كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ماي 14-‏19 ب.‏
  • مە‌ڭگۈ قالىدىغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌ڭگۈ قالىدىغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغان خۇ‌داغا ئىشىنىڭ
  • يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا بويسۇ‌نۇ‌ڭ
  • ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھماندوست بولۇ‌ڭ
  • بىزنى ئالدىمىزدا نېمە كۈتۈۋاتىدۇ؟‏
  • ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان خە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • قېرىنداشلىرىمىز بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن ئۆتسە،‏ نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ قولى قىسقا ئە‌مە‌س
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ماي 14-‏19 ب.‏

21-‏تە‌تقىق ماقالىسى

40-‏ناخشا ئاۋۋال خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ئىزدە!‏

مە‌ڭگۈ قالىدىغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈڭ

‏«بىز كە‌لگۈسىدە كېلىدىغان شە‌ھە‌رنى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتىمىز»‏‏.‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏14.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئىبرانىيلار 13-‏باب،‏ بىزگە ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

1 .‏ئە‌يسا يېرۇ‌سالىم توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق بېشارە‌تنى ئالدىن ئېيتقان؟‏

ئە‌يسا ئۆلۈمىدىن بىرنە‌چچە كۈن بۇ‌رۇ‌ن شاگىرتلىرىغا يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرى ۋە ئۇ شە‌ھە‌ردىكى ئىبادە‌تخانىنىڭ ۋە‌يران بولۇ‌شى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌پسىلىي بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ئاشۇ بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر بىرىنچى قېتىم ئە‌مە‌لگە ئېشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئە‌يسا يېرۇ‌سالىمنى قورشاۋغا ئالىدىغان دۈشمە‌ن قوشۇ‌نلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏لۇ‌قا 21:‏20)‏.‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە شۇ قوشۇ‌نلارنى كۆرگە‌ندە،‏ دە‌رھال يە‌ھۇ‌دىيىدىن قېچىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏ دە‌رۋە‌قە،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرى ئە‌مە‌لگە ئېشىپ،‏ رىم ئە‌سكە‌رلىرى يېرۇ‌سالىمنى قورشاۋالغان.‏—‏لۇ‌قا 21:‏21،‏ 22.‏

2 .‏ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يە‌ھۇ‌دىيە ۋە يېرۇ‌سالىمدا ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قانداق نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن؟‏

2 رىم قوشۇ‌نلىرى يېرۇ‌سالىمنى قورشاۋغا ئېلىشتىن بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيىدە ئۆلكىسىدە ياشىغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە،‏ ھازىر «ئىبرانىيلار يېزىلغان خە‌ت» دە‌پ ئاتالغان ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدىغان بىر خە‌تنى يېزىپ ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئاشۇ خېتىدە،‏ كە‌لگۈسىدىكى ئېغىر كۈنلە‌رگە تە‌ييار بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان نە‌سىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر كۈتۈۋاتاتتى؟‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ كېلە‌چە‌كتە ۋە‌يران بولۇ‌شى.‏ شۇ جايلاردا ياشايدىغان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئامان قېلىش ئۈچۈن ئۆي-‏جايلىرى ۋە تىجارە‌تلىرىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولۇ‌شى كېرە‌كتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى يازغان:‏ «چۈنكى،‏ بۇ يە‌ردە ئە‌بە‌دىي قالىدىغان شە‌ھىرىمىز يوقتۇ‌ر،‏ لېكىن كە‌لگۈسىدە كېلىدىغان شە‌ھە‌رنى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتىمىز».‏—‏ئىبرانىي.‏ 13:‏14.‏

3 .‏‏«ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان» شە‌ھە‌ر دېگە‌ن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ‌نىڭغا ئۈمىد باغلايمىز؟‏

3 بىرىنچى ئە‌سىردە يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيىدىن كېتىشنى قارار قىلغان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر مە‌سخىرە ۋە ھاقارە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ بۇ قارار ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر بىزنى مە‌سخىرە قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ چۈنكى،‏ بىز مال-‏دۇ‌نياغا ئۈمىد باغلىمايمىز ۋە بۇ دۇ‌نيادىكى قىيىنچىلىقلارنى ئىنسانىيە‌ت ئۆزى ھە‌ل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نمە‌يمىز.‏ بىز نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق قارارغا كە‌لدۇ‌ق؟‏ چۈنكى،‏ بىز بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ۋاقتىنچە مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى بىلىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ «ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان،‏ .‏ .‏ .‏ شە‌ھە‌رنىa‏»،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 11:‏10؛‏ مە‌تتا 6:‏33‏)‏.‏ بۇ ماقالىدە مۇ‌نۇ ئۈچ سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز:‏ (‏1)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھىتى بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا ئۈمىد باغلىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنىڭ كە‌لگۈسىدىكى ئېغىر كۈنلە‌رگە تە‌ييارلىنىشىغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ (‏3)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھىتى بۈگۈنكى كۈندە بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

سىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغان خۇ‌داغا ئىشىنىڭ

4 .‏نېمە ئۈچۈن يېرۇ‌سالىم مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن مۇ‌ھىم شە‌ھە‌ر بولغان؟‏

4 يېرۇ‌سالىم مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن مۇ‌ھىم بىر شە‌ھە‌ر بولغان.‏ چۈنكى،‏ مىلادى 33-‏يىلى،‏ يېرۇ‌سالىمدا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائىتى قۇ‌رۇ‌لغان ۋە يېتە‌كچى كېڭە‌ش ھە‌م شۇ يە‌ردە ئىدى.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ شە‌ھە‌ردە ياشايدىغان كۆپلىگە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرى ۋە يىغقان مال-‏مۈلكى بار ئىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا يېرۇ‌سالىمدىن،‏ ھە‌تتا يە‌ھۇ‌دىيىدىن قېچىش كېتىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏—‏مە‌تتا 24:‏16‏.‏

5 .‏ئە‌لچى پاۋلۇ‌س كېلە‌چە‌كتە يېرۇ‌سالىمدا يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌گە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق تە‌ييارلىغان؟‏

5 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رگە تە‌ييارلاش ئۈچۈن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئە‌مدى يە‌ھۋانىڭ يېرۇ‌سالىمغا قانداق كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكىنى تىلغا ئېلىپ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارنى ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىدە يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانا،‏ روھانىيلىق خىزمىتى ۋە سۇ‌نۇ‌لىدىغان قۇ‌ربانلىقلار ئاللىقاچان ئە‌ھمىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئېسىگە سالغان (‏ئىبرانىي.‏ 8:‏13)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌قرالار مە‌سىھنى رە‌ت قىلغانىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانا ئە‌مدى پاك ئىبادە‌تنىڭ مە‌ركىزى بولمىغان ۋە پات-‏ئارىدا ۋە‌يران قىلىنىشى كېرە‌ك ئىدى.‏—‏لۇ‌قا 13:‏34،‏ 35.‏

6 .‏نېمە ئۈچۈن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلار 13:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌ردىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە بە‌ك مۇ‌ھىم ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بولغان؟‏

6 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلارغا خە‌ت يازغاندا،‏ يېرۇ‌سالىم گۈللە‌نگە‌ن شە‌ھە‌ر ئىدى.‏ شۇ ۋاقىتتا ياشىغان بىر رىم يازغۇ‌چىسى يېرۇ‌سالىمنى «شە‌رقتىكى ئە‌ڭ داڭلىق شە‌ھە‌ر» دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ھە‌ر يىلى يۇ‌رت-‏يۇ‌رتلاردىن يە‌ھۇ‌دىيلار يېرۇ‌سالىمغا كېلىپ،‏ بايراملارنى ئۆتكۈزە‌تتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ بايراملار شە‌ھە‌رنىڭ ئىقتىسادىي جە‌ھە‌تتىن گۈللىنىشىگە چوڭ ھە‌سسىسىنى قوشقان.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى ياخشى بولغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ ئېھتىمال پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «پۇ‌لپە‌رە‌سلىكتىن خالىي ياشاڭلار،‏ بارىغا شۈكۈر-‏قانائە‌ت قىلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىسىگە شە‌خسە‌ن بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ندىن ئە‌سلا ئايرىلمايمە‌ن،‏ سېنى ھە‌رگىز تاشلىمايمە‌ن» ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏5،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ؛‏ تە‌كرار.‏ قا 31:‏6؛‏ زە‌بۇ‌ر 118:‏6)‏.‏ يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ ۋە‌دىنى ئېسىدە مە‌ھكە‌م ساقلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ نېمىشقا؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ خېتىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋېلىپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئۆيلىرىنى،‏ تىجارە‌تلىرىنى ۋە كۆپلىگە‌ن مال-‏مۈلكىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە ۋە ئاندىن ياقا يۇ‌رتلاردا يېڭى تۇ‌رمۇ‌شىنى باشلاشقا توغرا كېلە‌تتى.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ئاسان ئە‌مە‌س ئىدى.‏

7 .‏نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز لازىم؟‏

7 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ كېلە‌چە‌كتە دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىپ،‏ مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى كېلىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏21‏)‏.‏ بىزمۇ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئوخشاش ساداقە‌تمە‌نلىكىمىزنى ساقلاپ،‏ كېلە‌چە‌كتە بىزنى كۈتۈۋاتقان ۋە‌قە‌لە‌رگە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز لازىم (‏لۇ‌قا 21:‏34–‏36)‏.‏ شۇ دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە بە‌زى مال-‏مۈلكىمىزنى ياكى پۈتۈن مال-‏دۇ‌نيالىرىمىزنى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ پۈتۈنلە‌ي يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئۇ بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشىنىشىمىز لازىم.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ھازىرنىڭ ئۆزىدە،‏ شۇ چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىشتىن ئاۋۋال،‏ پۈتۈنلە‌ي يە‌ھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىمىز بار.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ بېقىڭ:‏ «مېنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىم ۋە پىلان-‏مە‌قسە‌تلىرىم بايلىققا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏» (‏1-‏تىموت.‏ 6:‏17)‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن كۆپ ساۋاق ئالالايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئالدىمىزدىكى دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ھېچقاچان دۇ‌چ كېلىپ باقمىغان ئاجايىپ قىيىن سىناق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شۇ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت باشلانغاندا،‏ ئېنىق نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا بويسۇ‌نۇ‌ڭ

8 .‏ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا قانداق كۆرسە‌تمە بە‌رگە‌ن؟‏

8 يېرۇ‌سالىمدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلار يازغان خېتىنى تاپشۇ‌رۇ‌ۋېلىپ بىرنە‌چچە يىلدىن كېيىن،‏ رىم قوشۇ‌نلىرى يېرۇ‌سالىمنى قورشاۋغا ئالغان ئىدى.‏ بۇ‌نى كۆرگە‌ن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كېتىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن،‏ چۈنكى يېرۇ‌سالېم شە‌ھىرى پات-‏ئارىدا ۋە‌يران قىلىناتتى (‏مە‌تتا 24:‏3؛‏ لۇ‌قا 21:‏20،‏ 24)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار قە‌يە‌رگە قېچىشى كېرە‌ك؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاددىيلا شۇ‌نداق دېگە‌نىدى:‏ «يە‌ھۇ‌دىيىدە بولغانلار تاغلارغا قېچىشقا باشلىسۇ‌ن» (‏لۇ‌قا 21:‏21)‏.‏ شۇ ئە‌تراپتا نۇ‌رغۇ‌ن تاغلار بار ئىدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ‌لار زادى قايسى تاغقا قېچىشنى نە‌دىن بىلىدۇ؟‏

9 .‏قايسى تاغلارغا قېچىشنى قارار قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولغانىدى؟‏ (‏خە‌رىتىگە قاراڭ)‏.‏

9 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قېچىپ بارالايدىغان بە‌زى تاغلارنى كۆرۈپ باقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سامارىيە،‏ جە‌لىلىيە،‏ لىۋان تاغلىرى،‏ خە‌رمون تېغى ۋە ئىئوردان دە‌رياسى بويىدىكى تاغلار (‏خە‌رىتىگە قاراڭ)‏.‏ شۇ تاغلىق رايونلاردىكى بە‌زى شە‌ھە‌رلە‌ر قارىماققا ناھايىتى بىخە‌تە‌ر ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ گاملا شە‌ھىرى ئېگىز تاغقا جايلاشقان بولۇ‌پ،‏ بۇ شە‌ھە‌رگە بېرىش بە‌ك قىيىن بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلار گاملا شە‌ھىرىنى بىخە‌تە‌ر پاناھگاھ جاي دە‌پ ئويلىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ گاملا شە‌ھىرىدە رىملىقلار بىلە‌ن يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئارىسىدا شىددە‌تلىك جە‌ڭ بولۇ‌پ،‏ شە‌ھە‌ردىكى نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌قرالار ئۆلگە‌ن ئىدىb‏.‏

بۇ خە‌رىتىدە بىرىنچى ئە‌سىردە ئىسرائىلدا جايلاشقان بە‌زى تاغلار بىلە‌ن شە‌ھە‌رلە‌ر كۆرسىتىلگە‌ن.‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ شىمالىي تە‌رىپىدە لىۋان تاغلىرى،‏ جە‌لىلىيە تاغلىرى،‏ سامارىيە تاغلىرى،‏ گىلىئاد تاغلىرى،‏ خە‌رمون تېغى ۋە تابور تېغى بار.‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ شىمالىي تە‌رىپىدە گاملا،‏ قە‌يسە‌رىيە ۋە پېللا دېگە‌ن شە‌ھە‌رلە‌ر جايلاشقان.‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ جە‌نۇ‌بىي تە‌رىپىدە يە‌ھۇ‌دىيە تاغلىرى،‏ ئابارىم تاغلىرى ۋە ماسادا شە‌ھىرى جايلاشقان.‏ خە‌رىتىدە يە‌نە مىلادى 67–‏73-‏يىللار ئارىسىدا رىملىقلار بېسىۋالغان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قالغان زېمىنى كۆرسىتىلگە‌ن.‏

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن قاچىدىغان تاغلار كۆپ بولغان،‏ لېكىن ئۇ يە‌ردە ياشاش بىخە‌تە‌ر ئە‌مە‌س ئىدى (‏9-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


10،‏ 11 .‏‏(‏1)‏ يە‌ھۋا يوليورۇ‌قنى قانداق بە‌رگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17)‏ (‏2)‏ شۇ زاماندا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يېتە‌كچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌رگە بويسۇ‌نۇ‌پ قانداق پايدىغا ئېرىشكە‌ن؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

10 يە‌ھۋا قارىماققا،‏ جامائە‌تتىكى يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق قېرىنداشلارنىڭ ئېنىق نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق يوليورۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏ يېسېبۇ‌س ئىسىملىك تارىخچى مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «يېرۇ‌سالىمدىكى تاللانغان ئە‌رلە‌ر خۇ‌دادىن ۋە‌ھىي ئالغانىدى.‏ جە‌ڭ باشلىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى شە‌ھە‌ردىن قېچىپ چىقىپ،‏ پېرېئادىكى پېللا شە‌ھىرىگە بېرىشقا بۇ‌يرۇ‌غان».‏ پېللا شە‌ھىرى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن بىخە‌تە‌ر جاي بولغان.‏ پېللا شە‌ھىرى يېرۇ‌سالىمدىن ئانچە يىراق ئە‌مە‌س بولغاچقا،‏ ئۇ يە‌رگە بېرىش ئاسانراق ئىدى.‏ ئۇ‌نىڭىدىن باشقا،‏ بۇ شە‌ھە‌رنىڭ كۆپ ساندىكى پۇ‌قرالىرى يە‌ھۇ‌دىي بولمىغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ رىملىقلاردىن ئە‌ركىن بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارغا قارشى جە‌ڭ قىلىشى ھاجە‌تسىز ئىدى (‏خە‌رىتىگە قاراڭ)‏.‏

11 تاغقا قېچىپ كە‌تكە‌ن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پاۋلۇ‌سنىڭ «ئاراڭلاردا سىلە‌رگە يېتە‌كچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغانلارغا ئىتائە‌ت قىلىڭلار ۋە بويسۇ‌نۇ‌ڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالغان ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دا خە‌لقى ئامان قالغان.‏ بۇ ۋە‌قە «ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان،‏ .‏ .‏ .‏ شە‌ھە‌رنى»،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقانلارنى يە‌ھۋا ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏—‏ئىبرانىي.‏ 11:‏10.‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى نە‌رسە كېرە‌كلىرىنى ئېلىپ،‏ تاغلىق رايوندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.‏

پېللا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن بىخە‌تە‌ر جاي بولغان (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


12،‏ 13 .‏قىيىن كۈنلە‌ردە يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنى قانداق يېتە‌كلىگە‌ن؟‏

12 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ يە‌ھۋا يېتە‌كچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق ئۆز خە‌لقىگە يوليورۇ‌قلارنى بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ساق،‏ يە‌ھۋانىڭ سادىق كىشىلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ قىيىن كۈنلە‌ردە ئۆز خە‌لقىنى يېتە‌كلىگە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن مىساللارنى تاپالايمىز (‏تە‌كرار.‏ قا 31:‏23؛‏ زە‌بۇ‌ر 77:‏20)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇ‌نى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ يە‌ھۋا يېتە‌كچىلىكنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق بىزگە يوليورۇ‌قلارنى بېرىۋاتىدۇ.‏

13 مە‌سىلە‌ن،‏ 19-‏COVID يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌سى كە‌ڭ تارقىلىشقا باشلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئارىسىدىكى يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر جامائە‌تلە‌رگە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىپ،‏ ئاقساقاللارغا يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قېرىنداشلارنى يىغىلىشلارغا قانداق تە‌شكىللە‌شنى ئېيتقان.‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌ل تارقىلىپ،‏ بىرنە‌چچە ئاي ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ چوڭ ئىبادە‌ت يىغىلىشىمىز 500-‏دىن كۆپرە‌ك تىلدا ئۆتكۈزۈلدى ۋە قېرىنداشلار پروگراممىنى ئىنتېرنېت،‏ تېلېۋىزور ۋە رادىئو ئارقىلىق ئاڭلىدى.‏ تارىختا تۇ‌نجى قېتىم شۇ‌نداق چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى.‏ شۇ‌نداق قىيىن ئە‌ھۋالدا بولغاندىمۇ،‏ ئۆز ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلىدۇ‌ق.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ‌نىڭدىن شۇ‌نى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىزكى،‏ كېلە‌چە‌كتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌يلى،‏ يە‌ھۋا يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق بىزگە داۋاملىق ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاش ۋە ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شتىن باشقا،‏ ئۆزىمىزنى دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌تكە تە‌ييارلاشقا ۋە ئاشۇ جاھاننى زىل-‏زىلىگە كە‌لتۈرىدىغان پە‌يتتە دانالىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىزغا يە‌نە قانداق پە‌زىلە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھماندوست بولۇ‌ڭ

14 .‏ئىبرانىيلار 13:‏1–‏3 ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشتىن بىرقانچە يىل ئاۋۋال،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قانداق پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرسىتىشكە توغرا كە‌لگە‌ن ئىدى؟‏

14 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلانغاندا،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.‏ بۇ جە‌ھە‌تتە يېرۇ‌سالىم ۋە يە‌ھۇ‌دىيە‌دىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئە‌گىشىشىمىز لازىم.‏ ئۇ‌لار دائىم بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏32–‏34)‏.‏ بىراق،‏ يېرۇ‌سالىم ۋە‌يران بولۇ‌شتىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىگە تېخىمۇ كۆپرە‌ك قېرىنداشلارچە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھماندوست بولۇ‌شى زۆرۈر ئىدىc ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏1–‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىزمۇ مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ بىر-‏بىرىمىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏

15 .‏نېمە ئۈچۈن پېللاغا قاچقان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھماندوست بولۇ‌شى زۆرۈر ئىدى؟‏

15 رىم قوشۇ‌نلىرى يېرۇ‌سالىمنى قورشاۋغا ئالغاندىن كېيىن،‏ تۇ‌يۇ‌قسىز چېكىنىپ كېتىپ قالغانىدى.‏ شۇ چاغدا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ شە‌ھە‌ردىن قېچىپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت توغۇ‌لغان.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى بىلە‌ن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئېلىپ كېتە‌لمىگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏17،‏ 18‏)‏.‏ ئۇ‌لار پېللاغا قېچىپ كېتىپ بارغاندا،‏ يول ئۈستىدە چوقۇ‌م بىر-‏بىرىگە ياردە‌م بېرىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ پېللاغا يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ يېڭى تۇ‌رمۇ‌شىنى باشلىغاندا يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ كىيىم-‏كېچە‌ك ۋە تۇ‌رىدىغان جايغا موھتاج بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ قېرىنداشلارچە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ۋە مېھماندوست بولۇ‌پ ئۆزىدە بارىنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق بىر-‏بىرىگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شىغا نۇ‌رغۇ‌ن پۇ‌رسە‌تلە‌ر توغۇ‌لغان.‏—‏تىتۇ‌س 3:‏14.‏

16 .‏ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغان ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ قانداق يوللىرى بار؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

16 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى موھتاجلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپلىگە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۇ‌رۇ‌ش ياكى تە‌بىئىي ئاپە‌ت تۈپە‌يلى،‏ كۆچمە‌ن بولۇ‌پ ياشاۋاتقان قېرىنداشلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌رۇ‌ش سە‌ۋە‌بلىك ئۇ‌كرائىنادىكى ئۆيىنى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كە‌لگە‌ن بىر قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا قېرىنداشلىرىمىز ئارقىلىق بىزنى يېتە‌كلە‌پ،‏ ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ھېس قىلدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار بىزنى ئۇ‌كرائىنادا،‏ ۋېنگرىيىدە ۋە گېرمانىيىدە ئىللىق قارشى ئېلىپ،‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تتى».‏ ئە‌گە‌ر بىز قېرىنداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بە‌رسە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن مۆرىنى-‏مۆرىگە تىرە‌پ خىزمە‌ت قىلغان بولىمىز.‏—‏پە‌ند ن.‏ 19:‏17؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 1:‏3،‏ 4.‏

‏.‏

چە‌ت ئە‌للە‌ردىن قېچىپ كە‌لگە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ياردىمىمىزگە مۇ‌ھتاج (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


17 نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

17 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ بىز ھازىرقىدىنمۇ بە‌كرە‌ك بىر-‏بىرىمىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏ھاباق.‏ 3:‏16–‏18)‏.‏ ھازىر يە‌ھۋا بىزنى ئېتىقادداشلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە ۋە مېھماندوست بولۇ‌شقا ئۆگىتىۋاتىدۇ.‏ ئاشۇ چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ بۇ پە‌زىلە‌تلە‌ر بە‌ك مۇ‌ھىم رول ئوينايدۇ.‏

بىزنى ئالدىمىزدا نېمە كۈتۈۋاتىدۇ؟‏

18 .‏بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏

18 تارىخ شۇ‌نى ئىسپاتلايدۇ‌كى،‏ يېرۇ‌سالىم ۋە‌يران قىلىنغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ تاغلارغا قاچقان مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھايات قالغان.‏ ئۇ‌لار شە‌ھە‌رنى تاشلاپ كە‌تكە‌ن،‏ ئە‌مما يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئە‌سلا تاشلىمىغانىدى.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ كە‌لگۈسىدە بىز نېمە ئىشلارنىڭ يۈر بېرىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىي بىلمە‌يمىز.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ بىزنى ھە‌رقاچان تە‌ييار تۇ‌رۇ‌شقا ئاگاھلاندۇ‌رغانلىقىنى بىلىمىز (‏لۇ‌قا 12:‏40)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئىبرانىيلار يازغان خېتىدىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى ھاياتىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىز لازىم.‏ ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقى ھە‌ققىدە ھە‌ربىرىمىزگە شە‌خسە‌ن ۋە‌دە بە‌رگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏5،‏ 6)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولىدىغان شە‌ھە‌رنى،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق كۈتە‌يلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ كېلە‌چە‌كتە ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌ردىن مە‌ڭگۈ بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏—‏مە‌تتا 25:‏34‏.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  •  دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت مە‌زگىلىدە،‏ ئىتائە‌تچانلىق بىلە‌ن بويسۇ‌نۇ‌ش نېمىشقا مۇ‌ھىم؟‏

  •  نېمە ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ مېھماندوست بولۇ‌شنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

157-‏ناخشا مە‌ڭگۈ تىنچلىق زامان

a  قە‌دىمقى زاماندا بىر شە‌ھە‌ر بىر پادىشاھلىق بولاتتى،‏ چۈنكى شۇ زامانلاردا بىر شە‌ھە‌رگە بىر پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان.‏—‏يارىت.‏ 14:‏2.‏

b  بۇ ۋە‌قە مىلادى 67-‏يىلى،‏ يە‌ھۇ‌دىيە ۋە يېرۇ‌سالىمدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قېچىپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن كۆپ ئۆتمە‌ي يۈز بە‌رگە‌ن.‏

c  «قېرىنداشلارچە سۆيۈش» دېگە‌ن سۆز ئادە‌تتە يېقىن تۇ‌غقانلارغا قارىتا ئىشلىتىلىدۇ،‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س بۇ سۆزنى قوللىنىپ،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدىكى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت رىشتىسىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش