كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ل 20-‏25 ب.‏
  • بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىڭ!‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ
  • كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ
  • يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ
  • ‏«ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نە‌رسىسى كە‌م بولماس»‏
  • ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىقنى پە‌رقلە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • بېرىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ تە‌مىنى تېتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ل 20-‏25 ب.‏

31-تە‌تقىق ماقالىسى

28-‏ناخشا يېڭى ناخشا

بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىڭ!‏

‏«بۇ‌نى موھتاجلىقتا قالغىنىم ئۈچۈن ئېيتىۋاتقىنىم يوق،‏ چۈنكى مە‌ن ھە‌رقانداق شارائىتتا بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»‏‏.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏11.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

مىننە‌تدارلىق ۋە كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈش ۋە يە‌ھۋانىڭ كە‌لگۈسى ۋە‌دىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق دائىم چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش ئارقىلىق بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىش.‏

1.‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە نېمىنى بىلدۈرمە‌يدۇ؟‏

سىز بارىغا شۈكۈر قىلىپ ياشاۋاتامسىز؟‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىدىغان كىشى خۇ‌دا بە‌رگە‌ن بە‌رىكە‌تنى قە‌دىرلە‌پ،‏ خۇ‌شال ياشايدۇ.‏ ئۇ ئۆزىدە يوق نە‌رسە ئۈچۈن كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدۇ ياكى ئاچچىقلانمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشاش ھە‌رگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىغا كۆڭۈل بۆلمە‌ي،‏ پە‌رۋاسىز ياشاشنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر قېرىنداش يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويسا تامامە‌ن بولىدۇ (‏رىملىقلار 12:‏1؛‏ 1-‏تىموت.‏ 3:‏1)‏.‏ ھە‌تتا،‏ بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشمىگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى يوقاتمايمىز.‏

2.‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

2 ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلمىساق،‏ يامان ئاقىۋە‌تكە قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر ئۆزىدە بارىغا قانائە‌ت قىلماي،‏ تېخىمۇ كۆپرە‌ك نە‌رسىلە‌رنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېچە-‏كۈندۈز ئىشلە‌يدۇ.‏ ئېچىنارلىق يېرى،‏ ئاز ساندىكى خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىمۇ ئارزۇ قىلغان نە‌رسىلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھە‌تتا ئوغرىلىق قىلىشتە‌ك تۇ‌زاققا چۈشۈپ قالىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار كۆڭلىدە:‏«مە‌نمۇ ھازىر ئە‌ل قاتارى ھايات كە‌چۈرسە‌م بولىدۇ»،‏ «قاچانغىچە ساقلاپ يۈرىمە‌ن» ياكى «پۇ‌لنى كېيىن قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىمە‌نغۇ»،‏—‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌رقانداق شە‌كىلدىكى ئوغرىلىق خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە گۇ‌ناھلىق قىلمىش ۋە ئۇ‌نىڭ نامىغا داغ تە‌گكۈزىدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 30:‏9)‏.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر ئۆزى خالىغان ۋە‌زىپىگە ئېرىشە‌لمىگە‌چ،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏9)‏.‏ ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىسى بولغان كىشى قانداقمۇ شۇ‌نداق خۇ‌لاسىگە كېلىدۇ؟‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىشنى توختاتقان.‏

3.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏11،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌ردىن نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

3 ھە‌ممىمىز قانائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «مە‌ن ھە‌رقانداق شارائىتتا بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»،‏—‏ دە‌پ يازغان ‏(‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ بۇ سۆزلە‌رنى تۈرمىدە ئولتۇ‌رغاندا يازغان.‏ ھە‌تتا شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا بولسىمۇ،‏ پاۋلۇ‌س خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغان.‏ ئۇ بارىغا قانائە‌ت قىلىپ ياشاشنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر بىز قانائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقان بولساق،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرى ۋە باشتىن ئۆتكۈزگە‌ن كە‌چۈرمىشلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرسە‌ك بولىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھېچكىم ئۆز شارائىتىگە شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىدىغان بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لۇ‌پ قالمايدۇ،‏ خۇ‌ددى پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش قانائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

مىننە‌تدار بولۇ‌ڭ

4.‏ مىننە‌تدار بولۇ‌ش قانائە‌تچان بولۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏18)‏

4 مىننە‌تدار كىشىنىڭ بارىغا قانائە‌ت قىلىپ ياشىشى ئاسانراق بولىدۇ ‏(‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر قىلساق،‏ ئۆزىمىزدە يوق نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئويلاپ،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىپ كە‌تمە‌يمىز.‏ يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولساق،‏ ئۆزىمىز ئېرىشىشنى خالىغان باشقا ۋە‌زىپە ھە‌ققىدە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھازىر بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىنى بار كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىپ ئورۇ‌نلاش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايمىز.‏ مىننە‌تدار بولۇ‌ش ئىنتايىن مۇ‌ھىم!‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى خۇ‌داغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى» كۆڭلىمىزنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7.‏

5.‏ ئىسرائىللار نېمىلە‌ر ئۈچۈن مىننە‌تدار بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

5 ئىسرائىل خە‌لقىنى ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌لار مىسىردا يېگە‌ن تاماقلارنى سېغىنىپ،‏ بىرنە‌چچە قېتىم يە‌ھۋادىن ئاغرىنىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگە‌ن (‏سانلار 11:‏4–‏6)‏.‏ راست،‏ چۆل-‏باياۋاندا ياشاش ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏ بىراق،‏ ئىسرائىللارنىڭ قانائە‌تچان بولۇ‌شىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يتتى؟‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللىقاچان قانداق ياخشىلىقلارنى قىلغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار مىسىردا قۇ‌ل بولۇ‌پ،‏ زۇ‌لۇ‌م ئاستىدا جاپالىق ئىشلىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئاپە‌تنى ياغدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىسرائىللارنى رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌پ ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرگە‌ن.‏ مىسىردىن چىقىش ئالدىدا،‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئالتۇ‌ن-‏كۈمۈش ۋە ئېسىل كىيىم-‏كېچە‌كلە‌رگە ئېرىشكە‌نىدى (‏چىق.‏ 12:‏35،‏ 36)‏.‏ ئىسرائىل خە‌لقى قىزىل دېڭىز بويىغا كە‌لگە‌ندە،‏ مىسىر قوشۇ‌نلىرى ئۇ‌لارنى قوغلاپ يېتىشىۋالغان.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا مۆجىزە كۆرسىتىپ،‏ دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلگە‌نىدى.‏ چۆل-‏باياۋاندا بولسا،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئىسرائىللارنى ھە‌ر كۈنى ماننا بىلە‌ن تويغۇ‌زغان.‏ ئە‌مما،‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌س،‏ ئۇ‌لار بارچە ياخشىلىقلارنى ئە‌ستىن چىقىرىپ قويغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىسرائىللار مىننە‌تدار بولۇ‌شنى بىلمىگە‌چكە،‏ يېتە‌رلىك يېمە‌ك-‏ئىچمىكى بار تۇ‌رۇ‌پمۇ،‏ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلماي نارازىلىق بىلدۈرگە‌ن.‏

بە‌زى ئىسرائىللار مانناغا رازى بولماي،‏ مۇ‌ساغا نارازىلىق بىلدۈرىۋاتىدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ ماننا يىغىشنى داۋاملاشتۇ‌رغاچ،‏ ئۇ‌لارغا قاراۋاتىدۇ.‏

ئىسرائىل خە‌لقى نېمە ئۈچۈن شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلمايدىغان بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن؟‏ (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


6.‏ مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

6 مىننە‌تدار بولۇ‌شىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بىرىنچى،‏ ھە‌ر كۈنى ئۆزىڭىزنى خۇ‌شال قىلىدىغان نە‌رسىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۈندە سىزنى خۇ‌شال قىلغان ئىشلاردىن ئىككى-‏ئۈچنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ ي.‏ 3:‏22،‏ 23)‏.‏ ئىككىنچى،‏ باشقىلار سىز ئۈچۈن ياخشىلىق قىلغاندا،‏ ئۇ‌لارغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىڭ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋاغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ (‏زە‌بۇ‌ر 75:‏1)‏.‏ ئۈچىنچى،‏ دائىم مىننە‌تدارلىق بىلدۈرىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىپ دوست بولۇ‌ڭ.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماڭكى،‏ مىننە‌تدار كىشى بىزگە ياخشى تە‌سىر كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلماي نارازى بولۇ‌پ يۈرىدىغان كىشىلە‌رمۇ بىزگە سە‌لبىي تە‌سىر قىلالايدۇ (‏تە‌كرار.‏ قا 1:‏26–‏28؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 2،‏ 5)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ھە‌مىشە باشقىلارغا رە‌ھمە‌ت ئېيتىپ،‏ مىننە‌تدارلىقىمىزنى بىلدۈرسە‌ك،‏ كۆڭلىمىزدە نارازىلىققا ئاسانلىقچە ئورۇ‌ن بە‌رمە‌يمىز.‏

7.‏ ئاچى مىننە‌تدار بولۇ‌شنى قانداق ئۆگە‌ندى ۋە نە‌تىجىدە نېمە بولدى؟‏

7 ھىندونېزىيىدە ياشايدىغان ئاچى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «راستىنى ئېيتسام،‏ 19-COVID يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌سى مە‌زگىلىدە،‏ مە‌ن ئۆز ۋە‌زىيىتىمنى باشقا قېرىنداشلارنىڭ ۋە‌زىيە‌تلىرى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌ردۇ‌م.‏ نە‌تىجىدە،‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلمايدىغان بولۇ‌پ كە‌تتىم» (‏گالاتىيا.‏ 6:‏4)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئاچى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋانىڭ ماڭا بېرىۋاتقان بە‌رىكە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شقا باشلىدىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئارىسىدا بولۇ‌پ،‏ ئېرىشكە‌ن ياخشىلىقلار ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلاندىم.‏ ئاندىن،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ شۇ بارچە ياخشىلىقلار ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتتىم.‏ بۇ مېنىڭ قانائە‌تچان بولۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بە‌ردى».‏ سە‌لبىي ئوي-‏پىكىرلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۆزىڭىزنى خۇ‌شال ھېس قىلمىسىڭىز،‏ ئاچى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ،‏ قايتا مىننە‌تدارلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ

8.‏ بارۇ‌ق قانداق تۇ‌زاققا چۈشۈپ قالغان؟‏

8 يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كاتىپى بارۇ‌ق بىر مە‌زگىل بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلالمىغان.‏ بارۇ‌ققا قىيىن بىر ۋە‌زىپە تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ يە‌نى،‏ يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر مىننە‌تدارسىز ئىسرائىل خە‌لقىگە خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمىنى جاكارلاشقا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ندە،‏ بارۇ‌ق يە‌رە‌مىياغا ياردە‌م بېرىشى كېرە‌كتى.‏ بارۇ‌ق بىر مە‌زگىل يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ھە‌ددىدىن زىيادە ئۆز-‏ئۆزىگە ۋە ئۆزى قىلىشنى خالىغان ئىشلارغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا يە‌رە‌مىيا ئارقىلىق بارۇ‌ققا:‏ «سە‌ن ئۆزۈڭ ئۈچۈن كاتتا ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىسە‌ن.‏ ئە‌مدى شۇ‌نداق ئىشلارنى ئارزۇ قىلمىغىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يە‌رە‌م.‏ 45:‏3–‏5)‏.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «ئۆزۈڭدە بارىغا شۈكۈر قىلغىن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ بارۇ‌ق يە‌ھۋانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالغان ۋە داۋاملىق ئۇ‌نىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشكە‌ن.‏

9.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ر جامائە‌تتىكى ۋە‌زىپىلە‌رگە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

9 بە‌زىدە،‏ بىرە‌ر قېرىنداش قابىلىيە‌تلىك،‏ تىرىشچان ياكى تە‌جرىبىلىك بولغاچقا،‏ ئۆزىنى مە‌لۇ‌م بىر ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق دە‌پ ئويلىشى،‏ ئە‌مما بۇ ۋە‌زىپىگە باشقا بىرى تە‌يىنلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا،‏ بۇ قېرىنداش كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏ ئۇ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ يېزىلغان سۆزلىرى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلانسا بولىدۇ.‏ بىزدە بار قابىلىيە‌تلە‌ر ۋە بىز ئېرىشكە‌ن ھە‌رقانداق ۋە‌زىپە ھە‌ممىسى يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن.‏ يە‌ھۋا شۇ سوۋغاتلارنى بىز باشقىلاردىن ئالاھىدە ياكى ياخشىراق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بېرە‌مدۇ؟‏ ياق!‏ ئۇ بىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئاشۇ سوۋغاتلارنى بېرىدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏3،‏ 6؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏8،‏ 9.‏

كوللاژ:‏ ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نداۋاتقان قېرىنداشلار.‏ 1.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرىدىكى تۇ‌ربىلارنىڭ بېسىمىنى تە‌كشۈرۈۋاتىدۇ.‏ 2.‏ بىر قېرىنداش ئىما-‏ئىشارە‌ت تىلىدىكى چوڭ يىغىلىشتا بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ زىيارە‌ت سۆھبىتىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ بىر بۇ‌رادە‌ر جامائە‌ت يىغىلىشىدا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتىدۇ.‏

بىزدە بار ھە‌رقانداق قابىلىيە‌ت خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن سوۋغاتتۇ‌ر (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏a


10.‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

10 ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۈلگىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئوغلى ۋە كۆپ ھوقۇ‌ققا ئىگە ئىكە‌نلىكىنى بىلسىمۇ،‏ شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يغان.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا مۇ‌نداق يازغان:‏ «ئە‌يسا،‏ ئاتىسىنىڭ ھە‌ممە نە‌رسىنى ئۇ‌نىڭ قولىغا تاپشۇ‌رغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇ‌دانىڭ يېنىدىن كېلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلە‌تتى».‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ «شاگىرتلىرىنىڭ پۇ‌تلىرىنى يۇ‌يۇ‌پ» قۇ‌رۇ‌تۇ‌شقا باشلىغانىدى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏3–‏5)‏.‏ ئە‌يسا «شاگىرتلىرىم مېنىڭ پۇ‌تلىرىمنى يۇ‌يۇ‌شى كېرە‌ك» دە‌پ ئويلىسا بولاتتى.‏ لېكىن،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولسىمۇ،‏ ھېچقاچان ئۆزىنى ئالاھىدە مۇ‌ئامىلىگە لايىق ۋە باياشات تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشى كېرە‌ك دە‌پ ئويلىمىغان (‏لۇ‌قا 9:‏58)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشاپ،‏ بىزگە ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏15.‏

11.‏ كە‌متە‌رلىك دېننىسنىڭ قانائە‌تچان بولۇ‌شىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

11 گوللاندىيىدە ياشايدىغان دېننىس ئىسىملىك بۇ‌رادە‌ر ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا تىرىشقان،‏ لېكىن،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئاسان بولمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏«بە‌زىدە،‏ باشقىلار مە‌ن ئارزۇ قىلغان ۋە‌زىپىگە ئېرىشكە‌ندە،‏ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن بۇ ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا ئۆزۈمنى ئە‌ڭ لايىق دە‌پ ئويلايمە‌ن.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ كە‌متە‌رلىك توغرۇ‌لۇ‌ق ئىزدىنىپ ئۆگىنىمە‌ن.‏ مە‌ن «⁠®JW Library» ئە‌پ دېتالىدا كە‌متە‌رلىك توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌زى ئايە‌تلە‌رگە خە‌تكۈچ سېلىپ قويىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنى تېز تېپىپ،‏ قايتا-‏قايتا ئوقۇ‌يالايمە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌ن تېلېفونغا كە‌متە‌ر بولۇ‌ش ھە‌ققىدىكى بە‌زى نۇ‌تۇ‌قلارنى چۈشۈرۈۋېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى تە‌كرار-‏تە‌كرار ئاڭلاپ تۇ‌رىمە‌ن.‏ شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتىمكى،‏ ھە‌رقانداق ئىشنى قىلساق،‏ ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈش ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌ربىرىمىز يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىدا ئازغىنە بولسىمۇ ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌ش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە».‏ ئە‌گە‌ر ئۆزىڭىز خالىغان ۋە‌زىپىگە ئېرىشە‌لمىگە‌چ،‏ كۆڭلىڭىزدە نارازى بولسىڭىز،‏ كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ.‏ بۇ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىپ،‏ قانائە‌تچان بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏6،‏ 8.‏

يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىڭ

12.‏ قايسى ۋە‌دىلە‌ر بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 65:‏21–‏25)‏

12 بىزنى كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشاش ئاسانراق بولىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ يە‌شايا كىتابىدا يېزىلغان سۆزلىرىدىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ قانداق جاپالىق بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بارچە قىيىنچىلىقلارنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ ‏(‏يە‌شايا 65:‏21–‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كە‌لگۈسىدە بىخە‌تە‌ر ۋە راھە‌ت ئۆيلە‌ردە ياشايمىز،‏ ئە‌ھمىيە‌تلىك ئىشلارنى قىلىمىز،‏ ساغلام ۋە تە‌ملىك تائاملارنى يە‌يمىز،‏ ئۆزىمىز ياكى بالىلىرىمىز ئۈچۈن غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلماي،‏ بىخە‌تە‌ر تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىمىز (‏يە‌شايا 32:‏17،‏ 18؛‏ ھە‌زە‌ك.‏ 34:‏25)‏.‏ بۇ ئاجايىپ ۋە‌دىلە‌رنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل!‏

13.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ بولۇ‌پمۇ كە‌لگۈسى ئۈمىدىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش كېرە‌ك؟‏

13 بولۇ‌پمۇ،‏ ھازىر ئۈمىدىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى،‏ ھازىر «ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتىمىز،‏ ھە‌ممىمىز ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1)‏.‏ بۇ سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ھە‌ر كۈنى بىزگە زۆرۈر كۆرسە‌تمىلە‌رنى،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تنى ۋە ياردە‌منى تە‌مىنلە‌پ بېرىۋاتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏14)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغاندا،‏ ئۈمىدىمىز كۆڭلىمىزگە تە‌سە‌للى تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ھازىر ئائىلىڭىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىپ-‏تىرمىشىپ ئىشلە‌ۋاتقانسىز.‏ بۇ سىزنىڭ مە‌ڭگۈ شۇ‌نداق نامرات ھايات كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ يە‌ھۋا جە‌ننە‌تتە بارچە ئېھتىياجلىرىڭىزنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏18؛‏ 72:‏12–‏14)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ھازىر تە‌ن-‏سالامە‌تلىكىڭىز ياخشى بولماي،‏ كۈندە ئاغرىق ئازابىدىن كۆڭلىمىز بىئارام بولۇ‌ۋاتدۇ.‏ بۇ مە‌ڭگۈ شۇ‌نداق كېسە‌ل بولۇ‌پ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت تارتىپ ياشايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ يېڭى دۇ‌نيادا ئاغرىق ۋە ئۆلۈم ئە‌سلا بولمايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4)‏.‏ ھازىر ئاغرىق ئازابى تارتساق،‏ ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىساق،‏ يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تسە ياكى باشقا تۈرلۈك سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌كمۇ،‏ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايمىز ۋە ئاچچىقلانمايمىز.‏ چۈنكى،‏ كە‌لگۈسى ئۈمىدىمىز شۈكۈر قىلىپ ياشىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ ھازىر قانچىلىك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ ئۇ‌لار بىردە‌ملىك ۋە بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىنىدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏17،‏ 18.‏

14.‏ ئۈمىدىمىزنى قانداق كۈچلە‌ندۈرە‌لە‌يمىز؟‏

14 كە‌لگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىز شۈكۈر-‏قانائە‌تچان بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان شۇ ئۈمىدىمىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ بە‌زىلە‌ر يىراقتىكى نە‌رسىلە‌رنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن كۆز ئە‌ينە‌ك تاقاشقا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئۆزىمىزنى كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش ئۈچۈن،‏ ئۈمىدىمىزنى كۈچلە‌ندۈرۈشىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پۇ‌ل تېپىپ جان بېقىش غە‌م-‏قايغۇ‌سى يە‌لكىمىزدىن بېسىپ،‏ ئۆزىمىزنى باش كۆتۈرە‌لمە‌يۋاتقاندە‌ك ھېس قىلساق،‏ كە‌لگۈسىدە پۇ‌ل ۋە باي-‏كە‌مبە‌غە‌للىك پە‌رقى بولمايدىغان يېڭى دۇ‌نيانى كۆز ئالدىمىزغا كە‌لتۈرسە‌ك بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئارزۇ قىلغان بىرە‌ر ۋە‌زىپىگە ئېرىشە‌لمىگە‌ندە،‏ كۆڭلىمىز يېرىم بولسا،‏ كە‌لگۈسىدە مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن چە‌كسىز پۇ‌رسىتىمىز بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانساق بولىدۇ.‏ نە‌چچە مىڭ يىلدىن كېيىن قارىساق،‏ ھازىر بىزنى ئازابقا سېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچقانداق تىلغا ئالغۇ‌دە‌ك يېرى يوقلىقىنى ھېس قىلىمىز (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏19)‏.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ كە‌لگۈسىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش قىيىن توختىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ بىز ئادە‌تلىنىپ قالغاندە‌ك غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىشقا باشلايمىز.‏ ئە‌مما،‏ بە‌ل قويۋە‌تمە‌ي،‏ يە‌ھۋانىڭ ئاجايىپ ۋە‌دىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ ئويلانغانسېرى،‏ بىر مە‌زگىلدىن كېيىن ئۆزىمىزنى يېڭى دۇ‌نيادا تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش بارغانسېرى ئاسان بولىدۇ.‏

15.‏ كرىستانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

15 يۇ‌قىرىدا تىلغا ئالغان دېننىسنىڭ ئايالى كرىستاغا كە‌لگۈسىگە بولغان ئۈمىد قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئېغىر بىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولۇ‌پ،‏ مۇ‌سكۇ‌للىرىم كۈچسىز بولۇ‌پ قالدى.‏ ئۆزۈم ماڭالمىغاچ،‏ چاقلىق ئورۇ‌ندۇ‌قتا ئولتۇ‌رۇ‌پ ماڭىمە‌ن ۋە كۆپىنچە ۋاقىتتا كارىۋاتتا ياتىمە‌ن.‏ ھە‌ر كۈنى پۈتۈن تېنىم ئاغرىيدۇ.‏ يېقىندا دوختۇ‌ر كېسىلىم ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ لېكىن،‏ مە‌ن دە‌رھال «ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدى يوق،‏ مېنىڭ ئۈمىدىم بار» دە‌پ ئويلىدىم.‏ دىققىتىمنى كە‌لگۈسى ئۈمىدكە قاراتقاچ،‏ كۆڭلۈم تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك تاپىدۇ.‏ ھازىر نۇ‌رغۇ‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىشكە مە‌جبۇ‌ر بولساممۇ،‏ كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا ھە‌ر كۈنى شاد-‏خۇ‌رام ھايات كە‌چۈرىمە‌ن».‏

‏«ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نە‌رسىسى كە‌م بولماس»‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت پادىشاھ يە‌ھۋادىن ئە‌يمىنىدىغانلارنىڭ «ھېچ نە‌رسىسى كە‌م بولماس» دېگە‌ن؟‏

16 ھە‌تتا بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشىساقمۇ،‏ ھاياتىمىزدا يە‌نىلا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئاز دېگە‌ندە ئۈچ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.‏ ئۇ تۆھمە‌تكە ئۇ‌چرىغان،‏ دوستلىرى ئۇ‌نىڭغا ساتقۇ‌نلۇ‌ق قىلغان ۋە پادىشاھ سائۇ‌ل ئۇ‌نى ئۆلتۈرمە‌كچى بولۇ‌پ،‏ خېلى يىللارغىچە ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرگە‌ن.‏ شۇ‌نچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌داغا شۈكۈر ئېيتىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭدىن ئە‌يمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نە‌رسىسى كە‌م بولماس» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏9،‏ 10)‏.‏ نېمە ئۈچۈن داۋۇ‌ت شۇ‌نداق دېگە‌ن؟‏ چۈنكى،‏ داۋۇ‌ت گە‌رچە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ھاياتىدىكى ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلمىسىمۇ،‏ زۆرۈر بولغاندا ئۇ‌نىڭغا موھتاج نە‌رسىلە‌رنى چوقۇ‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ داۋۇ‌تقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ سىناقلاردا ئۇ‌نىڭغا سادىق قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏16)‏.‏ ھاياتىمىزدا قانداق ئىشلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ بىز خۇ‌شاللىق ۋە تىن-‏خاتىرجە‌ملىك تاپالايمىز.‏

17.‏ سىز نېمە ئۈچۈن بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟‏

17 يە‌ھۋا سىزنىڭ شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشىشىڭىزنى خالايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 131:‏1،‏ 2)‏.‏ شۇ‌ڭا بارىغا قانائە‌ت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.‏ ئە‌گە‌ر مىننە‌تدار ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌شنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشسىڭىز ۋە كە‌لگۈسى ئۈمىدىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانسىڭىز،‏ سىزمۇ چوقۇ‌م «بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايسىز!‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏11.‏

شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىپ ياشاشقا .‏ .‏ .‏ قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

  •  مىننە‌تدار بولۇ‌شنى ئۆگىنىش

  •  كە‌متە‌ر بولۇ‌ش

  •  يە‌ھۋانىڭ ۋە‌دىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a رە‌سىمدە:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرىدە ئاسراپ بىخە‌تە‌ر ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ،‏ ئىما-‏ئىشارە‌ت تىلنى ئۆگە‌نگە‌ن قېرىنداش چوڭ يىغىلىشتا زىيارە‌ت سۆھبىتىدە ئىما-‏ئىشارە‌ت بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتىدۇ ۋە بىر بۇ‌رادە‌ر جامائە‌ت يىغىلىشىدا نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش