24-تەتقىق ماقالىسى
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب – خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟ (1-قىسىم)
«سىلەر يىغىلىپ جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېلەچەكتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئۆزۈڭلارغا ئېيتىپ بېرەي» .—يارىت. 49:1.
مەركىزى ئىدىيە
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى رۇبېن، شىمون، لاۋىي ۋە يەھۇدا ھەققىدە ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
1، 2. ياقۇپ ئۆلۈمىدىن ئاۋۋال نېمە قىلغان ۋە نېمە ئۈچۈن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
ياقۇپ قېرىغاندا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قاناندىن مىسىرغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ شۇ يەردە 17 يىل داۋاملىق يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغان (يارىت. 47:28). ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ، بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولغان شۇ مەزگىلدە، ئىنتايىن خۇشال بولغانىدى. مانا ئەمدى، ئۇ پات-ئارىدا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەممە ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ جەم قىلىپ، مۇھىم ئىش توغرۇلۇق پاراڭلاشقان.—يارىت. 49:28.
2 قەدىمقى زاماندا، بىر ئائىلە جەمەتىنىڭ بېشى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا ئاخىرقى نەسىھەت سۆزلىرىنى قىلاتتى (يەشايا 38:1). شۇ چاغدا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىم ئائىلە جەمەتىنىڭ بېشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.
ياقۇپ ۋەسىيەت سۆزىدە 12 ئوغلىغا پەيغەمبەرلىك سۆزلىرىنى ئېيتىۋاتىدۇ (1، 2-ئابزاسلارغا قاراڭ)
3. بىز يارىتىلىش 49:1، 2-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟
3 يارىتىلىش 49:1، 2-نى ئوقۇڭ. لېكىن، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنى يىغىپ ئېيتقان سۆزلىرى پەقەت نەسىھەت سۆزى ئەمەس، بەزى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنى، يەھۋانىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ياقۇپ پەيغەمبەر ئوغۇللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار ھەققىدە بېشارەتلىك سۆزلەرنى قىلغان. شۇڭا، ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى، ياقۇپنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى بېشارەتلىك سۆزلىرى دەپمۇ ئاتالغان.
4. ياقۇپ نېمىلەرنى ئالدىن ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ («ياقۇپنىڭ ئائىلىسى» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ).
4 بۇ ماقالىدە، بىز ياقۇپنىڭ تۆت ئوغلى رۇبېن، شىمون، لاۋىي ۋە يەھۇدا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. كېيىنكى ماقالىدە، باشقا سەككىز ئوغلىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. ياقۇپ پەقەت ئۆز ئوغۇللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى قىلغان. كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى چوڭ بىر خەلققە ئايلانغان. ئىسرائىل خەلقىنىڭ تارىخىنى كۆرۈپ چىقساق، ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىۋالىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنەلەيمىز.
رۇبېن
5. رۇبېن بەلكىم نېمىنى كۈتكەن؟
5 ياقۇپ ئاۋۋال چوڭ ئوغلى رۇبېنغا: «سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن»،— دېگەن (يارىت. 49:3). رۇبېن تۇنجى ئوغۇل بولغاچقا، بەلكىم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپرەك مىراس ئېلىشنى ياكى ئاتىسى ياقۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىدا ئائىلە جەمەتىنىڭ بېشى بولۇشنى ئويلىغاندۇ. ھەمدە يەنە كەلگۈسىدە ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ ئورۇنغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشى توغرۇلۇق ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن.
6. رۇبېن نېمە سەۋەبتىن تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان؟ (يارىتىلىش 49:3، 4)
6 ئەمما، رۇبېن تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان (1-تارىخ. 5:1). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ياقۇپنىڭ ئامراق ئايالى راھىلە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، رۇبېن ياقۇپنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلغانىدى (يارىت. 35:19، 22). رۇبېن نېمىشقا شۇنداق قىلغان؟ بىلھاھ ئەسلىدە راھىلەنىڭ خىزمەتكارى ئىدى. رۇبېن ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئايالى لېياھنىڭ ئوغلى ئىدى. بەلكىم، رۇبېن بىلھاھ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ياقۇپ بىلھاھتىن نەپرەتلىنىپ، ئاپىسى لېياھنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىغاندۇ. ياكى بولمىسا، رۇبېننىڭ بىلھاھقا كۆزى چۈشۈپ، شەھۋانىي ھەۋىسىنى بېسىۋالالماي، بۇ چوڭ گۇناھنى قىلغاندۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، رۇبېننىڭ قىلمىشى ياراتقۇچى يەھۋانى ۋە ئاتىسى ياقۇپنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرگەن.—يارىتىلىش 49:3، 4-نى ئوقۇڭ.
7. رۇبېن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نېمە بولغان؟ («ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ).
7 ياقۇپ ئوغلى رۇبېنغا: «سەن ئۈستۈن بولالمايسەن»،— دەپ، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا ئۇتۇقلۇق كىشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئېشىپ، رۇبېننىڭ ئەۋلادى ئارىسىدىن ھېچبىر پادىشاھ، روھانىي ياكى پەيغەمبەر چىقمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ياقۇپ رۇبېننى مىراسسىز قالدۇرمىغان، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن ئىسرائىللار ئارىسىدا پۈتۈن بىر قەبىلە بولغان (يەشۇئا 12:6). گەرچە رۇبېن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، باشقا ۋەزىيەتلەردە بەزى ياخشى پەزىلەتلەرنى كۆرسەتكەن. قارىماققا، ئۇ خاتالىقىنى ئۆزگەرتىپ، كېيىن قايتا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىغان.—يارىت. 37:20–22؛ 42:37.
8. رۇبېننىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
8 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ بىز چوقۇم خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقلارنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر گۇناھقا ئازدۇرۇلساق، توختاپ، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز يەھۋا خۇدانىڭ، ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئازابلايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، «كىم نېمە تېرىسا، شۇنى يىغىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئۇنتۇمايلى (گالاتىيا. 6:7). رۇبېننىڭ مىسالى، بىزگە يەھۋانىڭ قانچىلىك رەھىم-شەپقەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويساق، قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن، بىز گۇناھىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن توۋا قىلىپ، توغرا ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەك، يەھۋا بىزنى كەچۈرىدۇ ۋە بىزگە بەرىكەت بېرىدۇ.
شىمون ۋە لاۋىي
9. ياقۇپ نېمە ئۈچۈن شىمون ۋە لاۋىيغا نارازى بولغان؟ (يارىتىلىش 49:5–7)
9 يارىتىلىش 49:5–7-نى ئوقۇڭ. ياقۇپ كېيىن شىمون ۋە لاۋىيغا سۆز قىلىپ، ئۇلارغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى ياقۇپ قانان زېمىنىدا ياشىغاندا، قانانلىق شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەن. بۇنىڭغا ياقۇپنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئىنتايىن ئاچچىقلانغان. لېكىن، شىمون بىلەن لاۋىي غەزىپىنى باسالماي، زوراۋانلىق قىلغان. ئۇلار شەكەمگە ئۇ ۋە شەھەردىكى بارچە ئەركەكلەر خەتنە قىلدۇرسا، ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شەكەم ۋە شەھەردىكى ئەركەكلەر بۇ تەلەپكە قوشۇلۇپ، خەتنە قىلدۇرغان. ئەمما، ئۇلار تېخى ئاغرىپ ياتقاندا، شىمون ۋە لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ، پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىغان.—يارىت. 34:25–29.
10. ياقۇپنىڭ شىمون ۋە لاۋىيغا ئېيتقان سۆزلىرى قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ («ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ).
10 ياقۇپ ئىككى ئوغلىنىڭ شۇنداق ۋەھشىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق ئاچچىقلانغان. ياقۇپ شىمون ۋە لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقىلىپ ياكى چېچىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. بۇ بېشارەت 200 يىلدىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرگەندە ئەمەلگە ئاشقان. شىمون قەبىلىسى مىراس ئالغان يەر، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەر-زېمىنى ئىچىدە بولغان (يەشۇئا 19:1). لاۋىي قەبىلىسى بولسا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن زېمىنىغا تارقاق جايلاشقان 48 شەھەرنى مىراسقا ئالغان.—يەشۇئا 21:41.
11. شىمون ۋە لاۋىي قەبىلىلىرى قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغان؟
11 شىمون بىلەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلارنى قايتا تەكرارلىمىغان. لاۋىي قەبىلىسى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن پاك ئىبادەت قىلغان. يەھۋا سىناي تېغىدا مۇساغا قانۇننى بېرىۋاتقان پەيتتە، نۇرغۇن ئىسرائىللار ئالتۇن موزاي بۇتىغا چوقۇنغان. لېكىن، لاۋىيلار كۆپچىلىككە قوشۇلمىغان ۋە كېيىنرەك مۇسانىڭ بۇيرۇقى بويىچە موزاي بۇتقا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرگەن (چىق. 32:26–29). كېيىن، يەھۋا لاۋىي قەبىلىسىنى ئىسرائىلدا روھانىيلار بولۇشقا تاللىغان (چىق. 40:12–15؛ سانلار 3:11، 12). ئىسرائىل خەلقى ۋەدە قىلىنغان زېمىننى ئىشغال قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىگە ماسلىشىپ، قانانلىقلارغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان. بۇ ئىشى ئۈچۈن يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلىگەن.—ھاكىم. 1:3، 17.
12. شىمون ۋە لاۋىينىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
12 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئۆزىڭىز ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىز ئادالەتسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلسە، ئاچچىقلىنىش تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن، غەزىپىمىزنى بېسىۋېلىپ، قىزىق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم (زەبۇر 4:4). شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، غەزەپ-نەپرەت سەۋەبلىك، كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتساق ياكى زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلساق، يەھۋا بۇنى ماقۇل كۆرمەيدۇ (ياقۇپ 1:20). بىزگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغان كىشى مەيلى يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىز ھەردائىم مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە يول تۇتساق، يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالايمىز (رىملىقلار 12:17، 19؛ 1-پېتر. 3:9). ھەتتا ئاتا-ئانىڭىز يەھۋانى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇلار سەۋەبلىك يەھۋا ئەمدى مېنى بەرىكەتلىمەيدۇ دەپ خۇلاسە چىقارماڭ. سىز ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئەكسىنچە داۋاملىق يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ. يەھۋا سىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭىزنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ.
يەھۇدا
13. دادىسى يەھۇداغا سۆزلىگەندە، يەھۇدا نېمە ئۈچۈن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن؟
13 ياقۇپ شىمون ۋە لاۋىيغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدى نۆۋەت يەھۇداغا كەلدى. دادىسىنىڭ ئاكىلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەھۇدا ناھايىتى ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇمۇ بەزى چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. شىمون بىلەن لاۋىي شەكەمنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا قوشۇلۇپ، شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان (يارىت. 34:27). ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە يۈسۈپنى قۇللۇققا سېتىۋېتىپ، كېيىن دادىسىنى ئالدىغان (يارىت. 37:31–33). كېيىن، يەھۇدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ ئايالى، يەنى ئۆز كېلىنى تامارنى پاھىشە ئايال دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان.—يارىت. 38:15–18.
14. يەھۇدا قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغان؟ (يارىتىلىش 49:8، 9)
14 لېكىن، خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ياقۇپ يەھۇدانى ماختىغان ۋە ئۇنى بەرىكەتلەپ دۇئا قىلغان (يارىتىلىش 49:8، 9-نى ئوقۇڭ). چۈنكى، يەھۇدا ياشانغان ئاتىسىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئەڭ كىچىك ئىنىسى بىنيامىنغا ئىچ ئاغرىتقان ئىدى.—يارىت. 44:18، 30–34.
15. يەھۇدا ھەققىدە ئېيتىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟
15 ياقۇپ يەھۇدانىڭ قېرىنداشلىرىغا باش بولىدىغانلىقىنى بېشارەت قىلغان. ئەمما، بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەر تەخمىنەن 200 يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىقىپ، چۆل باياۋاندا ۋەدە قىلىنغان زېمىن تەرەپكە ماڭغاندا، يەھۇدا قەبىلىسى ئالدىدا ماڭغان، باشقا قەبىلىلەر ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان (سانلار 10:14). يىللار ئۆتۈپ، ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان زېمىننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قانانلىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا، يەھۋا ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىشقا يەھۇدا قەبىلىسىنى ئەۋەتكەن (ھاكىم. 1:1، 2). ئۇنىڭدىن باشقا، داۋۇتتىن باشلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىققان نۇرغۇن كىشىلەر پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن، يەھۇدا توغرۇلۇق ئېيتىلغان پەيغەمبەرلىك سۆزلەر باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشقان.
16. يارىتىلىش 49:10-ئايەتتىكى سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشقان؟ («ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى» دېگەن رامكىغىمۇ قاراڭ).
16 ياقۇپ يەنە يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىقىدىغان بىرى مەڭگۈ پادىشاھ بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى (يارىتىلىش 49:10-نى ئوقۇڭ). بۇ پادىشاھ ئەيسا مەسىھتۇر. بىر پەرىشتە ئەيسا توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى بېرىدۇ» (لۇقا 1:32، 33). مۇقەددەس كىتابتا، ئەيسا «يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان شىر» دەپمۇ ئاتالغان.—ۋەھىي. 5:5.
17. ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشتا يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
17 بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ يەھۇدا ھەتتا بەزى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنى بەرىكەتلىگەن. بىراق، يەھۇدانىڭ قېرىنداشلىرى نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۇنى بەرىكەتلەنگەنلىكىنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، يەھۋانىڭ چوقۇم يەھۇدانىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرۈپ، ئۇنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بىز يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بەلكىم، بەزى قېرىنداشلار مۇھىم بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا شۇنداق خىزمەت تاپشۇرۇلغانلىقىنى چۈشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن. لېكىن، شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋا خۇدا جەزمەن شۇ ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆرگەن. يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرىپىنى ئىزدەيدۇ. بىزمۇ ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا تىرىشايلى.
18. نېمە ئۈچۈن سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك؟
18 يەھۇدانىڭ مىسالىدىن ئالىدىغان يەنە بىر مۇھىم ساۋاق — سەۋرچان بولۇش. يەھۋا بەرگەن ۋەدىلىرىنى چوقۇم ئورۇنلايدۇ. لېكىن، ئۇ بۇنى بىز خالىغان ئۇسۇلدا ياكى كۈتكەن ۋاقىتتا قىلماسلىقى مۇمكىن. ئىسرائىل خەلقىنىڭ دەسلەپكى يېتەكچىلىرى يەھۇدا قەبىلىسىدىن چىقمىغان. مۇسا لاۋىي قەبىلىسىدىن، يەشۇئا ئەفرائىم قەبىلىسىدىن ۋە سائۇل پادىشاھ بىنيامىن قەبىلىسىدىن چىققان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۇدا قەبىلىسى خۇدا تاللىغان بۇ يېتەكچىلەرنى ساداقەتمەنلىك بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، بىزمۇ يەھۋا ئارىمىزدىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تاللىغان كىشىلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيلى.—ئىبرانىي. 6:12.
19. ياقۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن يەھۋا توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟
19 ياقۇپنىڭ تۆت ئوغلىغا ئېيتقان ئاخىرقى سۆزلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەندۇق؟ «خۇدا ئىنسان كۆرگەندەك كۆرمەيدۇ» (سام. 1-ياز. 16:7). يەھۋا ناھايىتى سەۋرچان ۋە كەچۈرۈمچان خۇدادۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزغا كۆز يۇممايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ بىزدىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر بىرى ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، چىن قەلبىدىن توۋا قىلىپ ئۆزگىرىپ، قايتا توغرا يولدا ماڭسا، يەھۋا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈپ، ئۇنى بەرىكەتلەيدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، ياقۇپنىڭ قالغان سەككىز ئوغلىغا نېمە دېگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى