29-تەتقىق ماقالىسى
20-ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بەرىكەت بەر
مەسلىھەتنى قانداق بەرسەك بولىدۇ؟
«ساڭا نەزەر سېلىپ، مەسلىھەت بېرىمەن».—زەبۇر 32:8.
مەركىزى ئىدىيە
باشقىلارغا ياردىمى تېگىدىغان مەسلىھەتنى قانداق بېرەلەيمىز؟
1. كىم باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشى كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
سىز باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشنى ياخشى كۆرەمسىز؟ بەزىلەر ئۈچۈن بۇ ئاسان ئىش بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشتىن خىجىل بولىدۇ ياكى قورقىدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، بەزىدە ھەممىمىز باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىش بىلەن باشقىلارغا تونۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (يۇھاننا 13:35). بۇنداق قىلىشنىڭ بىر يولى — زۆرۈر بولغاندا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا مەسلىھەت بېرىش. بۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە «سەمىمىي مەسلىھەت» بەرسەك، ئارىمىزدىكى دوستلۇق رىشتىسى كۈچىيىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.—پەند ن. 27:9.
2. ئاقساقاللار نېمە قىلالىشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟ («ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى يىغىلىشتا مەسلىھەت بېرىش» ناملىق رامكىغا ھەم قاراڭ).
2 بولۇپمۇ، ئاقساقاللار باشقىلارغا قانداق مەسلىھەت بېرىشىنى بىلىشى كېرەك. يەھۋا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاقساقاللارنى جامائەتتىن خەۋەر ئېلىشقا بەلگىلىگەن (1-پېتر. 5:2، 3). ئاقساقاللار نۇتۇق ئېيتقاندا جامائەتكە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلارغا شەخسەن مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ، مۇشۇ يول بىلەن، يەھۋادىن يىراقلىشىپ كەتكەن قېرىنداشلارنىڭ جامائەتكە قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئاقساقاللار ۋە ھەممىمىز باشقىلارغا قانداق مەسلىھەت بېرەلەيمىز؟
3. (1) باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟ (يەشايا 9:6؛ «مەسلىھەت بەرگەندە، ئەيسانى ئۈلگە قىلىڭ» ناملىق رامكىغا ھەم قاراڭ). (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 قانداق مەسلىھەت بېرىش ھەققىدە مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى شەخسلەرنىڭ ئۈلگىسىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ ھەردائىم باشقىلارغا ئەڭ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرگەن. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ ھەتتا «ئاجايىپ مەسلىھەتچى» دەپ ئاتالغان (يەشايا 9:6-نى ئوقۇڭ). بۇ ماقالىدە، باشقىلار بىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا، قانداق مەسلىھەت بېرىشىمىز ۋە باشقىلار مەسلىھەت سورىمىسا ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت بەرمەكچى بولساق، نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىز مۇۋاپىق پەيتتە، توغرا ئۇسۇلدا مەسلىھەت بېرىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
باشقىلار بىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا
4، 5. باشقىلار بىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا، ئاۋۋال نېمە توغرۇلۇق ئويلىنىشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
4 باشقىلار سىزدىن مەسلىھەت سورىغاندا، قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟ بەلكىم، باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكىدىن خۇشال بولۇپ، دەرھال ياردەم بەرمەكچى بولىدىغانسىز. لېكىن، بىز ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىمىزدىن شۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «مەن بۇ ئىشقا قارىتا مەسلىھەت بېرىشكە لايىق كېلىمەنمۇ؟ يەنى، يېتەرلىك بىلىمىم ياكى تەجرىبەم بارمۇ؟». بەزىدە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى — ئالدىراپ مەسلىھەت بەرمەي، بەلكى ئەڭ ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدىغان كىشىنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراشقا دەۋەت قىلىشتۇر.
5 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. يېقىن دوستىڭىزنى قاتتىق ئاغرىپ قالدى دەيلى. ئۇ سىزگە ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، كېيىن ئۇ سىزدىن: «سىزنىڭچە قايسى ئۇسۇل ئەڭ ياخشى؟»،— دەپ سورايدۇ. بەلكىم، سىزگە مەلۇم بىر ئۇسۇل ياخشىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىز دوختۇر ئەمەس ياكى تىبابەت توغرۇلۇق مەخسۇس بىلىم ئالمىغان. شۇنداق ۋەزىيەتتە، دوستىڭىزغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭغا مەسلىھەت بېرەلەيدىغان تەجرىبىلىك دوختۇرنى تېپىشقا ياردەم بېرىشتۇر.
6. نېمە ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك؟
6 بەزىدە ئۆزىمىزنى مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا باشقىلارغا مەسلىھەت بېرەلەيمەن دەپ ئويلىساقمۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا دەرھال جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماسلىقىمىز لازىم. پەندى-نەسىھەت 15:28-ئايەتتە: «ھەققانىي ئادەم كۆڭلىدە ئويلىنىپ ئاندىن جاۋاب بېرەر»،— دەپ يېزىلغان. گەرچە ئاللىقاچان بەزى پىكىرلەر ئوي-خىيالىمىزدىن كەچكەن ۋە نېمە دېيىشنى بىلگەن ھالەتتىمۇ، ئاۋۋال ئىزدىنىپ، دۇئا قىلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش توغرۇلۇق ئويلىنىپ، ئاندىن جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. شۇ چاغدا، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن ۋە تېخىمۇ ئىشەنچىلىك مەسلىھەتنى بېرەلەيمىز. ناتان پەيغەمبەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.
7. ناتان پەيغەمبەرنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
7 داۋۇت پادىشاھ ئۆزىنىڭ يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ناتان پەيغەمبەرگە ئېيتقان. ناتان دەرھال مەسلىھەت بېرىپ، داۋۇتقا شۇنداق قىلىشنى ئېيتقان. لېكىن، بۇ يەھۋانىڭ ئىرادىسى ئەمەس ئىدى. ناتان مەسلىھەت بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەي، ئاۋۋال يەھۋا خۇدادىن سوراپ كۆرۈشى كېرەكتى. چۈنكى، يەھۋا ئىبادەتخانىنى داۋۇتنىڭ سېلىشىنى خالىمىغانىدى (1-تارىخ. 17:1–4). بۇ ۋەقەدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئەگەر بىرى بىزدىن مەسلىھەت سورىسا، سۆزلەشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق، دانا ئىش قىلغان بولىمىز.—ياقۇپ 1:19.
8. مەسلىھەت بېرىشتىن ئالدىراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى نېمە؟
8 مەسلىھەت بېرىشكە ئالدىرىماي، ئاۋۋال ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار. ئەگەر باشقىلار بەرگەن مەسلىھىتىمىز بويىچە قارار چىقىرىپ، ئاقىۋەتتە يامان ئىش يۈز بەرسە، بىزمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز. دېمەك، باشقىلارغا مەسلىھەت بەرگەندە، ئاۋۋال ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈش ناھايىتى مۇھىم.
باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت بېرىش
9. ئاقساقاللار نەسىھەت بېرىشتىن ئاۋۋال چوقۇم نېمىگە كۆز يەتكۈزۈشى كېرەك؟ (گالاتىيالىقلار 6:1)
9 بەزىدە خاتا يولغا قەدەم قويغان قېرىنداشلارغا ئاقساقاللارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەسىھەت بېرىشى زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ (گالاتىيالىقلار 6:1-نى ئوقۇڭ). خاتا يولغا قەدەم قويغان قېرىنداش ئاخىرىدا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاقساقاللارنىڭ مەقسىتى بولسا شۇنداق قېرىنداشنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاپىرىدىغان يولدىن چىقماي مېڭىشىغا ياردەم بېرىشتۇر (ياقۇپ 5:19، 20). لېكىن، نەسىھەت بېرىشتىن ئاۋۋال، ئاقساقاللار شۇ قېرىنداشنىڭ ھەقىقەتەن خاتا يولغا كىرىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشى كېرەك. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، يەھۋا ھەربىرىمىزنىڭ ئۆز ۋىجدانىمىزغا ئاساسەن قارار چىقىرىشىغا يول قويغان. بەزىدە باشقىلار بىزدىن پەرقلىق قارار چىقارسا، ئۇ كىشى يەھۋا ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلغان بولمايدۇ (رىملىقلار 14:1–4). لېكىن، بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى ھەقىقەتەن خاتا يولغا قەدەم قويغان بولسا، ئاقساقاللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قانداق نەسىھەت بېرەلەيدۇ؟
10–12. تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلگەندە، ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
10 ئاقساقاللارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت سورىمىغان كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەسلىھەت بېرىشى ئاسان ئىش ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك، بەلكى نەسىھەتكە موھتاج ئاشۇ قېرىنداش ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي خاتا يولغا قەدەم قويۇپ قالغان بولۇشى، ھەتتا ئۆزىمۇ بۇنى پۈتۈنلەي بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇنداق كىشى نەسىھەتنى ئاسانراق قوبۇل قىلالىشى ئۈچۈن ئاقساقاللار ئالدىن بەزى تەييارلىقلارنى قىلىشى كېرەك.
11 مەسلىھەت سورىمىغان كىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسلىھەت بېرىشنى تۇپرىقى قاتتىق يەردە دېھقانچىلىق قىلىش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. دېھقان ئۇرۇق چېچىشتىن ئاۋۋال يەرنى ھەيدەپ، توپىسىنى يۇمشىتىپ، ئۇرۇق چېچىشقا تەييارلايدۇ. كېيىن، ئۇرۇقلارنى چاچىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇقلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن يەرنى سۇغىرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاقساقال مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ، نەسىھەتكە موھتاج قېرىنداشقا چىن قەلبىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتسا بولىدۇ. ئەگەر ئاقساقال ھەمىشە باشقىلارغا مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولسا، ۋاقتى كېلىپ ئۇ باشقىلارغا نەسىھەت بەرسە، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ نەسىھەت ۋە مەسلىھىتىنى ئاسانراق قوبۇل قىلالايدۇ.
12 سۆھبەتلەشكەن چاغدا، ئاقساقال شۇ قېرىنداشقا ھەممە كىشىلەرنىڭ خاتالىق سادىر قىلىدىغانلىقىنى ۋە بەزىدە باشقىلارنىڭ نەسىھىتىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ، داۋاملىق يەرنىڭ توپىسىنى يۇمشىتالايدۇ (رىملىقلار 3:23). ئاقساقال سۆز قىلغاندا، مۇلايىملىق بىلەن ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن ھالدا، مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. قېرىنداش ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندا، ئاقساقال ئۇرۇق چاچسا، يەنى ئاددىي ۋە ئېنىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتسا بولىدۇ. ئاخىرىدا، ئاقساقال چاچقان ئۇرۇقنى سۇغارسا، يەنى قېرىنداشنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ماختاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۇئا قىلسا بولىدۇ.—ياقۇپ 5:15.
مەسلىھەت سورىمىغان كىشىگە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاسانىراق بولۇشى ئۈچۈن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش مۇھىم (10–12 ئابزاسلارغا قاراڭ)
13. قېرىنداش بېرىلگەن نەسىھەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن-چۈشەنمىگەنلىكىگە ئاقساقاللار قانداق كۆز يەتكۈزەلەيدۇ؟
13 بەزىدە، ئاقساقالنىڭ بەرگەن نەسىھەت سۆزىنى، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى ناتوغرا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، ئاقساقاللار نېمە قىلسا بولىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى قارشى تەرەپكە توغرا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ ھۆرمەت ۋە پەم-پاراسەت بىلەن بەزى سوئاللارنى سوراپ كۆرسە بولىدۇ (ۋەز 12:11). شۇ ئارقىلىق ئاقساقاللار قېرىنداشنىڭ بېرىلگەن نەسىھەتنى توغرا چۈشەنگەن-چۈشەنمىگەنلىكىگە ۋە ئۇنى قانداق ئەمەلىي قوللىنىشنى بىلگەن-بىلمىگەنلىكىگە كۆز يەتكۈزەلەيدۇ.
مۇۋاپىق پەيتتە ۋە توغرا ئۇسۇلدا مەسلىھەت بېرىش
14. نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغان چاغدا مەسلىھەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك؟
14 بىز نامۇكەممەل بولغاچقا، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز ياكى سۆزلەرنى ئېيتىپ قويىمىز (كولوسى. 3:13). مۇقەددەس كىتابتا ھەتتا باشقىلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقى يېزىلغان (ئەفەس. 4:26). لېكىن، بىز ئاچچىقلانغاندا، باشقىلارغا نەسىھەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ «چۈنكى، غەزەپلەنگەن ئادەم خۇدانىڭ ئادىللىقىغا ماس ئىش قىلالمايدۇ» (ياقۇپ 1:20). ئەگەر بىز ئاچچىقلانغان چاغدا نەسىھەت بەرسەك، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنى رەنجىتكەن كىشىگە ئوي-پىكرىمىزنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى بىلدۈرسەك بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىشىمىز لازىم. مۇشۇ جەھەتتە، بىز ئايۇپقا ياخشى مەسلىھەت بەرگەن ئېلىخۇدىن ئۆگىنەلەيمىز.
15. ئېلىخۇدىن نېمىنى ئۆگەندۇق؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
15 ئايۇپنىڭ ساختا دوستلىرى بىرنەچچە كۈن ئۇنى ئەيىبلىگەنىدى. شۇ چاغدا، ئېلىخۇ ئايۇپنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشاپ ئولتۇرغان. ئېلىخۇ بىر جەھەتتىن ئايۇپقا ھېسداشلىق قىلسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغان. چۈنكى، ئايۇپ ئۆزىنى ئاقلاپ سۆزلىگەندە، ئۆزىگە ھەددىن زىيادە كۆڭۈل بۆلگەچكە، يەھۋا توغرۇلۇق ناتوغرا گەپ-سۆزلەرنى قىلغانىدى. شۇنداقتىمۇ، ئېلىخۇ باشقىلار سۆزلىرىنى قىلىپ بولغاندا، ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ھۆرمەت كۆرسەتكەن ھالدا سۆز قىلىشقا باشلىغان (ئايۇپ 32:2؛ 33:1–7). ئېلىخۇنىڭ ئۈلگىسى بىزگە مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. مۇۋاپىق پەيتنى ساقلاپ، توغرا ئۇسۇلدا، يەنى ئاچچىقلانماي، ئەكسىنچە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بېرىشىمىز كېرەك.—ۋەز 3:1، 7.
ئايۇپنىڭ سۆزلىرى ئېلىخۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇ سۆزلەشكە ئالدىرىماي، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئايۇپقا ھۆرمەت بىلەن سۆزلىگەن (15-ئابزاسقا قاراڭ)
مەسلىھەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ
16. زەبۇر 32:8-ئايەتتىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تېما ئايىتى: «ساڭا نەزەر سېلىپ، مەسلىھەت بېرىمەن» (زەبۇر 32:8-نى ئوقۇڭ). بۇ ئايەتتىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا دائىم بىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ. ئۇ بىزگە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. يەھۋا بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان! باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە توغرا كەلسە، بىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز ۋە مەسلىھەت بەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇلارغا كۆز-قولاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتنى ئەمەلىي قوللىنىپ دانا قارارلارنى چىقىرىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
17. ئاقساقاللار بىزگە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەسلىھەتلەرنى بەرگەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟ (يەشايا 32:1، 2)
17 ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز باشقىلارغا مەسلىھەت بېرىشكە ۋە باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلىشقا ئىنتايىن موھتاج (2-تىموت. 3:1). ئەگەر ئاقساقاللار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئېنىق نەسىھەتلەرنى بېرەلىسە، ئۇلار خۇددى «سۇسىز چۆل-باياۋاندىكى ئېقىن سۇغا ئوخشاش»، باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بولىدۇ (يەشايا 32:1، 2-نى ئوقۇڭ). دوستلىرىمىز ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، بىز ئاڭلاشنى خالايدىغان ئەمەس، بەلكى بىزگە كېرەكلىك مەسلىھەتنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى خۇددى «نەقىش ئويۇلغان كۈمۈش قاچىدىكى ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر» ۋە بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن بەكمۇ قىممەتلىك سوۋغاتتۇر (پەند ن. 25:11). شۇڭا، داۋاملىق ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىشنى ۋە قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنەيلى.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىرت بولۇشنىڭ بەلگىسى