تەرجىمىھال
بىر ئۆمۈر ئۇلۇغ ئۇستازدىن ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز
ئايالىم ئىككىمىز پىدائىي ۋەز ئېتقۇچى ۋە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) بولۇپ خىزمەت قىلغاندا، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۇق. يەنى قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، كۆيۈۋاتقان توساقلار، بوران-چاپقۇنلار، ئىچكى ئۇرۇشلارنى كۆردۇق ۋە ھەتتا ئۆيۈمىزنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكە توغرا كەلدى. بۇلار ئايالىم ئىككىمىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى. گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، چىقارغان قارارلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشالمىز. يەھۋا ئۆمۈر بويى بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، بەرىكەتلەپ كەلمەكتە. ئۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازىمىز، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى ئۆگەندۇق.—ئايۇپ 36:22؛ يەشايا 30:20.
ئاتا-ئانامنىڭ ئۈلگىسى
1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئاتا-ئانام ئىتالىيىدىن كانادانىڭ ساسكاچېۋان ئۆلكىسىنىڭ كىندېرسلىي دېگەن شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. كۆپ ئۆتمەي، ئۇلار ھەقىقەتنى ئۆگىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىش تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشقا ئايلانغانىدى. ھازىرمۇ ئېسىمدە بار، كىچىك چېغىمدا ئائىلەم بىلەن پۈتۈن كۈن ۋەز قىلاتتۇق. شۇڭا، مەن بەزىدە چاقچاق قىلىپ: «8 يېشىمدىن باشلاپ، ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن»،— دەپ قويىمەن.
ئائىلەم بىلەن بىللە (تەخمىنەن 1966-يىلى)
ئاتا-ئانام باي بولمىسىمۇ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولغان. مەسىلەن، 1963-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى پاسادېنادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشقا بېرىش ئۈچۈن ئۇلار نۇرغۇن مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىۋەتكەن. 1972-يىلى، بىز ئىتالىيان تىلىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەرگە ۋەز قىلىش ئۈچۈن، 1000 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان كانادانىڭ برىتانىيە كولۇمبىيىسى ئۆلكىسىدىكى ترائىل شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق. ئۇ يەردە، دادام دۇكاندا تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ، بارچە دىققىتىنى خۇداغا خىزمەت قىلىشقا قاراتقاچ، كۆپرەك پۇل تېپىش پۇرسىتىنى رەت قىلغان ئىدى.
ئاتا-ئانامنىڭ مەن ۋە ئۈچ قېرىندىشىمغا كۆرسەتكەن ياخشى ئۈلگىسى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىنتايىن مىننەتدارمەن. يەھۋا ئۇلار ئارقىلىق ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. مەن ئۇلاردىن بەك مۇھىم ھەقىقەتنى ئۆگەندىم: خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىمدا بىرىنچى ئورۇنغا قويسام، يەھۋا چوقۇم ماڭا غەمخورلۇق قىلىدۇ.—مەتتا 6:33.
تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىدىم
1980-يىلى، خۇداغا قىزغىن خىزمەت قىلىدىغان دېببى ئىسىملىك چىرايلىق قېرىنداشقا ئۆيلەندىم. بىزنىڭ تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىش مەقسىتىمىز بار ئىدى. شۇڭا، توي قىلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، دېببى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىۋەتتى. بىر يىلدىن كېيىن، بىز ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز، كىچىك بىر جامائەتكە كۆچۈپ، مەنمۇ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم.
1980-يىلى توي كۈنىدە
ۋاقىت ئۆتۈپ، بىز ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىپ، شۇ يەردىن كېتىشنى قارار قىلدۇق. لېكىن، ئاۋۋال بىز رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق. ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن، ئەمما ئۇدۇل بىزگە مۇنداق دېدى: «قىيىنچىلىقلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ئېغىرلاشتۇرۇۋاتىسىلەر. سىلەر ئىشلارنىڭ پەقەت يامان تەرىپىگە دىققەت قىلىۋاتىسىلەر. بۇنىڭ ئورنىغا ياخشى تەرىپىنى كۆرۈشكە تىرىشساڭلار، چوقۇم ياخشى تەرىپىنى تاپالايسىلەر». بىز دەل شۇنداق مەسلىھەتكە موھتاج بولغان ئىدۇق (زەبۇر 141:5). بۇ مەسلىھەتكە ئەمەل قىلىپ، خىزمىتىمىزدە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. مەسىلەن، جامائىتىمىزدە نۇرغۇن قېرىنداشلار قىزغىن خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆسمۈرلەر ۋە بەزىلىرى يولدىشى گۇۋاھچى ئەمەس قېرىنداشلار ئىدى. بۇنىڭدىن مۇھىم ساۋاق ئالدۇق. بىز ياخشى نەرسىلەرنى بايقاشقا ۋە يەھۋاغا تايىنىپ، ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگەندۇق (مىكاھ 7:7). بىز قايتىدىن خۇشاللىققا ئېرىشتۇق ۋە ۋەزىيىتىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.
بىرىنچى قېتىم، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىگە قاتناشقاندا، مۇئەللىملەرنىڭ چەتئەلدە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىزگە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، قىيىنچىلىقلىرى ۋە بەرىكەتلىرى توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەندە، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) بولۇپ خىزمەت قىلىش ئارزۇيىمىز توغۇلدى. شۇڭا، بىز بۇ ئارزۇ-ئارمانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن مەقسەت قويدۇق.
برىتانىيە كولۇمبىيىسى ئۆلكىسىدىكى بىر يىغىلىش زالىدا (1983-يىل)
بۇ مەقسىتىمىزگە يېتىش ئۈچۈن، بىز 1984-يىلى 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى فرانسۇزچە سۆزلەيدىغان كانادانىڭ كۋېبېك ئۆلكىسىگە كۆچۈپ باردۇق. بۇ يەردە يېڭى تىلنى ئۆگىنىپ، يېڭى مەدەنىيەتكە ئادەتلىنىشىمىز كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىز پات-پات ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلاتتۇق. بىر ئاقكۆڭۈل دېھقان ئېتىزىدا ھوسۇل يىغىلغاندا، چۈشۈپ قالغان بەرەڭگىلەرنى يىغىۋېلىشقا رۇخسەت قىلدى، بىر مەزگىل ھەربىر ۋاق تاماق ئۈچۈن پەقەت بەرەڭگە يىدۇق. دېببى ئۇنىڭدىن خىلمۇ-خىل تەملىك تائاملارنى ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدى. بۇنىڭغا قارىماستىن، قىيىنچىلىقلارغا خۇشاللىق بىلەن بەرداشلىق بەردۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن يەھۋانىڭ داۋاملىق بىزگە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى كۆردۇق.—زەبۇر 64:10.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز كانادادىكى بەيتەلدىن بىزگە تېلېفون قىلىپ، بىزنى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا چاقىردى. بىر تەرەپتىن خۇشال بولساق، باشقا تەرەپتىن كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. چۈنكى، ئىلگىرى بىز ئاللىقاچان گىلىئاد مەكتىپىگە ئىلتىماس تولدۇرغان ئىدۇق. شۇڭا، تۈرلۈك ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇپ، ئاخىرىدا تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق. بىز بەيتەلگە كەلگەندە، بەيتەل كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان كېننېت لىتتىل بۇرادەردىن: «بىزنى گىلىئاد مەكتىپىگە چاقىرىپ قالسىچۇ؟»،— دەپ سورىدۇق. ئۇ: «نېمە قىلىش توغرۇلۇق شۇ چاغدا بىر نېمە دەيمىز»،— دەپ جاۋاب بەردى.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىز راستتىنلا گىلىئاد مەكتىپىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بىز قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەي قالدۇق. بۇرادەر كېننېت بىزگە مۇنداق دېدى: «مەيلى ھازىر قايسى يولنى تاللىماڭلار، كېيىن باشقىسىنى تاللىساق بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىسىلەر. بۇ يەردە پەقەت بىرلا توغرا تاللاش يوق. قايسىسىنى تاللىماڭلار، يەھۋا قارارىڭلارغا بەرىكەت بېرەلەيدۇ». بىز گىلىئاد مەكتىپىنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلدۇق. يىللار ئۆتۈپ، كېننېت بۇرادەرنىڭ سۆزىدە قانچىلىك دانالىق بارلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. كېيىن، بىزمۇ تەشكىلاتتا ئىككى ۋەزىپىنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەن قېرىنداشلارغا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغان بولدۇق.
ياتئەل خەلقى ئارىسىدىكى ۋەز خىزمىتىمىز
(سول تەرەپتە) يۇلىسىس گلاس
(ئوڭ تەرەپتە) جېك رېدفورد
1987-يىلى، ئاپرېل ئېيىدا برۇكلىندا (نيۇ-يورك) ئۆتكۈزۈلگەن گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 83-قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇدۇق. جەمئىي 24 ئوقۇغۇچى ئىدۇق، ئايالىم ئىككىمىز بۇ سىنىپتا بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بىزگە يۇلىسىس گلاس ۋە جەك رېدفورد بۇرادەرلەر ئاساسىي ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بەش ئاي ئۆتۈپ، 1987-يىلى، 6-سېنتەبىر كۈنى مەكتەپنى پۈتتۈردۇق. بىز جون ۋە مارى گۇد ئىسىملىك ئەر-ئايال بىلەن بىللە ھايتى دېگەن دۆلەتكە خىزمەتكە تەيىنلەندۇق.
1988-يىلى، ھايتىدا
1962-يىلى، ئاخىرقى بىر تۈركۈم ياتئەل خەلقى ئارىسىدىكى ۋەز ئېيتقۇچىلار ھايتى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن بېرى، بۇ دۆلەتكە باشقا ۋەز ئېيتقۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن ئىدى. گىلىئاد مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، بىز ھايتىنىڭ تاغلىق رايوندىكى جامائەتتە خىزمەت قىلىشنى باشلىدۇق. بۇ جامائەتتە 35 قېرىنداش بار ئىدى. بىز ياش ۋە تەجرىبىسىز ئىدۇق ۋە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۆيدە يالغۇز ياشىدۇق. بۇ يەردىكى ئادەملەر ئىنتايىن كەمبەغەل ۋە نۇرغۇنلىرى ساۋاتسىز ئىدى. بىز ھايتىدا خىزمەت قىلىپ يۈرگەن دەسلەپكى چاغلاردا، خەلق تىنچ-ئامان ياشىيالمايتتى، ھەمىشە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، توپىلاڭلار ۋە نامايىشلار كۆتۈرۈلۈپ تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، پات-پات قاتتىق بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇردى.
بىز ھايتىدىكى سادىق قېرىنداشلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئۇلار دائىم شاد-خۇرام يۈرەتتى. قىيىنچىلىقلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەھۋانى ۋە خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن. ياشانغان بىر قېرىنداش خەت تونۇمىغان بولسىمۇ، 150-تىن كۆپرەك ئايەتلەرنى يادقا ئېلىۋالغان ئىدى. بىز شۇنداق قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەندە، ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ، خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. دەسلەپتە ھايتىغا كەلگەندە، بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن كىشىلەر ھازىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار ۋە ئاقساقاللار بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرۈش بىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرىدۇ.
ھايتىدا بولغاندا، مەن ترېۋور ئىسىملىك ياش مورمون دىنى ۋەز ئېيتقۇچىسى بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ، بىز بىرنەچچە قېتىم مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق سۆزلەشتۇق. خېلى يىللاردىن كېيىن، كۈتمىگەندە ئۇنىڭدىن مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان بىر خەت كەلدى: «مەن ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتىمەن. مېنىڭ ھايتىغا قايتىپ، بۇرۇن مورمون دىنى ۋەز ئېيتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان يەرلەردە، ئەمدى يەھۋا گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش ئارزۇيۇم بار». كېيىن، ئۇ ئايالى ئىككىسى ھايتىغا قايتىپ كېلىپ، نۇرغۇن يىللار مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدى.
ئاۋۋال ياۋرۇپاغا، كېيىن ئافرىقىغا
1994-يىلى، سىلوۋېنىيىدە خىزمەتتە
بىزنى ئىلگىرى ياۋروپادىكى پائالىيىتىمىز چەكلەنگەن بىر دۆلەتكە تەيىنلىدى. 1992-يىلى بىز سىلوۋېنىيىنىڭ پەيتەختى لىيۇبلياناغا كەلدۇق. بۇ شەھەر ئاتا-ئانام چوڭ بولغان يەردىن يىراق ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدا، سابىق يۇگوسلاۋىيە تېررىتورىيىسىدە تېخىغىچە ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. بۇ رايوندىكى پائالىيىتىمىزگە ئاۋسترىيىنىڭ ۋىيېننا شەھىرىدىكى بەيتەل ۋە كىرودىيىنىڭ زاگرېب ۋە سېربىيىنىڭ بېلگراد شەھەرلىرىدىكى ئىشخانىلار يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى. ھازىر ھەربىر دۆلەتتە بەيتەل بار.
شۇڭا، بىزنىڭ يېڭى تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كەلدى. يەرلىكلەر پات-پات «يېزىك يې تېزېك»، يەنى «تىلىمىز قىيىن» دەپ قوياتتى. ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. تەشكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان سادىق قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىسى بىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرىدۇ ۋە يەھۋانىڭ ئۇلارنى بەرىكەتلىگەنلىكىنى كۆردۇق. يەھۋانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن ھەممە ئىشلارنى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە تۈزىتىپ، ئۆز يولىغا سالىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق. سىلوۋېنىيىدە بولغاندا نۇرغۇنلىغان يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق ۋە بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمىز بۇ يەردە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بەردى.
بىراق، ھاياتىمىزدا يەنە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. 2000-يىلى بىزنى غەربىي ئافرىقىدىكى كوتېدىۋويرېغا خىزمەتكە تەيىنلىدى. لېكىن، ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 2002-يىلى نويابىردا بىزنى سېررالېئونغا ئەۋەتتى. ئۇ دۆلەتتە 11 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش ئەمدىلا توختىغان ئىدى. كوتېدىۋويرېنى تاشلاپ كېتىشكە كۆزىمىز قىيماي قالدى، شۇنداقتىمۇ ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرىمىز خۇشاللىقنى ساقلاپ قېلىشىمىزغا ياردەم بەردى.
بىز دىققىتىمىزنى ھەقىقەتنى ئۆگىنىشكە تەشنا بولۇۋاتقان كىشىلەرگە ۋە كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قاراتتۇق. ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش سەۋەبلىك، ئۇلار نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆز قولىدا بارىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشاتتى. بىر قېرىندىشىمىز دېببىغا بەزى كىيىملەرنى بەرمەكچى بولدى. دەسلەپتە دېببى ئېلىشنى خالىمىغانىدى. شۇڭا، قېرىندىشىمىز ئۇنى كۆندۈرمەكچى بولۇپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇش ۋاقتىدا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلار بىزگە ياردەم بەرگەن. ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى». بىز ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشنى قارار قىلدۇق.
ۋاقىت ئۆتۈپ، بىز كوتېدىۋويرېغا قايتىپ كەلدۇق. ئەمما، سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەچ، ئۇ يەردە يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. شۇڭا، 2004-يىلى، نويابىردا ئامالسىز تىك ئۇچۇر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قالدۇق. ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلەن پەقەت 10 كىلوگرام يۈك ئالالىغان ئىدۇق. بىز فرانسىيىنىڭ ھەربىي بازىسىغا قونۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە شىۋېيتسارىيىگە ئۇچۇپ كەتتۇق. يېرىم كېچىدە بەيتەلگە يېتىپ كەلگەندە، بەيتەل كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بىزنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالدى. ئۇلار بىزگە ئىسسىق تاماق ۋە نۇرغۇن شاكىلاتلارنى تەييارلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىللىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىدىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق.
2005-يىلى، كوتېدىۋويرېدا پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن نۇتۇق ئېيتىۋاتىدۇ
شۇنىڭدىن كېيىن، بىز ۋاقىتلىق گاناغا خىزمەتكە تەيىنلەندۇق. كوتېدىۋويرېدا ۋەزىيەت مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئۇ دۆلەتكە قايتا باردۇق. شۇنچە يىللار بىر جايدا كۆپ خىزمەت قىلماي، بىر جايدىن يەنە بىر جايغا كۆچۈپلا يۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان بولمىغان ئىدى. شۇ جەرياندا قېرىنداشلىرىمىز سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇرغاچ، بىز بەل قويۋەتمەي مەھكەم تۇردۇق. گەرچە خۇدا خەلقى ئارىسىدا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش ناھايىتى تەبئىي ئىش بولسىمۇ، دېببى ئىككىمىز ئۇنىڭغا ھېچقاچان سەل قارىماسلىقنى قارار قىلدۇق. بىز ھەتتا شۇ قالايمىقان مەزگىلدە مۇھىم نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق.
ئوتتۇرا شەرق سەپىرى
2007-يىل، ئوتتۇرا شەرىقتە
2006-يىلى بىزگە مەركىزى باش ئىدارىدىن ئوتتۇرا شەرقتە خىزمەت قىلىشىمىز توغرۇلۇق خەت كەلدى. يەنە بىر قېتىم، بىزنى يېڭى تىل ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگىنىش قىيىنچىلىقى ۋە سىنىقى كۈتۈپ تۇراتتى. بۇ يەردە دىنىي ۋە سىياسىي مۇھىتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، بىز ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر كۆپ ئىدى. بىز ھەرخىل تىللاردا سۆزلەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى كۆردۇق، چۈنكى ئۇلار تەشكىلاتىمىزدىن كەلگەن كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنغان ئىدى. بىز ئائىلە ئەزالىرى، خىزمەتداشلىرى، سىنىپداشلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ بېسىمىغا جاسارەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن قايىل بولدۇق.
2012-يىلى، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە چوڭ يىغىلىشقا قاتناشتۇق. مىلادى 33-يىلى ئەللىكىنچى كۈن بايرىمىدىن بۇيان، بۇ يەردە مۇنچە كۆپ يەھۋانىڭ خەلقى يىغىلىپ جەم بولۇپ باقمىغانىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر ۋەقە بولدى!
شۇ يىللىرى بىزنىڭ پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق. بىز بەزى نەشرى ماتېرىياللىرىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن ئېلىۋالدۇق، ۋەز خىزمىتىگە قاتناشتۇق ۋە ئادەم سانى ئازراق ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشلارغا قاتناشتۇق. شۇ دۆلەتتە، ھەممىلا جايلاردا قوراللىق ئەسكەرلەر ۋە قاتتىق قوغداۋاتقان تەكشۈرۈپ پونكىتلىرى بار ئىدى. بىراق، بىز ئېھتىياتچان بولۇپ، بىرنەچچە يەرلىك قېرىنداشلار بىلەن بىللە يۈرگەچ، ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلدۇق.
ئافرىقىغا قايتىش
2014-يىل، كونگودا نۇتۇق تەييارلاۋاتقاندا
2013-يىلى، بىزگە تامامەن باشقا بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى. بىز كونگو دۆلىتىنىڭ كىنشاسا شەھىرىدىكى بەيتەلگە خىزمەتكە تەيىنلەندۇق. كونگو تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، زېمىنى كەڭ دۆلەت بولسىمۇ، خەلقى نامراتلىق ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن باش كۆتۈرەلمىگەن ئىدى. دەسلىپىدە، «بىز ئافرىقىدا ياشاپ باققان، كونگودا خىزمەت قىلىشقا بىز تەييار» دەپ ئويلىغان ئىدۇق. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمىزگە توغرا كەلدى. بولۇپمۇ، يوللار ۋە كۆۋرۈكلەر يوق رايونلارغا بېرىشقا توغرا كەلگەندە، خىزمىتىمىزدە ئىجابىي نەرسىلەرنى كۆرۈشكە تىرىشتۇق. يەرلىك قېرىنداشلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن دائىم خۇشال يۈرەتتى، ۋەز خىزمىتىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ھەرقاچان يىغىلىشلارغا ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى. يەھۋا ۋەز خىزمىتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بەرىكەتلىگەچ، بارغانسېرى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. كونگودا خىزمەت قىلغاندا، ھاياتىمىزدا بىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىش-ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە نۇرغۇن قېرىنداشلار بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق
2023-يىلى، جەنۇبىي ئافرىقىدا ۋەز قىلىۋاتقاندا
2017-يىلنىڭ ئاخىرىدا، يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقىغا ئەۋەتىلدۇق. بۇ بىز خىزمەت قىلغان بەيتەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭى ئىدى ۋە بۇ يەردە بەيتەلدە قىلىدىغان خىزمىتىمىزدە ھەم ئۆزگىرىش بولدى. يەنە كۆپلىگەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى ۋە بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمىز يېڭى ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلاشقا ياردەم بەردى. بۇ دۆلەتتە نەچچە ئون يىللار داۋامىدا نۇرغۇن قېرىنداشلار ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز. بەيتەل ئائىلىسىدە پەرقلىق مىللەت ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بار قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئاجايىپ مۆجىزە! خۇدانىڭ خەلقى يېڭى تەبىئەت، يەنى مىجەز-خۇلقنى كىيىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھاياتىدا ئەمەلىي قوللىنىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، ئۇلار يەھۋا خۇدانىڭ مول بەرىكىتىگە ئېرىشىپ، ئىناقلىق ۋە تىنچلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.
شۇنچە يىللار دېببى ئىككىمىز كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولدۇق. تۈرلۈك تىللارنى ئۆگەندۇق ۋە ھەرخىل مەدەنىيەتلەرگە ئادەتلەندۇق. ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان بولمىسىمۇ، بىراق بىز يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتى ۋە قېرىنداشلار ئارقىلىق بىزگە كۆرسەتكەن سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇق (زەبۇر 144:2). ئىلگىرى تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىمىز يەھۋاغا تېخىمۇ ياخشىراق خىزمەت قىلىشىمىزغا كۆپ ياردەم بەردى.
ئاتا-ئانامنىڭ تەلىم-تەربىيىسى، قەدىرلىك ئايالىم دېببىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگىنى ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، يەنە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ قالدۇرغان ئاجايىپ ئۈلگىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمەن. ئايالىم ئىككىمىز كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق ئۇلۇغ ئۇستازىمىز يەھۋادىن ئۆگىنىشكە قەتئىي بەل باغلىدۇق.