كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ن 14-‏19 ب.‏
  • ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىڭ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىڭ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز
  • يە‌ھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز
  • ئە‌تە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز
  • يە‌ھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاخىرغىچە چۈشىنە‌لمە‌يمىز
  • يە‌ھۋانىڭ «تىرىك خۇ‌دا» ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتىكى ھۆكۈملىرى ھە‌ققىدە بىز نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ۋە‌ز خىزمە‌تتە خۇ‌شاللىق تېپىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ن 14-‏19 ب.‏

26-‏تە‌تقىق ماقالىسى

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىڭ

‏«خۇ‌دانىڭ بايلىقى ۋە ئىلىم-‏ھېكمىتى نە‌قە‌دە‌ر مول،‏ نە‌قە‌دە‌ر چوڭقۇ‌ر،‏-‏ھە!‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈملىرىگە ئە‌قىل يە‌تمە‌س ۋە ئۇ‌نىڭ يوللىرىنى چۈشىنىپ يە‌تكىلى بولماس»‏ .‏—‏رىملىقلار 11:‏33.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

ئالدىمىزدا نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌ن ھالە‌تتىمۇ،‏ ئۆزىمىز بىلىدىغان نە‌رسىلە‌ر توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز.‏

1.‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق قابىلىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن ياراتقان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

يە‌ھۋا بىزنى ئويلىنىش،‏ يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگە‌نگە‌نلىرىمىزنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىش قابىلىيە‌تلىرىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان.‏ ئۇ نېمە ئۈچۈن بىزنى شۇ‌نداق ئالاھىدە ياراتقان؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ بىزنىڭ «خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىمگە» ئېرىشىش ۋە ئە‌قىل ئىشلىتىش ئارقىلىق دانا قارارلارنى چىقىرىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏—‏پە‌ند ن.‏ 2:‏1–‏5؛‏ رىملىقلار 12:‏1.‏

2.‏ (‏1)‏ بىز نېمىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رىملىقلار 11:‏33)‏ (‏رە‌سىمگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏ (‏2)‏ ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

2 خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا بىزنى نۇ‌رغۇ‌ن يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىش قابىلىيىتى بىلە‌ن ياراتقان بولسىمۇ،‏ بىز بىلمە‌يدىغان نە‌رسىلە‌ر بە‌ك كۆپ ‏(‏رىملىقلار 11:‏33-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭدىن بىر قاتار سوئاللارنى سورىغان،‏ نە‌تىجىدە ئايۇ‌پ ئۆزىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى بىلمە‌يدىغانلىقىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئايۇ‌پ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن (‏ئايۇ‌پ 42:‏3–‏6)‏.‏ بىزمۇ ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلساق،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرىمىز.‏ كە‌متە‌ر بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە توغرا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن بىلىشىمىز زۆرۈر ئىشلارنى ئاشكارا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏—‏پە‌ند ن.‏ 2:‏6.‏

يە‌ھۋا ئاسماندىن ئايۇ‌پقا سۆزلە‌ۋاتقاندا،‏ بۇ‌لۇ‌تلارنى يېرىپ ئۆتكە‌ن قۇ‌ياش نۇ‌رى ئايۇ‌پنىڭ ئۈستىگە چېچىلىۋاتىدۇ؛‏ ئېلىخۇ ۋە ئايۇ‌پنىڭ ئۈچ يالغان دوستى بۇ‌نى كۆرۈپ تۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

ئايۇ‌پتىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بە‌زى ئىشلارنى بىلمە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق (‏2-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


3.‏ بۇ ماقالىدە،‏ بىز نېمىلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ بىز بىلمە‌يدىغان بە‌زى ئىشلار ۋە ئۇ‌لارنى بىلمىگە‌چكە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌زى ئىشلارنى بىلمە‌سلىك ئە‌مە‌لىيە‌تتە بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌لارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىش ھە‌ممىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل بىلگۈچى يە‌ھۋانىڭ بىزگە بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 37:‏16.‏

بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز

4.‏ مە‌تتا 24:‏36‏-‏ئايە‌تكە ئاساسلانغاندا،‏ بىز نېمىنى بىلمە‌يمىز؟‏

4 مە‌تتا 24:‏36‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بىز بۇ زاماننىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ ئايە‌تتە تىلغان ئېلىنغان شۇ «كۈننى ۋە سائە‌تنى»،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ردە يۈزىدە بولغاندا،‏ ھە‌تتا ئۇ ئۆزىمۇ بىلمىگە‌نa‏.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا ۋاقىت-‏سائە‌تنى تىزگىنلە‌يدىغان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ ئاسمانغا قايتىپ كېتىش ئالدىدا ئە‌لچىلىرىگە،‏ مە‌لۇ‌م ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى قارار قىلىشقا پە‌قە‌ت ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏6،‏ 7)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈنىنى ئاللىقاچان بە‌لگۈلە‌پ قويغان،‏ بىراق بىز ئاشۇ ۋاقىت-‏سائە‌تنى ئېنىق بىلە‌لمە‌يمىز.‏

5.‏ بۇ دۇ‌نيا ئاخىرىنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌چكە،‏ بىز قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

5 ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۆزىدىن شۇ‌نى كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى كە‌لگۈچە يە‌نە قانچىلىك ۋاقىت كۈتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلمە‌يمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ كۈتۈپ سە‌ۋر-‏تاقە‌تسىزلىنىپ،‏ روھىمىز چۈشۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان كۈتۈپ كېلىۋاتقان بولساق،‏ بە‌لكىم شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز ياكى باشقىلار بىزنى زاڭلىق قىلغاندا ئۈمىدسىزلىنىشىمىز مۇ‌مكىن (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏3،‏ 4)‏.‏ ئېھتىمال،‏ بىزمۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگە‌ن بولساق،‏ باشقىلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىغا قارىماي،‏ سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئاشۇ كۈننى كۈتۈش ئاسانراق بولاتتى،‏ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

6.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈننى بىلمىسە‌كمۇ،‏ نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟‏

6 ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋا بىزگە بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش كۈنى قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ بىزگە چىن قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌نى سۆيۈپ ۋە ئۇ‌نىڭغا تايىنىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىش پۇ‌رسىتىنى بە‌رگە‌ن.‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرغىچە ئە‌مە‌س،‏ مە‌ڭگۈگە خىزمە‌ت قىلىشنى خالايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ «يە‌ھۋانىڭ كۈنى» قاچان كېلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ شۇ كۈن كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قانداق ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك ئويلىنايلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تايىنىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلالايمىز.‏—‏2-‏پېتر.‏ 3:‏11،‏ 12.‏

7.‏ بىز نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏

7 بىز چوقۇ‌م ئۆزىمىز بىلىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشىمىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاخىرقى كۈنلە‌رنىڭ 1914-‏يىلى باشلانغانلىقىنى بىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ‌نى ئىسپاتلايدىغان بېشارە‌تلىك سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ 1914-‏يىلدىن باشلاپ دۇ‌نيانىڭ ۋە‌زىيىتى قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق نۇ‌رغۇ‌ن تە‌پسىلاتلار بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ «يە‌ھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىن» ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىمىز (‏زە‌ف.‏ 1:‏14)‏.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ بىزگە قايسى خىزمە‌تنى تاپشۇ‌رغانلىقىنى بىلىمىز.‏ يە‌نى،‏ ئۇ بىزنىڭ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە «پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى» ئېيتىشىمىزنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ھازىر بۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 1000-‏دىن كۆپرە‌ك تىلدا تە‌خمىنە‌ن 240 دۆلە‌ت ۋە رايوندا كە‌ڭ كۆلە‌مدە يە‌تكۈزۈلمە‌كتە.‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن «شۇ كۈننى ۋە سائە‌تنى» بىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.‏

يە‌ھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز

8.‏ ‹خۇ‌دانىڭ ئىشلىرى› دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏ۋە‌ز 11:‏5)‏

8 بىز ھە‌ردائىم ھە‌ق خۇ‌دانىڭ ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە بىلە‌لمە‌يمىز ‏(‏ۋە‌ز 11:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۇ سۆز-‏ئىبارە ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ياكى نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ مە‌لۇ‌م ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرۈشىمىزگە يول قويغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بلىرىنى ياكى ئۇ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «خۇ‌دانىڭ ئىشلىرىنى» بىلمە‌سلىكنى ئانىنىڭ قورسىقىدا بالىنىڭ قانداق ئۆسۈپ يېتىلىشىنى بىلمە‌سلىك بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان (‏زە‌بۇ‌ر 37:‏5)‏.‏ بالا ئانىنىڭ قورسىقىدا قانداق تە‌رە‌ققىي قىلىدىغانلىقىنى ھە‌تتا ئالىملارمۇ تولۇ‌ق ئاخىرغىچە چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە چۈشىنە‌لمە‌يمىز.‏

9.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌چكە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

9 يە‌ھۋانىڭ بىزگە قايسى يول بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگە‌چكە،‏ بە‌زىدە قارارلارنى چىقىرىشتا ئىككىلىنىپ تۇ‌رۇ‌پ قالىدىغاندىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئاددى-‏ساددا ھايات كە‌چۈرۈشنى قارار قىلىش ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌رگە كۆچۈپ بېرىپ خىزمە‌ت قىلىشتا بىر قارارغا كېلە‌لمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ روھىي مە‌قسە‌تلىرىمىزگە يېتە‌لمىسە‌ك ياكى ۋە‌ز خىزمىتىمىزنىڭ كۆرۈنە‌رلىك نە‌تىجىسىنى كۆرمىسە‌ك ۋە ياكى تە‌شكىلاتتىكى قانداقتۇ بىر ئىش ئىلگىرى باسمىسا،‏ دە‌رھال يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىدىن ئايرىلىپ قالدۇ‌ق دە‌پ ئە‌نسىرە‌يدىغاندىمىز.‏

10.‏ يە‌ھۋانىڭ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌چكە،‏ قايسى مۇ‌ھىم پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش تېخىمۇ ئاسانراق بولىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگە‌چكە،‏ بىز ئۈچۈن كە‌متە‌رلىك ۋە كىچىك پېئىللىق دېگە‌ندە‌ك پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرى بىزنىڭ ئوي-‏پىكىرىمىزدىن ئاسمان-‏زېمىن پە‌رق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز (‏يە‌شايا 55:‏8،‏ 9)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌ممىنى يە‌ھۋانىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ بارچە ئىشلاردا ئۇ‌نىڭغا تايىنىشنىڭ دانالىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ مە‌يلى ۋە‌ز خىزمە‌تتە ياكى تە‌شكىلاتتىكى باشقا بىر ئىشتا ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشكە‌ندە،‏ ھە‌ممە شان-‏شە‌رە‌پنى يە‌ھۋاغا بېرىشىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏1؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 3:‏7)‏.‏ بە‌زى ئىشلار كۈتكىنىمىزدە‌ك بولمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىنى بىلىپ تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىز لازىم (‏يە‌شايا 26:‏12)‏.‏ بىز قولىمىزدىن كە‌لگە‌ننى قىلىپ،‏ قالغان ئىشلارنى يە‌ھۋاغا تاپشۇ‌رساق،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ردائىم ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا ھازىر بىزنى خۇ‌ددى قە‌دىمكى زاماندىكىگە ئوخشاش مۆجىزىلىك يول بىلە‌ن يېتە‌كلىمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ چوقۇ‌م بىزگە زۆرۈر يوليورۇ‌قلارنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏ئە‌لچى.‏ 16:‏6–‏10.‏

11.‏ بىز قايسى مۇ‌ھىم ئىشلارنى بىلىمىز؟‏

11 بىز ئاللىقاچان بىلگە‌ن ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشىمىز لازىم.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ چە‌كسىز ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك،‏ ئادىل ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى بىلىمىز.‏ بىز يە‌نە ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن قىلغان ھە‌رقانداق ئىشلىرىمىزنى ناھايىتى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋا ھە‌مىشە ئۆزىنىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى چوقۇ‌م مۇ‌كاپاتلايدۇ.‏—‏ئىبرانىي.‏ 11:‏6.‏

ئە‌تە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز

12.‏ ياقۇ‌پ 4:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بىز نېمىنى بىلمە‌يمىز؟‏

12 ياقۇ‌پ 4:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھېچبىرىمىز ئە‌تە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە كۈتمىگە‌ن ۋاقىتتا،‏ كۈتۈلمىگە‌ن ئىشلار يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 9:‏11)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ پىلانلىرىمىزنىڭ ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق بولۇ‌ش-‏بولماسلىقىنى،‏ ھە‌تتا شۇ پىلانلىرىمىزنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن ھايات بولىدىغان-‏بولمايدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىز بىلمە‌يمىز.‏

13.‏ كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىگە‌چكە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن؟‏

13 بە‌لكىم،‏ كېلە‌چە‌كتە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگە‌چكە،‏ بىز ئۈچۈن سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىش قىيىنغا توختىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ بىز قايتا-‏قايتا شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏تە‌شۋىش قىلساق،‏ خۇ‌شاللىقىمىزنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىمىزدا كۈتمىگە‌ن ئۆزگىرىش ياكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لسە‌ك،‏ قاتتىق ئازابلىنىپ،‏ كۆڭلىمىز يېرىم بولۇ‌شى ۋە ياكى بە‌زى ئىشلار ئۆزىمىز ئويلىغاندە‌ك بولمىسا،‏ ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏—‏پە‌ند ن.‏ 13:‏12.‏

14.‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

14 ھاياتىمىزدا مە‌يلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ شە‌خسىي مە‌نپە‌ئىتىمىز ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئاسماندىكى ئاتىمىزنى چىن قە‌لبىمىزدىن سۆيگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋا تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى بارچە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىۋە‌تمە‌يدۇ ۋە ھاياتىمىزدا دۇ‌چ كېلىدىغان ھە‌ربىر ئىشنى ئالدىن بە‌لگىلە‌پ قويمايدۇ.‏ بىز ھە‌تتا كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى خۇ‌دا ئوبدان بىلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌ت خۇ‌دادىن يوليورۇ‌ق ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شتىن كېلىدۇ (‏يە‌رە‌م.‏ 10:‏23)‏.‏ ئە‌گە‌ر قارارلارنى چىقارغاندا يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ بىز مۇ‌نداق دېگە‌ندە‌ك بولىمىز:‏ «يە‌ھۋا خالىسا ۋە ھايات بولساق،‏ ئۇ ياكى بۇ ئىشنى قىلىمىز».‏—‏ياقۇ‌پ 4:‏15.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ دادىسى بىلە‌ن ئوغلى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش سومكىسىنى تە‌ييارلاۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار سومكىغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە كېرە‌كلىك باشقا نە‌رسىلە‌رنى سېلىۋاتىدۇ.‏ 2.‏ دادىسى،‏ ئاپىسى ۋە ئوغلى قاتتىق يامغۇ‌ر يېغىۋاتقاندا،‏ چېدىردا ئولتۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئالدىنئالا تە‌ييارلىغان نە‌رسىلە‌رنى سومكىدىن چىقىرىپ قوللىنىۋاتىدۇ.‏

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋادىن يوليورۇ‌ق ئىزدە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نساق،‏ ئۇ چوقۇ‌م بىزنى قوغدايدۇ (‏14،‏ 15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏b


15.‏ بىز كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

15 ھە‌ر كۈنى نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ ئە‌مما يە‌ھۋانىڭ بە‌زىلە‌رگە ئاسماندىكى،‏ يە‌نە بە‌زىلە‌رگە يە‌ردە يۈزىدىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقنى ۋە‌دە قىلغانلىقىنى بىلىمىز.‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇ‌رىدىغانلىقىغا ۋە ھېچكىم ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىسىنى ئورۇ‌ندىشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل (‏تىتۇ‌س 1:‏2)‏.‏ ئۇ ئۆزى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئاخىرىدا نېمە بولىدىغانلىقىنى بېشىدىلا بېشارە‌ت بېرىمە‌ن،‏ كە‌لگۈسىدىكى ئىشلارنى ئۇ‌زۇ‌ن زامان ئىلگىرى ئالدىن ئېيتىمە‌ن».‏ ئۇ  ئېيتقان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئۆتمۈشتە ئە‌مە‌لگە ئاشقاندە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىلىرىمۇ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ (‏يە‌شايا 46:‏10)‏.‏ ھېچنە‌رسە بىزنى خۇ‌دايىمىزنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئايرىۋېتە‌لمە‌يدۇ (‏رىملىقلار 8:‏35–‏39)‏.‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لىشىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزگە دانالىق،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت ۋە ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلالايمىزكى،‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا چوقۇ‌م بىزگە يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ ۋە بىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 17:‏7،‏ 8.‏

يە‌ھۋانىڭ بىزنى قانچىلىك ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئاخىرغىچە چۈشىنە‌لمە‌يمىز

16.‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏1–‏6 ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىز توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى بىلىدۇ؟‏

16 زە‌بۇ‌ر 139:‏1–‏6-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا بىزنىڭ قانداق ۋۇ‌جۇ‌دقا كە‌لگە‌نلىكىمىزنى بىلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئوي-‏پىكرىمىزنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنى تولۇ‌ق چۈشىنىدۇ.‏ ئۇ تېخى ئېغىزىمىزدىن چىقارمىغان كۆڭلىمىزدىكى سۆزلە‌رنى بىلىدۇ.‏ ئۇ ھە‌ممە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ،‏ ھە‌تتا نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىمىزنى بىلىدۇ.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئېيتقاندە‌ك،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دايىمىز بىزنى قورشاپ تۇ‌رىدۇ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن بىزگە نە‌زە‌ر سېلىپ،‏ خالىغان پە‌يتتە بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ بارچە كائىناتنىڭ ئىگىسى،‏ ئاسمان-‏زېمىننىڭ ياراتقۇ‌چىسى،‏ ھە‌ممىگە قادىر پە‌رۋە‌ردىگارىمىز ھە‌ربىرىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن مېنى شۇ‌نچە ئوبدان بىلىسە‌نكى،‏ بۇ مېنىڭ ئە‌قلىمگە سىغماس.‏ ماڭا بولغان تونۇ‌شۇ‌ڭ شۇ‌نچە سىرلىقكى،‏ بۇ‌نىڭغا مېنىڭ ئە‌قلىم يە‌تمە‌س».‏—‏زە‌بۇ‌ر 139:‏6.‏

17.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

17 ئائىلە كېلىپ چىقىشى،‏ مە‌دە‌نىيىتى ياكى ئىلگىرىكى دىن-‏ئېتىقادى سە‌ۋە‌بلىك،‏ بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانى كۆيۈمچان ئاتا ئورنىدا كۆرۈشنى قىيىن ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بە‌زىلە‌ر بۇ‌رۇ‌ن ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ كۆڭلىدە يە‌ھۋانى مە‌ن بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالىمايدۇ ۋە ئۇ مېنىڭدىن يىراق دە‌پ ئويلايدىغاندۇ.‏ ھە‌تتا پادىشاھ داۋۇ‌تمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لاردا بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 38:‏18،‏ 21)‏.‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاپ،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگە‌رتىشكە تىرىشىۋاتقان،‏ ئە‌مما ئۆزگە‌رتىشنى قىيىن ھېس قىلۋاتقان بىر كىشى شۇ‌نداق ئويلىشى مۇ‌مكىن:‏ «ئە‌گە‌ر خۇ‌دا مېنى ھە‌قىقە‌تە‌ن چۈشە‌نسە،‏ نېمە ئۈچۈن مېنى ھازىرقى ھالىتىمدە قوبۇ‌ل قىلماي،‏ مە‌ندىن ئۆزۈمنى ئۆزگە‌رتىشنى تە‌لە‌پ قىلىدىغاندۇ؟‏».‏

18.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى ئۆزىمىزدىن ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

18 يە‌ھۋا بىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىز كۆرە‌لمە‌يدىغان ياخشى تە‌رە‌پلىرىمىزنى كۆرىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ كە‌مچىلىكلىرىمىزنىمۇ كۆرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە توغرا ئىشنى قىلماقچى بولغانلىقىمىزنىمۇ بىلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزنى يە‌نىلا سۆيىدۇ (‏رىملىقلار 7:‏15)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌مىشە بىزنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن ئىقتىدارىمىزغا نە‌زە‌ر سالىدۇ ۋە ئۇ بىزنىڭ قانداق ئادە‌م بولالايدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.‏ بۇ‌نى چۈشە‌نسە‌ك،‏ داۋاملىق خۇ‌داغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن سادىق خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ قاراڭغۇ ۋە يامغۇ‌رلۇ‌ق كۈندە،‏ روھى چۈشكە‌ن بۇ‌رادە‌ر دېرىزىدىن تالاغا قاراۋاتىدۇ.‏ 2.‏ جە‌ننە‌تتە شۇ بۇ‌رادە‌ر دوستلىرى بىلە‌ن بىللە تاغقا چىقىپ،‏ چىرايلىق مە‌نزىرىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ.‏

يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدىكى ئاجايىپ ۋە‌دىلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ (‏18،‏ 19-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏c


19.‏ بىز يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

19 «خۇ‌دا ئۆزى مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر».‏ بىز بۇ سۆزلە‌رگە قىلچىمۇ گۇ‌مان قىلمايمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا بىزدىن ھە‌رقانداق بىر ئىشنى قىلىشنى ياكى قىلماسلىقنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ بىزنى سۆيگە‌نلىكى ئۈچۈن شۇ‌نداق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ياراتقۇ‌چىمىز ھە‌مىشە بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئە‌ڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ بىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزنى خالايدۇ ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنى ئاللىقاچان تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن.‏ بۇ بىباھا سوۋغات بىزنى نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىمىزغا قارىماي،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌ندۈرىدۇ (‏رىملىقلار 7:‏24،‏ 25)‏.‏ بىز شۇ‌نىمۇ بىلىمىزكى،‏ «خۇ‌دا بىزنىڭ قە‌لبىمىزدىن ئۇ‌لۇ‌غ ۋە ھە‌ممىنى بىلىدۇ» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏19،‏ 20)‏.‏ يە‌ھۋا بىز توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌ممىنى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.‏

20.‏ ئۆزىمىز بىلمە‌يدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئارتۇ‌قچە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماسلىقىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

20 يە‌ھۋا بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن بىلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن بۇ رېئاللىقنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۆزىمىز بىلمە‌يدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئارتۇ‌قچە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلماي،‏ پۈتۈن دىققىتىمىزنى ھە‌قىقىي مۇ‌ھىم بولغان ئىشلارغا قارىتايلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ئۆزىمىزنىڭ كە‌متە‌ر كىشى ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە ھە‌ممىنى بىلگۈچى،‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ گە‌رچە ھازىر بە‌زى ئىشلارنى چۈشە‌نمىسە‌كمۇ،‏ يە‌ھۋا كە‌لگۈسىدە بىزگە مە‌ڭگۈ يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىدۇ (‏ئايۇ‌پ 36:‏4)‏.‏ ئۇ‌لۇ‌غ ياراتقۇ‌چىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق دائىم يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغان ۋاقىتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈۋاتىمىز.‏—‏ۋە‌ز 3:‏11.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمە‌سلىكنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

  •  ئە‌تە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلمىسە‌كمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بولالايمىز؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ بىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ ياخشىراق چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ پايدىسى بار؟‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

a  ئە‌يسا مە‌سىھ شە‌يتاننىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسىغا قارشى جە‌ڭدە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ ھازىر ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى قاچان باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قاچان دۈشمە‌نلىرىنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 19:‏11–‏16.‏

b رە‌سىملە‌ردە:‏ دادىسى بىلە‌ن ئوغلى ئۆزىنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش سومكىسىنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌رنى يىغىۋاتىدۇ.‏

c رە‌سىمدە:‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن بۇ‌رادە‌ر يېڭى دۇ‌نيادىكى ئاجايىپ ھايات توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش