31-تەتقىق ماقالىسى
28-ناخشا يېڭى ناخشا
بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىڭ!
«بۇنى موھتاجلىقتا قالغىنىم ئۈچۈن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق شارائىتتا بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم».—فىلىپى. 4:11.
مەركىزى ئىدىيە
مىننەتدارلىق ۋە كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈش ۋە يەھۋانىڭ كەلگۈسى ۋەدىلىرى توغرۇلۇق دائىم چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىش.
1. بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە نېمىنى بىلدۈرمەيدۇ؟
سىز بارىغا شۈكۈر قىلىپ ياشاۋاتامسىز؟ بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىدىغان كىشى خۇدا بەرگەن بەرىكەتنى قەدىرلەپ، خۇشال ياشايدۇ. ئۇ ئۆزىدە يوق نەرسە ئۈچۈن كۆڭلىنى يېرىم قىلمايدۇ ياكى ئاچچىقلانمايدۇ. ئەمما، بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشاش ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەي، پەرۋاسىز ياشاشنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، بىر قېرىنداش يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن روھىي مەقسەتلەرنى قويسا تامامەن بولىدۇ (رىملىقلار 12:1؛ 1-تىموت. 3:1). ھەتتا، بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش شان-شەرىپىگە ئېرىشمىگەن ھالەتتىمۇ، خۇشاللىقىمىزنى يوقاتمايمىز.
2. بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
2 ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلمىساق، يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، بەزىلەر ئۆزىدە بارىغا قانائەت قىلماي، تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەيدۇ. ئېچىنارلىق يېرى، ئاز ساندىكى خۇدا خىزمەتچىلىرىمۇ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەتتا ئوغرىلىق قىلىشتەك تۇزاققا چۈشۈپ قالىدۇ. بەلكىم، ئۇلار كۆڭلىدە:«مەنمۇ ھازىر ئەل قاتارى ھايات كەچۈرسەم بولىدۇ»، «قاچانغىچە ساقلاپ يۈرىمەن» ياكى «پۇلنى كېيىن قايتۇرۇپ بېرىمەنغۇ»،— دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوغرىلىق خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھلىق قىلمىش ۋە ئۇنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىدۇ (پەند ن. 30:9). يەنە بەزىلەر ئۆزى خالىغان ۋەزىپىگە ئېرىشەلمىگەچ، ھەتتا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىدۇ (گالاتىيا. 6:9). ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بولغان كىشى قانداقمۇ شۇنداق خۇلاسىگە كېلىدۇ؟ بەلكىم، ئۇ شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىشنى توختاتقان.
3. فىلىپىلىكلەر 4:11، 12-ئايەتلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
3 ھەممىمىز قانائەتچان بولۇشنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەلچى پاۋلۇس: «مەن ھەرقانداق شارائىتتا بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»،— دەپ يازغان (فىلىپىلىكلەر 4:11، 12-نى ئوقۇڭ). ئۇ بۇ سۆزلەرنى تۈرمىدە ئولتۇرغاندا يازغان. ھەتتا شۇنداق ئەھۋالدا بولسىمۇ، پاۋلۇس خۇشاللىقىنى يوقاتمىغان. ئۇ بارىغا قانائەت قىلىپ ياشاشنى ئۆگەنگەن. ئەگەر بىز قانائەتچان بولۇشنى ئۆگىنىشتە قىينىلىۋاتقان بولساق، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى ۋە باشتىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرسەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھېچكىم ئۆز شارائىتىگە شۈكۈر-قانائەت قىلىدىغان بولۇپ تۇغۇلۇپ قالمايدۇ، خۇددى پاۋلۇسقا ئوخشاش قانائەتچان بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە، ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
مىننەتدار بولۇڭ
4. مىننەتدار بولۇش قانائەتچان بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (1-سالونىكالىقلار 5:18)
4 مىننەتدار كىشىنىڭ بارىغا قانائەت قىلىپ ياشىشى ئاسانراق بولىدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:18-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئۆزىمىزدە بارىغا شۈكۈر قىلساق، ئۆزىمىزدە يوق نەرسىلەر توغرۇلۇق كۆپ ئويلاپ، غەم-ئەندىشە قىلىپ كەتمەيمىز. يەھۋاغا مىننەتدار بولساق، ئۆزىمىز ئېرىشىشنى خالىغان باشقا ۋەزىپە ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ھازىر بىزگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ ئورۇنلاش توغرۇلۇق ئويلايمىز. مىننەتدار بولۇش ئىنتايىن مۇھىم! شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلساق، «ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خۇدانىڭ تىنچلىقى» كۆڭلىمىزنى قانائەت تاپقۇزىدۇ.—فىلىپى. 4:6، 7.
5. ئىسرائىللار نېمىلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشى كېرەك ئىدى؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
5 ئىسرائىل خەلقىنى ئويلاپ كۆرەيلى. ئۇلار مىسىردا يېگەن تاماقلارنى سېغىنىپ، بىرنەچچە قېتىم يەھۋادىن ئاغرىنىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن (سانلار 11:4–6). راست، چۆل-باياۋاندا ياشاش ئاسان ئەمەس ئىدى. بىراق، ئىسرائىللارنىڭ قانائەتچان بولۇشىغا نېمە ياردەم بېرەلەيتتى؟ ئۇلار يەھۋانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللىقاچان قانداق ياخشىلىقلارنى قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئويلاپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئۇلار مىسىردا قۇل بولۇپ، زۇلۇم ئاستىدا جاپالىق ئىشلىگەن. ئەمما، يەھۋا مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئون ئاپەتنى ياغدۇرۇپ، ئىسرائىللارنى رەھىم-شەپقەتسىز مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن. مىسىردىن چىقىش ئالدىدا، خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئىسرائىللار مىسىرلىقلاردىن نۇرغۇنلىغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەرگە ئېرىشكەنىدى (چىق. 12:35، 36). ئىسرائىل خەلقى قىزىل دېڭىز بويىغا كەلگەندە، مىسىر قوشۇنلىرى ئۇلارنى قوغلاپ يېتىشىۋالغان. شۇ چاغدا، خۇدا مۆجىزە كۆرسىتىپ، دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە بۆلگەنىدى. چۆل-باياۋاندا بولسا، ياراتقۇچى يەھۋا ئىسرائىللارنى ھەر كۈنى ماننا بىلەن تويغۇزغان. ئەمما، بەك ئەپسۇس، ئۇلار بارچە ياخشىلىقلارنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان. شۇڭا، ئىسرائىللار مىننەتدار بولۇشنى بىلمىگەچكە، يېتەرلىك يېمەك-ئىچمىكى بار تۇرۇپمۇ، شۈكۈر-قانائەت قىلماي نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئىسرائىل خەلقى نېمە ئۈچۈن شۈكۈر-قانائەت قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەن؟ (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
6 مىننەتدار بولۇشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ بىرىنچى، ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. مەسىلەن، كۈندە سىزنى خۇشال قىلغان ئىشلاردىن ئىككى-ئۈچنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ (يەرەم. ي. 3:22، 23). ئىككىنچى، باشقىلار سىز ئۈچۈن ياخشىلىق قىلغاندا، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىڭ. ئەڭ مۇھىمى، ھەر كۈنى يەھۋاغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ (زەبۇر 75:1). ئۈچىنچى، دائىم مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ دوست بولۇڭ. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، مىننەتدار كىشى بىزگە ياخشى تەسىر كۆرسەتكەندەك، شۈكۈر-قانائەت قىلماي نارازى بولۇپ يۈرىدىغان كىشىلەرمۇ بىزگە سەلبىي تەسىر قىلالايدۇ (تەكرار. قا 1:26–28؛ 2-تىموت. 3:1، 2، 5). ئەگەر بىز ھەمىشە باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىپ، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرسەك، كۆڭلىمىزدە نارازىلىققا ئاسانلىقچە ئورۇن بەرمەيمىز.
7. ئاچى مىننەتدار بولۇشنى قانداق ئۆگەندى ۋە نەتىجىدە نېمە بولدى؟
7 ھىندونېزىيىدە ياشايدىغان ئاچى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «راستىنى ئېيتسام، 19-COVID يۇقۇملۇق ۋىرۇسى مەزگىلىدە، مەن ئۆز ۋەزىيىتىمنى باشقا قېرىنداشلارنىڭ ۋەزىيەتلىرى بىلەن سېلىشتۇردۇم. نەتىجىدە، بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلمايدىغان بولۇپ كەتتىم» (گالاتىيا. 6:4). ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى ئۆزگەرتىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئاچى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «مەن ھەر كۈنى يەھۋانىڭ ماڭا بېرىۋاتقان بەرىكەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا خەلقىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئېرىشكەن ياخشىلىقلار ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. ئاندىن، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، شۇ بارچە ياخشىلىقلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتىم. بۇ مېنىڭ قانائەتچان بولۇشۇمغا ياردەم بەردى». سەلبىي ئوي-پىكىرلەر سەۋەبلىك، ئۆزىڭىزنى خۇشال ھېس قىلمىسىڭىز، ئاچى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ، قايتا مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.
كەمتەر بولۇڭ
8. بارۇق قانداق تۇزاققا چۈشۈپ قالغان؟
8 يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ كاتىپى بارۇق بىر مەزگىل بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلالمىغان. بارۇققا قىيىن بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان. يەنى، يەرەمىيا پەيغەمبەر مىننەتدارسىز ئىسرائىل خەلقىگە خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى جاكارلاشقا ئەۋەتىلگەندە، بارۇق يەرەمىياغا ياردەم بېرىشى كېرەكتى. بارۇق بىر مەزگىل يەھۋا تاپشۇرغان ۋەزىپىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا، ھەددىدىن زىيادە ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئۆزى قىلىشنى خالىغان ئىشلارغا دىققەت ئاغدۇرغان. شۇڭا، خۇدا يەرەمىيا ئارقىلىق بارۇققا: «سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن كاتتا ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىسەن. ئەمدى شۇنداق ئىشلارنى ئارزۇ قىلمىغىن»،— دېگەن (يەرەم. 45:3–5). باشقىچە ئېيتقاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭدە بارىغا شۈكۈر قىلغىن»،— دېگەن. شۇ چاغدا، بارۇق يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغان ۋە داۋاملىق ئۇنىڭ ماقۇللىشىغا ئېرىشكەن.
9. 1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-ئايەتلەر جامائەتتىكى ۋەزىپىلەرگە توغرا كۆز قاراشتا بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
9 بەزىدە، بىرەر قېرىنداش قابىلىيەتلىك، تىرىشچان ياكى تەجرىبىلىك بولغاچقا، ئۆزىنى مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ ئويلىشى، ئەمما بۇ ۋەزىپىگە باشقا بىرى تەيىنلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق ئەھۋالدا، بۇ قېرىنداش كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟ ئۇ ئەلچى پاۋلۇسنىڭ 1-كورىنتلىقلار 4:6، 7-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) يېزىلغان سۆزلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا بولىدۇ. بىزدە بار قابىلىيەتلەر ۋە بىز ئېرىشكەن ھەرقانداق ۋەزىپە ھەممىسى يەھۋادىن كەلگەن. يەھۋا شۇ سوۋغاتلارنى بىز باشقىلاردىن ئالاھىدە ياكى ياخشىراق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بېرەمدۇ؟ ياق! ئۇ بىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئاشۇ سوۋغاتلارنى بېرىدۇ.—رىملىقلار 12:3، 6؛ ئەفەس. 2:8، 9.
بىزدە بار ھەرقانداق قابىلىيەت خۇدادىن كەلگەن سوۋغاتتۇر (9-ئابزاسقا قاراڭ)a
10. كەمتەر بولۇشنى قانداق ئۆگىنەلەيمىز؟
10 ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈلگىسى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، كەمتەر بولۇشنى ئۆگىنەلەيمىز. ئەيسا، ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى ۋە كۆپ ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيغان. ئەلچى يۇھاننا مۇنداق يازغان: «ئەيسا، ئاتىسىنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى». شۇنداقتىمۇ، ئۇ «شاگىرتلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ» قۇرۇتۇشقا باشلىغانىدى (يۇھاننا 13:3–5). ئەيسا «شاگىرتلىرىم مېنىڭ پۇتلىرىمنى يۇيۇشى كېرەك» دەپ ئويلىسا بولاتتى. لېكىن، ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ھېچقاچان ئۆزىنى ئالاھىدە مۇئامىلىگە لايىق ۋە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك دەپ ئويلىمىغان (لۇقا 9:58). ئەيسا مەسىھ كەمتەر بولۇپ، بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشاپ، بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان.—يۇھاننا 13:15.
11. كەمتەرلىك دېننىسنىڭ قانائەتچان بولۇشىغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
11 گوللاندىيىدە ياشايدىغان دېننىس ئىسىملىك بۇرادەر ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، كەمتەر بولۇشقا تىرىشقان، لېكىن، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسان بولمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«بەزىدە، باشقىلار مەن ئارزۇ قىلغان ۋەزىپىگە ئېرىشكەندە، كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. چۈنكى، مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ئۆزۈمنى ئەڭ لايىق دەپ ئويلايمەن. شۇنداق چاغلاردا، كەمتەرلىك توغرۇلۇق ئىزدىنىپ ئۆگىنىمەن. مەن «®JW Library» ئەپ دېتالىدا كەمتەرلىك توغرۇلۇق بەزى ئايەتلەرگە خەتكۈچ سېلىپ قويىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنى تېز تېپىپ، قايتا-قايتا ئوقۇيالايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن تېلېفونغا كەمتەر بولۇش ھەققىدىكى بەزى نۇتۇقلارنى چۈشۈرۈۋېلىپ، ئۇلارنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاپ تۇرىمەن. شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ھەرقانداق ئىشنى قىلساق، ئۆزىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك. ھەربىرىمىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئازغىنە بولسىمۇ ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش شان-شەرىپىگە ئىگە». ئەگەر ئۆزىڭىز خالىغان ۋەزىپىگە ئېرىشەلمىگەچ، كۆڭلىڭىزدە نارازى بولسىڭىز، كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىڭ. بۇ خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىپ، قانائەتچان بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ياقۇپ 4:6، 8.
يەھۋانىڭ ۋەدىلىرى توغرۇلۇق ئويلىنىڭ
12. قايسى ۋەدىلەر بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟ (يەشايا 65:21–25)
12 بىزنى كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ گۈزەل كېلەچەك توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانساق، شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشاش ئاسانراق بولىدۇ. ياراتقۇچى يەھۋانىڭ يەشايا كىتابىدا يېزىلغان سۆزلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھايات كەچۈرۈشنىڭ قانداق جاپالىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بارچە قىيىنچىلىقلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (يەشايا 65:21–25-نى ئوقۇڭ). كەلگۈسىدە بىخەتەر ۋە راھەت ئۆيلەردە ياشايمىز، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىمىز، ساغلام ۋە تەملىك تائاملارنى يەيمىز، ئۆزىمىز ياكى بالىلىرىمىز ئۈچۈن غەم-تەشۋىش قىلماي، بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرىمىز (يەشايا 32:17، 18؛ ھەزەك. 34:25). بۇ ئاجايىپ ۋەدىلەرنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل!
13. قانداق ۋەزىيەتلەردە، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئۈمىدىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىش كېرەك؟
13 بولۇپمۇ، ھازىر ئۈمىدىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟ چۈنكى، ھازىر «ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تەس ۋاقىتلاردا» ياشاۋاتىمىز، ھەممىمىز ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىمىز (2-تىموت. 3:1). بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىشىمىز ئۈچۈن، يەھۋا ھەر كۈنى بىزگە زۆرۈر كۆرسەتمىلەرنى، كۈچ-قۇۋۋەتنى ۋە ياردەمنى تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ (زەبۇر 145:14). ئۇنىڭدىن باشقا، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئۈمىدىمىز كۆڭلىمىزگە تەسەللى تېپىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بەلكىم، ھازىر ئائىلىڭىزنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانسىز. بۇ سىزنىڭ مەڭگۈ شۇنداق نامرات ھايات كەچۈرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! يەھۋا جەننەتتە بارچە ئېھتىياجلىرىڭىزنى قانائەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (زەبۇر 9:18؛ 72:12–14). بەلكىم، ھازىر تەن-سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولماي، كۈندە ئاغرىق ئازابىدىن كۆڭلىمىز بىئارام بولۇۋاتدۇ. بۇ مەڭگۈ شۇنداق كېسەل بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ ياشايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! يېڭى دۇنيادا ئاغرىق ۋە ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ (ۋەھىي. 21:3، 4). ھازىر ئاغرىق ئازابى تارتساق، ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىساق، يېقىنلىرىمىز ئۆلۈپ كەتسە ياكى باشقا تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايمىز ۋە ئاچچىقلانمايمىز. چۈنكى، كەلگۈسى ئۈمىدىمىز شۈكۈر قىلىپ ياشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز شۇنى بىلىمىزكى، ھازىر قانچىلىك ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، ئۇلار بىردەملىك ۋە بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەر يېڭى دۇنيادا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىدۇ.—2-كورىنت. 4:17، 18.
14. ئۈمىدىمىزنى قانداق كۈچلەندۈرەلەيمىز؟
14 كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىمىز شۈكۈر-قانائەتچان بولۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، يەھۋانىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان شۇ ئۈمىدىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بەزىلەر يىراقتىكى نەرسىلەرنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن كۆز ئەينەك تاقاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنى كەلگۈسى جەننەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن، ئۈمىدىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز لازىم. مەسىلەن، پۇل تېپىپ جان بېقىش غەم-قايغۇسى يەلكىمىزدىن بېسىپ، ئۆزىمىزنى باش كۆتۈرەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلساق، كەلگۈسىدە پۇل ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقى بولمايدىغان يېڭى دۇنيانى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ. ئەگەر ئارزۇ قىلغان بىرەر ۋەزىپىگە ئېرىشەلمىگەندە، كۆڭلىمىز يېرىم بولسا، كەلگۈسىدە مۇكەممەل بولۇپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن چەكسىز پۇرسىتىمىز بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلانساق بولىدۇ. نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن قارىساق، ھازىر بىزنى ئازابقا سېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھېچقانداق تىلغا ئالغۇدەك يېرى يوقلىقىنى ھېس قىلىمىز (1-تىموت. 6:19). دەسلەپتە، كەلگۈسىمىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىش قىيىن توختىشى مۇمكىن. بەلكىم، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىز ئادەتلىنىپ قالغاندەك غەم-ئەندىشە قىلىشقا باشلايمىز. ئەمما، بەل قويۋەتمەي، يەھۋانىڭ ئاجايىپ ۋەدىلىرى توغرۇلۇق كۆپ ئويلانغانسېرى، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىمىزنى يېڭى دۇنيادا تەسەۋۋۇر قىلىش بارغانسېرى ئاسان بولىدۇ.
15. كرىستانىڭ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
15 يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دېننىسنىڭ ئايالى كرىستاغا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئېغىر بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، مۇسكۇللىرىم كۈچسىز بولۇپ قالدى. ئۆزۈم ماڭالمىغاچ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماڭىمەن ۋە كۆپىنچە ۋاقىتتا كارىۋاتتا ياتىمەن. ھەر كۈنى پۈتۈن تېنىم ئاغرىيدۇ. يېقىندا دوختۇر كېسىلىم ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، مەن دەرھال «ئۇنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدى يوق، مېنىڭ ئۈمىدىم بار» دەپ ئويلىدىم. دىققىتىمنى كەلگۈسى ئۈمىدكە قاراتقاچ، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەملىك تاپىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولساممۇ، كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا ھەر كۈنى شاد-خۇرام ھايات كەچۈرىمەن».
«ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس»
16. نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ يەھۋادىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ «ھېچ نەرسىسى كەم بولماس» دېگەن؟
16 ھەتتا بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشىساقمۇ، ھاياتىمىزدا يەنىلا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن، داۋۇت پادىشاھ ئاز دېگەندە ئۈچ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇ تۆھمەتكە ئۇچرىغان، دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان ۋە پادىشاھ سائۇل ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، خېلى يىللارغىچە ئارقىسىدىن قوغلاپ يۈرگەن. شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، داۋۇت خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس» (زەبۇر 34:9، 10). نېمە ئۈچۈن داۋۇت شۇنداق دېگەن؟ چۈنكى، داۋۇت گەرچە يەھۋا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەممە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلمىسىمۇ، زۆرۈر بولغاندا ئۇنىڭغا موھتاج نەرسىلەرنى چوقۇم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. داۋۇتقا ئوخشاش، بىزمۇ يەھۋانىڭ سىناقلاردا ئۇنىڭغا سادىق قېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنسەك بولىدۇ (زەبۇر 145:16). ھاياتىمىزدا قانداق ئىشلارغا دۇچ كەلمەيلى، بىز خۇشاللىق ۋە تىن-خاتىرجەملىك تاپالايمىز.
17. سىز نېمە ئۈچۈن بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىشنى خالايسىز؟
17 يەھۋا سىزنىڭ شۈكۈر-قانائەت قىلىپ ياشىشىڭىزنى خالايدۇ (زەبۇر 131:1، 2). شۇڭا بارىغا قانائەت قىلىپ ياشاشنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ. ئەگەر مىننەتدار ۋە كەمتەر بولۇشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشسىڭىز ۋە كەلگۈسى ئۈمىدىڭىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانسىڭىز، سىزمۇ چوقۇم «بارىغا شۈكۈر-قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم»،— دەپ ئېيتالايسىز!—فىلىپى. 4:11.
54-ناخشا ئىماندا چىڭ تۇرايلى!
a رەسىمدە: بىر بۇرادەر ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنىڭ بىرىدە ئاسراپ بىخەتەر ساقلاش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، ئىما-ئىشارەت تىلنى ئۆگەنگەن قېرىنداش چوڭ يىغىلىشتا زىيارەت سۆھبىتىدە ئىما-ئىشارەت بىلەن سۆزلەۋاتىدۇ ۋە بىر بۇرادەر جامائەت يىغىلىشىدا نۇتۇق ئېيتىۋاتىدۇ.