30-تەتقىق ماقالىسى
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي تەلىملەر ھېلىھەم سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ
«گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن ۋە ئۆزۈڭلار ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان بولۇشۇڭلارغا قارىماي، مەن يەنىلا ھەردائىم بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئەسكەرتىپ تۇرماقچىمەن».—2-پېتر. 1:12.
مەركىزى ئىدىيە
دەسلەپتە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئۆگەنگەن ئاساسىي تەلىملەر، يەنى ھەقىقەتلەر ھېلىھەم سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ.
1. دەسلەپتە، سىز مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى بىلگەندە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا، ئۆگەنگەن ئاساسىي تەلىملەر ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟ مەسىلەن، بىز خۇدانىڭ خاس ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشقا باشلىغان ئىدۇق (يەشايا 42:8). ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ مەلۇم بىر جايدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، كۆڭلىمىز تەسەللى تاپقان ئىدى (ۋەز 9:10). خۇدانىڭ يەر يۈزىدىكى جەننەت توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى بىلگەندە، كېلەچەك توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە قىلمايدىغان بولغان ۋە ھاياتىمىز 70 ياكى 80 يىل ئەمەس، مەڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدۇق.—زەبۇر 37:29؛ 90:10.
2. ئەلچى پېترۇس نېمە ئۈچۈن پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشلارغا دەسلەپتە ئۆزلىرى ئۆگەنگەن تەلىملەر توغرۇلۇق ئويلىنىشنى ئەسكەرتكەن؟ (2-پېترۇس 1:12، 13)
2 بىز مۇقەددەس كىتابتىكى ئاشۇ مۇھىم ئاساسىي تەلىملەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئەلچى پېترۇس ئىككىنچى خېتىنى «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان» ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا يازغان (2-پېترۇس 1:12، 13-نى ئوقۇڭ). چۈنكى، شۇ ۋاقىتتا جامائەتتە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر پەيدا بولۇپ، قېرىنداشلارنى ھەقىقەت يولىنى تاشلاپ كېتىشكە ئېزىقتۇرغانىدى (2-پېتر. 2:1–3). گەرچە شۇ قېرىنداشلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەلچى پېترۇس ئۇلارنىڭ ئاشۇ ساختا تەلىملەردىن ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، ئۇلارنى دەسلەپتە ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر توغرۇلۇق ئويلىنىشقا دەۋەت قىلغان. چۈنكى، بۇ تەلىملەر ئۇلارنىڭ يەھۋاغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ قېلىشىغا ياردەم بېرەلەيتتى.
3. نېمە ئۈچۈن بارلىق مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەت توغرۇلۇق داۋاملىق چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
3 نۇرغۇن يىللار يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي تەلىملەردىن داۋاملىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن، ئۇستا ئاشپەز بىلەن يېڭى ئاشپەز تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كۆكتاتلار ۋە تېتىتقۇلار ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، توپلىغان كۆپ يىللىق تەجرىبە ئاساسىدا، ئۇستا ئاشپەز ئاشۇ ئوخشاش كۆكتاتلار ۋە تېتىتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، تەمى باشقىچە ھەرخىل يېڭى قورۇمىلارنى ياكى تائاملارنى پىشۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يەھۋاغا سادىق خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار بولسۇن ياكى مۇقەددەس كىتابنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلار بولسۇن، ئوخشاش ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا ئۇلارنى باشقىچە نۇقتىئىنەزەر بىلەن مۇلاھىزە قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم، چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن ۋەزىيىتىمىزدە ۋە يەھۋاغا قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزدە ئۆزگۈرۈشلەر بولغاندۇ. ئەمدى بۇرۇن ئۆگەنگەن شۇ ئاساسىي تەلىملەرنى ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزدە قوللانساق، بەلكىم، ئۇلارنىڭ بىزگە يېڭى يوللار بىلەن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز مۇمكىن. يەھۋاغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقانلار مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈچ ئاساسىي ھەقىقەتتىن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا — ياراتقۇچى ئىگە
4. يەھۋانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىش بىزگە قانداق تەسىر قىلغان؟
4 «ھەممە شەيئىلەرنى ياسىغان خۇدادۇر» (ئىبرانىي. 3:4). بىز يەھۋانىڭ ھەممىگە قادىر، ئەقىل-پاراسىتى چەكسىز ياراتقۇچى ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ يەر شارىنى ھەمدە ئۇنىڭدىكى بارچە ھاياتلىقنى ياراتقانلىقىنى ئۆگەندۇق. يەھۋا بىزنى ياراتقان، شۇڭا بىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ يەنە بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇشبۇ ئاددىي ھەقىقەتنى، يەنى يەھۋانىڭ ياراتقۇچىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىش ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلغان.
5. قايسى ھەقىقەت كەمتەر بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ (يەشايا 45:9–12)
5 يەھۋا ياراتقۇچى ئىگىمىز — بۇ ھەقىقەتنى بىلىش بىزنى كەمتەر بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ئايۇپ بىر مەزگىل يەھۋا توغرۇلۇق بەزى خاتا كۆز قاراشلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي مۇھىملىقىنى ئۇنتۇپ، پەقەت ئۆزى توغرۇلۇق ئويلىغان ۋە ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان. بىراق، يەھۋا ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئايۇپنىڭ ئېسىگە سالغان (ئايۇپ 38:1–4). بۇ ئەسكەرتىش ئايۇپنىڭ ياراتقۇچى خۇدا ھەردائىم بارچە ئىشلارنى توغرا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردەم بەرگەن. كېيىن، يەشايا پەيغەمبەرمۇ شۇنىڭغا ماس مۇنداق سۆزلەرنى ئېيتقان: «سېغىز لاي ساپالچىدىن: ‹سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟›،— دەپ سورىيالامدۇ؟».—يەشايا 45:9–12-نى ئوقۇڭ.
6. قانداق ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ دانالىقى ۋە كۈچ-قۇدرىتى توغرۇلۇق ئويلىنىش ناھايىتى مۇھىم؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
6 يەھۋاغا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلىپ، توپلىغان تەجرىبىلەر كۆپەيگەنسېرى، بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىن يوليورۇقلارنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا، بارغانسېرى ئۆز ئوي-پىكىرىمىزگە تايىنىدىغان بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىن (ئايۇپ 37:23، 24). ئەگەر ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ۋە چەكسىز دانالىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساقچۇ؟ (يەشايا 40:22؛ 55:8، 9). بۇ مۇھىم ھەقىقەت بىزنىڭ كەمتەرلىكنى ساقلاپ، ئۆز ئوي-پىكىرىمىزگە تايىنىشتىن ساقلىنىشىمىزغا يادەم بېرىدۇ.
ئوي-پىكىرلىرىمىز يەھۋا خۇدانىڭكىدىن ياخشىراق ئەمەسلىكىنى ئەستە ساقلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ (6-ئابزاسقا قاراڭ)d
7. راھېلانىڭ تەشكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
7 يەھۋانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش سىلوۋېنىيىدە ياشايدىغان راھېلاغا تەشكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بەرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەزىدە ماڭا يېتەكچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەرنىڭ بەرگەن يېڭى كۆرسەتمىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولمىغان. مەسىلەن، ساقال قويۇش توغرۇلۇق «يېتەكچى كېڭەشنىڭ 2023-يىلى، 8-دوكىلاتى»نى كۆردۈم. شۇنداق بولسىمۇ، ساقاللىق بۇرادەرلەرنىڭ نۇتۇق ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، مەن ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتىم. شۇڭا، بۇ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلدىم». راھېلا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، يەھۋا ئاسمان-زېمىننىڭ ياراتقۇچى ئىگىسى ئىكەن، ئۇ چوقۇم ئۆز تەشكىلاتىغا ئەڭ ياخشى يوليورۇقلارنى بېرىشكە قادىردۇر. شۇڭا، سىزمۇ يېڭى چۈشەنچە ياكى كۆرسەتمە كەلگەندە، ئۇنى قوبۇل قىلىشنى قىيىن ھېس قىلسىڭىز، ۋاقىت چىقىرىپ كەمتەرلىك بىلەن ياراتقۇچىمىزنىڭ چەكسىز ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ.—رىملىقلار 11:33–36.
خۇدا نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدۇ
8. خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
8 خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىشىگە يول قويىدۇ؟ بەزى ئادەملەر بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالمىغاچقا، خۇداغا ئاچچىقلىنىپ، ھەتتا ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمەيدۇ (پەند ن. 19:3). لېكىن، بىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئىنسانلار گۇناھ ۋە نامۇكەممەللىكنى مىراس ئالغانلىقى سەۋەبلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ياراتقۇچى يەھۋا سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى ئۆگەندۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋا سەۋرچان بولغاچقا، مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ ئۇنى تونۇغانلىقىنى ۋە ئۇلار ئۆز كۆزى بىلەن ياراتقۇچىنىڭ پات-يېقىندا بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ مەڭگۈگە يوق قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق (2-پېتر. 3:9، 15). بۇ ھەقىقەتلەر كۆڭلىمىزنى تەسەللى تاپقۇزۇپ، بىزنى ياراتقۇچىمىزغا يېقىنلاشتۇردى.
9. قايسى ۋەزىيەتلەردە خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويۇشىنىڭ سەۋەبى توغرۇلۇق ئويلىنىشىمىز زۆرۈر؟
9 بىز شۇنى چۈشىنىپ يەتتۇقكى، يەھۋانىڭ بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق قىلىشىنى كۈتۈۋاتقان مەزگىلدە، سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك. ئەمما، يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۆزىمىز ياكى ئائىلىمىزدىكىلەردىن بىرلىرى قىيىنچىلىققا ياكى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا، بەلكىم كۆڭلىمىز يېرىم بولۇپ، يەھۋا خۇدا نېمىشقا ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تېزراق يوق قىلىۋەتمەيدۇ دەپ ئويلايمىز (ھاباق. 1:2، 3). شۇنداق چاغلاردا، يەھۋانىڭ نېمە سەۋەبتىن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ ئازاب چېكىشىگە يول قويغانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىزa (زەبۇر 34:19). بىز يەنە خۇدا ئاللىقاچان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقى ۋە ئۇ چوقۇم بۇ ئىرادىسىنى ئەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق بولىدۇ.
10. ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئاننانىڭ كۆڭلىگە تەسەللى تېپىشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
10 نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئېغىر سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھىندى ئوكياندىكى مايوتتې ئارىلىدا ياشايدىغان ئاننا مۇنداق دەيدۇ: «بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئاپام ئۆلۈپ كېتىپ، كۆڭلۈم ئىنتايىن ئازابلاندى. لېكىن، مەن دائىم بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يەھۋا سەۋەبچى ئەمەسلىكىنى ئۆز-ئۆزۈمگە ئەسكەرتىپ تۇرىمەن. ئۇ ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى توختىتىشقا ۋە ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈشكە تەشنادۇر. بۇلار توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانغىنىمدا، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەم بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالىمەن».
11. يەھۋانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش داۋاملىق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
11 بۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويغانلىقى ھەققىدىكى ھەقىقەتنى بىلىش بىزنى قىزغىن ۋەز قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەلچى پېترۇس خېتىدە چۈشەندۈرگەندەك، يەھۋانىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ توۋا قىلغان گۇناھكارلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى خالايدۇ. پېترۇس مۇنداق يازغان: «قانداق ئادەم بولۇشۇڭلار كېرەكلىكىنى ئويلاڭلار! سىلەر يۈرۈش-تۇرۇشتا مۇقەددەس ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە خۇداغا ئىخلاسمەن كىشىلەر بولۇڭلار!» (2-پېتر. 3:11). «خۇداغا ئىخلاسمەن» بولۇش خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ئوخشاش بىزمۇ ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنيادا ياشىشىنى خالايمىز. يەھۋا ھازىر سەۋرچانلىق بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت بېرىۋاتىدۇ. ھازىر خۇدانىڭ خىزمەتدىشى بولۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېلىشتىن ئاۋۋال كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ خۇدانى تونۇشىغا ياردەم بېرىش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ شان-شەرەپ!—1-كورىنت. 3:9.
ئاخىرقى زاماندا ياشاۋاتىمىز
12. ئاخىر كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
12 مۇقەددەس كىتابتا «ئاخىرقى كۈنلەردە» ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقلىرى قانداق بولىدىغانلىقى تەپسىلىي يېزىلغان (2-تىموت. 3:1–5). ئەتراپىمىزغا قارىساق، ھەقىقەتەن بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، خۇدانىڭ سۆزى ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىغا ئىشەنچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.—2-تىموت. 3:13–15.
13. ئەيسانىڭ لۇقا 12:15–21-ئايەتلەردىكى سۆزلىرى بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىش ۋاقتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئەيسانىڭ لۇقا 12:15–21 ئايەتلەردىكى (ئوقۇڭ) سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. باي كىشى نېمە ئۈچۈن ئەخمەق دەپ ئاتالغان؟ ئۇ كىشى باي بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قايسى ئىشلارنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ئۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلاشقا كۆڭۈل بۆلگەن، نەتىجىدە خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان. ئۇ دانالىق بىلەن ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي چوڭ خاتالىققا يول قويغان. چۈنكى، ياشايدىغان ۋاقتى كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا، خۇدا باي كىشىگە: ‹بۈگۈن كېچىدە جېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن›،— دېگەن. بۇ مىسال بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىپ، بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرسەك بولىدۇ: «نىيەت-مەقسەتلىرىم نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ بالىلىرىمنىڭ قانداق روھىي مەقسەتلەرنى قويۇشىغا ياردەم بېرىۋاتىمەن؟ كۈچۈم، ۋاقتىم ۋە پۇلۇمنى يەر يۈزىدە بايلىق توپلاشقا ئىشلىتىۋاتىمەنمۇ ياكى ئاسماندا بايلىق توپلاشقىمۇ؟».
14. مىكىنىڭ مىسالى زامان ئاخىرىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەستە تۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
14 ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. مىكى ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، زوئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇپ، ھايۋاناتلارنى تەتقىق قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. مېنىڭ يەنە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ھەمدە ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز بولغان يەرگە كۆچۈپ، خۇش خەۋەرنى ئېيتىش مەقسەت-نىشانىم ھەم بار ئىدى. جامائەتتىكى قېرىنداشلار مېنى ئارزۇ قىلغان كەسىپنى قىلىشنى قوغلاشسام، روھىي مەقسەت-نىشانلىرىمغا يېتىش مۇمكىن بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىپ، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى ئېسىمگە سالدى. ئۇلار مېنى يېڭى دۇنيادا ھايۋاناتلارنى مەڭگۈ تەتقىق قىلالايدىغانلىقىمنى ئۇنتۇماسلىققا ئۈندىدى. شۇڭا، مەن قىسقا، لېكىن ئەمەلىي پايدىلىق كەسىپى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىمغا ياردەم بېرىدىغان ئىشنى تاپتىم. كېيىنرەك، مەن كۆپرەك ۋەز قىلىش ئۈچۈن ئېكۋادور دېگەن دۆلەتكە كۆچۈپ باردىم». ھازىر شۇ دۆلەتتە مىكى يولدىشى بىلەن بىرلىكتە جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
15. ياقۇپنىڭ مىسالى ئۈمىد ئۈزمەي، داۋاملىق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ھەققىدە بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
15 ئادەملەر خۇش خەۋەرنى دەرھال قوبۇل قىلمىسا، ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز كېرەك. ئادەملەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگۈرۈشى مۇمكىن. ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ياقۇپ ئاكىسى ئەيسا بىلەن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ۋە ئۇنىڭ مەسىھ بولغانلىقىنى ۋە تەلىم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ياقۇپ خېلى يىللارغىچە ئەيساغا ئىشەنمىگەن. ئۇ پەقەت ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇپ، ناھايىتى قىزغىن خىزمەت قىلغانb (يۇھاننا 7:5؛ گالاتىيا. 2:9). شۇڭا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ياكى باشقىلار خۇش خەۋەرنى تېخى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئۈمىد ئۈزمەي، ئۇلارغا قايتا-قايتا ۋەز قىلىشىمىز كېرەك. شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بىز زاماننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغان بىر مەزگىلدە ياشاۋاتىمىز، شۇڭا ئىنسانلارغا خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ۋەز قىلىش ناھايىتى جىددىي خىزمەت! كىم بىلىدۇ، ھازىر ئۇلارغا ئېيتقان سۆزلىرىمىز كېيىنرەك بىر كۈنى، ھەتتا دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندىن كېيىن ئۇلارغا تەسىر قىلىشى مۇمكىنc.
گۇۋاھچى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىككە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (15-ئابزاسقا قاراڭ)e
يەھۋانىڭ ئەسكەرتمىلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ
16. يەھۋانىڭ ئەسكەرتمىلىرىنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟ («باشقىلارغا ياردەم بەرگەندە ئۇلاردىن پايدىلىنىڭ» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ).
16 مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بەزى نەشرى ماتېرىياللىرىمىز خۇدا سۆزىدىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى بىلمەيدىغانلار، يەنى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كىشىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. مەسىلەن، ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى ئاممىۋىي نۇتۇقلار، jw.org تور بېكىتىمىزدىكى بەزى ماقالىلەر، فىلىملەر ۋە باشقىلار. شۇنداقتىمۇ، ئاشۇ مەزمۇنلار بىز ئۈچۈن پايدىلىق. يەھۋادىن كەلگەن ئەسكەرتىشلەرگە قۇلاق سالساق، ئۇلار يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە، يەنى مۇقەددەس كىتابقا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەر توغرۇلۇق باشقىلارغا ئۈنۈملۈك تەلىم بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.—زەبۇر 19:7.
17. قايسى ۋەزىيەتلەردە، مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەر توغرۇلۇق ئويلىنىش بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17 يەھۋاغا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ، مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتى توغرۇلۇق يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئاڭلىغاندا، بەك خۇشال بولۇپ كېتىمىز. شۇنداقتىمۇ، دەسلەپتە بىزنىڭ ياراتقۇچى يەھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا يول ئاچقان مۇقەددەس كىتابتىكى ئاساسىي ھەقىقەتلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيمىز. كۆرگىنىمىزدەك، ئاشۇ ئاساسىي تەلىملەر بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. تەشكىلاتىمىزدىن كەلگەن بەزى كۆرسەتمىلەرنى ئاڭلىغاندا، ئۆز ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ياخشىراق دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، تەشكىلاتىمىزنى ھەممىگە قادىر ۋە دانا ياراتقۇچى ئىگىمىز يەھۋانىڭ يېتەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇمايلى. ئۆزىمىز ياكى يېقىنلىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، سەۋرچان بولۇپ، يەھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە يول قويۇۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنايلى. ۋاقىتىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ۋە مال-مۈلكىمىزنى قانداق ئىشلىتىش توغرۇلۇق ئويلىغاندا، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا بەك ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى. يەھۋانىڭ ئەسكەرتمىلىرى بىزنى داۋاملىق دانا بولۇشقا ئۈندەپ، بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزغا سادىق خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بەرگەي!
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2007-يىل، 15-ماي سانى، 21–25-بەتلەردىكى «پات ئارىدا ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلەر يوق بولىدۇ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
c «كۈزىتىش مۇنارى» 2024-يىل، ماي سانى، 8–13-بەتلەردىكى «يەھۋانىڭ كېلەچەكتىكى ھۆكۈملىرى ھەققىدە بىز نېمىلەرنى بىلىمىز؟» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
d رەسىملەردە:بىر ئاقساقال ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، باشقا ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن پىكىرىنى قوللىمىدى. كېيىنرەك، ئۇ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ، دانا ۋە ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىنىڭ ئوي-پىكىرى ئۆزىنىڭكىدىن مۇھىمراق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
e رەسىمدە: قېرىندىشىمىز شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىدە ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ چىقتى. بۇ ئۇنى سىڭلىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى.