن كۆرىدىغان خاھىشنى كۈچە‌يتىۋېتىدىكە‌ن.‏ ئايالىم ئېلىزابېت مېنىڭ ئالىي مە‌كتە‌پكە بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌نقى ياخشى ئادىتىم بويىچە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ بۇ‌نىڭغا بىر مە‌زگىل ۋاقىت كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئاخىرى مە‌ن يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلدىم.‏ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئىشلاردىن شۇ‌نى خۇ‌لاسە قىلدىمكى،‏ ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش مېڭىنى بىلىمگە تولدۇ‌رۇ‌ش ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھاياتنى ئە‌ڭ مە‌نىلىك قىلىدىغىنى،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيۈپ ياشاشتۇ‌ر.‏

قانۇ‌نىي يوللار بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ھوقۇ‌قىنى ھىمايە قىلىش

مە‌ن ئۇ‌نىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ بە‌يتە‌لنىڭ قانۇ‌ن بۆلۈمىدە پۈتۈن كۈچۈم بىلە‌ن قانۇ‌نغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارغا ياردە‌م بە‌ردىم.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىنى ۋە ۋە‌ز قىلىش ھوقۇ‌قىمىزنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلە‌ن تىرىشتىم.‏ قىلىۋاتقىنىم ئە‌ھمىيە‌تلىك،‏ ئە‌مما قىيىن ئىش ئىدى.‏ چۈنكى،‏ تە‌شكىلاتىمىز تېز سۈرە‌تتە كېڭىيىپ،‏ سان-‏ساناقسىز ئۆزگىرىشلە‌ر بولۇ‌پ تۇ‌راتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز بۇ‌رۇ‌ن نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن ئىئانە سورىغان ئىدۇ‌ق.‏ ئە‌مما،‏ 1990-‏يىلدىن باشلاپ،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش قانۇ‌ن بۆلۈمىدىن بۇ‌نىڭدىن كېيىن ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن ئىئانە ئېلىشنى توختىتىش ئىشىغا ياردە‌م بېرىشنى سورىدى.‏ ئە‌مدى بىز ماتېرىياللىرىمىزنى بىكارغا بېرىدىغان بولدۇ‌ق.‏ بۇ ئۆزگىرىش بە‌يتە‌لدىكى ۋە جامائە‌تتىكى ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇ‌ردى ۋە بىزنى ھازىرغىچە زۆرۈر بولمىغان باج تۆلە‌ش ئىشىدىن قوغدايدۇ.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ بە‌زىبىر قېرىنداشلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىشىمىزغا يامان تە‌سىر قىلىشىدىن قورققان ئىدى.‏ ئۇ‌لار نە‌شرى ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشقا ئىقتىساد يە‌تمە‌ي،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشى توسالغۇ‌غا ئۇ‌چراپ قېلىشىدىن ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى دە‌ل ئە‌كسىچە بولدى.‏ 1990-‏يىلدىن تا ھازىرغىچە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ سانى ئىككى ھە‌سسىدىن ئارتۇ‌ق كۆپە‌يدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ھە‌ر بىر ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌شرى ماتېرىياللارنى بىكارغا ئالالايدۇ.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ياردىمى ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لدىن ئالغان كۆرسە‌تمىلە‌ر ئارقىلىق تە‌شكىلاتتا چوڭ ئۆزگىرىشلە‌رنىڭ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولىدىغانلىقىغا كۆز يە‌تكۈزدۈم.‏—‏چىق.‏ 15:‏2؛‏ مە‌تتا 24:‏45‏.‏

سوتلاردا غە‌لىبە قازانغانلىقىمىزنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ پە‌قە‌ت ياخشى ئادۋۇ‌كاتلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س.‏ سوتچىلار ۋە ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى دائىم خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ياخشى يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىغا قاراپ،‏ بىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌ن بۇ‌نى 1998-‏يىلى كۇ‌بادا ئۆتكۈزۈلگە‌ن مە‌خسۇ‌س چوڭ يىغىلىشتا كۆردۈم.‏ ئۇ يە‌رگە يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئۈچ ئە‌زاسى ئاياللىرى بىلە‌ن كە‌لدى.‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىز بىرنە‌چچە قېتىم ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ناتوغرا كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە تىرىشتۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قارىغاندا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرىنىڭ قىزغىن ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرامى ۋە مېھرىبانلىقى ئۇ‌لارغا قاتتىق تە‌سىر قىلغانىدى.‏

بىز ھە‌مىشە مە‌سىلىنى دوستانە ھە‌ل قىلىشقا تىرىشىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌زىدە «قانۇ‌نىي يوللار بىلە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ھوقۇ‌قىنى ھىمايە قىلىش» ئاخىرقى ئامال بولۇ‌پ قالىدۇ (‏فىلىپى.‏ 1:‏7)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار،‏ كورىيە ۋە ياۋروپادىكى بە‌زى دۆلە‌تلە‌رنىڭ ھۆكۈمىتى ھە‌ربىي خىزمە‌تنى رە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ ۋىجدانى ھە‌ربىي خىزمە‌ت قىلىشقا يول قويمىغان ياۋروپادىكى 18 000 بۇ‌رادە‌ر ۋە كورىيىدىكى 19 000ـ‍دىن كۆپرە‌ك بۇ‌رادە‌ر تۈرمىدە ياتقان.‏

2011-‏يىلى 7-‏ئىيۇ‌لدا،‏ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇ‌ق سوتى «باياتيان ئە‌رمېنىيىگە قارشى» ناملىق تارىخى ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە بىر ھۆكۈمنى چىقىرىپ،‏ ياۋروپادىكى ھە‌ممە دۆلە‌تلە‌رنى ۋىجدانى ھە‌ربىي خىزمە‌تنى قىلىشقا يول قويمىغان كىشىلە‌رگە باشقا ئىجتىمائىي خىزمە‌تنى قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشنى ئېلان قىلدى.‏ 2018-‏يىلى 28-‏ئىيۇ‌ندا،‏ كورىيە ئاساسىي قانۇ‌ننى تۈزۈش سوتى ھە‌م شۇ‌نىڭغا ئوخشاش قارارنى چىقاردى.‏ ئە‌گە‌ر ياش بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بىرنە‌چچىسى بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلاشتىن ۋاز كە‌چكە‌ن بولسا،‏ سوتلاردا بۇ‌نداق ياخشى نە‌تىجىلە‌رنى قولغا كە‌لتۈرە‌لمىگە‌ن بولاتتۇ‌ق.‏

باش ئىدارىدىكى ۋە باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى قانۇ‌نىي ئىشلار بۆلۈملىرى ۋە‌ز ئىشىنى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ھوقۇ‌قىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ جاپالىق خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ھۆكۈمە‌تنىڭ قارشىلىقىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلىرىمىزنى قوغداش —‏ بىز ئۈچۈن شان-‏شە‌رە‌پ!‏ بىز سوتلاردا غە‌لىبە قازانساقمۇ-‏قازانمىساقمۇ،‏ ئە‌مە‌لدارلار،‏ پادىشاھلار ۋە باشقا خە‌لقلە‌رنىڭ ئالدىدا ياخشى گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يمىز (‏مە‌تتا 10:‏18‏)‏.‏ سوت ئىشلىرىغا تە‌ييارلىغان ھۆججە‌تلە‌ردىن ۋە سوت مە‌ھكىمىسىدە ئېيتقان سۆزلىرىمىزدىن سوتچىلار،‏ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى،‏ مۇ‌خپىرلار ياكى باشقا ئادە‌ملە‌رمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن نە‌قىل كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌رنى كۆرىدۇ ياكى ئاڭلايدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى سە‌مىمىي كىشىلە‌ر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى كىم ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىدۇ.‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى بىزنىڭ ئىمانداشلىرىمىز بولدى!‏

يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارمە‌ن!‏

مە‌ن 40 يىل جە‌ريانىدا،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى يە‌رلىك بە‌يتە‌ل ئىشخانىلىرى بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىپ،‏ ئالىي سوتلار ۋە يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدارلارنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھە‌ق-‏ھوقۇ‌قىنى قوغداش شان-‏شە‌رىپىگە مۇ‌يە‌سسە‌ر بولدۇ‌م.‏ مە‌ن مە‌ركىزى باش ئىدارىدىكى ۋە دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى قانۇ‌نىي ئىشلار بۆلۈملىرىدە خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىمە‌ن ۋە قە‌دىرلە‌يمە‌ن.‏ مە‌ن ھاياتىمنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ مېنى مە‌نىلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشتۈرگە‌ن خۇ‌داغا چە‌كسىز مىننە‌تدارمە‌ن.‏

فىلىپ ۋە ئېلىزابېت براملى.‏

ئايالىم ئېلىزابېت 45 يىلدىن بۇ‌يان مېنى سادىق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ كېلىۋاتىدۇ،‏ ئىككىمىز ئىسسىق-‏سوغۇ‌قلارنى باشتىن ئۆتكۈزدۇ‌ق.‏ ئۇ كېسە‌ل بولۇ‌پ،‏ كۈچ-‏ماغدۇ‌رسىز يۈرگە‌ن چاغلاردىمۇ،‏ مېنى دائىم قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ تۇ‌ردى.‏ مە‌ن ئايالىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمە‌ن.‏

بىز ئۆز كۆزىمىز بىلە‌ن شۇ‌نى كۆردۇ‌ق:‏ ھە‌رقانداق غە‌لىبىگە ئۆز كۈچىمىز ۋە قابىلىيىتىمىزگە تايىنىپ ئېرىشە‌لمە‌يمىز.‏ خۇ‌ددى داۋۇ‌ت ئېيتقاندە‌ك:‏ «يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىدۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 28:‏8)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ «بۇ ئۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋانىڭ».‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش