28-تەتقىق ماقالىسى
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
نېمە ئۈچۈن مەسلىھەت سورىشىمىز كېرەك؟
«مەسلىھەت قىلىشقانلاردا دانالىق بار».—پەند. نە 13:10.
مەركىزى ئىدىيە
باشقىلار بەرگەن مەسلىھەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
1. دانا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ (پەندى-نەسىھەت 13:10؛ 15:22)
بىز ھەممىمىز دانا قارارلارنى چىقىرىشنى خالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، پىلانلىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز بۇ ئىككى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ سۆزىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىمىز كېرەك.—پەندى-نەسىھەت 13:10؛ 15:22-نى ئوقۇڭ.
2. يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشنى ۋەدە قىلغان؟
2 ئەلۋەتتە، ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا بىزگە ئەڭ ياخشى مەسلىھەتنى بېرەلەيدۇ. شۇڭا، بىز دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن دانالىق سورىشىمىز كېرەك. ئۇ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ساڭا نەزەر سېلىپ، مەسلىھەت بېرىمەن» (زەبۇر 32:8). بۇ ئايەتتە، يەھۋانىڭ بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق مەسلىھەتنى بېرىپ، ئۇنى ھاياتىمىزدا ئەمەلىي قوللىنىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
3. بۇ ماقالىدە، قايسى تۆت سوئالغا جاۋاب ئالىمىز؟
3 بۇ ماقالىدە، مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمى بىلەن تۆۋەندىكى تۆت سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: (1) مەسلىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك؟ (2) كىم ماڭا ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدۇ؟ (3) مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمنى قانداق كۆرسىتەلەيمەن؟ (4) نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن ئۆزۈم ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشنى سورىماسلىقىم كېرەك؟
قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشۈم كېرەك؟
4. بېرىلگەن مەسلىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بىزدە قانداق پەزىلەت بولۇشى كېرەك؟
4 مەسلىھەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولۇشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق ئىككى خىل پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسى ۋە بىلىمى كەمچىل ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە تايىنىپ دانا قارار چىقىرالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولمىساق، يەھۋا بىزگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. نەتىجىدە، بىز مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىكى مەسلىھەتلەر بىزگە قىلچىمۇ تەسىر قىلماسلىقى مۇمكىن (مىكاھ 6:8؛ 1-پېتر. 5:5). ئەكسىنچە، بىز كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل بولساق، مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا بېرىلگەن مەسلىھەتلەرنى تېز قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىپ، شۇلارنىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.
5. داۋۇت پادىشاھ قايسى ئۇتۇقلار سەۋەبلىك ھاكاۋۇر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى؟
5 داۋۇت پادىشاھنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، تەكەببۇر بولۇپ كەتمىگەن. پادىشاھ بولۇشتىن نۇرغۇن يىللار ئاۋۋال، ئۇ مۇزىكا تالانتى بىلەن ھەممىگە تونۇلغان، ھەتتا پادىشاھ ئۈچۈن ساز چېلىپ بەرگەن (سام. 1-ياز. 16:18، 19). داۋۇت مەسىھ قىلىنىپ پادىشاھ بولۇشقا تەيىنلەنگەندە، يەھۋا ئۇنىڭغا ئۆز مۇقەددەس روھىنى بەرگەچ، ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك ئادەم بولغان (سام. 1-ياز. 16:11–13). داۋۇت فىلىستىنلىك جولياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى جەڭدە يوقاتقاچ، ئۇ خۇدانىڭ خەلقى ئارىسىدا ناھايىتى داڭلىق كىشىگە ئايلىنىپ مەدھىيىلىگەن (سام. 1-ياز. 17:37، 50؛ 18:7). شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلغان كىشى پەخىرلىنىپ ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەن بولسا، «مەن باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىگە موھتاج ئەمەس» دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، داۋۇت ئۇنداق ئويلىمىغان.
6. داۋۇتنىڭ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولغانلىقى قانداق بىلىمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
6 پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، داۋۇت ئۆزىگە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدىغان دوستلارنى تاللىغان (1-تارىخ. 27:32–34). بۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، چۈنكى داۋۇت پادىشاھ بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغان. ئۇ پەقەت ئەرلەر ئەمەس، ئابىگائىل ئىسىملىك ئايالنىڭمۇ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلغان. ئابىگائىل نابال دېگەن ھاكاۋۇر، مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان ۋە ئەدەپسىز، جاھىل ئادەمنىڭ ئايالى بولغان. داۋۇت كەمتەرلىك بىلەن ئابىگائىلنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، نەتىجىدە چوڭ بىر خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالالىغان.—سام. 1-ياز. 25:2، 3، 21–25، 32–34.
داۋۇت پادىشاھ كەمتەرلىك بىلەن ئابىگائىلنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلغان (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7. داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (ۋەز 4:13) (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
7 بىز داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن بەزى مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. مەسىلەن، بىزنىڭ بەزى قابىلىيەتلىرىمىز ياكى ھوقۇقىمىز بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىگە موھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. داۋۇتقا ئوخشاش، بىزمۇ ياخشى مەسلىھەتنى كىم بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك (ۋەز 4:13-نى ئوقۇڭ). شۇنداق قىلساق، بىز پەقەت ئۆزىمىزنى ئەمەس ياكى باشقىلارنى ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىدىغان چوڭ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالايمىز.
ياخشى مەسلىھەتنى مەيلى كىم بەرسۇن، بىز ئۇنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز كېرەك (7-ئابزاسقا قاراڭ)c
كىم ياخشى مەسلىھەتنى بېرەلەيدۇ؟
8. يوناتان نېمە ئۈچۈن داۋۇتقا ياخشى مەسلىھەت بېرەلىگەن؟
8 بىز داۋۇتنىڭ ئۈلگىسىدىن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟. ئۇ ھەم يەھۋا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان، ھەم ۋەزىيەتنى ياخشى بىلگەن ئادەملەرنىڭ مەسلىھىتىگە قۇلاق سالغان. مەسىلەن، پادىشاھ سائۇل بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن، داۋۇت سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاندىن مەسلىھەت سورىغان. نېمە ئۈچۈن يوناتان ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيتتى؟ چۈنكى، يوناتاننىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى ۋە ئۇ دادىسىنى بەش قولدەك ياخشى بىلەتتى (سام. 1-ياز. 20:9–13). بىز بۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
9. كىمدىن مەسلىھەت سورىساق ياخشى؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ (پەندى-نەسىھەت 13:20)
9 ئەگەر مەسلىھەتكە موھتاج بولساق، ھەم يەھۋا خۇدا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولغان، ھەم بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىدە تەجرىبىسى بار ئادەمدىن ياردەم سورىساق ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىزa (پەندى-نەسىھەت 13:20-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، بىر ياش بۇرادەر ئۆيلەنمەكچى دەيلى. ئەگەر ئۇ بويتاق دوستىدىن مەسلىھەت سورىسا، ئۇ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ ياخشى مەسلىھەتنى بېرىشى مۇمكىن. لېكىن، ياش بۇرادەر يەھۋاغا بىرلىكتە سادىق خىزمەت قىلىپ، بەختلىك ياشاۋاتقان ئەر-ئايالدىن ياردەم سورىسا، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ پايدىلىق مەسلىھەتنى بېرەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇرادەرگە تېخىمۇ ئېنىقراق ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيدۇ.
10. ھازىر نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
10 بىز مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قانداق پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە كىمنىڭ ياخشى مەسلىھەت بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئەمدى نېمە ئۈچۈن مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز ۋە باشقىلاردىن ئۆزىمىز ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشىنى سورىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
مەسلىھەتنى قوبۇل قىلىشقا قانداق تەييار بولالايمەن؟
11، 12. (1) بەزىدە بىز نېمە قىلىشىمىز مۇمكىن؟ (2) مۇھىم قارارنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، رېھابام پادىشاھ نېمە قىلغان؟
11 بەزىدە كىمدۇ بىرى باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ كۆڭلىدە ئاللىقاچان نېمە قىلىش توغرىسىدا قارار قىلىپ بولغان. ئۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قوللايدىغان سۆزلەرنى قىلىشىنى ئاڭلايدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ مەسلىھىتىنى چىن كۆڭلىدىن ئاڭلاشقا تەييار ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن مەسلىھەت كېرەك ئەمەس. بىرلىكتە پادىشاھ رېھابامنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.
12 سۇلايمان پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى رېھابام گۈللەپ راۋاج تاپقان پادىشاھلىقنى مىراس ئالغان. بىراق، خەلق سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. شۇڭا، خەلق رېھابامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شۇ يۈكلەرنى ئازراق يەڭگىلىتىشنى ئۆتۈنگەن. رېھابام قارار چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ۋاقىت كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئاۋۋال توغرا يول تۇتۇپ، سۇلايمان پادىشاھقا ياردەم بەرگەن يۇرت چوڭلىرىدىن مەسلىھەت سورىغان (پاد. 1-ياز. 12:2–7). لېكىن، ئۇ ئۇلارنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ بەلكىم، ئۇ ئالدىن قارار چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ قارارىنى ماقۇل كۆرىدىغانلار بار-يوقلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغان. شۇڭا، ئۇ كېيىن ياش دوستلىرىدىن مەسلىھەت سورىغاندا، ئۇلار رېھابامنىڭ قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان مەسلىھەتنى بەرگەن (پاد. 1-ياز. 12:8–14). رېھابام خەلققە دوستلىرى ئېيتقاندەك جاۋابنى بەرگەن. نەتىجىدە، خەلق ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، پادىشاھلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، رېھابام كەينى-كەينىدىن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.—پاد. 1-ياز. 12:16–19.
13. ھەقىقەتەن مەسلىھەت موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى قانداق بىلەلەيمىز؟
13 رېھابامنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟ بىز تېخى قارار چىقارماي تۇرۇپ، باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىمىز ۋە بېرىلگەن مەسلىھەتنى دىققەت بىلەن تىڭشاپ، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىشقا تەييار بولۇشىمىز لازىم. شۇڭا، ئۆزىمىزدىن مۇنداق سورىساق بولىدۇ: «باشقىلارنىڭ ماڭا بەرگەن مەسلىھىتى مەن ئويلىغان يەردىن چىقمىسا، ئۇنى دەرھال رەت قىلىمەنمۇ؟». ھازىر بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.
14. بىزگە مەسلىھەت بېرىلگەندە، نېمىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
14 بىر بۇرادەر مائاشى بەك يۇقىرى بىر ئىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ شۇ ئىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال ئاقساقالدىن مەسلىھەت سورايدۇ. بۇرادەر بۇ ئىشقا كىرسە، ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت باشقا يۇرتتا ياشاپ تۇرۇپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا، ئاقساقال ئۇنىڭغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ روھىي ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ (ئەفەس. 6:4؛ 1-تىموت. 5:8). ئاقساقالنىڭ نەسىھەت سۆزىنى بۇرادەر دەرھال قوبۇل قىلمايدۇ ۋە قۇلىقىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغانغا قەدەر، باشقا قېرىنداشلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ. بۇ مىسالدىكى بۇرادەر ھەقىقەتەن مەسلىھەت ئىزدەۋاتامدۇ ياكى چىقىرىپ بولغان قارارىنى قوللايدىغان گەپلەرنى قىلىدىغان بىرىنى ئىزدەۋاتامدۇ؟ شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، قەلبىمىز ئىنتايىن ھىيلىگەر (يەرەم. 17:9). بەزىدە قۇلىقىمىزغا خۇش ياقمايدىغان مەسلىھەت دەل بىز موھتاج بولۇۋاتقان مەسلىھەت بولۇشى مۇمكىن.
سىز ھەقىقەتەن ياخشى مەسلىھەتكە ئېرىشمەكچىمۇ ياكى سىزنى قوللايدىغان بىرىنى ئىزدەۋاتامسىز؟ (14-ئابزاسقا قاراڭ)
باشقىلاردىن ئۆزۈم ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشنى سورىسام بولامدۇ؟
15. بىز نېمە قىلىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
15 ھەربىرىمىز چىقارغان قارارلار ئۈچۈن ئۆزىمىز جاۋابكار (گالاتىيا. 6:4، 5). يۇقىرىدا دانا ئادەم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال، مۇقەددەس كىتابتىن ۋە ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشلاردىن مەسلىھەت سورايدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلدۇق. لېكىن، شۇنداق بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم. يەنى، باشقىلاردىن ئۆزىمىز ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشنى سوراشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. بەزىلەر ئۇدۇللا ئۆزلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان قېرىنداشتىن: «سىز مېنىڭ ئورنۇمدا بولسىڭىز، قانداق قىلاتتىڭىز؟»— دەپ سورىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر بولسا، ئۆزى ئويلانمايلا باشقىلارغا ئوخشاش قارار چىقىرىشى مۇمكىن.
16. كورىنت شەھىرىدىكى جامائەتتە قانداق مەسىلە پەيدا بولغان ۋە قارارنى كىم چىقىرىشى كېرەك ئىدى؟ (1-كورىنتلىقلار 8:7؛ 10:25، 26)
16 بىرىنچى ئەسىردە، كورىنت شەھىرىدە جامائەتتە يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى. بەلكىم بازارلاردا سېتىلغان گۆش بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆش بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، قېرىنداشلارنىڭ بۇنداق گۆشلەرنى يېيىش-يېمەسلىكنى قارار قىلىش مەسىلىسى ئوتتۇرغا چىققان. ئەلچى پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدىكى قېرىنداشلارغا: «بىزگە مەلۇمكى بۇت دۇنيادا ھېچنەرسە ئەمەس ۋە بىرلا ھەق خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر»،— دەپ يازغان (1-كورىنت. 8:4). پاۋلۇسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بەزى قېرىنداشلار ئۇلار بازاردا سېتىۋالغان گۆشنى، ھەتتا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، يېيىشنى قارار قىلغان. باشقا قېرىنداشلارنىڭ ۋىجدانى ئازابلىنىپ، كۆڭلى كۆتەرمىگەچ، شۇنداق گۆشنى يېيىشنى رەت قىلغان (1-كورىنتلىقلار 8:7؛ 10:25، 26-نى ئوقۇڭ). بۇ ئىشتا ھەربىر قېرىنداش ئۆزى شەخسىي قارار چىقارغان. پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشكە ياكى ئويلانماستىن باشقىلارنى دوراپ قارار چىقىرىشقا دەۋەت قىلمىغان. چۈنكى، «بىز ھەربىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن خۇداغا ھېساب بېرىمىز».—رىملىقلار 14:10–12.
17. ئۆزىمىز ئويلانماي، باشقىلارنى دوراپ، قارار چىقارساق، نېمە بولىدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ. (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
17 بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ ئوخشاش ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلارنى قوبۇل قىلىشنى ياكى رەت قىلىشنى ھەربىر قېرىنداش ئۆزى قارار چىقىرىشى كېرەكb. گەرچە قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تولۇق چۈشىنىش ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن ھەربىرىمىز شەخسەن ئۆزىمىز قارار چىقىرىشىمىز لازىم (رىملىقلار 14:4). ئەگەر بىز پەقەت باشقا بىرى چىقارغان قارارنى دوراپ قارار چىقارساق، مەڭگۈ دانا كىشى بولالمايمىز. پەقەت مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن شەخسىي قارار چىقارساق، شۇندىلا دانا كىشىلەردىن بولالايمىز (ئىبرانىي. 5:14). ئۇنداقتا، قاچان ئىماندا پىشىپ يېتىلگەن قېرىنداشتىن مەسلىھەت سورىساق توغرا بولىدۇ؟ بۇ ماۋزۇ توغرۇلۇق شەخسىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، يەنىلا ۋەزىيىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى قانداق ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشنى چۈشەنمىسەك، شۇ چاغدا ئۇلاردىن ياردەم سورىساق بولىدۇ.
بىز بىر مەسىلە ئۈستىدە ئۆزىمىز شەخسىي ئىزدىنىپ كۆرگەندىن كېيىن، باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىمىز كېرەك (17-ئابزاسقا قاراڭ)
مەسلىھەت سوراشنى توختاتماڭ
18. يەھۋا بىزگە قانداق سوۋغاتلارنى بەرگەن؟
18 بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا قارار چىقىرىشىمىزغا يول قويۇش ئارقىلىق، يەھۋا ئۆزىنىڭ بىزگە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ بىزنىڭ دانا قارار چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى بىزگە سوۋغات قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى قانداق ئەمەلىي قوللىنىشنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان دانا دوستلارنى بەرگەن. يەھۋا خۇدا بىز ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ، ھەقىقىي كۆيۈمچان ئاتا ئورۇنداشقا تېگىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئورۇنلىدى (پەند ن. 3:21–23). ئۇنداقتا، بىز ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيمىز؟
19. بىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى داۋاملىق خۇشال قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
19 مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئويلاپ كۆرۈڭ: ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ساغلام ئوي-پىكىرلىك، دانا ۋە خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىدىغان كىشى بولغانلىقىنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاسماندىكى ئاتىمىز يەھۋا بىزنىڭ داۋاملىق باشقىلاردىن مەسلىھەت سوراپ، دانا قارار چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىماندا پىشىپ يېتىلىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
a بەزى چاغلاردا، خۇدا خىزمەتچىسى ئىقتىساد، داۋالىنىش ياكى باشقا ئىشلار توغرۇلۇق يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كىشىلەردىن مەسلىھەت سورىسا ياخشى بولىدۇ.
b بۇ ماۋزۇ توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!» ناملىق كىتابنىڭ 39-دەرس، 5-نۇقتىغا ۋە «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگەن بۆلەككە قاراڭ.
c رەسىملەردە: بىر ئاقساقال باشقا ئاقساقالغا يېقىندا يىغىلىشتىكى سۆز قىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ.