كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏
  • مە‌سلىھە‌تنى قانداق بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌سلىھە‌تنى قانداق بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • باشقىلار بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا
  • باشقىلارغا تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بېرىش
  • مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە ۋە توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا مە‌سلىھە‌ت بېرىش
  • مە‌سلىھە‌ت بېرىش ۋە قوبۇ‌ل قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ
  • نېمە ئۈچۈن مە‌سلىھە‌ت سورىشىمىز كېرە‌ك؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ‏«دانالارنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ل 8-‏13 ب.‏

29-تە‌تقىق ماقالىسى

20-‏ناخشا يىغىلىشلىرىمىزغا بە‌رىكە‌ت بە‌ر

مە‌سلىھە‌تنى قانداق بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏

‏«ساڭا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ مە‌سلىھە‌ت بېرىمە‌ن»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

باشقىلارغا ياردىمى تېگىدىغان مە‌سلىھە‌تنى قانداق بېرە‌لە‌يمىز؟‏

1.‏ كىم باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشى كېرە‌ك؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

سىز باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏ بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن بۇ ئاسان ئىش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشتىن خىجىل بولىدۇ ياكى قورقىدۇ.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ بە‌زىدە ھە‌ممىمىز باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىر-‏بىرىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش بىلە‌ن باشقىلارغا تونۇ‌لىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35)‏.‏ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر يولى —‏ زۆرۈر بولغاندا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا مە‌سلىھە‌ت بېرىش.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۆزئارا بىر-‏بىرىمىزگە «سە‌مىمىي مە‌سلىھە‌ت» بە‌رسە‌ك،‏ ئارىمىزدىكى دوستلۇ‌ق رىشتىسى كۈچىيىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏—‏پە‌ند ن.‏ 27:‏9.‏

2.‏ ئاقساقاللار نېمە قىلالىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏«‏ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشتا مە‌سلىھە‌ت بېرىش‏» ناملىق رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏.‏

2 بولۇ‌پمۇ،‏ ئاقساقاللار باشقىلارغا قانداق مە‌سلىھە‌ت بېرىشىنى بىلىشى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا ئۆزى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق ئاقساقاللارنى جامائە‌تتىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشقا بە‌لگىلىگە‌ن (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏2،‏ 3)‏.‏ ئاقساقاللار نۇ‌تۇ‌ق ئېيتقاندا جامائە‌تكە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار يە‌نە ياردە‌مگە موھتاج قېرىنداشلارغا شە‌خسە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ،‏ مۇ‌شۇ يول بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋادىن يىراقلىشىپ كە‌تكە‌ن قېرىنداشلارنىڭ جامائە‌تكە قايتىپ كېلىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاقساقاللار ۋە ھە‌ممىمىز باشقىلارغا قانداق مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يمىز؟‏

بۇ‌رادە‌ر «ئوقۇ‌ش ۋە تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرە‌يلى» ناملىق كىتابچىنى ئىشلىتىپ،‏ قېرىنداشنى ماختاۋاتىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا مە‌سلىھە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏

ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشتا مە‌سلىھە‌ت بېرىش

ھە‌پتە ئوتتۇ‌رىسىدىكى يىغىلىشقا رىياسە‌تچىلىك قىلىدىغان بۇ‌رادە‌ر تاپشۇ‌رۇ‌قلار بىلە‌ن چىققان قېرىنداشلارغا ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىدۇ.‏ سە‌ھنىدە تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئورۇ‌نداۋاتقاندا،‏ رىياسە‌تچى بۇ‌رادە‌ر بىزنىڭ تە‌لىم بېرىش ماھارىتىمىزنى كۆزىتىپ،‏ تاپشۇ‌رۇ‌قنى قانچىلىك ياخشى ئورۇ‌ندىغانلىقىمىزغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏

بىز تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئورۇ‌نلاپ بولغاندىن كېيىن،‏ بۇ‌رادە‌ر بىزنىڭ قايسى جە‌ھە‌تتىن ياخشى قىلغانلىقىمىزنى چىن كۆڭلىدىن ماختايدۇ.‏ زۆرۈر بولسا،‏ ئۇ يە‌نە مە‌لۇ‌م جە‌ھە‌تتىن ماھارە‌تنى قانداق ئاشۇ‌رۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت پە‌قە‌ت تاپشۇ‌رۇ‌قنى ئورۇ‌ندىغان قېرىنداش ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ پۈتۈن جامائە‌ت ئۈچۈن پايدىلىق،‏—‏پە‌ند ن.‏ 27:‏17.‏

3.‏ (‏1)‏ باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏يە‌شايا 9:‏6؛‏ «‏مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ‏» ناملىق رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 قانداق مە‌سلىھە‌ت بېرىش ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى شە‌خسلە‌رنىڭ ئۈلگىسىدىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ردائىم باشقىلارغا ئە‌ڭ ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئۇ ھە‌تتا «ئاجايىپ مە‌سلىھە‌تچى» دە‌پ ئاتالغان ‏(‏يە‌شايا 9:‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ماقالىدە،‏ باشقىلار بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا،‏ قانداق مە‌سلىھە‌ت بېرىشىمىز ۋە باشقىلار مە‌سلىھە‌ت سورىمىسا ھە‌م تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بە‌رمە‌كچى بولساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ بىز مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە،‏ توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا مە‌سلىھە‌ت بېرىشنىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىڭ

ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن «ئاجايىپ مە‌سلىھە‌تچى» بولغانلىقىنىڭ بە‌زى سە‌ۋە‌بلىرىنى ۋە ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

  • ئە‌يسا نېمە دېيىشنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ دائىم توغرا سۆزلە‌رنى قىلغان،‏ چۈنكى ئۇ نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئۆزىنىڭ ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ دانالىقىغا تايانغان ئىدى.‏ ئۇ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ «سىلە‌رگە ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏10.‏

    بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ ياشانغان ياكى تە‌جرىبىمىز كۆپ بولغان ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكرىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ مە‌سلىھە‌ت بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏

  • ئە‌يسا قاچان مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى بىلگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئۇ‌لار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئېيتىپ بە‌رمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتنى كۈتۈپ،‏ دە‌ل ۋاقتى-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن ۋە پە‌قە‌ت ئۇ‌لار چۈشىنە‌لە‌يدىغان نە‌رسىلە‌رنى ئېيتقان.‏—‏يۇ‌ھاننا 16:‏12.‏

    بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ بىرىگە مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ «سۆزلە‌شنىڭ ۋاقتى»،‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتىنى كۈتۈشىمىز كېرە‌ك (‏ۋە‌ز 3:‏7)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۇ‌نىڭغا ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ مە‌لۇ‌ماتلارنى ئېيتساق،‏ ئۇ‌نىڭ بېشى قايمۇ‌قۇ‌پ قېلىشى ياكى چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىرىگە ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ئۇ‌نىڭغا پە‌قە‌ت قىيىنچىلىقنى ھە‌ل قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان زۆرۈر مە‌لۇ‌ماتنى ئېيتىش.‏

  • ئە‌يسا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا قايتا-‏قايتا شاگىرتلىرىغا كە‌متە‌ر بولۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ ھە‌ر قېتىم مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا سۆزلىگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 18:‏1–‏5‏.‏

    بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ ئە‌گە‌ر بىرىگە قايتا-‏قايتا ئوخشاش نە‌سىھە‌تنى بېرىشكە توغرا كە‌لسە،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا سۆز قىلساق،‏ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىغان كىشى بە‌لكىم نە‌سىھىتىمىزنى قوبۇ‌ل قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

باشقىلار بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا

4،‏ 5.‏ باشقىلار بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا،‏ ئاۋۋال نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

4 باشقىلار سىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغاندا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشە‌نگە‌نلىكىدىن خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ دە‌رھال ياردە‌م بە‌رمە‌كچى بولىدىغانسىز.‏ لېكىن،‏ بىز ئاۋۋال ئۆز-‏ئۆزىمىزدىن شۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «مە‌ن بۇ ئىشقا قارىتا مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە لايىق كېلىمە‌نمۇ؟‏ يە‌نى،‏ يېتە‌رلىك بىلىمىم ياكى تە‌جرىبە‌م بارمۇ؟‏».‏ بە‌زىدە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ئالدىراپ مە‌سلىھە‌ت بە‌رمە‌ي،‏ بە‌لكى ئە‌ڭ ياخشى مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان كىشىنى تېپىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن مە‌سلىھە‌ت سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشتۇ‌ر.‏

5 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يېقىن دوستىڭىزنى قاتتىق ئاغرىپ قالدى دە‌يلى.‏ ئۇ سىزگە ئۆزىنىڭ داۋالىنىشىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك داۋالاش ئۇ‌سۇ‌للىرى ھە‌ققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏ لېكىن،‏ كېيىن ئۇ سىزدىن:‏ «سىزنىڭچە قايسى ئۇ‌سۇ‌ل ئە‌ڭ ياخشى؟‏»،‏—‏ دە‌پ سورايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىزگە مە‌لۇ‌م بىر ئۇ‌سۇ‌ل ياخشىدە‌ك كۆرۈنىدۇ،‏ ئە‌مما سىز دوختۇ‌ر ئە‌مە‌س ياكى تىبابە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق مە‌خسۇ‌س بىلىم ئالمىغان.‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ دوستىڭىزغا ياردە‌م بېرىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى ئۇ‌نىڭغا مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدىغان تە‌جرىبىلىك دوختۇ‌رنى تېپىشقا ياردە‌م بېرىشتۇ‌ر.‏

6.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە ئالدىراپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

6 بە‌زىدە ئۆزىمىزنى مە‌لۇ‌م بىر ئىشقا قارىتا باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلىساقمۇ،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى ئۇ‌لارغا دە‌رھال جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماسلىقىمىز لازىم.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏28-‏ئايە‌تتە:‏ «ھە‌ققانىي ئادە‌م كۆڭلىدە ئويلىنىپ ئاندىن جاۋاب بېرە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ گە‌رچە ئاللىقاچان بە‌زى پىكىرلە‌ر ئوي-‏خىيالىمىزدىن كە‌چكە‌ن ۋە نېمە دېيىشنى بىلگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ ئاۋۋال ئىزدىنىپ،‏ دۇ‌ئا قىلىپ ۋە مە‌سلىھە‌ت بېرىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ،‏ ئاندىن جاۋاب بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆز قارىشىغا ئۇ‌يغۇ‌ن ۋە تېخىمۇ ئىشە‌نچىلىك مە‌سلىھە‌تنى بېرە‌لە‌يمىز.‏ ناتان پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

7.‏ ناتان پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگە‌ندىڭىز؟‏

7 داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆزىنىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن ئىبادە‌تخانا سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ناتان پە‌يغە‌مبە‌رگە ئېيتقان.‏ ناتان دە‌رھال مە‌سلىھە‌ت بېرىپ،‏ داۋۇ‌تقا شۇ‌نداق قىلىشنى ئېيتقان.‏ لېكىن،‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ ناتان مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە ئالدىراپ كە‌تمە‌ي،‏ ئاۋۋال يە‌ھۋا خۇ‌دادىن سوراپ كۆرۈشى كېرە‌كتى.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئىبادە‌تخانىنى داۋۇ‌تنىڭ سېلىشىنى خالىمىغانىدى (‏1-‏تارىخ.‏ 17:‏1–‏4)‏.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ ئە‌گە‌ر بىرى بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىسا،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىراپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ دانا ئىش قىلغان بولىمىز.‏—‏ياقۇ‌پ 1:‏19.‏

8.‏ مە‌سلىھە‌ت بېرىشتىن ئالدىراپ كە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌كلىكىنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

8 مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە ئالدىرىماي،‏ ئاۋۋال ياخشى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نداق قىلىشنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى بار.‏ ئە‌گە‌ر باشقىلار بە‌رگە‌ن مە‌سلىھىتىمىز بويىچە قارار چىقىرىپ،‏ ئاقىۋە‌تتە يامان ئىش يۈز بە‌رسە،‏ بىزمۇ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز.‏ دېمە‌ك،‏ باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ ئاۋۋال ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئويلىنىپ كۆرۈش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏

باشقىلارغا تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بېرىش

9.‏ ئاقساقاللار نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن ئاۋۋال چوقۇ‌م نېمىگە كۆز يە‌تكۈزۈشى كېرە‌ك؟‏ (‏گالاتىيالىقلار 6:‏1)‏

9 بە‌زىدە خاتا يولغا قە‌دە‌م قويغان قېرىنداشلارغا ئاقساقاللارنىڭ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىشى زۆرۈر بولۇ‌پ قالىدۇ ‏(‏گالاتىيالىقلار 6:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ خاتا يولغا قە‌دە‌م قويغان قېرىنداش ئاخىرىدا ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللارنىڭ مە‌قسىتى بولسا شۇ‌نداق قېرىنداشنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئاپىرىدىغان يولدىن چىقماي مېڭىشىغا ياردە‌م بېرىشتۇ‌ر (‏ياقۇ‌پ 5:‏19،‏ 20)‏.‏ لېكىن،‏ نە‌سىھە‌ت بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئاقساقاللار شۇ قېرىنداشنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن خاتا يولغا كىرىپ قالغان-‏قالمىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقى كېرە‌ككى،‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنىڭ ئۆز ۋىجدانىمىزغا ئاساسە‌ن قارار چىقىرىشىغا يول قويغان.‏ بە‌زىدە باشقىلار بىزدىن پە‌رقلىق قارار چىقارسا،‏ ئۇ كىشى يە‌ھۋا ياقتۇ‌رمايدىغان ئىشنى قىلغان بولمايدۇ (‏رىملىقلار 14:‏1–‏4)‏.‏ لېكىن،‏ بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ھە‌قىقە‌تە‌ن خاتا يولغا قە‌دە‌م قويغان بولسا،‏ ئاقساقاللار تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا قانداق نە‌سىھە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

10–‏12.‏ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

10 ئاقساقاللارنىڭ تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت سورىمىغان كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مە‌سلىھە‌ت بېرىشى ئاسان ئىش ئە‌مە‌س.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ بە‌لكى نە‌سىھە‌تكە موھتاج ئاشۇ قېرىنداش ئۆزىمۇ بىلىپ-‏بىلمە‌ي خاتا يولغا قە‌دە‌م قويۇ‌پ قالغان بولۇ‌شى،‏ ھە‌تتا ئۆزىمۇ بۇ‌نى پۈتۈنلە‌ي بىلمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نداق كىشى نە‌سىھە‌تنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلالىشى ئۈچۈن ئاقساقاللار ئالدىن بە‌زى تە‌ييارلىقلارنى قىلىشى كېرە‌ك.‏

11 مە‌سلىھە‌ت سورىمىغان كىشىگە تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن مە‌سلىھە‌ت بېرىشنى تۇ‌پرىقى قاتتىق يە‌ردە دېھقانچىلىق قىلىش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ دېھقان ئۇ‌رۇ‌ق چېچىشتىن ئاۋۋال يە‌رنى ھە‌يدە‌پ،‏ توپىسىنى يۇ‌مشىتىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌ق چېچىشقا تە‌ييارلايدۇ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌رۇ‌قلارنى چاچىدۇ.‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌رۇ‌قلارنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن يە‌رنى سۇ‌غىرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاقساقال مۇ‌ۋاپىق پە‌يتنى تاللاپ،‏ نە‌سىھە‌تكە موھتاج قېرىنداشقا چىن قە‌لبىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلە‌پ،‏ ئاندىن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتسا بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقال ھە‌مىشە باشقىلارغا مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان بولسا،‏ ۋاقتى كېلىپ ئۇ باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ باشقىلارمۇ ئۇ‌نىڭ نە‌سىھە‌ت ۋە مە‌سلىھىتىنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلالايدۇ.‏

12 سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن چاغدا،‏ ئاقساقال شۇ قېرىنداشقا ھە‌ممە كىشىلە‌رنىڭ خاتالىق سادىر قىلىدىغانلىقىنى ۋە بە‌زىدە باشقىلارنىڭ نە‌سىھىتىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئە‌سلىتىپ،‏ داۋاملىق يە‌رنىڭ توپىسىنى يۇ‌مشىتالايدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23)‏.‏ ئاقساقال سۆز قىلغاندا،‏ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئايە‌تلە‌رنى كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى ئېنىق تونۇ‌پ يېتىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ قېرىنداش ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندا،‏ ئاقساقال ئۇ‌رۇ‌ق چاچسا،‏ يە‌نى ئاددىي ۋە ئېنىق سۆزلە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشى زۆرۈرلىكىنى ئېيتسا بولىدۇ.‏ ئاخىرىدا،‏ ئاقساقال چاچقان ئۇ‌رۇ‌قنى سۇ‌غارسا،‏ يە‌نى قېرىنداشنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى چىن كۆڭلىدىن ماختاپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلسا بولىدۇ.‏—‏ياقۇ‌پ 5:‏15.‏

بۇ‌رادە‌رگە مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن ئاقساقال قاتتىق يە‌رگە ئۇ‌رۇ‌ق چاچقان دېھقان بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ 1.‏ يە‌رنى تە‌ييارلاش.‏ دېھقان يە‌ر ھە‌يدە‌ۋاتىدۇ؛‏ ئاقساقال بۇ‌رادە‌رگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئۇ‌رۇ‌ق چېچىش.‏ دېھقان يە‌رگە ئۇ‌رۇ‌ق سېلىۋاتىدۇ؛‏ ئاقساقال بۇ‌رادە‌رگە ئايە‌تنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ سۇ‌غىرىش.‏ دېھقان ئۇ‌رۇ‌ق چاچقان يە‌رنى سۇ‌غىرىۋاتىدۇ؛‏ ئاقساقال بۇ‌رادە‌ر بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

مە‌سلىھە‌ت سورىمىغان كىشىگە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىش ئاسانىراق بولۇ‌شى ئۈچۈن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش مۇ‌ھىم (‏10–‏12 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏


13.‏ قېرىنداش بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌نگە‌ن-‏چۈشە‌نمىگە‌نلىكىگە ئاقساقاللار قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ؟‏

13 بە‌زىدە،‏ ئاقساقالنىڭ بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزىنى،‏ ئۇ‌نى ئاڭلىغان كىشى ناتوغرا چۈشىنىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نداق ئىشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ مە‌قسىتىنى قارشى تە‌رە‌پكە توغرا يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ ئۇ ھۆرمە‌ت ۋە پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن بە‌زى سوئاللارنى سوراپ كۆرسە بولىدۇ (‏ۋە‌ز 12:‏11)‏.‏ شۇ ئارقىلىق ئاقساقاللار قېرىنداشنىڭ بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنى توغرا چۈشە‌نگە‌ن-‏چۈشە‌نمىگە‌نلىكىگە ۋە ئۇ‌نى قانداق ئە‌مە‌لىي قوللىنىشنى بىلگە‌ن-‏بىلمىگە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يدۇ.‏

مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە ۋە توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا مە‌سلىھە‌ت بېرىش

14.‏ نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلانغان چاغدا مە‌سلىھە‌ت بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

14 بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز ياكى سۆزلە‌رنى ئېيتىپ قويىمىز (‏كولوسى.‏ 3:‏13)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌تتا باشقىلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كە‌لتۈرۈپ قويىدىغانلىقى يېزىلغان (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏26)‏.‏ لېكىن،‏ بىز ئاچچىقلانغاندا،‏ باشقىلارغا نە‌سىھە‌ت بە‌رمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «چۈنكى،‏ غە‌زە‌پلە‌نگە‌ن ئادە‌م خۇ‌دانىڭ ئادىللىقىغا ماس ئىش قىلالمايدۇ» (‏ياقۇ‌پ 1:‏20)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئاچچىقلانغان چاغدا نە‌سىھە‌ت بە‌رسە‌ك،‏ ۋە‌زىيە‌تنى تېخىمۇ كە‌سكىنلە‌شتۈرۈپ قويۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ بىزنى رە‌نجىتكە‌ن كىشىگە ئوي-‏پىكرىمىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى بىلدۈرسە‌ك بولمايدۇ دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىشتىن ئاۋۋال ئاچچىقىمىزنى بېسىۋېلىشىمىز لازىم.‏ مۇ‌شۇ جە‌ھە‌تتە،‏ بىز ئايۇ‌پقا ياخشى مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن ئېلىخۇ‌دىن ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏

15.‏ ئېلىخۇ‌دىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

15 ئايۇ‌پنىڭ ساختا دوستلىرى بىرنە‌چچە كۈن ئۇ‌نى ئە‌يىبلىگە‌نىدى.‏ شۇ چاغدا،‏ ئېلىخۇ ئايۇ‌پنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن تىڭشاپ ئولتۇ‌رغان.‏ ئېلىخۇ بىر جە‌ھە‌تتىن ئايۇ‌پقا ھېسداشلىق قىلسا،‏ يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن ئۇ‌نىڭغا ئاچچىقلانغان.‏ چۈنكى،‏ ئايۇ‌پ ئۆزىنى ئاقلاپ سۆزلىگە‌ندە،‏ ئۆزىگە ھە‌ددىن زىيادە كۆڭۈل بۆلگە‌چكە،‏ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ناتوغرا گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلغانىدى.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئېلىخۇ باشقىلار سۆزلىرىنى قىلىپ بولغاندا،‏ ئۇ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ھالدا سۆز قىلىشقا باشلىغان (‏ئايۇ‌پ 32:‏2؛‏ 33:‏1–‏7)‏.‏ ئېلىخۇ‌نىڭ ئۈلگىسى بىزگە مۇ‌ھىم بىر ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدۇ.‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتنى ساقلاپ،‏ توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ يە‌نى ئاچچىقلانماي،‏ ئە‌كسىنچە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن نە‌سىھە‌ت بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏ۋە‌ز 3:‏1،‏ 7.‏

ئېلىخۇ بە‌دىنىنى يىرىڭلىق يارا قاپلاپ كە‌تكە‌ن ئايۇ‌پنى زە‌ن قويۇ‌پ تىڭشاۋاتىدۇ.‏

ئايۇ‌پنىڭ سۆزلىرى ئېلىخۇ‌نىڭ ئاچچىقىنى كە‌لتۈرگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ سۆزلە‌شكە ئالدىرىماي،‏ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،‏ ئايۇ‌پقا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆزلىگە‌ن (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


مە‌سلىھە‌ت بېرىش ۋە قوبۇ‌ل قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

16.‏ زە‌بۇ‌ر 32:‏8-‏ئايە‌تتىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

16 بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي تېما ئايىتى:‏ «ساڭا نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ مە‌سلىھە‌ت بېرىمە‌ن» ‏(‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ ئايە‌تتىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا دائىم بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ.‏ ئۇ بىزگە مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ ۋە ئۇ‌نى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇ‌رغان!‏ باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لسە،‏ بىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىشىمىز ۋە مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇ‌لارغا كۆز-‏قولاق بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌سلىھە‌تنى ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ دانا قارارلارنى چىقىرىشىغا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏

17.‏ ئاقساقاللار بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بە‌رگە‌ندە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز؟‏ (‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2)‏

17 ھازىرقى ۋە‌زىيە‌تتە،‏ بىز باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە ۋە باشقىلارنىڭ مە‌سلىھىتىنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ئىنتايىن موھتاج (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ئېنىق نە‌سىھە‌تلە‌رنى بېرە‌لىسە،‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى «سۇ‌سىز چۆل-‏باياۋاندىكى ئېقىن سۇ‌غا ئوخشاش»،‏ باشقىلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بولىدۇ ‏(‏يە‌شايا 32:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ دوستلىرىمىز ئىككىلىنىپ ئولتۇ‌رماي،‏ بىز ئاڭلاشنى خالايدىغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى بىزگە كېرە‌كلىك مە‌سلىھە‌تنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرى خۇ‌ددى «نە‌قىش ئويۇ‌لغان كۈمۈش قاچىدىكى ئالتۇ‌ن ئالمىلاردە‌كتۇ‌ر» ۋە بىز ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تە‌ن بە‌كمۇ قىممە‌تلىك سوۋغاتتۇ‌ر (‏پە‌ند ن.‏ 25:‏11)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋاملىق ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى بېرىشنى ۋە قوبۇ‌ل قىلىشنى ئۆگىنە‌يلى.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  باشقىلار بىزدىن مە‌سلىھە‌ت سورىسا،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

  •  تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق بىلە‌ن باشقىلارغا مە‌سلىھە‌ت بېرىشكە توغرا كە‌لگە‌ندە،‏ نېمىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز لازىم؟‏

  •  ئاچچىقلانغان چاغدا،‏ نېمىنى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم؟‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگىسى

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش