تەرجىمىھال
«بۇ ئۇرۇش يەھۋانىڭ»
2010-يىلى، 28-يانۋار سوغۇق بىر قىش كۈنى، مەن فرانسىيىدىكى ستراسبۇرگ دېگەن چىرايلىق شەھەردە بولدۇم. لېكىن، ئۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى ئەمەس، بەلكى بىرقانچە بۇرادەرلەر بىلەن ئادۋۇكاتلار سۈپىتىدە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىدا فرانسىيىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن باردىم. فرانسىيە ھۆكۈمىتى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن 64 مىليون ياۋرو (89 مىليون دوللار) تەلەپ قىلغانىدى، لېكىن، بىز بۇ تەلەپنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇق. پۇلىنىڭ ئىشى بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرسۇن. ئەڭ مۇھىمى، بۇ سوتتا يەڭسەك، يەھۋانىڭ ئىسىمىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ قالماي، خۇدا خەلقىنىڭ نام-ئابرويىنى ساقلاپ قالالايتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسىيىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ياراتقۇچى يەھۋاغا داۋاملىق ئەركىن ئىبادەت قىلالايتتى. مۇشۇ سوتتا «بۇ ئۇرۇش يەھۋانىڭ» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق (سام. 1-ياز. 17:47). ھازىر بۇ توغرۇلۇق كۆپرەك ئېيتىپ بېرەي.
بۇ تالاش-تارتىش 1990-يىللارنىڭ ئاخىرى باشلانغان. شۇ چاغدا، فرانسىيە ھۆكۈمىتى 1993–1996-يىللار ئارىلىقىدا بەيتەلگە قىلىنغان ئىختىيارىي ئىئانە پۇللىرى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بىز فرانسىيىدىكى سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلغان بولساقمۇ، ئادالەتلىك ھۆكۈمگە ئېرىشەلمىدۇق. بىز نارازىلىق ئەرزى سوتىدا يېڭىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بەيتەلنىڭ بانكا ھېساباتىدىن تۆت يېرىم مىليون ياۋرو (6 مىليون 300 مىڭ دوللار) پۇلنى مۇسادىرە قىلىۋالدى. ئاخىرى ئۈمىد ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىدا قالدى. بىراق، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىشتىن ئاۋۋال، بىزدىن فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋۇكاتلار گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى ئەۋەتكەن ۋەكىل رىياسەتچىلىك قىلدى، مەقسىتى ئىككى تەرەپنى سوتنىڭ سىرتىدا كېلىشتۈرۈپ قويۇش ئىدى.
بىز ياۋروپا سوتىنىڭ ۋەكىلى بىزگە بېسىم قىلىپ، مەلۇم مىقداردا ھۆكۈمەتكە باج تۆلەشنى بۇيرۇيدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئىدۇق. لېكىن، بىز بىر قىسىم پۇلنى تۆلىگەن ھالەتتە ھەم ئەيسانىڭ مەتتا 22:21-ئايەتتىكى سۆزلىرىگە قارشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۇق. قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئىئانە پۇللىرىنى خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن بەرگەن. شۇڭا، بۇ پۇللاردا ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق ھەققى يوق. ئەمما، بىز ياۋروپا سوتىنىڭ قائىدىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتۇق.
ئادۋۇكاتلىرىمىز ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى ئالدىدا (2010-يىل)
ياۋروپا سوتىنىڭ چىرايلىق بېزەلگەن يىغىن زالىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. دەل بىز پەرەز قىلغاندەك، ياۋروپا سوتىنىڭ ۋەكىلى يىغىن باشلىنىشىغا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھۆكۈمەت تەلەپ قىلغان باج پۇلىنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى تۆلىشى كېرەك دېدى. شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ روھى بىزنى ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭدىن: «سىز فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بانكا ھېساباتىمىزدىن تۆت يېرىم مىليون ياۋرودىن كۆپرەك پۇلنى ئاللىقاچان مۇسادىرە قىلىۋالغانلىقىنى بىلەمسىز؟»— دەپ سوراشقا دەۋەت قىلدى.
بۇنى ئاڭلاپ، ياۋروپا سوتى ۋەكىلىنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋۇكاتلار گۇرۇپپىسى ھەقىقەتەن شۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ بۇ ئەرز-شىكايەتكە بولغان كۆز قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى ئەيىبلەپ، دەرھال ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ئاياقلاشتۇردى. شۇ چاغدا، بىز يەھۋانىڭ بۇ سوتتا يېڭىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن ھەممىنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقىنى چۈشەندۇق. يىغىن زالىدىن چىققاندا، خۇشاللىقىمىز ئىچ-ئىچىمىزگە پاتماي، ھېلىلا بولغان ئىشلارغا بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي ھەيران بولۇشۇپ قالدۇق.
2011-يىلى، 30-ئىيۇن كۈنى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى ھەممىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتكەن قارارنى چىقىرىپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى مۇسادىرە قىلىۋالغان پۇلنى ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى قوشۇپ قايتۇرۇشقا بۇيرىدى. سوتنىڭ بۇ مۇھىم قارارى فرانسىيىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پاك ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ھازىرغىچە قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. ئاشۇ ئويلىمىغان يەردىن سورىغان بىر سوئالىمىز خۇددى جولياتنى ئۆلتۈرگەن تاشتەك تېگىپ، بۇ سوت جېڭىدە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەن ئىدى. بىز نېمە ئۈچۈن بۇ جەڭدە يېڭەلىدۇق؟ چۈنكى، داۋۇت جولياتقا ئېيتقاندەك، «بۇ ئۇرۇش يەھۋانىڭ» ئىدى.—سام. 1-ياز. 17:45–47.
بىز يەنە نۇرغۇن سوتلاردا غەلىبە قازاندۇق. گەرچە كۈچلۈك سىياسىي ۋە دىنىي كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولساقمۇ، ھازىرغىچە 70 دۆلەتنىڭ ئالىي سوتلىرى ۋە بەزى خەلقئارا سوتلاردا 1225 قېتىم يەڭدۇق. بۇ غەلىبىلەر، بىزنىڭ رەسمىي تۈردە قانۇنلۇق ئىبادەت قىلىش، ۋەز قىلىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش ۋە قان سېلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇ چاغلاردا، مەن ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان مەركىزى باش ئىدارىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىدىم، ئۇنداقتا، قانداق بولۇپ ياۋروپادىكى سوت قاتنىشىپ قالدىم؟ بۇنى مەن باشتىن باشلاپ ئېيتىپ بېرەي!
ئاتا-ئانامنىڭ قىزغىنلىقى
ئاتا-ئانام جورج ۋە لۇسىيال، گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 12-قارارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئېفىئوپىيىدە خىزمەت قىلغاندا، مەن 1956-يىلى دۇنياغا كەلگەن. ئۇلار ماڭا بىرىنچى ئەسىردە قىزغىن ۋەز قىلغان فىلىپنىڭ ئىسىمىنى قويغان ئىدى (ئەلچى. 21:8). 1957-يىلى ھۆكۈمەت بىزنىڭ ئىبادەت پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلغان. شۇ چاغدا، مەن كىچىك بولساممۇ، ئائىلىمىزنىڭ يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئىبادەت قىلغانلىقى تېخىچە ئېسىمدە بار. بالا چاغلىرىم بولغاچ، بۇ ماڭا خۇددى بىر ئويۇندەك بىلىنگەن. بەك ئەپسۇس، 1960-يىلى ھۆكۈمەت بىزنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان.
نېيتان نورر ئەددىس-ئەبېبەدىكى ئۆيىمىزدە (ئېفىئوپىيە، 1959-يىل)
ئاتا-ئانام مېنى، ھەدەم جۇدى ۋە ئىنىم لېسلىنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا قايتىپ، كانزاس شتاتىنىڭ ۋىچىتا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. بىز ھەممىمىز ئېفىئوپىيىدە توغۇلغان ئىدۇق. ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانام قىزغىن ۋەز ئېيتىپ، ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش (مىسسىئونېرلىق) روھىنى يوقاتمىغانىدى. ئۇلار بىزگە يەھۋانى سۆيۈشنى ۋە چىن دىلىمىزدىن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتتى. مەن 13 يېشىمدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم. ئۈچ يىلدىن كېيىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆپرەك ۋەز قىلىش ئۈچۈن پېرۇ دېگەن دۆلەتنىڭ ئارېكىپا شەھىرىگە كۆچۈپ باردۇق.
1974-يىلى، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەندە، پېرۇدىكى بەيتەل مېنى ۋە باشقا تۆت بۇرادەرنى مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. بىز تېخى ھېچكىم ۋەز قىلىپ باقمىغان ئاندېس تاغلىق رايونلىرىدا ۋەز قىلدۇق. كېچۇئا ۋە ئايمارا تىللىرىدا سۆزلەيدىغان يەرلىك خەلقلەرگە ۋەز قىلدۇق. بىز ماشىنا كارۋان ئۆيىمىزنى ھەيدەپ، جاي-جايلاردا ۋەز قىلىپ يۈردۇق. ماشىنىمىز ساندۇققا ئوخشايتتى، شۇڭا ئۇنى نۇھنىڭ كېمىسىگە ئوخشىتىپ، «كېمە» دەپ ئاتاۋالغان ئىدۇق. بىز يەرلىكلەرگە مۇقەددەس كىتابتىن ياراتقۇچى يەھۋانىڭ پات ئارىدا نامراتلىقنى، ئاغرىق-سىلاقلارنى ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىش ۋەدىسىنى كۆرسەتتۇق (ۋەھىي. 21:3، 4). نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئادەملەر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولدى.
«كېمە» (1974-يىل)
مەركىزى باش ئىدارىدىكى خىزمىتىم
يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى بۇرادەر ئالبېرت شرېيودېر 1977-يىلى پېرۇغا كەلگەندە، مېنى باش ئىدارىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس تولدۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. مەن شۇنداق قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، 1977-يىلى، 17-ئىيۇن كۈنى برۇكلىندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشنى باشلىدىم. كېيىنكى تۆت يىل جەريانىدا، مەن تازىلىق بۆلۈمى ۋە بۇزۇلغان نەرسىلەرنى ئوڭشاپ ئاسراش بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدىم.
توي كۈنىمىز (1979-يىل)
1978-يىلى، ئامېرىكىنىڭ لۇئىزىئانا شتاتىنىڭ نىيۇ ئورلىئان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق چوڭ يىغىلىشتا ئېلىزابېت ئاۋاللون ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى مېنىڭ ئاتا-ئانامغا ئوخشاش، يەھۋاغا پۈتۈن قەلبى بىلەن خىزمەت قىلاتتى. مەن ئېلىزابېت بىلەن تونۇشقاندا، ئۇنىڭ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغانىدى. ئۇ يەھۋاغا ئۆمۈر بويى تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىز ئۆزئارا ئارىلىشىپ يۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق. 1979-يىلى، 20-ئۆكتەبىر كۈنى، بىز توي قىلدۇق. كېيىن، ئېلىزابېت مېنىڭ بىلەن بىللە بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
توي قىلغاندىن كېيىن، بىز برۇكلىن ئىسپان تىلى جامائىتىگە باردۇق. قېرىنداشلار بىزنى قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئالدى. كېيىن، باشقا ئۈچ جامائەتكە كۆچۈپ خىزمەت قىلدۇق. ھەر بىر جامائەتتە قېرىنداشلار بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، بىزنىڭ بەيتەلدىكى خىزمىتىمىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. ئايالىم ئىككىمىزنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىمىز ۋە دوست-يارەنلىرىمىزگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
برۇكلىن ئىسپان تىلى جامائىتىدىكى بەيتەللىكلەر (1986-يىل)
قانۇن بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىشىم
1982-يىلى، يانۋار ئېيىدا قانۇن بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەيىنلەندىم. ئۇنداق بولۇشىنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۈچ يىلدىن كېيىن، قانۇن كەسىپىدە ئوقۇپ گۇۋاھنامە ئالغان ئادۋوكات بولۇشۇم ئۈچۈن، بۇرادەرلەر مېنى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئوقۇش مەزگىلىدە، مەن بىر نەرسىگە ھەيران قالدىم. ئامېرىكىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئادەملەرنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئەركىن بايان قىلىش، دىن تاللاش ۋە ۋىجدانى بويىچە ياشاشتەك ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرى كۈچكە ئىگە بولۇشى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋا ئىشلىرىدا غەلىبە قازانغانلىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ مېنى بەك ھەيران قالدۇردى. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ دەۋا ئىشلىرى دەرسخانىدا مۇھاكىمە قىلىناتتى.
1986-يىلى، 30 يېشىمدا قانۇن بۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇپ تەيىنلەندىم. ياش بولساممۇ، بەيتەل ماڭا ئىشەنچ قىلغاچقا، بۇنىڭدىن شان-شەرەپ ھېس قىلىپ قالماي، يەنە بېسىم ھېس قىلدىم. چۈنكى، مېنىڭ بۇ ساھەدە تەجرىبەم ئاز ئىدى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
1988-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، گۇۋاھنامە ئالغان ئادۋوكات بولدۇم. لېكىن، ئالغان يۇقىرى بىلىم مېنىڭ يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىمگە تەسىر قىلغانىدى. بۇنى ئۆزۈممۇ ھېس قىلمىغان ئىدىم. يۇقىرى بىلىم ئادەمنى تەكەببۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغانلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان خاھىشنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن. ئايالىم ئېلىزابېت مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇنقى ياخشى ئادىتىم بويىچە خۇداغا ئىبادەت قىلىشىمغا ياردەم بەردى. بۇنىڭغا بىر مەزگىل ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى مەن يەھۋاغا يېقىنلاشقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. باشتىن كەچۈرگەن ئىشلاردىن شۇنى خۇلاسە قىلدىمكى، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش مېڭىنى بىلىمگە تولدۇرۇش ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ھاياتنى ئەڭ مەنىلىك قىلىدىغىنى، يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيۈپ ياشاشتۇر.
قانۇنىي يوللار بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش
مەن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بەيتەلنىڭ قانۇن بۆلۈمىدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ياردەم بەردىم. يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتىنى ۋە ۋەز قىلىش ھوقۇقىمىزنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم. قىلىۋاتقىنىم ئەھمىيەتلىك، ئەمما قىيىن ئىش ئىدى. چۈنكى، تەشكىلاتىمىز تېز سۈرەتتە كېڭىيىپ، سان-ساناقسىز ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇراتتى. مەسىلەن، بىز بۇرۇن نەشرى ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن ئىئانە سورىغان ئىدۇق. ئەمما، 1990-يىلدىن باشلاپ، يېتەكچى كېڭەش قانۇن بۆلۈمىدىن بۇنىڭدىن كېيىن ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن ئىئانە ئېلىشنى توختىتىش ئىشىغا ياردەم بېرىشنى سورىدى. ئەمدى بىز ماتېرىياللىرىمىزنى بىكارغا بېرىدىغان بولدۇق. بۇ ئۆزگىرىش بەيتەلدىكى ۋە جامائەتتىكى ئىشلارنى ئاددىيلاشتۇردى ۋە بىزنى ھازىرغىچە زۆرۈر بولمىغان باج تۆلەش ئىشىدىن قوغدايدۇ. دەسلەپتە، بەزىبىر قېرىنداشلار بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئىشىمىزغا يامان تەسىر قىلىشىدىن قورققان ئىدى. ئۇلار نەشرى ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىشقا ئىقتىساد يەتمەي، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يەھۋا توغرۇلۇق بىلىم ئېلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئەمما، بۇنىڭ نەتىجىسى دەل ئەكسىچە بولدى. 1990-يىلدىن تا ھازىرغىچە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ سانى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر ئادەم مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەشرى ماتېرىياللارنى بىكارغا ئالالايدۇ. پەقەت يەھۋانىڭ ياردىمى ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلدىن ئالغان كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق تەشكىلاتتا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزدۈم.—چىق. 15:2؛ مەتتا 24:45.
سوتلاردا غەلىبە قازانغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى — پەقەت ياخشى ئادۋۇكاتلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس. سوتچىلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دائىم خۇدا خەلقىنىڭ ياخشى يۈرۈش-تۇرۇشىغا قاراپ، بىزگە ياردەم بېرىشنى خالىغان. مەسىلەن، مەن بۇنى 1998-يىلى كۇبادا ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس چوڭ يىغىلىشتا كۆردۈم. ئۇ يەرگە يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئۈچ ئەزاسى ئاياللىرى بىلەن كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىز بىرنەچچە قېتىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق ناتوغرا كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتۇق. لېكىن، بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قارىغاندا، يېتەكچى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قىزغىن ھۆرمەت-ئېھتىرامى ۋە مېھرىبانلىقى ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى.
بىز ھەمىشە مەسىلىنى دوستانە ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. ئەمما، بەزىدە «قانۇنىي يوللار بىلەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش» ئاخىرقى ئامال بولۇپ قالىدۇ (فىلىپى. 1:7). نۇرغۇن يىللار، كورىيە ۋە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمىتى ھەربىي خىزمەتنى رەت قىلىش ھوقۇقىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغان. نەتىجىدە، ۋىجدانى ھەربىي خىزمەت قىلىشقا يول قويمىغان ياۋروپادىكى 18 000 بۇرادەر ۋە كورىيىدىكى 19 000ـدىن كۆپرەك بۇرادەر تۈرمىدە ياتقان.
2011-يىلى 7-ئىيۇلدا، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى «باياتيان ئەرمېنىيىگە قارشى» ناملىق تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھۆكۈمنى چىقىرىپ، ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتلەرنى ۋىجدانى ھەربىي خىزمەتنى قىلىشقا يول قويمىغان كىشىلەرگە باشقا ئىجتىمائىي خىزمەتنى قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئېلان قىلدى. 2018-يىلى 28-ئىيۇندا، كورىيە ئاساسىي قانۇننى تۈزۈش سوتى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش قارارنى چىقاردى. ئەگەر ياش بۇرادەرلەرنىڭ بىرنەچچىسى بىتەرەپلىكنى ساقلاشتىن ۋاز كەچكەن بولسا، سوتلاردا بۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولاتتۇق.
باش ئىدارىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى قانۇنىي ئىشلار بۆلۈملىرى ۋەز ئىشىنى ۋە يەھۋا خۇداغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىپ جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنى قوغداش — بىز ئۈچۈن شان-شەرەپ! بىز سوتلاردا غەلىبە قازانساقمۇ-قازانمىساقمۇ، ئەمەلدارلار، پادىشاھلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئالدىدا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەلەيمىز (مەتتا 10:18). سوت ئىشلىرىغا تەييارلىغان ھۆججەتلەردىن ۋە سوت مەھكىمىسىدە ئېيتقان سۆزلىرىمىزدىن سوتچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇخپىرلار ياكى باشقا ئادەملەرمۇ مۇقەددەس كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەتلەرنى كۆرىدۇ ياكى ئاڭلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سەمىمىي كىشىلەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ ئىمانداشلىرىمىز بولدى!
يەھۋاغا مىننەتدارمەن!
مەن 40 يىل جەريانىدا، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى يەرلىك بەيتەل ئىشخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئالىي سوتلار ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش شان-شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم. مەن مەركىزى باش ئىدارىدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قانۇنىي ئىشلار بۆلۈملىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنى ياخشى كۆرىمەن ۋە قەدىرلەيمەن. مەن ھاياتىمنى بەرىكەتلەپ، مېنى مەنىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن خۇداغا چەكسىز مىننەتدارمەن.
ئايالىم ئېلىزابېت 45 يىلدىن بۇيان مېنى سادىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئىككىمىز ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ كېسەل بولۇپ، كۈچ-ماغدۇرسىز يۈرگەن چاغلاردىمۇ، مېنى دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇردى. مەن ئايالىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنى كۆردۇق: ھەرقانداق غەلىبىگە ئۆز كۈچىمىز ۋە قابىلىيىتىمىزگە تايىنىپ ئېرىشەلمەيمىز. خۇددى داۋۇت ئېيتقاندەك: «يەھۋا ئۆز خەلقىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىدۇر» (زەبۇر 28:8). ھەقىقەتەن، «بۇ ئۇرۇش يەھۋانىڭ».