تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرسەك، ئالغان شۇ بىلىملىرىمىز بىز ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. پەندى-نەسىھەت 11:25-ئايەت مۇنداق دەيدۇ: «باشقىلارنى سۇغارغان كىشى ئۆزىمۇ سۇغۇرۇلار».
ئۆگەنگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى ئەستە ساقلىشىمىزغا ۋە ئۇلارنى چوڭقۇرراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆگەنگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ئىلھام-مەدەت ئالغانلىقىنى كۆرگەندە، بىزمۇ ناھايىتى خۇشال بولىمىز.—ئەلچى. 20:35.
مۇنداق قىلىپ كۆرۈڭ: كېيىنكى ھەپتىدە تەتقىق ئۆگىنىشىڭىزدە ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرۈڭ. مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرىڭىز، جامائىتىڭىزدىكى قېرىنداشلار، خىزمەتداشلار، سىنىپداشلار، قوشنىلار ياكى ۋەز ئېيتقاندا ئۇچراتقان كىشىلەرگە ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۆگەنگەن ھەقىقەتنى ئۆز سۆزىڭىز بىلەن ئېنىق، ئاددىي ئىپادىلەشكە تىرىشىڭ.
ئۇنتۇماڭكى: مەقسىتىمىز — باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىش، ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى بىلىملىك كۆرسىتىش ئەمەس.—1-كورىنت. 8:1.