كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 ئىيۇ‌ل 14-‏19 ب.‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌ر ھېلىھە‌م سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌ر ھېلىھە‌م سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا —‏ ياراتقۇ‌چى ئىگە
  • خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ
  • ئاخىرقى زاماندا ياشاۋاتىمىز
  • يە‌ھۋانىڭ ئە‌سكە‌رتمىلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ
  • ھە‌ممىنى بىلمە‌يدىغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • ھە‌قىقە‌ت بىلە‌ن يالغانچىلىقنى پە‌رقلە‌ندۈرە‌لە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • مۇ‌ھە‌ببە‌ت سىزنى داۋاملىق ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلسۇ‌ن!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىدىن ئۆگىنە‌يلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 ئىيۇ‌ل 14-‏19 ب.‏

30-تە‌تقىق ماقالىسى

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌ر ھېلىھە‌م سىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ

‏«گە‌رچە سىلە‌ر بۇ ئىشلارنى بىلگە‌ن ۋە ئۆزۈڭلار ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رغان بولۇ‌شۇ‌ڭلارغا قارىماي،‏ مە‌ن يە‌نىلا ھە‌ردائىم بۇ ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌رماقچىمە‌ن»‏‏.‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏12.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

دە‌سلە‌پتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىغاندا،‏ ئۆگە‌نگە‌ن ئاساسىي تە‌لىملە‌ر،‏ يە‌نى ھە‌قىقە‌تلە‌ر ھېلىھە‌م سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

1.‏ دە‌سلە‌پتە،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلگە‌ندە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا،‏ ئۆگە‌نگە‌ن ئاساسىي تە‌لىملە‌ر ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتكە‌نلىكى ھېلىھە‌م ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا باشلىغان ئىدۇ‌ق (‏يە‌شايا 42:‏8)‏.‏ ئۆلۈم توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ مە‌لۇ‌م بىر جايدا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ كۆڭلىمىز تە‌سە‌للى تاپقان ئىدى (‏ۋە‌ز 9:‏10)‏.‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى بىلگە‌ندە،‏ كېلە‌چە‌ك توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلمايدىغان بولغان ۋە ھاياتىمىز 70 ياكى 80 يىل ئە‌مە‌س،‏ مە‌ڭگۈ داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ 90:‏10.‏

2.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س نېمە ئۈچۈن پىشىپ يېتىلگە‌ن قېرىنداشلارغا دە‌سلە‌پتە ئۆزلىرى ئۆگە‌نگە‌ن تە‌لىملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشنى ئە‌سكە‌رتكە‌ن؟‏ (‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏12،‏ 13)‏

2 بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاشۇ مۇ‌ھىم ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى ھە‌رگىز ئۇ‌نتۇ‌پ قالماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئىككىنچى خېتىنى «ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رغان» ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا يازغان ‏(‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏12،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ چۈنكى،‏ شۇ ۋاقىتتا جامائە‌تتە ساختا تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ر پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ قېرىنداشلارنى ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاشلاپ كېتىشكە ئېزىقتۇ‌رغانىدى (‏2-‏پېتر.‏ 2:‏1–‏3)‏.‏ گە‌رچە شۇ قېرىنداشلار ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان ھە‌قىقە‌تتە چىڭ تۇ‌رۇ‌پ كە‌لگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئۇ‌لارنىڭ ئاشۇ ساختا تە‌لىملە‌ردىن ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردە‌م بېرىش مە‌قسىتىدە،‏ ئۇ‌لارنى دە‌سلە‌پتە ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ چۈنكى،‏ بۇ تە‌لىملە‌ر ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا ئاخىرغىچە سادىق بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يتتى.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق داۋاملىق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشى كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

3 نۇ‌رغۇ‌ن يىللار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي تە‌لىملە‌ردىن داۋاملىق يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌ستا ئاشپە‌ز بىلە‌ن يېڭى ئاشپە‌ز تاماق ئېتىش ئۈچۈن ئىشلە‌تكە‌ن كۆكتاتلار ۋە تېتىتقۇ‌لار ئوخشاش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ توپلىغان كۆپ يىللىق تە‌جرىبە ئاساسىدا،‏ ئۇ‌ستا ئاشپە‌ز ئاشۇ ئوخشاش كۆكتاتلار ۋە تېتىتقۇ‌لاردىن پايدىلىنىپ،‏ تە‌مى باشقىچە ھە‌رخىل يېڭى قورۇ‌مىلارنى ياكى تائاملارنى پىشۇ‌رۇ‌شنى ئۆگىنىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىۋاتقان قېرىنداشلار بولسۇ‌ن ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلار بولسۇ‌ن،‏ ئوخشاش ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا ئۇ‌لارنى باشقىچە نۇ‌قتىئىنە‌زە‌ر بىلە‌ن مۇ‌لاھىزە قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن ۋە‌زىيىتىمىزدە ۋە يە‌ھۋاغا قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزدە ئۆزگۈرۈشلە‌ر بولغاندۇ.‏ ئە‌مدى بۇ‌رۇ‌ن ئۆگە‌نگە‌ن شۇ ئاساسىي تە‌لىملە‌رنى ھازىرقى ۋە‌زىيىتىمىزدە قوللانساق،‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە يېڭى يوللار بىلە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان خىزمە‌ت قىلىۋاتقانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈچ ئاساسىي ھە‌قىقە‌تتىن يە‌نە نېمىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

يە‌ھۋا —‏ ياراتقۇ‌چى ئىگە

4.‏ يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى بىلىش بىزگە قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

4 «ھە‌ممە شە‌يئىلە‌رنى ياسىغان خۇ‌دادۇ‌ر» (‏ئىبرانىي.‏ 3:‏4)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممىگە قادىر،‏ ئە‌قىل-‏پاراسىتى چە‌كسىز ياراتقۇ‌چى ئىگە ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ يە‌ر شارىنى ھە‌مدە ئۇ‌نىڭدىكى بارچە ھاياتلىقنى ياراتقانلىقىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ يە‌ھۋا بىزنى ياراتقان،‏ شۇ‌ڭا بىزنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.‏ ئۇ يە‌نە بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ‌شبۇ ئاددىي ھە‌قىقە‌تنى،‏ يە‌نى يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چىمىز ئىكە‌نلىكىنى بىلىش ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۇ‌نى ھە‌قىقىي ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە قىلغان.‏

5.‏ قايسى ھە‌قىقە‌ت كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 45:‏9–‏12)‏

5 يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز —‏ بۇ ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزنى كە‌متە‌ر بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايۇ‌پ بىر مە‌زگىل يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بە‌زى خاتا كۆز قاراشلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ ئۇ زادى نېمىنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ھىملىقىنى ئۇ‌نتۇ‌پ،‏ پە‌قە‌ت ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان ۋە ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى ئايۇ‌پنىڭ ئېسىگە سالغان (‏ئايۇ‌پ 38:‏1–‏4)‏.‏ بۇ ئە‌سكە‌رتىش ئايۇ‌پنىڭ ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ھە‌ردائىم بارچە ئىشلارنى توغرا قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رمۇ شۇ‌نىڭغا ماس مۇ‌نداق سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ «سېغىز لاي ساپالچىدىن:‏ ‹سە‌ن نېمە ياساۋاتىسە‌ن؟‏›،‏—‏ دە‌پ سورىيالامدۇ؟‏».‏—‏يە‌شايا 45:‏9–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تتە،‏ بولۇ‌پمۇ ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ دانالىقى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش ناھايىتى مۇ‌ھىم؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

6 يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىل خىزمە‌ت قىلىپ،‏ توپلىغان تە‌جرىبىلە‌ر كۆپە‌يگە‌نسېرى،‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يوليورۇ‌قلارنى ئىزدە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ بارغانسېرى ئۆز ئوي-‏پىكىرىمىزگە تايىنىدىغان بولۇ‌پ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن (‏ئايۇ‌پ 37:‏23،‏ 24)‏.‏ ئە‌گە‌ر ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ كۈچ-‏قۇ‌درىتى ۋە چە‌كسىز دانالىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانساقچۇ؟‏ (‏يە‌شايا 40:‏22؛‏ 55:‏8،‏ 9)‏.‏ بۇ مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌ت بىزنىڭ كە‌متە‌رلىكنى ساقلاپ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرىمىزگە تايىنىشتىن ساقلىنىشىمىزغا يادە‌م بېرىدۇ.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ بۇ‌رادە‌ر ئاقساقاللار يىغىلىشىدا ئوي-‏پىكىرىنى ئوتتۇ‌رغا قويۇ‌ۋاتقاندا،‏ باشقا ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭغا گۇ‌مان بىلە‌ن قاراۋاتىدۇ.‏ 2.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئاشۇ ئاقساقال يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانغا قاراپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

ئوي-‏پىكىرلىرىمىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭكىدىن ياخشىراق ئە‌مە‌سلىكىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏d


7.‏ راھېلانىڭ تە‌شكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

7 يە‌ھۋانىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش سىلوۋېنىيىدە ياشايدىغان راھېلاغا تە‌شكىلاتتىكى ئۆزگىرىشلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بە‌زىدە ماڭا يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ بە‌رگە‌ن يېڭى كۆرسە‌تمىلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىش ئاسان بولمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ساقال قويۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق «يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ 2023-‏يىلى،‏ 8-‏دوكىلاتى»نى كۆردۈم.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ساقاللىق بۇ‌رادە‌رلە‌رنىڭ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى قېتىم كۆرگە‌ندە،‏ مە‌ن ئىنتايىن چۆچۈپ كە‌تتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ بۇ ئۆزگىرىشنى قوبۇ‌ل قىلىش ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلدىم».‏ راھېلا شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتىكى،‏ يە‌ھۋا ئاسمان-‏زېمىننىڭ ياراتقۇ‌چى ئىگىسى ئىكە‌ن،‏ ئۇ چوقۇ‌م ئۆز تە‌شكىلاتىغا ئە‌ڭ ياخشى يوليورۇ‌قلارنى بېرىشكە قادىردۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزمۇ يېڭى چۈشە‌نچە ياكى كۆرسە‌تمە كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشنى قىيىن ھېس قىلسىڭىز،‏ ۋاقىت چىقىرىپ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ياراتقۇ‌چىمىزنىڭ چە‌كسىز ئە‌قىل-‏پاراسىتى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏—‏رىملىقلار 11:‏33–‏36.‏

خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدۇ

8.‏ خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويغانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىلىش بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

8 خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىشىگە يول قويىدۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بۇ سوئالغا جاۋاب تاپالمىغاچقا،‏ خۇ‌داغا ئاچچىقلىنىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ مە‌ۋجۇ‌تلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ (‏پە‌ند ن.‏ 19:‏3)‏.‏ لېكىن،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق،‏ ئىنسانلار گۇ‌ناھ ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌للىكنى مىراس ئالغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ‌نىڭغا ھە‌رگىزمۇ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌سلىكىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا سە‌ۋرچان بولغاچقا،‏ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌غانلىقىنى ۋە ئۇ‌لار ئۆز كۆزى بىلە‌ن ياراتقۇ‌چىنىڭ پات-‏يېقىندا بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنىڭ مە‌ڭگۈگە يوق قىلىدىغانلىقىنى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏9،‏ 15)‏.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌ر كۆڭلىمىزنى تە‌سە‌للى تاپقۇ‌زۇ‌پ،‏ بىزنى ياراتقۇ‌چىمىزغا يېقىنلاشتۇ‌ردى.‏

9.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويۇ‌شىنىڭ سە‌ۋە‌بى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشىمىز زۆرۈر؟‏

9 بىز شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتۇ‌قكى،‏ يە‌ھۋانىڭ بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىشىنى كۈتۈۋاتقان مە‌زگىلدە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ يېقىن كىشىلىرىمىز ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئۆزىمىز ياكى ئائىلىمىزدىكىلە‌ردىن بىرلىرى قىيىنچىلىققا ياكى ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ بە‌لكىم كۆڭلىمىز يېرىم بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىشقا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى تېزراق يوق قىلىۋە‌تمە‌يدۇ دە‌پ ئويلايمىز (‏ھاباق.‏ 1:‏2،‏ 3)‏.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن ھە‌ققانىي كىشىلە‌رنىڭ ئازاب چېكىشىگە يول قويغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانساق،‏ ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىزa (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏19)‏.‏ بىز يە‌نە خۇ‌دا ئاللىقاچان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقى ۋە ئۇ چوقۇ‌م بۇ ئىرادىسىنى ئە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانساق بولىدۇ.‏

10.‏ ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن،‏ ئاننانىڭ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى تېپىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

10 نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئېغىر سىناقلارغا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھىندى ئوكياندىكى مايوتتې ئارىلىدا ياشايدىغان ئاننا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىرنە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن ئاپام ئۆلۈپ كېتىپ،‏ كۆڭلۈم ئىنتايىن ئازابلاندى.‏ لېكىن،‏ مە‌ن دائىم بۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يە‌ھۋا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌سلىكىنى ئۆز-‏ئۆزۈمگە ئە‌سكە‌رتىپ تۇ‌رىمە‌ن.‏ ئۇ ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى توختىتىشقا ۋە ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈشكە تە‌شنادۇ‌ر.‏ بۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغىنىمدا،‏ كۆڭلۈم تىنچ-‏خاتىرجە‌م بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ئۆزۈممۇ ھە‌يران قالىمە‌ن».‏

11.‏ يە‌ھۋانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويۇ‌شىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىلىش داۋاملىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويغانلىقى ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌تنى بىلىش بىزنى قىزغىن ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س خېتىدە چۈشە‌ندۈرگە‌ندە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ توۋا قىلغان گۇ‌ناھكارلارنىڭ قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ پېترۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «قانداق ئادە‌م بولۇ‌شۇ‌ڭلار كېرە‌كلىكىنى ئويلاڭلار!‏ سىلە‌ر يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شتا مۇ‌قە‌ددە‌س ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە خۇ‌داغا ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌ر بولۇ‌ڭلار!‏» (‏2-‏پېتر.‏ 3:‏11)‏.‏ «خۇ‌داغا ئىخلاسمە‌ن» بولۇ‌ش خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ئوخشاش بىزمۇ ئىنسانلارنى ياخشى كۆرىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نيادا ياشىشىنى خالايمىز.‏ يە‌ھۋا ھازىر سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيە‌ت بېرىۋاتىدۇ.‏ ھازىر خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تدىشى بولۇ‌پ،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كېلىشتىن ئاۋۋال كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش بىز ئۈچۈن ئاجايىپ چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏9.‏

ئاخىرقى زاماندا ياشاۋاتىمىز

12.‏ ئاخىر كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئاخىرقى كۈنلە‌ردە» ئادە‌ملە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقلىرى قانداق بولىدىغانلىقى تە‌پسىلىي يېزىلغان (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏5)‏.‏ ئە‌تراپىمىزغا قارىساق،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى كۈندىن-‏كۈنگە ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى ھە‌قىقە‌تە‌نمۇ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز تېخىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏13–‏15.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ لۇ‌قا 12:‏15–‏21-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلىرى بىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

13 ئاخىرقى كۈنلە‌ردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىش ۋاقتىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىملىقىنى ئە‌يسانىڭ لۇ‌قا 12:‏15–‏21 ئايە‌تلە‌ردىكى (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز.‏ باي كىشى نېمە ئۈچۈن ئە‌خمە‌ق دە‌پ ئاتالغان؟‏ ئۇ كىشى باي بولغانلىقى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قايسى ئىشلارنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لمىگە‌نلىكى ئۈچۈن شۇ‌نداق ئاتالغان.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئۆزى ئۈچۈن بايلىق توپلاشقا كۆڭۈل بۆلگە‌ن،‏ نە‌تىجىدە خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدە باي بولمىغان.‏ ئۇ دانالىق بىلە‌ن ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماي چوڭ خاتالىققا يول قويغان.‏ چۈنكى،‏ ياشايدىغان ۋاقتى كۆپ ئە‌مە‌س ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا باي كىشىگە:‏ ‹بۈگۈن كېچىدە جېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسە‌ن›،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بۇ مىسال بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىپ،‏ بىزنىڭ كۆپ ۋاقتىمىز قالمىدى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆزىمىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرسە‌ك بولىدۇ:‏ «نىيە‌ت-‏مە‌قسە‌تلىرىم نېمىنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىمنى كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ بالىلىرىمنىڭ قانداق روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىۋاتىمە‌ن؟‏ كۈچۈم،‏ ۋاقتىم ۋە پۇ‌لۇ‌منى يە‌ر يۈزىدە بايلىق توپلاشقا ئىشلىتىۋاتىمە‌نمۇ ياكى ئاسماندا بايلىق توپلاشقىمۇ؟‏».‏

14.‏ مىكىنىڭ مىسالى زامان ئاخىرىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

14 ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىش توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مىكى ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن تولۇ‌ق ئوتتۇ‌را مە‌كتە‌پنى پۈتتۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ زوئولوگىيە كە‌سپىدە ئوقۇ‌پ،‏ ھايۋاناتلارنى تە‌تقىق قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم.‏ مېنىڭ يە‌نە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ھە‌مدە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز بولغان يە‌رگە كۆچۈپ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش مە‌قسە‌ت-‏نىشانىم ھە‌م بار ئىدى.‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار مېنى ئارزۇ قىلغان كە‌سىپنى قىلىشنى قوغلاشسام،‏ روھىي مە‌قسە‌ت-‏نىشانلىرىمغا يېتىش مۇ‌مكىن بولىدىغان-‏بولمايدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى ئېسىمگە سالدى.‏ ئۇ‌لار مېنى يېڭى دۇ‌نيادا ھايۋاناتلارنى مە‌ڭگۈ تە‌تقىق قىلالايدىغانلىقىمنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىققا ئۈندىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن قىسقا،‏ لېكىن ئە‌مە‌لىي پايدىلىق كە‌سىپى تە‌ربىيىلە‌ش كۇ‌رسىدا ئوقۇ‌پ،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشىمغا ياردە‌م بېرىدىغان ئىشنى تاپتىم.‏ كېيىنرە‌ك،‏ مە‌ن كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن ئېكۋادور دېگە‌ن دۆلە‌تكە كۆچۈپ باردىم».‏ ھازىر شۇ دۆلە‌تتە مىكى يولدىشى بىلە‌ن بىرلىكتە جامائە‌تلە‌رنى زىيارە‌ت قىلىپ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

15.‏ ياقۇ‌پنىڭ مىسالى ئۈمىد ئۈزمە‌ي،‏ داۋاملىق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ھە‌ققىدە بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟‏ (‏رە‌سىملە‌رگە ھە‌م قاراڭ)‏.‏

15 ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى دە‌رھال قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۆزگۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسانىڭ ئىنىسى ياقۇ‌پنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ياقۇ‌پ ئاكىسى ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ۋە ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ بولغانلىقىنى ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ياقۇ‌پ خېلى يىللارغىچە ئە‌يساغا ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ ئۇ پە‌قە‌ت ئە‌يسا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنلا ئۇ‌نىڭ شاگىرتى بولۇ‌پ،‏ ناھايىتى قىزغىن خىزمە‌ت قىلغانb (‏يۇ‌ھاننا 7:‏5؛‏ گالاتىيا.‏ 2:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىز ياكى باشقىلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تېخى قوبۇ‌ل قىلمىغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لاردىن ئۈمىد ئۈزمە‌ي،‏ ئۇ‌لارغا قايتا-‏قايتا ۋە‌ز قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارماسلىقىمىز كېرە‌ككى،‏ بىز زاماننىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغان بىر مە‌زگىلدە ياشاۋاتىمىز،‏ شۇ‌ڭا ئىنسانلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز قىلىش ناھايىتى جىددىي خىزمە‌ت!‏ كىم بىلىدۇ،‏ ھازىر ئۇ‌لارغا ئېيتقان سۆزلىرىمىز كېيىنرە‌ك بىر كۈنى،‏ ھە‌تتا دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلانغاندىن كېيىن ئۇ‌لارغا تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىنc‏.‏

قېرىندىشىمىز كىچىك قىزى بىلە‌ن دۇ‌كان ئارىلاپ يۈرگە‌ن سىڭلىسىغا تېلېفون قىلىۋاتىدۇ.‏

گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىزدىن ئۈمىد ئۈزمە‌سلىككە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏e


يە‌ھۋانىڭ ئە‌سكە‌رتمىلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈڭ

16.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌سكە‌رتمىلىرىنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏ (‏«‏باشقىلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە ئۇ‌لاردىن پايدىلىنىڭ‏» ناملىق رامكىغىمۇ قاراڭ)‏.‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان بە‌زى نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىز خۇ‌دا سۆزىدىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بىلمە‌يدىغانلار،‏ يە‌نى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س كىشىلە‌ر ئۈچۈن تە‌ييارلانغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌ر ھە‌پتە ئاخىرىدىكى ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌قلار،‏ jw.org تور بېكىتىمىزدىكى بە‌زى ماقالىلە‌ر،‏ فىلىملە‌ر ۋە باشقىلار.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئاشۇ مە‌زمۇ‌نلار بىز ئۈچۈن پايدىلىق.‏ يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن ئە‌سكە‌رتىشلە‌رگە قۇ‌لاق سالساق،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىگە،‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدۇ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق باشقىلارغا ئۈنۈملۈك تە‌لىم بېرىشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7.‏

باشقىلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە ئۇ‌لاردىن پايدىلىنىڭ

ھە‌قىقە‌تكە قىزىقىۋاتقان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن تە‌ييارلانغان ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا،‏ فىلىملە‌رنى كۆرگە‌ندە ياكى نۇ‌تۇ‌قلارنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏

  • بۇ مە‌زمۇ‌ندا كىشىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىگە ئىشىنىشكە قايىل قىلىدىغان قانداق دە‌لىل-‏ئىسپات بار؟‏

  • قايسى تە‌مسىل ياكى مىسال كىشىگە ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندۈرۈشكە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  • كىم بۇ ماۋزۇ‌غا قىزىقىشى مۇ‌مكىن ۋە قاچان بۇ ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئۇ‌نىڭغا ئېيتىپ بە‌رسە‌م بولىدۇ؟‏

17.‏ قايسى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىش بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

17 يە‌ھۋاغا ئۇ‌زۇ‌ن يىللاردىن بۇ‌يان،‏ خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى توغرۇ‌لۇ‌ق يېڭى چۈشە‌نچىلە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولۇ‌پ كېتىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ دە‌سلە‌پتە بىزنىڭ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىمىزغا يول ئاچقان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاساسىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئىنتايىن قە‌دىرلە‌يمىز.‏ كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئاشۇ ئاساسىي تە‌لىملە‌ر بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏ تە‌شكىلاتىمىزدىن كە‌لگە‌ن بە‌زى كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىمىزنى ياخشىراق دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ تە‌شكىلاتىمىزنى ھە‌ممىگە قادىر ۋە دانا ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كلە‌پ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ ئۆزىمىز ياكى يېقىنلىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويۇ‌ۋاتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنايلى.‏ ۋاقىتىمىز،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىمىز ۋە مال-‏مۈلكىمىزنى قانداق ئىشلىتىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرلىشىشىغا بە‌ك ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌سكە‌رتمىلىرى بىزنى داۋاملىق دانا بولۇ‌شقا ئۈندە‌پ،‏ بىزنىڭ ياراتقۇ‌چىمىزغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بە‌رگە‌ي!‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بۇ ئاساسىي تە‌لىملە‌ر بىزگە بۈگۈنكى كۈندە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

  •  يە‌ھۋا ياراتقۇ‌چى ئىگە

  •  خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە يول قويۇ‌شىنىڭ سە‌ۋە‌بى

  •  بىز ئاخىر كۈنلە‌ردە ياشاۋاتىمىز

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

a  ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2007-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانى،‏ 21–‏25-‏بە‌تلە‌ردىكى «پات ئارىدا ھە‌ممە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر يوق بولىدۇ» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

b  ‏«ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭ» دېگە‌ن كىتابچىنىڭ 8-‏دە‌رسىگە قاراڭ.‏

c  ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2024-‏يىل،‏ ماي سانى،‏ 8–‏13-‏بە‌تلە‌ردىكى «يە‌ھۋانىڭ كېلە‌چە‌كتىكى ھۆكۈملىرى ھە‌ققىدە بىز نېمىلە‌رنى بىلىمىز؟‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.‏

d رە‌سىملە‌ردە:‏بىر ئاقساقال ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى ئوتتۇ‌رغا قويغاندا،‏ باشقا ئاقساقاللار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پىكىرىنى قوللىمىدى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئۇ يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمانغا قاراپ،‏ دانا ۋە ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چىنىڭ ئوي-‏پىكىرى ئۆزىنىڭكىدىن مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تتى.‏

e رە‌سىمدە:‏ قېرىندىشىمىز شە‌خسىي تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرىنى كۆرۈپ چىقتى.‏ بۇ ئۇ‌نى سىڭلىسىغا تېلېفون قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش