26-تەتقىق ماقالىسى
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىڭ
«خۇدانىڭ بايلىقى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نەقەدەر مول، نەقەدەر چوڭقۇر،-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەقىل يەتمەس ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولماس» .—رىملىقلار 11:33.
مەركىزى ئىدىيە
ئالدىمىزدا نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن ھالەتتىمۇ، ئۆزىمىز بىلىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىپ، يەھۋاغا تايانساق، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز.
1. يەھۋا بىزنى قانداق قابىلىيەتلەر بىلەن ياراتقان ۋە نېمە ئۈچۈن؟
يەھۋا بىزنى ئويلىنىش، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش قابىلىيەتلىرىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان. ئۇ نېمە ئۈچۈن بىزنى شۇنداق ئالاھىدە ياراتقان؟ چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ «خۇدا توغرۇلۇق بىلىمگە» ئېرىشىش ۋە ئەقىل ئىشلىتىش ئارقىلىق دانا قارارلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.—پەند ن. 2:1–5؛ رىملىقلار 12:1.
2. (1) بىز نېمىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك؟ (رىملىقلار 11:33) (رەسىمگە ھەم قاراڭ). (2) ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
2 خۇدايىمىز يەھۋا بىزنى نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بىلەن ياراتقان بولسىمۇ، بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ (رىملىقلار 11:33-نى ئوقۇڭ). ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. يەھۋا ئۇنىڭدىن بىر قاتار سوئاللارنى سورىغان، نەتىجىدە ئايۇپ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئايۇپ كەمتەر بولۇپ، ئۆز ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتكەن (ئايۇپ 42:3–6). بىزمۇ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلساق، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز. كەمتەر بولساق، يەھۋانىڭ بىزگە توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن بىلىشىمىز زۆرۈر ئىشلارنى ئاشكارا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.—پەند ن. 2:6.
ئايۇپتىن ئۈلگە ئېلىپ، بەزى ئىشلارنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق (2-ئابزاسقا قاراڭ)
3. بۇ ماقالىدە، بىز نېمىلەرنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، بىز بىلمەيدىغان بەزى ئىشلار ۋە ئۇلارنى بىلمىگەچكە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىز توغرۇلۇق مۇھاكىمە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئىشلارنى بىلمەسلىك ئەمەلىيەتتە بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز. شۇلارنى مۇھاكىمە قىلىش ھەممىنى مۇكەممەل بىلگۈچى يەھۋانىڭ بىزگە بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.—ئايۇپ 37:16.
بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز
4. مەتتا 24:36-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، بىز نېمىنى بىلمەيمىز؟
4 مەتتا 24:36-نى ئوقۇڭ. بىز بۇ زاماننىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئايەتتە تىلغان ئېلىنغان شۇ «كۈننى ۋە سائەتنى»، ئەيسا مەسىھ يەردە يۈزىدە بولغاندا، ھەتتا ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەنa. پەقەت يەھۋا ۋاقىت-سائەتنى تىزگىنلەيدىغان خۇدادۇر. كېيىنرەك، ئۇ ئاسمانغا قايتىپ كېتىش ئالدىدا ئەلچىلىرىگە، مەلۇم ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا پەقەت ياراتقۇچى يەھۋا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (ئەلچى. 1:6، 7). يەھۋا بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈنىنى ئاللىقاچان بەلگۈلەپ قويغان، بىراق بىز ئاشۇ ۋاقىت-سائەتنى ئېنىق بىلەلمەيمىز.
5. بۇ دۇنيا ئاخىرىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، بىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن؟
5 ئەيسا مەسىھنىڭ سۆزىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى كەلگۈچە يەنە قانچىلىك ۋاقىت كۈتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. شۇڭا، كۈتۈپ سەۋر-تاقەتسىزلىنىپ، روھىمىز چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈتۈپ كېلىۋاتقان بولساق، بەلكىم شۇنداق ھېس-تۇيغۇلار تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز ياكى باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلغاندا ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇمكىن (2-پېتر. 3:3، 4). ئېھتىمال، بىزمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن بولساق، باشقىلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا قارىماي، سەۋرچانلىق بىلەن ئاشۇ كۈننى كۈتۈش ئاسانراق بولاتتى، دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن.
6. بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈننى بىلمىسەكمۇ، نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟
6 ئەمەلىيەتتە، يەھۋا بىزگە بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈنى قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان. ئەكسىنچە، ئۇ بىزگە چىن قەلبىمىزدىن ئۇنى سۆيۈپ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىش پۇرسىتىنى بەرگەن. بىز پەقەت يەھۋاغا بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرغىچە ئەمەس، مەڭگۈگە خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. شۇڭا، «يەھۋانىڭ كۈنى» قاچان كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا، شۇ كۈن كەلگەندە، يەھۋا قانداق ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك ئويلىنايلى. شۇنداق قىلساق، يەھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭغا تايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايمىز.—2-پېتر. 3:11، 12.
7. بىز نېمىلەرنى بىلىمىز؟
7 بىز چوقۇم ئۆزىمىز بىلىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق ئويلىنىشىمىز لازىم. مەسىلەن، ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ 1914-يىلى باشلانغانلىقىنى بىلىمىز. مۇقەددەس كىتابتا بۇنى ئىسپاتلايدىغان بېشارەتلىك سۆزلەر يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 1914-يىلدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق نۇرغۇن تەپسىلاتلار بېشارەت قىلىنغان. شۇڭا، «يەھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىن» ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز (زەف. 1:14). بىز يەنە يەھۋانىڭ بىزگە قايسى خىزمەتنى تاپشۇرغانلىقىنى بىلىمىز. يەنى، ئۇ بىزنىڭ مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرگە «پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى» ئېيتىشىمىزنى خالايدۇ (مەتتا 24:14). ھازىر بۇ خۇش خەۋەر 1000-دىن كۆپرەك تىلدا تەخمىنەن 240 دۆلەت ۋە رايوندا كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈلمەكتە. قىزغىنلىق بىلەن ۋەز قىلىش ئۈچۈن «شۇ كۈننى ۋە سائەتنى» بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
يەھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز
8. ‹خۇدانىڭ ئىشلىرى› دېگەن سۆز-ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (ۋەز 11:5)
8 بىز ھەردائىم ھەق خۇدانىڭ ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە بىلەلمەيمىز (ۋەز 11:5-نى ئوقۇڭ). بۇ سۆز-ئىبارە ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ياكى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەھۋانىڭ مەلۇم ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشىمىزگە يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ياكى ئۇ بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. مۇقەددەس كىتابتا «خۇدانىڭ ئىشلىرىنى» بىلمەسلىكنى ئانىنىڭ قورسىقىدا بالىنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بىلمەسلىك بىلەن سېلىشتۇرۇلغان (زەبۇر 37:5). بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ھەتتا ئالىملارمۇ تولۇق ئاخىرغىچە چۈشەنمەيدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە چۈشىنەلمەيمىز.
9. يەھۋانىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن؟
9 يەھۋانىڭ بىزگە قايسى يول بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، بەزىدە قارارلارنى چىقىرىشتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدىغاندىمىز. مەسىلەن، كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاددى-ساددا ھايات كەچۈرۈشنى قارار قىلىش ياكى ۋەز ئېيتقۇچىلار ئاز يەرگە كۆچۈپ بېرىپ خىزمەت قىلىشتا بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، روھىي مەقسەتلىرىمىزگە يېتەلمىسەك ياكى ۋەز خىزمىتىمىزنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىسىنى كۆرمىسەك ۋە ياكى تەشكىلاتتىكى قانداقتۇ بىر ئىش ئىلگىرى باسمىسا، دەرھال يەھۋانىڭ ماقۇللىشىدىن ئايرىلىپ قالدۇق دەپ ئەنسىرەيدىغاندىمىز.
10. يەھۋانىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، قايسى مۇھىم پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ؟
10 يەھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، بىز ئۈچۈن كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق دېگەندەك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم. بىز يەنە يەھۋانىڭ ئوي-پىكىرى بىزنىڭ ئوي-پىكىرىمىزدىن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز (يەشايا 55:8، 9). بۇنىڭدىن باشقا، ھەممىنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، بارچە ئىشلاردا ئۇنىڭغا تايىنىشنىڭ دانالىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. مەيلى ۋەز خىزمەتتە ياكى تەشكىلاتتىكى باشقا بىر ئىشتا ئۇتۇققا ئېرىشكەندە، ھەممە شان-شەرەپنى يەھۋاغا بېرىشىمىز كېرەك (زەبۇر 127:1؛ 1-كورىنت. 3:7). بەزى ئىشلار كۈتكىنىمىزدەك بولمىسىمۇ، يەھۋانىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم (يەشايا 26:12). بىز قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، قالغان ئىشلارنى يەھۋاغا تاپشۇرساق، يەھۋانىڭ ھەردائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەتتا يەھۋا ھازىر بىزنى خۇددى قەدىمكى زاماندىكىگە ئوخشاش مۆجىزىلىك يول بىلەن يېتەكلىمىسىمۇ، ئۇنىڭ چوقۇم بىزگە زۆرۈر يوليورۇقلارنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.—ئەلچى. 16:6–10.
11. بىز قايسى مۇھىم ئىشلارنى بىلىمىز؟
11 بىز ئاللىقاچان بىلگەن ئىشلار توغرۇلۇق ئويلىنىشىمىز لازىم. بىز يەھۋانىڭ چەكسىز ئەقىل-پاراسەتلىك، ئادىل ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتلىك خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز يەنە ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىلغان ھەرقانداق ئىشلىرىمىزنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىلگىنىمىزدەك، يەھۋا ھەمىشە ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ.—ئىبرانىي. 11:6.
ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز
12. ياقۇپ 4:13، 14-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز نېمىنى بىلمەيمىز؟
12 ياقۇپ 4:13، 14-نى ئوقۇڭ. ھېچبىرىمىز ئەتە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كۈتمىگەن ۋاقىتتا، كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن (ۋەز 9:11). شۇڭا، پىلانلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى، ھەتتا شۇ پىلانلىرىمىزنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھايات بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىز بىلمەيمىز.
13. كېلەچەكتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىز مۇمكىن؟
13 بەلكىم، كېلەچەكتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، بىز ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز؟ بىز قايتا-قايتا شۇ توغرۇلۇق غەم-تەشۋىش قىلساق، خۇشاللىقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر ھاياتىمىزدا كۈتمىگەن ئۆزگىرىش ياكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەك، قاتتىق ئازابلىنىپ، كۆڭلىمىز يېرىم بولۇشى ۋە ياكى بەزى ئىشلار ئۆزىمىز ئويلىغاندەك بولمىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىمىز مۇمكىن.—پەند ن. 13:12.
14. ھەقىقىي خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
14 ھاياتىمىزدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، شەخسىي مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن سۆيگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز. مۇقەددەس كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك، يەھۋا تۇرمۇشىمىزدىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ ۋە ھاياتىمىزدا دۇچ كېلىدىغان ھەربىر ئىشنى ئالدىن بەلگىلەپ قويمايدۇ. بىز ھەتتا كېلەچەكتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى خۇدا ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى، ھەقىقىي بەخت-سائادەت خۇدادىن يوليورۇق ئىزدەپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن كېلىدۇ (يەرەم. 10:23). ئەگەر قارارلارنى چىقارغاندا يەھۋاغا تايانساق، بىز مۇنداق دېگەندەك بولىمىز: «يەھۋا خالىسا ۋە ھايات بولساق، ئۇ ياكى بۇ ئىشنى قىلىمىز».—ياقۇپ 4:15.
ئەگەر يەھۋادىن يوليورۇق ئىزدەپ، ئۇنىڭغا بويسۇنساق، ئۇ چوقۇم بىزنى قوغدايدۇ (14، 15-ئابزاسلارغا قاراڭ)b
15. بىز كېلەچەك توغرۇلۇق نېمىنى بىلىمىز؟
15 ھەر كۈنى نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئەمما يەھۋانىڭ بەزىلەرگە ئاسماندىكى، يەنە بەزىلەرگە يەردە يۈزىدىكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلىمىز. خۇدايىمىزنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرىدىغانلىقىغا ۋە ھېچكىم ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇندىشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل (تىتۇس 1:2). ئۇ ئۆزى مۇنداق دېگەن: «مەن ئاخىرىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى بېشىدىلا بېشارەت بېرىمەن، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئۇزۇن زامان ئىلگىرى ئالدىن ئېيتىمەن». ئۇ ئېيتقان پەيغەمبەرلىك سۆزلەر ئۆتمۈشتە ئەمەلگە ئاشقاندەك، ئۇنىڭ كېلەچەك ھەققىدىكى ۋەدىلىرىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (يەشايا 46:10). ھېچنەرسە بىزنى خۇدايىمىزنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ (رىملىقلار 8:35–39). قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىلھام-مەدەت بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشەنچ قىلالايمىزكى، خۇدايىمىز يەھۋا چوقۇم بىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ ۋە بىزنى بەرىكەتلەيدۇ.—يەرەم. 17:7، 8.
يەھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاخىرغىچە چۈشىنەلمەيمىز
16. زەبۇر 139:1–6 ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا خۇدا سىز توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىدۇ؟
16 زەبۇر 139:1–6-نى ئوقۇڭ. ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىزنىڭ قانداق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىمىزنى بىلىدۇ، شۇڭا ئوي-پىكرىمىزنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى تولۇق چۈشىنىدۇ. ئۇ تېخى ئېغىزىمىزدىن چىقارمىغان كۆڭلىمىزدىكى سۆزلەرنى بىلىدۇ. ئۇ ھەممە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ھەتتا نىيەت-مەقسەتلىرىمىزنى بىلىدۇ. داۋۇت پادىشاھ ئېيتقاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدايىمىز بىزنى قورشاپ تۇرىدۇ، مېھرىبانلىق بىلەن بىزگە نەزەر سېلىپ، خالىغان پەيتتە بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. بارچە كائىناتنىڭ ئىگىسى، ئاسمان-زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز ھەربىرىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ داۋۇت پادىشاھ مۇنداق دېگەن: «سەن مېنى شۇنچە ئوبدان بىلىسەنكى، بۇ مېنىڭ ئەقلىمگە سىغماس. ماڭا بولغان تونۇشۇڭ شۇنچە سىرلىقكى، بۇنىڭغا مېنىڭ ئەقلىم يەتمەس».—زەبۇر 139:6.
17. يەھۋانىڭ بىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟
17 ئائىلە كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى ياكى ئىلگىرىكى دىن-ئېتىقادى سەۋەبلىك، بەزىلەر يەھۋانى كۆيۈمچان ئاتا ئورنىدا كۆرۈشنى قىيىن ھېس قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم، بەزىلەر بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى سەۋەبلىك، كۆڭلىدە يەھۋانى مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىمايدۇ ۋە ئۇ مېنىڭدىن يىراق دەپ ئويلايدىغاندۇ. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتمۇ شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغان (زەبۇر 38:18، 21). ياراتقۇچىنىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان، ئەمما ئۆزگەرتىشنى قىيىن ھېس قىلۋاتقان بىر كىشى شۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: «ئەگەر خۇدا مېنى ھەقىقەتەن چۈشەنسە، نېمە ئۈچۈن مېنى ھازىرقى ھالىتىمدە قوبۇل قىلماي، مەندىن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغاندۇ؟».
18. يەھۋانىڭ بىزنى ئۆزىمىزدىن ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
18 يەھۋا بىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز كۆرەلمەيدىغان ياخشى تەرەپلىرىمىزنى كۆرىدۇ. ئۇ بىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنىمۇ كۆرىدۇ. ئەمما، ئۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە توغرا ئىشنى قىلماقچى بولغانلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ، شۇڭا، ئۇ بىزنى يەنىلا سۆيىدۇ (رىملىقلار 7:15). يەھۋا ھەمىشە بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزغا نەزەر سالىدۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. بۇنى چۈشەنسەك، داۋاملىق خۇداغا خۇشاللىق بىلەن سادىق خىزمەت قىلالايمىز.
يەھۋا كەلگۈسىدىكى ئاجايىپ ۋەدىلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (18، 19-ئابزاسلارغا قاراڭ)c
19. بىز يەھۋا توغرۇلۇق نېمىنى بىلىمىز؟
19 «خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر». بىز بۇ سۆزلەرگە قىلچىمۇ گۇمان قىلمايمىز (1-يۇھاننا 4:8). يەھۋا بىزدىن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشنى ياكى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلسا، ئۇ بىزنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. چۈنكى، ياراتقۇچىمىز ھەمىشە بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزنىڭ مەڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى ئاللىقاچان تۆلەم قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەن. بۇ بىباھا سوۋغات بىزنى نامۇكەممەل بولۇشىمىزغا قارىماي، يەھۋا خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرىدۇ (رىملىقلار 7:24، 25). بىز شۇنىمۇ بىلىمىزكى، «خۇدا بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلىدۇ» (1-يۇھاننا 3:19، 20). يەھۋا بىز توغرۇلۇق ھەممىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
20. ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق ئارتۇقچە غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
20 يەھۋا بىز ھەقىقەتەن بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بىز كەمتەرلىك بىلەن بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىز بىلمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق ئارتۇقچە غەم-ئەندىشە قىلماي، پۈتۈن دىققىتىمىزنى ھەقىقىي مۇھىم بولغان ئىشلارغا قارىتايلى. شۇنداق قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ كەمتەر كىشى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ھەممىنى بىلگۈچى، ياراتقۇچى يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. گەرچە ھازىر بەزى ئىشلارنى چۈشەنمىسەكمۇ، يەھۋا كەلگۈسىدە بىزگە مەڭگۈ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ (ئايۇپ 36:4). ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىز توغرۇلۇق دائىم يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغان ۋاقىتنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.—ۋەز 3:11.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
a ئەيسا مەسىھ شەيتاننىڭ رەزىل دۇنياسىغا قارشى جەڭدە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. دېمەك، ئۇ ھازىر ئارماگېدون ئۇرۇشى قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قاچان دۈشمەنلىرىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.—ۋەھىي. 6:2؛ 19:11–16.
b رەسىملەردە: دادىسى بىلەن ئوغلى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سومكىسىنى تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى يىغىۋاتىدۇ.
c رەسىمدە: قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بۇرادەر يېڭى دۇنيادىكى ئاجايىپ ھايات توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتىدۇ.